>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Makanim  
ئالاھىدە تەۋسىيە : «شەبنەم تورداشلىرى مۇھاكىمە يىغىلىشى»دىن خاتىرىلەر  
XabnamBBS -> شېئىرىيەت گۈلزارى -> ئاتا ۋە ئانىنى قەدىرلەڭلار دۇستلار

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 180 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئاتا ۋە ئانىنى قەدىرلەڭلار دۇستلار IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ensap

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 273
شۆھرەت: 299 نۇمۇر
پۇل: 1829 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:190(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئاتا ۋە ئانىنى قەدىرلەڭلار دۇستلار

ئاتا ۋە ئانىنى قەدىرلەڭلار دۇستلار

رىشىت مەخسۇت

بالا ئاق تۇغۇلار ئانا قارنىدىن،
رەڭ ئالار ياشىغان ئۈز زامانىدىن.
شەكسىز كى ئالىدۇ دەسلەپكى رەڭنى،
سۆيۈملۈك .مېھرىبان ئاتا-ئانىدىن.

كۆزۈڭدىن ئادالاپ تۇر تۇپا_چاڭنى،
چىن دىلدىن قەدىرلە ئاتا _ئاناڭنى.
بۈگۈن سەن ئۇلارنى قاقشىتىپ ئۆتسەڭ،
كۆرىسەن بالاڭدىن ئەتە جاجاڭنى.

ئاتا ۋە ئاناڭنى قاقشاتتىڭ نادان،
ئۇلارنى ھايۋانغا ئۇخشاتتىڭ نادان.
ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېنى جاھاندا،
قانداقچە،قانچىلىك ياشايتىڭ نادان.

ئاتا ۋە ئانىنى ئاياڭلار ياشلار،
مېھماندەك قەدىرلەپ قاراڭلار ياشلار.
تەشنانى قاندۇرغان زەمزەم بۇلاقتەك،
كۆڭلىگە يىقىڭلار،ياراڭلار ياشلار
.


          چىن مودەن تەستىقلىدى.


Elts

-ئېچىنىمەن ۋىژدانسىز.غۇرۇرى يۇق، پەسكەشلەردىن.@
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 20:07 چوققىغا قايتىش
huxqakqak
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 882
شۆھرەت: 953 نۇمۇر
پۇل: 8820 سوم
تۆھپە: 6 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:139(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى يىزىلغان شېئىركەن، رەھمەت!.........................

horiyat.com

نوپۇس كۈندىن-كۈنگە كۆپىيۋاتىدۇ، بىراق ئادەملەر كۈندىن-كۈنگە ئازىيۋاتىدۇ.
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 21:20 چوققىغا قايتىش
yaxa
يازما يوللاش ئۇستىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1055
شۆھرەت: 1066 نۇمۇر
پۇل: 10620 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:185(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھايات ۋاقىتدا چوقۇم قولۇمىزدىن كېلىشچە ئاتا -ئانىمىزنى ياخشى كۈتەيلى .
ئۇلار كەتكەندى كېيىن بولسا پۇشايمان ئالدىغان قاچا تاپالمايمىز .


Elts

مەنىلىك ياشاي دېسەڭ، ئەجىر مېھنەت سىڭدۈرۈپ كىشىلىك تۇرمۇشىڭنى گۈلدەك بىزە.
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 21:22 چوققىغا قايتىش
ahmat10



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 29
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 290 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:21(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ،ھەممىڭلار ئوقۇڭلا .

ئاتا _ئانىنىڭ قەدىنى ئاتا _ئاناسىدىن ئاىيرىلغانلار بەكراق بىلىدۇ ،شۇڭا ئۇلار تۈگەپ كەتكەندە ئەمەس بەلكى ھايات ۋاقتىدا قەدىرلەڭلار .   كىيىنكى پۇشمان ،قوڭغا دۈشمەندەك بولۇپ قالمايلى ،


horiyat.com
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 21:54 چوققىغا قايتىش
uyghur-wolf

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 186
شۆھرەت: 187 نۇمۇر
پۇل: 1860 سوم
تۆھپە: 11 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:47(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بولسا مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەر شەبنەمنى قاپلىغان بولسا!!!!!!

  تېما ئىگىسىگە رەھمەت!!
ھارمىغايسىز!!!


Elts

ئۇيغۇربىز،ئەسلىمزنى ئۇنۇتمايلى!!!!

[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 21:57 چوققىغا قايتىش
uqkunuygur

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 407
شۆھرەت: 408 نۇمۇر
پۇل: 4070 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:207(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھايات ۋاقىتدا چوقۇم قولۇمىزدىن كېلىشچە ئاتا -ئانىمىزنى ياخشى كۈتەيلى. بۇ مۇنداقالا دەپ قويغان گەپ ئەمەس. ھەرقانداق ئىنسان ئاتا - ئانىنىڭ قەدىرىنى ھايات ۋاقتىدا مۇكەممەل بىلىپ كېتىشى ناتايىن. ئاتا- ئانىمىزنىڭ قەدىرىنى ئۇلار ئاخىرەتكە كەتكەندە ياكى ئۇزاق مەزگىل ئايرىلىپ تۇرغاندا ئاندىن تولۇق يىتىمىز. ئۇلارنىڭ ھاياتىمىزدا نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھىس قىلىمىز. بۇنى ئاتا ئانىسى يوقلاردىن سوراپ باقايلى ئۇلار ھەقىقىي يۇرەكتىكى گىپىنى دەيدۇ. ئاتا-ئانىنى قەدىرلىمىگەن ، خارلىغانلارنى سىز قانچىكى بەش ۋاق ناماز ، مۆمىن مۇسۇلمان بولۇڭ ئۇنى ئاللامۇ كەچۈرمەيدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھېكايەتنى ئاڭلىغانمەن بەلكىم باشقىلارمۇ ئاڭلىغاندۇر.
    ئەينى يىللىرى مۇھەممەت ئەلھەكىسىلام ئىسلام دىنىنى دۇنيا غا يۇزلەندۇرۇشتە نۇرغۇن جەھەتلەرنى قىلغان . مۇشۇ جەھەتلەردە پەيغەبىرىمىز بىلەن بىللە بولغان بىر كىشى ئۆلەر ۋاقتىدا تىلى ئىمانغا كەلمىگەندە ، يىقىنلىرى كېلىپ مۇھەممەت ئەلھەكىسىلامدىن سىز بىلەن بىرگە بولغان ئۇ كىشىنىڭ 5 ۋاخ ناماز، مۆمىن مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى دىيىش بىلەن تىلى كەلمەيۋاتىدۇ ئاللادىن تىلى كىلىشنى ئىمان ئىيتىپ بۇ دۇنيادىن كېتىشنى پەيغەبىرىمىزدىن سوراپ كەلگەن. پەيغەبىرىمىز بۇ كىشىنىڭ ئاتا ئانىسىنى سورىغان ئۇلار ئانىسىنىڭ بارلىغىنى دىگەن . پەيغەبىرىمىز ئانىسىنى چاقىرىپ كىلىپ ئوغلۇنىڭ ئەھۋھلىنى دەپ رازىلىق بىرىشنى دىسە ئانا ئوغلۇمغا بەرگەن سۇتۇمگە رازى ئەمەس دېگەن . نىمىشكە بۇنداق دەپ سورىسا ئانا ئوغلۇم دادىسىدىن كىچىك قالغان مەن ئۇنى ئاتا ۋە ئانا ئورنىدا شۇنداق ياخشى تەربىيلىدىم ، چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشتۇم . لېكىن ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن ئايلى پەرزەنتىلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ ماڭا چوتلا كۆڭۇل بۆلمىدى، قارىمىدى دېگەن. بۇنى ئاڭلاپ پەيغەبىرىمىز مەندىمۇ ئامال يوق، ئاتا ئانىنى رازى قىلمىغانلارنى ئاللامۇ كەچۇرمەيدۇ ئوغلىڭىزنى كۆيدۇرۋىتەيلى دېگەن .پەيغەبىرىمىزنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ يەنىلا جان پارىسىغا چىدىماي رازىلىق بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئوغلنىڭ تىلى زۇۋانغا كېلىپ ئىمان ئىيتىپ بۇ دۇنيادىن كەتكەن.
  بۇ ھېكايەتتىن كۆرۈشكە بولىدۇ ئاتا - ئانىنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغلىقىنى. پەيغەبىرىمىز ئۆزى بىلەن بىللە شۇنچە زامان بىللە يۇرۇپ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش يولىدا كۇرەش قىلغان بۇرادىرىگە ئاتا - ئانا ئالدىدا كۈچى يەتمىدى.
  دوسلا ، قىرىنداشلار بىزدە مۇنداق بىر گەپ بار ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن سۇرىسىنى ئوقۇمايلى دەپ. ئاتا - ئانىمىز قانداق ئىنسان بولسۇن ئۇ بىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ بۇ دۇنياغا كەلتۇرگۇچى. ئۇلارنى قەدىرلەش، ھۆرمەتلەش ھەر بىر پەرزەنتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. ھايات ۋاقتىدا ياخشى قارىساق، كۆڭل بۆلسەك، قەدىرلىسەك كەتكەندىن كېيىن ئۆكۈنىشىمىز ، قايغۇرشىمىز كەمرەك بولىدۇ دەپ قارايمەن.

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
ياخشى باھا:5(qinmodan)

Elts

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بېر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-12 00:46 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:09-22 21:56, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije