سەن لىۋەنگىنە ئىچىلغان لالە
(ئەرتېكىن)
تەبەسسۇمدا تۇرىسەن جىمجىت ،
لىۋەنگىنە ئىچىلغان گۇلدەك.
چىمىرلايدۇ چىھرىڭدە بىر نۇر،
مىڭ باھارنىڭ تەپتى ھەم باردەك.
يالتىرايسەن شۇنچە يىقىملىق،
زىنىقىڭدا شەبنەم سىياقى .
يىقىملىقىڭ ئۆزى بىر مەنا...
تىنىقىڭدىن كىلەر زىياسى...
باغرى قۇرۇق قالماس ھاياتنىڭ ،
ئەقىدەڭدە تۇرساڭ شىۋىرلاپ.
شۇڭا دەيمەن قىلدەك تولغۇنۇپ...
(يالغۇزلىقتىن چەكسەممۇ ئازاپ)
سەن- لىۋەنگىنە ئىچىلغان لالە.