>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Makanim  
ئالاھىدە تەۋسىيە : «شەبنەم تورداشلىرى مۇھاكىمە يىغىلىشى»دىن خاتىرىلەر  
XabnamBBS -> مەشھۇر شەخىسلەر -> مەشھۇر شەخىس ئابدۇقادىر داموللا نىڭ تەرجىمھالى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 714 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : مەشھۇر شەخىس ئابدۇقادىر داموللا نىڭ تەرجىمھالى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
~sumayya~
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 305
شۆھرەت: 319 نۇمۇر
پۇل: 3050 سوم
تۆھپە: 18 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:190(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
مەشھۇر شەخىس ئابدۇقادىر داموللا نىڭ تەرجىمھالى

ئابدۇقادىر داموللا

ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى ، قەشقەرلىك {1862-يىلى 1942-يىلى } مەشھۇر فىقىھ، تەرەققىپەرۋەر ئەدىب ھەم مەرىپەتچى دېمگورات زات ، دېني ئىسلاھاتچى.ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرى بۇ خارا ،قازان ،ھىندىستان ،مىسىر ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا ئۆگىنىش ،تەكشۈرۈش ،تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتكەن . ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ،بىر تەرەپتىن ،دىنىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ،يېڭى مەكتەپ ئېچىش ،جۇغراپىيە ،تارىخ ،ئەدىبىيات،ھېساپ قاتارلىق يېڭى پەنلەرنى ئۇقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىپ ، كونىلىققا ، جاھالەتپەرەسلىككە قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان .يەنە بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ،قىسقىغىنە ھاياتىدا »ھىدايىتى نەھرى»،«ئىبادەت ئىسلامىيە «،«نەسھەتى ئاممە».«خۇفتاھىل ئۆلۈم « ،«ئاقايىت زورورىيە «،» جاۋاھرول ئىقات»،«ئېرشادىل مۇسامەيىن»،قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مىسىر ،قازان ،تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا نەشىر قىلنىپ ئەينى زاماندا زور تەسىر قوزغىغان .
ئۇ 1924-يىلى قەشقەردىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ قۇترىتىشى ۋە مۇتەسىسىپ قارا كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سۇيقەست بىلەن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن .

مەنبە:شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخدىكى مەشھۇر شەخسلەر ~~دىن

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
تۆھپە:5(Ark-zat)

Elts
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 17:38 چوققىغا قايتىش
Biperwa
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 2952
شۆھرەت: 3008 نۇمۇر
پۇل: 29540 سوم
تۆھپە: 74 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:809(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۆز تارىخىنى ، ئۆز مەدىنيىتىنى، ئۆز ئانا تىلىنى ، مەشھۇر كىشىلىرنى بىلمەسلىتىنمۇ ئارتۇق نادانلىق ، بىخوتلۇق بارمۇ .
قەلىمىڭزدىن گۇللەر ئۇنسۇن سۇمەييە خانقىز . تېىملىرىڭزدىن دىللار سۆيۇنگۇسى .


horiyat.com

ئۈمۈد يادىكار




[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 17:45 چوققىغا قايتىش
dolan~ogli

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 819
شۆھرەت: 820 نۇمۇر
پۇل: 8190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:169(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ ئەسەرلىرى ھازىرمۇ بارمىدۇ،مەن باك قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن ،رەھمەت.

Elts

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،
كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 17:45 چوققىغا قايتىش
qakmak0908
يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 588
شۆھرەت: 604 نۇمۇر
پۇل: 5902 سوم
تۆھپە: 19 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:339(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بىر يىغىلىشتا سۆزلىگەن نۇتىقى


مەن ئەسلىدە ئۆز مۇددايىمنى ئەرىز قىلىش ئۈچۈن ھەربىرلىرىنىڭ ئۆيىگە بىر بىرلەپ بارسام بولاتتى .ئەپسۇسكى بارالماي قالدىم.ئەپۇ قىلىشالا!ھالا بۈگۈن،ئۇشبۇ سورۇنغا جەم بولىدىغانلىقىمىزنى غەنىمەت بىلىپ بۇيان كەلدىم.مۇددىئا نىمە ؟دەپ سورالسا،شۇنداق جاۋاپ بېرىمەنكى ،مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك چاي-زىياپەتلەر ئىچىدە ،مەست-مۇستەغرەق بولۇپ ئۆتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلىرىمىزگە زادىلا رازى ئەمەسمەن!چۈنكى مەدت-مۇستەغرەقلىق ئارقىسىدا ،ۋەتەن ،مىللەتنىڭ كۈنى ئېغىر،ھالى تەس ۋە نەس ئۆتمەكتىدۇر.خەلىق نادانلىق ،جاھالەت ئىچىدە ئازاب چەكمەكتە .ھەممە ئىش كونا قېلىپ،كونا ئىزغا چۈشۈپ،يىڭىلىققا يول بەرمەي،ھالاكەتكە قاراپ ماڭماقتا.ۋاقتىمىز،دەۋرىمىز،ئوبدان پۇرسەتلىرىمىز قولدىن كەتمەكتە .بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس.بۇ مىللى خارابەت،مىللى مۇنقەرزىلىكتىن بىشارەت بىرىدىغان خەۋىپلىك ھادىسە.ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مۇنداق خەۋىپلىك ۋەزىيەتتە قانداقمۇ جىم تۇرغۇسى كەلسۇن!بۈگۈنكى داستىخاندا جەم بولغان قازى-مۇددەرىسلىرىمىز،داموللىلىرىمىز،ساخاۋەتلىك بايلىرىمىز بۇ خەۋىپلىك ئەھۋالغا كۆزىنى ئەما،قۇلىقىنى گاس قىلىپ ،قانداقمۇ بىپەرۋالىق قىلالىسۇن!شۇنى چۈشىنىشىمىز لازىمكى،ۋەتەن،مىللەتنىڭ غىمىنى يىيىش،خەلىقنىڭ بىشىنى ئوڭشاپ،بەخىت-سائادەتكە باشلاپ مېڭىش مۇشۇ دەستىخاندا جەم بولغان ھەممە كىشىنىڭ گەدىنىدىكى پەرز ھەم قەرزدۇر.ئىنساپ تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق،بولۇپمۇ بىز ئۇلۇغلارنىڭ خەلىقنى نادانلىق،جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ،سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرىشتەكمۇقەددەس ۋەزىپىمىز باردۇر.ئەگەر ئۇشبۇ ۋەزىپىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بولساق،ئۇ چاغدا بىز زادى نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟دىگەن سوئالغا ھېچقانداق جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.ئىككىنجى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا،خەلىق ئۈچۈن ،ۋەتەن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ھەم ئەھمىيىتى بولسۇن!بۇ تەرەپلىرىنى ھەربىر ئۆلىما ئوبدان ئويلىنىپ ،مۇھاكىمە قىلىپ كۆرىشى كىرەك!......بىز ھەممىمىز قانچە يىللار غۇربەتچىلىكتە رىيازەت چىكىپ ،ئىلىم تەھسىل قىلغانلارمىز.نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟خەلىقنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلىققا،جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئوقۇدۇق.خۇداغا شۈكرى،ئوقىغانغا يارىشا ،بىرىمىز قازى،بىرىمىز داموللا،بىرىمىز مۇددەرىس كەبى ئۇنۋان دەرىجىلەرگە تەيىنلىنىپ ،يۇرت-خەلىقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇق.ئەپسۇسكى بىز بۇ ئىززەت-ھۆرمەتلەرگە ئىگە بولىۋىلىپلا ،ئەسلىدىكى مەقسەت-مۇددىئالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپ،نوقۇل ھالداھوزۇر-ھالاۋەت،راھەت-پاراغەتكا بىرىلىپ،مەسىت-مۇستەغرەق بولۇپ يېتىۋالدۇق.يۇرت بولسا نادانلىق ،جاھالەتتە،خەلىقىمىز خار-مۇزەللەتتە قالدى.يۇرتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى،خەلقىمىزنىڭ ئىستىقپالى توغرىسىدا قايغۇرمىدۇق.يۇت ۋە خەلىقىنىڭ غېمىنى قىلش،يۇرتنى تەرەقىياتقا،خەلىقنى ئىلىم-مەرىپەتكە باشلاشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىمىز بارلىقىنى بىز ئۆلىمالار ئېسىمىزدىن چىقاردۇق.تۆر-ئابرۇي تالىشىشتەك قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدىن باشقا ،ياخشى ئەمەللىرىمىز بارلىقنى ئىنكار قىلدۇق.بىز نىمە ئۈچۈن بۇقەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق؟نىمە ئۈچۈن ئىنساپ قىلمايمىز؟نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ،ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزەتمەيمىز!بۇ توغرىسىدا بىر ئاز سۆز قىلساق ،چېچىلغانلىق بولامدىكەن؟......نىمىشقا قاينىمايدىكەنمەن؟ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك،مەدرىسلەردىكى ئەۋقاپقا،مۆھۈر ھەققىگە ،نەزىر-چىراقتىكى سەدىقە-ئىھسانغا،ئىش قىلىپ قەيەردە نەپ بولسا،شۇ يەرگە توپلىنىۋالغانلىقىغا،ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ،تەمەخورلۇقنىڭ سېسىق پاتقاقلىرىغا بوغۇزى بىلەن تەڭ چۆكىۋالغانلىقىغا،ۋەتەن،مىللەتنىڭ،خەلىقنىڭ داد-پەريادى،نالە-پىغانلىرىغا قۇلاق سالماي،كۆز يۇمۇپ گاس-ئەما بولىۋالغانلىقىغا قانچە قاينىسام شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ!قېنى نىمە ئۈچۈن قاينىمايدىكەنمەن؟ھازىرقى ئەھۋال قانداق بولىۋاتىدۇ،قېنى؟.....بىز بۇ يەردە پولۇ يەپ،تاۋاق بىكارلاپ ئولتۇرۇپتىمىز.بىزنىڭ ئەزىز باللىرىمىز گۈلەختە كۈلگە بۇلغىنىپ،ئاچ-يالاڭاچلىق ئازابىنى تارماقتا.بىز كۈندە داستىخان ئۈستىدەمەئىشەت قىلىپ،توقلۇقتىن كارىلداپ يۈرىمىز.ئۇنىڭ ھىسابىغا،كوچىدىكى تىلەمچى سائىللار شۇنچە كۆپەيمەكتە.ھالبۇكى بىز ئۇلارغا قانچىلىك خەيرىخاھلىق كۆرسەتتۇق؟ئۇلارنىڭ بىشىنى قانچىلىك سىيلىدۇق؟ياق ھېچنىمە قىلمىدۇق،بەلكى ئۆشرە-زاكات ۋە ئەۋقاپ كىرىملىرىنى ئۆز نەپسىمىزگە تارتىپ كەتتۇق.شۇ سەۋەپتىن،يىتىم-يىسىر،تۇل خوتۇن،يىتىم ئوغۇللار خەيرىخاھسىز قالماقتا.نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمايمىز؟مەكتەپلەر ئېچىپ،دارىلىتام-دارىلئاجىزىلەرنى قۇرۇپ،كوچىدا ئاچ-يالاڭاچ،خارۇ-زارلىقتا قالغان بالىلارنى،ئاجىز-مىسكىنلەرنىنىمە ئۈچۈن تەربىيە قوينىغا ئالمايمىز؟ئۇلارنىڭ بېشىنى سيلاپ،غەمخورلۇق قىلساق بۇنىڭ نىمە يامىنى؟ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى،خەلىقنىڭ بېشى بولۇپ تۇرۇقلۇق،خەلىقنى بەخىت-سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن،پۈتۈن ئىەشتىياقىمىز بىلەن شەخسى تاپاۋەت يولىغا ماڭساق،قولغا كىرگەن تىللا-تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپخاتىرجەم ياتساق،ئىستىقبالىمىز توغرىسىدا زەررىچە قايغۇرمىساق،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟قېنى،ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار بولۇپ قالماسمىزمۇ!....ئەپسۇسكى بىز غەمخورلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋرۇپادىن كەلگەن مۇخالىپەتچىلەر ئۆز قوينىغا تارتماقتا.ئىنگىلىز-شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قۇرۇپ،داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغرىلىماقتا .ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقاك تەسىر كۆرسىتىشكە كۆزى يەتسە،ئايانماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا.بىز بولساق ،بالىلىرىمىزنى كوچىلارغا تاشلاپ ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرماقتىمىز .ھە دىسە دەررە ئۇرۇپ،ئۇلارنىڭ دىلىنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز،ئەل رايىنى چىكىندۈرمەكتىمىز.بۇ ئىشلىرىمىز مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىمەسمۇ؟ھېلىمىۇ كەچ ئەمەس،پۇرسەت بار،ئەگەر ۋاقتىدا قايغۇرۇپ،قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ لەنەت-نەپرەتلىرىگە كۆمۈلۈپ كېتىشىمىز مۇقەررەر!....ئىنگىلىز،شىۋىتلار قانداق يول بىلەن بىزگە مېھمان بولۇپ قالدى؟ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ؟ئۇلار ھېچ ۋاقتىدا بىزگە مېھمان ئەمەس،مېھمان بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.ئۇلار جاھانگىر،تاجاۋۇزچى،ئۇلار ئوغرى،بۇلاڭچى.باشتا قۇيرۇق ئوينىتىپ كەلگەن بىلەن،ئاستا-ئاستاپېيىمىزنى قىرقىپ،بايلىقىمىزنى ئوغۇرلايدىغان،گىلەملىرىمىزنىئېلىپ،بىزنى داقبورىغا تاشلاپ داغدا قويىدىغان بۇلاڭچىلاردۇر.بۇ مۇخالىپەتچىلەر بەلكى بېشىمىزغا چۈشكەن بالايىئاپەت!ئۇلار بىزنى خۇراپاتلىقنىڭ قارا خالتىلىرىغا قاچىلاپ،ئەخلەت دۆۋىسىگە چۆرىۋەتكۈچى ۋاپاسىزلاردۇر.ئۇلار بىزگە ئىتتىپاقسىزلىقۋاباسىنى چېچىپ،ئۆز قولىمىز بىلەنقېنىمىزنى تۆككۈچى خۇنخۇرلاردۇر.ئۇلار بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا بىھۇش قىلىپ ھالاك قىلغۇچى قارا نىيەتلىك ياۋۇزلاردۇر....
قېرىنداشلار،ۋەتەنداشلار!بىز ئەزەلدىن قابىل،باتۇر خەلىق ئىدۇق،تاكى پامىردىن ئۇزاق ئالتايغىچە چىدىر-بارىگاھ تىكىپ،سەلتەنەتلىك ئوردا-تەخىتلەرنى قۇرۇپ،دەۋران سۈرگەن ئەل ئىدۇق. قاچانكى، بىزگە جاھالەت،نادانلىق،خۇراپاتلىق،ئىتىپاقسىزلىق،ھەسەتخورلۇق،مەنمەنلىك،شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشتى،شۇ كۈندىن باشلاپ زاۋاللىققا،خار-زەبۇنلىققا يۈزلەندۇق. ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق دەلىلى.قېرىنداشلار،ۋەتەنداشلار،ئويلاپ كۆرەيلى،مۇلاھىزە قىلايلى ھازىرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس،غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ،كۆزىمىزنى ئاچساق،ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق،پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ،ئىستىقپالىمىزنى يورۇتىشقا،ۋەتەن ،مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كىچىكمەيمىز!!!!.........>>
قۇشۇمچە قىلىپ قويىدىغىنىم،بۇ تەخمىنەن 80 يىل ئاۋۋالقى مىللىتىمىز ھالىتىنىڭ ئەينەن ئىپادىلىنىشى،ئەمما ئۇنىڭدا سۆزلەنگەن داموللا بۇۋىمىز قاخشىغان ،سۆككەن باتىللىق ،نادانلىق،بىلمەسلىك نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە تۈگىمەيدۇ؟ئەجىبا داموللا بۇۋىمىز<ياتقان يېرى جەننىتى بولسۇن> بۇ سۆزلىرىنى ئىچى پۇشۇپ قىلىپ،ئاڭلاپلا قويۇشقا دىگەنمۇ؟نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەربىز ئېغىز ھەقىقەتلىرى بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزگىمۇ ماس كىلىدۇ؟ توۋۋا !...بۇۋام ماڭا ھازىرمۇ شۇنداق دەۋاتقاندەك قىلىدۇ...

ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﭘﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ،ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻚ،ﺟﺎﭘﺎ-ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ،ﻛﯜﭼﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. BBS.Xabnam.Com din koquruldi


horiyat.com



http://www.uamaarip.com
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 18:04 چوققىغا قايتىش
qakmak0908
يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 588
شۆھرەت: 604 نۇمۇر
پۇل: 5902 سوم
تۆھپە: 19 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:339(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﯘﻟﻼ ﺋﯘﻟﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻛﯩﭽﻪ


قۇغۇن پىششىقى كۇنلىرىنىڭ بىرى دامۇللىنىڭ بالا چاقىلىرى ئاتۇشقا خامان ئىلىشقا كەتكەن بۇلۇپ ئۇيدە پەقەت شاگىرتى باقى ئاخۇنلا قالغان ئىدى .
دامۇللا كەشنى كىتاپ ئۇقۇش بىلەن ئۇتكۇزگەندىن كىيىن باقى ئاخۇنغا رۇخسەت بەردى ۋە ياندىكى ياتاخ ئۇيگە كىرىپ بەخىرىمان ئۇخلاپ قالدى باقى ئاخۇنمۇ ياتاق ئۇيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالدى
دامۇللىنىڭ دەرۋازىسى تاقالغىچە بۇلغان ئارلىقتا قانداقتۇر بىر قارا سايە ئاتخانىغا كىرىپ مۇكۇنىۋالغان ئىدى . بۇنى دەمۇللىمۇ باقى ئاخۇنمۇ تۇيمىغان ئىدى دامۇللىنىڭ ھەر كىچە تاھەرەت سۇندۇرۇشقا چىقىدىغىنىنى بىلىدىغان بۇ قارا سايە دامۇللىنىڭ تاھارەتكە چىقىشىنى سەۋېرچانلىق بىلەن كۇتمەكتە ئىدى
يىرىم كىچىدىن ئۇتكەندە دامۇللا يۇتەل ۋە ئاياغ تىۋېشى بىلەن مىھمانخانا ئۇيدىن چىقىپ ئارا ئىشىكنى ئىچىپ ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى قارا سايە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غىپپىدە قىلىپ ئاتخانىدىن ھۇيلىغا ئاندىن مىھمانخاغا دەھلىزىگە كىرىپ مۇكۇندى بۇ ئىشلاردىن پۇتۇنلەي خەۋەرسىز قالغان دامۇللا تەرەتتىن بىكار بۇلۇپ ئارا ئىشىكنى تاقىدىدە ئۇيگە ئاياغ تاشلىدى ھاۋا بەك ئىسسىق بۇلغاشقا دامۇللا ئۇزۇن نىپىز كۇينەكتىن باشقا نەرسە كىيمىگەن ئىدى .
دامۇللا دەھلىز ئىشىكتىن كىرىپ مىھمانخانىغا ئاياغ تاشلىماقچى بۇلغاندا < چىم >> قىلغان بىر يىقىمسىز سىزىم دامۇللىنى قاتتىق ئەندىكتۇرۋەتتى ئۇيقۇ ئارلاش ئۇيقۇسىز ھالەتتە كىرۋاتقان دامۇللا ئەمدىكىنە ئۇيقۇدىن ئۇيغانغاندەك بىقىنىنى تۇتىشىغا قارا سايە پىچاقنى تارتىۋالدى دامۇللىنىڭ قۇللىرى ئۇزىنىڭ ئىسسىق قىنىغا مىلەنگەن ئىدى ئۇزىگە پىچاق سىلىنغىنىنى بىلگەن دامۇللا قارشىدا تۇرغان قاتىلغان << ئىپلاس >> دىگىنىچە ئىتىلدى بىراق كۇزلىرىگە قان تۇلغان قاتىل تەمتىرەش يەكى قىچىش تۇگۇل ئەكىسچە غالجىرلىق بىلەن دامۇللىغا ياندى دامۇللا قاتىلغا قارغاندا كۇپ سىمىز ۋە دۇغۇلاق كىشى بۇلسىمۇ لىكىن قاتىن دامۇللىغا قارغاندا كۇپ كۇشتۇڭگۇر ۋە ياش ئىدى ئۇنىڭ ئۇستىگە قانداقتۇر بىر رۇھ ئۇنى تىخىمۇ ئەسەبىلەشتۇرۋەتكەن ئىدى دامۇللا دۇشمىنىنى ھەر قانچە بىسىشقا جۇرئەت قىلغان بۇلسىمۇ لىكىن قان جىق چىقىپ كەتكەچكە قاتتىق ھاسىراپ كەتكەن ئىدى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان قاتىل دامۇللىنىڭ قۇرسىقىغا يەنە بىر پىچاق تىقىپ ئۇنىڭ قۇرسىقىنى يىرىۋەتتى دامۇللا گۇپ قىلىپ يىقىلدى دە ھۇشىدىن كەتتى ئارلىقتا بىر قانچە قىتىم << باقى ئاخۇن >> دەپ ھالسىز تۇۋلىغان بۇلسىمۇ لىكىن قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن باقى ئاخۇن ھىچنىمىنى تۇيمىغان ئىدى .
دامۇللىنىڭ ھالسىزلانغانلىقىنى كۇرگەن قاتىل مۇرادىغا يەتكەندەك بۇلۇپ كەلگەن يۇلىچە بەدەر تىكىۋەتتى .
دامۇللا غەرىق قان ئىچىدە ياتاتتى ئارلاپ ئارلاپ بۇش ئاۋازدا ئىڭرايتى ۋە خارقىرايتى بىراق بۇ تۇن كىچىدە قىرىشقاندەك دامۇللىنىڭ ھالىغا يەتكۇدەك ھىچ ئىنسان چىقمىغان ئىدى پەقەت تاڭغا يىقىن ئۇگزىگە تەرەتكە چىققان ھەقەمسايىسى بۇ خارقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىدىدە دەررۇ باقى ئاخۇننى تۇۋلاپ ئۇيغاتتى باقى ئاخۇن دامۇللىنىڭ قىشىغا كىرگەندە بۇ مۇبارەك زات ئاللا قاچاق جان ئۇزگەن ئىدى بۇ دەھشەتلىك پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان قۇلۇم - قاشنىلار دەررۇ شەھەرلىك جىساغا ( ساقچى ) ئىدارىسىگە چىپىشتى
شەھەر بايلىرىدىن ئۇمەر بەگە بىلەن زۇنۇن ئاخۇن پاششاپ قاتارلىق شەھەر قۇغداش خادىملىرى ھە - ھۇ دىگۇچىلا دامۇللىنىڭ ئۇيىگە يىتىپ كىلىشتى ھەمدە دەررۇ ئەھۋالنى ئىگەللەشكە كىرىشتى ئۇينى تەكشۇرۋاتقاندا ھۇيلىدىن بىر تۇمۇر قىشقۇچ تىپىلدى << ئۇغۇرنىڭ ئەزرائىلى >> دەپ نام چىقارغان زۇنۇن پاششاپ قىسقۇچنى ئالغان پىتى ئۇدۇل تۇمۇرچىلەرنىڭ يىنىغا يۇگۇردى سۇرۇشتۇرۇش ئارقىلىق قىسقۇچنىڭ شەھەردىكى مەلۇم تۇمۇرچىنىڭ قىسقۇچى ئىكەنلىكى ئۇنى تۇنۇگۇن كۇندۇزدە ئەھمەت مەزىننىڭ ئارىيەتكە ئىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بۇلدى .
زۇنۇن پاششاپ قۇل ئاستىدىكى مىرشاپ جاكارچىلارنى ئىلىپ ئەھمەت مەزىنىنىڭ ئۇيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنى كىيىم ۋە بەدىنىدىكى قان داغلىرىنى يۇيىۋاتقان يىرىدىن تاپتى پۇت قۇللىرىغا كىشەن سىلىپ بەگلىك ئۇرۇن بۇلغان دىڭىزىيا تۇرمىسىگە سۇلىدى ئۇمەر بەگ سۇراق جەريانىدا ئۇنى ئىقرار قىلغۇزدى ئۇمەربەگە ئەھمەت مەزىننىڭ ئىقرارىدىن قاتتىق چۇچۇپ كەتتى چۇنكى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئەھمەت مەزىنگە يۇل كۇرسەتكەنلەر ئادەتتىكى ئادەم ياكى كىچىك بىر ئۇرۇن ئەمەس ئىدى ئۇمەر بەگە بىلەن زۇنۇن پاششاپلار ئۇندىمەيلا ئۇدۇل شەھەرنى ئۇز چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرۋاتقان << كاتتا كىشىنىڭ >> يىنىغا باردى ئەھمەت مەزىننىڭ ئىقرارىنى بىر بىرلەر بايان قىلدى ئۇمەر بەگ بۇ ھادىسىگە چىتىشلىق << ئۇلۇغلار >> نىڭ ئۇچۇقتى - ئۇچۇق ئىتمىغان بۇلسىمۇ لىكىن << كاتتا كىشى >> نىڭ چىرايى سارغىيىپ دىمى ئىچىگە چۇشۇپ كەتتى بۇ سىر ئاشكارلانسا شەھەردە قانداق كۇڭۇلسىزلىكلەرنىڭ چىقىشى ئۇنىڭغا بەش قۇلدەك ئايان ئىدى شۇڭا ئۇ دەررۇ ئەقلىنى جۇرۇپ چۇچەكتەك ئىككى كۇمۇش يامبۇنى بەگە بىلەن پاششاپنىڭ ئالدىغا قۇيدى پەۋقۇلادە چىگىش ھەم خەتەرلىك دىلۇدىن گاڭگىراپ قالغان ئۇمەر باي بىلەن زۇنۇن پاششاپنى شەھەر كاتتىسىنىڭ بۇ سۇۋغىسى تىخىمۇ چىڭ ئىسكەنجىگە ئالدى سۇۋغىدىن كىيىن قۇيۇلغان شەرىتلەرگە بۇ ئىككى كىشىنىڭ ماقۇل كەلمەسلىكى تىخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى .
ئەھمەت مەزىننىڭ ئۇزىگىمۇ بارلىق جىنايەتلەردىن تىنىش كىرەكلىكى شۇندىلا ئۇنىڭ ئۇلۇمدىن خالاس بۇلىدىغانلىقى جىكىلەندى شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش يۇشۇرۇن بىر سىرغا ئايلاندى ئەھمەت مەزىن ھۇكۇمەت تەرەپنىڭ سۇراقلىرىدا دامۇللىنى ئۇلتۇرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان بۇلسىمۇ لىكىن بۇ ئىشنى پىلانغۇچىلار بۇيرۇق بەرگۇچىلەر ھەققىدە ھىچنىمىنى ئاشكارلىمىدى ئەكىسچە دامۇللىغا بىر مۇنچە بەتناملارنى چاپلاپ ئۇنى دامۇللىنى ئۇلتۇرۇشنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۇرسەتتى
دەل مۇشۇ مەزگىللەردە دامۇللىنىڭ چۇڭ ئۇغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندا ئۇقۇشتا ئىدى دادىسىنىڭ ئۇلۇمى تۇغرىسىدىكى شۇم خەۋەر ئۇنى ئۇقۇشتىن يىرىم يۇلدا تۇختۇتۇپ يۇرتىغا قايتىپ كىلىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى ئابدۇلئەزىزى مەخسۇم دادىسىنىڭ ھەقىقى قاتىلنى تىپىپ جازالاشنى ھۇكۇمەت تەرەپتىن قاتتىق تەلەپ قىلغان بۇلسىمۇ لىكىن ئەھمەت مەزىننىڭ تەرسالىقى بىلەن بۇ دەۋا ھەل بۇلماي ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كەتتى بۇ دەۋادىن زىرىككەن ھۇكۇمەت ئاقىۋەتتە ئەھمەت مەزىننى تۇمۇر قەپەزگە سۇلاپ ئۇرۇمچىگە ئىبەرتىپ بەردى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئۇرۇمچىگە كىلىپ ئەرىز سۇندى ھۇكۇمەت تەرەپ ئەھمەت مەزىننى ئىتىپ بىرىش قارارىغا كەلگەن بۇلسىمۇ لىكىن ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھەقىقى قاتىللارنى تىپىپ جازالاپ بىرىشتەك ھەققانىي تەلەپتە چىڭ تۇردى مەزىن ئاخىرى ھەممىنى ئىقرار قىلغان بۇلسىمۇ لىكىن قەشقەر كاتتىلىلىرى سۇڭگۇتىۋەتكەن سۇغا - سالامدىن تىلى تۇتۇلغان ئۇرۇمچىدىكى ئەمەلدارلارمۇ بۇ سىرنى ئاشكارا قىلىشنى خالىمىدى .
قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەدىسى بۇيچە ئەھمەت مەزىن سۇلاقتىن بۇشىتىلىپ قۇيۇپ بىرىلدى بۇ << غالىپ >> قاتىل ئۇرۇمچى كۇچىلىرىدا بىر مەزگىل لاغايلاپ يۇرگەن بۇلسىمۇ لىكىن بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىكى كىشلەرنىڭ تىل - ئاھانەت دەشناملىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارام تۇپالماي ياقا يۇرتلارغا قىچىپ بىرىپ جان باقتى رۇھى جەھەتتىن قاتتىق زەربە يىگەن مەزىن ئاقىۋەتتە ئىلىشىپ قىلىپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى ھەتتا ئۇز گۇشىنى ئۇزى يىيىشكە باشلىدى نەتىجىدە ئەنە شۇ ساراڭلىقتا بىر مەزگىلدىن كىيىن بۇ مۇناپىق ئۆلدى .

ﻣﻪﻧﺒﻪ : << تارىخ بىتىنى ۋاراقلىغاندا >> ناملىق كىتاپتىن ﺋﯩﻠﯩﻨﺪﻯ

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
ياخشى باھا:4(Ark-zat)

Elts



http://www.uamaarip.com
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 18:07 چوققىغا قايتىش
qakmak0908
يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 588
شۆھرەت: 604 نۇمۇر
پۇل: 5902 سوم
تۆھپە: 19 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:339(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئابدۇقادىر داموللام ئوتتۇرا ئاسىياغا ، جۈملىدىن غەربى ئاسىياغا تۇنۇلغان كاتتا ئالىم ، ئۇستا ناتىق ، ماھىر مۇنازىرچى ، مىللەت پەرۋەر مائارىپچى ، تالانتلىق شائىر ۋە پاراسەتلىك ئۇستاز . شۇنداقلا يۈكسەك غورۇرغا ئىگە ، ئازئۇچرايدىغان ئىنسان بۇلۇپ ،xx ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر جەمىئىيىتىدە ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە تۈرۈتكە بولغان.           ئابدۇقادىر داموللام 1862-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد يىزىسىدا ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك بىر ۋەتەنپەرۋەر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . مەشھەد - قارا خانىيلار خاقانلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ سىياسى ۋە ھەربىي تالانتى بىلەن دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان مەشھۇر خاقان - سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلىنغان مەشھۇر جاي . تارىختا كىشىلەر سۇلتان ساتۇق بۇغرا خان ۋە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قەبرىگاھ يېنىغا مەسجىد ، مەدرىس ، خانقا لارنى بىنا قىلغان .

ئابدۇقادىر داموللام باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مانا مۇشۇ مەشھەد تىكى << ھەزرىتى سۇلتانىيە مەدرىسى >> دە ئالغان . كىيىن قەشقەردىكى ئالىي ئىلىم يۇرتى بولغان خانلىق مەدرىسكە ئۇقۇشقا كىرگەن . بۇيەردىكى ئۇقۇشنى تاماملىغاندىن كىيىن ، تىخىمۇ مۇكەممەل مەلۇماتقا ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن ،ئۆز خىراجىتى بىلەن بۇخاراغا بېرىپ ، ئۇيەردىكى << ئابدۇلئەزىزخان >> مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرگەن . ئۇ بۇ جەرياندا ، قۇرئان ،ھەدىس ،ئىلمىي تەجۋىد ، ئاقائىد قاتارلىق ئىسلام تەلىماتلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماستىن ،ئەدەبىيات ، تارىخ ، جۇغراپىيە ، ئىلمىي مەنتىق ،ھىساپ دەرىسلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ،ئاساسىي بىلىم جۇغلانمىسىنى پۇختىلىغان ھەمدە ئەرەب ، پارىس ، ئورۇ تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن . نەۋائىي ،خوجا ھاپىز ،شەيىخ سەئىدى ،سوپى ئاللايار ، جالالىدىن رۇمى ، خوجا ئەھمەت يەسەۋىي ،ھۇۋەيدا ،مەشرەپ ، فۇزۇلى . . . لارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن پىششىق تۇنۇشۇپ چىققان . فارابى ، ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا نىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق يۇنان پەلسەپىسى بىلەنمۇ تۇنۇشۇپ ، زامانىسىنىڭ ئەللامىسى بۇلۇپ يىتىلگەن . ئابدۇقادىر داموللام بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كىيىن ، سەمەرقەند، ئۇفا قاتارلىق جايلاردا بىر مەزگىل مۇدەررىسلىك قىلغان . << ئاقائىد زەرۇرىيە >> ، << ئىبادەت ئىسلامىيە >>- داموللامنىڭ سەمەرقەند ،ئۇفالاردا مۇدەررسلىك قىلىش جەريانىدا دەرىسلىك ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تۈزگەن تۇنجى كىتابلىرى بۇلۇپ ، بۇكىتابلار ئۆز ۋاقتىدا ئۇفادا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغانىدى . ئابدۇقادىر داموللام ئانا ۋەتىنىگە قايتىشتىن ئىلگىرى ، تاشكەنت ، خوجەند ، قازان ،ئىستانبول قاتارلىق جايلاردا ساياھەتتە بولغان ، 1907-يىلى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن .

  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالىملار ئارىسىدا ئالاھىدە شۆھرەت قازىنىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرنىڭ ئەينى دەۋرىدىكى جاھالەت تۈتەكلىرى قاپلىغان ئاسمىنىغا ۋە بۇ زۇلمەتلىك ئاسمان ئاستىدا ھايۋان كەبى نادانلىق ۋە قۇللارچە ئىتائەتمەنلىك بىلەن ھايات كەچۈرىۋاتقان ئانا خەلقىگە قاراپ ، چەكسىز ئېچىنىش تۇيغۇسىغا چۆمگەن ، قەشقەر خەلقىنىڭ ماددىيۋە مەنىۋىي جەھەتتە ، چارروسىيە ئىمپېرىسىنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرىتانىيە ئىمپېرىسىنىڭ ئادەملىرىنىڭ تالان -تاراج قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ، مەچىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ھاماقەت ۋە زالىم ئەمەلدارلىرىنىڭ تاپىنى ئاستىدا خار ۋە زەبۇن بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، قاتتىق غەزەپلەنگەن . نەس باسقان بىچارە خەلقنىڭ قانداق تەقدىرگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى بىلمەستىن ،ئۆزىنى قۇل قىلىۋاتقان ۋە نادانلىققا قالدۇرىۋاتقان زالىم ئەمەلدارلارنى ، ۋىجدانسىز مۇناپىقلارنى ،نائىنساپ باي - زومىگەرلەرنى بېقىپ سەمرىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، قاتتىق نەپرەتلەنگەن . ئۆسمۈر بالىلارنىڭ تەربىيسىز قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، قاتتىق ئۆكۈنگەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ،قۇللۇقنىڭ زەنجىرىنى شاراقشىتىپ ، نادانلىقنىڭ دەستىدە پايخان بولۇپ كېتىۋاتقان خەلقىگە : << بۇزامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانىسى ئەمەس ، ئويغىنىش ۋە سەگەكلىك زامانى ، جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس ، ئىلىم -مەرىپەت دەۋرى ؛ سۇسلۇق ۋە بىكار تەلەپلىك ۋاقتى ئەمەس ، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىش ۋاقتى . باشقا مىللەتلەر ئىلىم -مەرىپەت سايىسىدا ، ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا ، سۇئاستىدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە . بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز ، ئۇيقۇ بولسا ئۆلۇمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر .بۇھالەتتە دائىم ئۇخلىماق - يوقىلىش ۋە ئۆلۈم بۇلىدۇ ! ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت بار . >>دەپ كۈچلۈك مۇراجەت قىلغان . ئادۇقادىر داموللام بۇتەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئەمەلى ھەركەت قوللۇنۇپ ئەقىل-پاسىتىنى ئشقا سەلىپ ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەنئەنىسىگە ئىجابى ۋارىسلىق قىلغان ئاساسدا ،ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ، ئوقۇتۇش ماتىريالى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئەلىپ باردى . ئابدۇقادىر داموللام مۇتەئەسسىپ موللىلەرنىڭ(ئۇسۇلى جەدىد ھارام، ئۇنى ئۇقۇش دەھرىلىك ) دەپ پەتىۋا چىقىرىپ، جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە ،كۆزلىگەن نىشانىغا تۇلۇق يىتەلمىگەن . ئابدۇقادىر داموللام . خەلىقنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە ياشاۋاتقان تەسلىمچى ئەمەلدارلارغا ، جاھالەت ھاميلىرى بولغان مەككار سۇپى - ئىيشانلارغا، ئاچكۆز، جانباقتى بايلارغا قاتتىق نەپرەتلىنەتتى ۋە ئۇلارنى تەنقىتلەپ، خەلىقپەرۋەر، مىللەت پەرۋەر بۇلۇشقا دالالەت قىلاتتى .         بىز ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇ خىل ئاز ئۇچرايدىغان ئالىجاناپ خارەكتىرىنى مەرھۇم تارىخچى ۋە يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ (ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە )دىگەن رۇمانىدىكى ئاجايىپ ۋەقە ۋەبايانلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز . بۇ روماننىڭ 15- بابىدا ئابدىقادىر داموللام . ئۆزلىرىنى يۇرتنىڭ تاجىسى ،ئەلنىڭ ئابرويى دەپ ھىسابلايدىغان نۇرغۇن مىھمانلار قاتناشقان بىر قەتىملىق زىياپەتتە مۇنداق {نۇتۇق} سۆزلىگەن ؛               (مەن ئەسلىدە ،ئۆز مۇدىئايىمنى ئەرىز قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرىللىرىنىڭ ئۆيىگە بىر بىرلەپ بارسام بۇلاتتى . ئەپسۇسكى بارالماي قالدىم .ئەپۇقىلىشالا !ھالا بۈگۈن، ئۇشبۇ سورۇنغا جەمبۇلۇدىغانلىقىمىزنى غەنىمەت بىلىپ بۇيان كەلدىم .مۇددىئا نىمە ؟دەپ سورالسا ، شۇنداق جاۋاپ بىرىمەنكى ، مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك چاي - زىياپەتلىرى ئىچىدە ، مەست -مۇستەغرەق بولۇپ ئۆتۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەرىمىزگە زادىلا رازى ئەمەسمەن !چۈنكى ،مەست- مۇستەغرەقلىق ئاراسىدا ،ۋەتەن، مىللەتنىڭ كۈنى ئېغىر ھالى تەس ۋە نەس ئۆتمەكتەدۇر. خەلىق نادانلىق ، جاھالەت ئىچىدە ئازاپ چەكمەكتە . ھەممە ئىش كونا قېلىپ ، كونا ئىزىغا چۈشۈپ ، يەڭىلىققا يول بىرمەي ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭماقتا . ۋاقتىمىز ، دەۋرىمىز ، ئوبدان پۇرسەتلىرىمىز قولدىن كەتمەكتە . بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس .   بۇمىللىي خارابەت، مىللىي مۇنقەرىزلىكتىن بىشارەت بىرىدىغان خەۋىپلىك ھادىسە . ھەربىر ۋىجدان .ئىگىسىنىڭ مۇنداق خەۋىپلىك ۋەزىيەتتە قانداقمۇ جىم تۇرغىسى كەلسۇن ! بۈگۈنكى داستىخاندا جەمبولغان قازى- مۇدەررىسلىرىمىز ، داموللالىرىمىز ، ساخاۋەتلىك بايلىرىمىز ، بۇ خەۋىپلىك ئەھۋالدا كۆزىنى ئەما ، قۇلۇقىنى گاس قىلىپ ، قانداقمۇ بىپەرۋالىق قىلالىسۇن ! شۇنى چۈشۈنىشىمىز لازىمكى ، ۋەتەن ، مىللەتنىڭ غەمىنى يىيىش ، خەلىقنىڭ بەشىنى ئوڭشاش ، بەخىت - سائادەتكە باشلاپ مەڭىش مۇشۇ داستىخاندىكى ھەممە كىشىنىڭ گەدىنىدىكى پەرىز ۋە قەرىزدۇر . ئىنساپ تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق ، بۇلۇپمۇ بىز ئۇلۇغلارنىڭ خەلىقنى نادانلىق ، جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ، سائادەتلىك كۈنلەرگە يېتىشتۈرۈشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىمىز باردۇر . ئەگەر ئۇشمۇ ۋەزىپەمىزنىڭ بارلىقىنى .ئىنكار قىلىدىغان بولساق ، ئۇ چاغدا بىز نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق ؟ دىگەن سۇئالغا ھېچقانداق جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن!    

ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئەيىتقاندا ، خەلىق ئۈچۈن ، ۋەتەن ، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى بولسۇن ! بۇ تەرەپلىرىنى ھەر بىر ئۆلەما ئوبدان ئويلاپ ، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرىشى كىرەك ! ...بىز ھەممەمىز قانچە يىللار غۇربەتچىلىكتە رىيازەت چىكىپ ، ئىلىم تەھسىل قىلغانلارمىز . ئىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق ؟ خەلىقنى قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا ، جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئۇقۇدۇق . خۇداغا شۈكرى ، ئوقۇغانغا يارشا ، بىرىمىز قازى ، بىرىمىز داموللا ، بىرىمىز مۇدەررىس كەبى ئۇنۋان دەرىجەلەرگە تەيىنلىنىپ ، يۇرت خەلىقنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇق . ئەپسۇسكى ، بىز بۇ ئىززەت - ھۆرمەتكە ئىگە بولۇۋەلىپلا ، ئەسلىدىكى مەخسەت - مۇددئالىرىمىزغا ئاسىلىق قىلىپ ، نۇقۇل ھالدا ھۇزۇر -ھالاۋەت ، راھەت - پاراغەتكە بىرىلىپ ، مەست - مۇستەغرەق بۇلۇپ يەتىۋالدۇق . يۇرت بولسا نادانلىق ، جاھالەتتە ، ىەلقىمىز خار - مۇزەللەتتە قالدى . يۇرتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى ، خەلقىمىزنىڭ ئىستىقبالى توغراسىدا قايغۇرمىدۇق . يۇرت ۋە خەلىقنىڭ غەمىنى قىلىش ، يۇرتنى تەرەققىياتقا ، خەلىقنى ئىلىم - مەرىپەتكە باشلاشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپەمىز بارلىقىنى بىز ئۈلۈمالار ئىسىمىزدىن چىقاردۇق . تۆر - ئابرۇي تالىشىشتەك قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدىن باشقا ، ياخشى ئەمەللىرىمىز بارلىقىنى ئىنكار قىلدۇق . بىز نىمە ئۈچۈن بۇ قەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق ؟ نىمە ئۈچۈن ئىنساپ قىلمايمىز ؟ نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ ، ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزەتمەيمىز ! بۇ توغرىدا بىر ئاز سۆز قىلساق ، چەچىلغانلىق بۇلامدىكەن ؟ . . . نىمىشقا قاينىمايدىكەنمەن ؟ ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك ، مەدرىسلەردىكى ئەۋقاپقا ، مۆھۈر ھەققىگە ، نەزىر - چىراقتىكى سەدىقە - ئېھسانغا ، ئشقىلىپ قەيەردە نەپ بولسا ، شۇ يەرەە توپلىنىۋالغانلىقىغا ، ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ ، تاما خورلۇقنۇڭ سەسىق پاتقاقلىرىغا بوغۇزى بىلەن تەڭ چۆكۈۋالغانلىقىغا ، ۋەتەن ، مىللەتنىڭ ، خەلىقنىڭ داد - پەريادى ، نالە - پىغانلىرىغا قۇلاق سالماي ، كۆز يۇمۇپ گاس - ئەما بۇلۇۋالغانلىقىغا قانچە قاينىسام شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ ! قېنى ، نىمە ئۈچۈن قاينىمايدىكەنمەن ؟ ھازىرقى ئەھۋال قانداق بۇلۇۋاتىدۇ ، قېنى ؟ .... بىز بۇيەردە پولو يەپ ، تاۋاق بىكارلاپ ئولتۇرۇپتىمىز . بىزنىڭ ئەزىز باللرىمىز خۈلەختە كۈلگە بۇلغىنىپ ، ئاچ - يالىڭاچلىق ئازابىنى تارتماقتا . بىز كۈندە قانچە قەتىم   داستخان ئۈستىدە مەئىشەت قىلىپ ،   توقلۇقدىن كارىلداپ سەسسىق كىكىرىپ يۈرىيمىز . ئۇنۇڭ ھىسابىغا ، كوچىدىكى تىلەمۋى - سائىللار شۇنچە كۈپەيمەكتە . ھالبۇكى ، بىز ئۇلارغا قانچىلىك خەيرى خاھلىق كۆرسەتتۇق ؟ ئۇلارنىڭ بەشىنى قانچىلىك سىلىدۇق ؟ ياق ، ھەچ نىمە قىلمىدۇق ، بەلكى ئۆشرە - زاكات ۋە ئەۋقاپ كىرىملىرىنى ئۆز نەپسىمىزگە تارتىپ كەتتۇق . شۇ سەۋەبدىن ، يىتىم - يىسىر ، تۇل خۇتۇن ، يىتىم ئوغۇللار خەيرىخاھسىز قالماقتا . نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمايمىز ؟ مەكتەپ ئەچىپ ،دارىلتام -دارىل ئاجىزىلەر قۇرۇپ ،كوچىدا ئاچ - يالىڭاچ   ،خارۇ - زارلىقتا قالغان بالىلارنى ، ئاجىز   - مىسكىنلەرنى نىمە ئۈچۈن تەر بىيە قوينىغا ئالمايمىز ؟ ئۇلارنىڭ بەشىنى سىلاپ ، غەمخورلۇق قىلساق بۇنۇڭ نىمە يامىنى ؟ ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى ، خەلىقنىڭ بەشى بۇلۇپ تۇرۇقلۇق ، خەلىقنى بەخىت- سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن ، پۈتۈن ئىشتىياقىمىز بىلەن شەخسى تاپاۋەت يۇلىغا ماڭساق ، قولغا كىرگەن تىللا - تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ياتساق ، ئىستىقبالىمىز توغراسىدا زەررىچە قايغۇرمىساق، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىمىز ؟ قېنى ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار بولۇپ قالماسمىزمۇ ! . . .   ئەپسۇسكى ، بىزغەمخوزلۇق قىلماي كۇچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋروپادىن كەلگەن مۇخالىپەتچىلەر ئۆز قوينىغا تارىتماقتا . ئنگلىز -شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قۇرۇپ ، داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغرىلىماقتا . ئۇلار بىزنىڭ باللىرىمىزغا بىر مىسقال تەسىر كۆرسىتىشكە كۆزى يەتسە ، ئايانماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرىپ قىلماقتا . بىز بولساق ، باللىرىمىزنى كوچىلارغا تاشلاپ ، ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرماقتىمىز . ھەدىسە دەررە ئۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ دىلىنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز ، ئەل رايىنى چىكىندۈرمەكتىمىز . بۇئىشلىرىمىز مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىمەسمۇ ؟ ھېلىمۇ كەچ ئەمەس ، پۇرسەت بار ، ئەگەر ۋاقتىدا قايغۇرۇپ ، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق ، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ لەنەت -نەپرىتىگە كۆمۈلۈپ كىتىشىمىز مۇقەررەر ! . . .   ئىنگلىز ، شىۋىتلار قانداق يول بىلەن بىزگە مېھمان بۇلۇپ قالدى ؟ ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ ؟ ئۇلار ھېچ ۋاقىتتا بىزگە مېھمان ئەمەس ، مېھمان بۇلۇشىمۇ مومكىن ئەمەس . ئۇلار جاھانگىر ، تاجاۋۇزچى ، ئۇلار ئوغرى ، بۇلاڭچى . باشتا قۇيرۇق ئوينۇتۇپ كەلگەن بىلەن ، ئاستا -ئاستا پىيىمىزنى قىرقىپ ، بايلىقىمىزنى ئوغرىلايدۇ ، گىلەملىرىمىزنى ئېلىپ ، بىزنى داق بورىغا تاشلاپ داغدا قويىدىغان بۇلاڭچىلاردۇر . بۇ بۇغالىپەتچىلەر بەلكى بېشىمىزغا چۈشكەن بالايى ئاپەت ! ئۇلار بىزنى غۇراپاتلىقنىڭ قاراخالتىلىرىغا قاچىلاپ ، ئەخلەت دۆۋىسىگە چۆرىۋەتكۈچى ۋاپاسىزلاردۇر . ئۇلار بىزگە ئىتتىپاقسىزلىق ۋاباسى چېچېپ ، ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆز قېنىمىزنى تۆككۈچى خۇنخورلاردۇر . ئۇلار بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا بىھۇش قىلىپ ھالاك قىلغۇچى قارانىيەت ياۋۇزلاردۇر . . .  

    قېرىنداشلار ، ۋەتەنداشلار ! بىز ئەزەلدىن قابىل ، باتۇر خەلق ئىدۇق ، تاكى پامىردىن ئۇزاق ئالتايغىچە چېدىر - بارىگاھ تىكىپ ، سەلتەنەتلىك ئوردا - تەخىتلەر قۇرۇپ ، دەۋران سۈرگەن ئەل ئىدۇق . قاچانكى ، بىزگە جاھالەت ، نادانلىق ، خۇراپاتلىق ، ئىتتىپاقسىزلىق ، ھەسەتخورلۇق ، مەنمەنلىك ، شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشتى ، شۇكۈندىن باشلاپ زاۋاللىققا ، خار - زۇبۇنلۇققا يۈزلەندۇق . ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق دەلىلى . قېرىنداشلار ، ۋەتەنداشلار ، ئويلاپ كۆرەيلى ، مۇلاھىزە قىلايلى ، ھازىر مۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس ، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئېرغىپ تۇرۇپ ، كۆزلىرىىزنى ئاچساق ، ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ، ئاسارت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق ، پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ ، ئىستىقبالىمىزنى يۇرۇتۇشقا ، ۋەتەن ، مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە يېتىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز ! . . . >>

    ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردىكى ئەنگلىيە بىلەن شىۋىتسىيە كونسۇلغانىلىرىنى بازا قىلغان ياۋرۇپالىق مىسسىيۇنېرلارنىڭ ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ ، باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ، تالىپلىرى ۋە قوللىغىچىلىرى ئارقىلىق خەلىقنى تەشكىنلەپ نامايىش ئۆتكۈرۈپ ، ئەنگلىيە ، شىۋىتسىيە كونسۇلخانىلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخقا ئايلانغان .

  قەشقەرنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرى ، موللا ، قازى قۇززات ، ئىشانلىرىمۇ ئابدۇقادىر داموللامغا نىسپەتەن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ، ئۇنى يەۋەتكۈدەك ئەلپازدا ھاقارەتلەشكەن . بىرلىرى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەل ئىچىدە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئابروي - ئىناۋىتىگە ھەسەت قىلسا ، بىرلىرى << جەدىد>> يولىغا ماڭدى ، ئىمانىمىزنى سۇسلاشتۇرىۋەتتى دىيىشىپ ھاقارەتلەشكەن ؛ يەنە بىرلىرى ، << ئابدۇقادىر داموللام تېخى خەلىقنى ئويغۇتار ئىمىشكەن ، ئۇ ئويغاتمىسىمۇ مەزىنا خۇنۇملار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئويغۇتۇۋاتمامدۇ ؟ >> دىيىشىپ ، مەسخىرە قىلىشقان . . .

    ئابدۇقادىر داموللامغا نىسپەتەن ئۆچمەنلىكى ئەڭ كۈچلۈكى ، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلىماسى ئابدۇغۇپۇر شاپتۇل داموللام بىلەن قەشقەرنىڭ ئەڭ چوڭ بېيى ئۆمەر باي دىگەن ئىككى كىشى بولغان .

    بۇئىككەيلەن ئەنگلىيە ، شىۋىتسىيە كونسۇلخانىسىدىكىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ ، ئەمەت دىگەن بىر تەلۋە نائەھلىنى ئالداپ سېتىۋېلىپ ، 1924-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆز ئۆيىدە مەخپى ھالدا ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەن .  

مەنبە : شىنجاڭ ئىسلام تورى


horiyat.com



http://www.uamaarip.com
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 18:08 چوققىغا قايتىش
kok@turuk

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:5(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئابدۇقادىر داموللام نى كئم قەشقەر دئن دەيدۇ ئاتۇش مەشەت كەنتىدىن!~~
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ يۇرتىدىن!~~~


horiyat.com
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 19:50 چوققىغا قايتىش
urchinni

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 32
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 320 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:77(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ناھايتى ياخشى تىمىكەن جەۋھەرلىسە بولغۇدەك. رەخمەت سىلەرگە!
مەن سۈيۈنۈپ ئۇقۇدۇم بۇ تىمىنى.


horiyat.com
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 19:58 چوققىغا قايتىش
uqkunuygur

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 407
شۆھرەت: 408 نۇمۇر
پۇل: 4070 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:207(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئابدۇقادىر داموللام يىقىنىقى زامان ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىس بولۇپ تەسىرى شۇنداق زور بولغان. شۇنداق بولغاچقىلا ئەينى دەۋىردىكى مۇتەسىپ جاھىل كۈچلەرنىڭ سۇيقەستىگە ئۇچۇرغان، بۇ سۇيقەستنىمۇ ئارىمىزدىن چىققان مىللىي مۇناپىقلار ئىجىرا قىلغان. تارىخىمىزدا بۇنداق ۋەتەنپەرۋەر ، مىللەتپەرۋەر زاتلىرىمىز كەمدىن كەم ئۇچىرايدۇ. بىز ئەۋلاتلارنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەس ، ئۇتلۇلماس ئاتىسى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى بىلىش ۋە ئۈگۈنۇش بىز ئەۋلاتلارغا بىر قىتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ، مىللەتپەرۋەرلىك تەربىيسى خالاس. بۇ بىر توغرا يول ۋەتەننى ، مىللەتنى، خەلىقنى سۆيۇشنى ئۈگۈتىدىغان ئەڭ مۇھىم دەرىس.

Elts

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بېر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.

[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 20:23 چوققىغا قايتىش
~sumayya~
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 305
شۆھرەت: 319 نۇمۇر
پۇل: 3050 سوم
تۆھپە: 18 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:190(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 6 جى قەۋەتتىكى kok@turuk نىڭ 2007-09-11 19:50 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ئابدۇقادىر داموللام نى كئم قەشقەر دئن دەيدۇ ئاتۇش مەشەت كەنتىدىن!~~
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ يۇرتىدىن!~~~


شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر ~~دىگەن كىتاپنى ئۇقۇسىڭىز جۇڭگۇ شىنجاڭ قەشقەرلىك ئەكەنلىگىنى چۈشىنىسىز !! ھەمكارلاشقىنىڭىزگە رەھمەت!


Elts
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 20:25 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:09-22 21:47, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije