turup
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 16
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
پۇل: 89 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-04-14
|
سۈرەتتىكى سېغىنىش (پوسكام)
مىغىلداپ يۇرگەن ئادەملەر ئارا ، قۇپقۇرۇقتەك كورىنەردۇنيا .....
قارايمەن ئەندىكىپ ئالدى-كەينىمگە، ئەتراپىمدا تونۇش يىشىل كولەڭگە. بىراق ئۇ ئوخشىماس ھچكىمگە، ياتسىرايمەن يات شەھەرلەردىن. ياتسىرايدۇ شەھەرلەر مەندىن .
ئادەملەر لىق كوچىلار ئارا، ئېزدەپ يۇرىمەن كىمدۇر بىرىنى. ئالدىراش -ئالدىراش قەدەملەر ئارا، سىزىمەن ئوزۈمنىڭ غىرىپلىقىنى. دەل-دەرەخلەر ئۇچار قۇشلارمۇ، سوزلىيەلمەس يۇرتۇم تىلىدا. ياقا يۇرتنىڭ ئاسمىنىدىكى ئاي، ئوخشىمايدۇ يۇرتۇم ئېيىغا. ياتسىرايمەن يۇلتۇزلاردىنمۇ، چاقىرسام كىلىپ قويماس يىنىمغا . قىچىپ كەتكۈم بار مىنىڭ، ئوز يۇرتۇمغا. مىنىۋىلىپ غاز قاناتلىرىغا...
پارقىراۋاتقان شەھەرلەر، يۇشۇرالماي ئاجىزلىقىنى. قىتىپ قالار بىنالاردەك، مەن بۇ شەھەردە ئوغۇردەك.
ئادەملەرنى يۇتۇۋاتقان، قۇپقۇرۇق بىنالار. بىنالاردەك ئېگىز بەك ئېگىز، ئېچىمىزدىكى قاغجىراشلار. ئادەملەر، ئوزىنى يۇشۇرماق بولۇپ. كىرىۋالغان، قاتمۇ-قات كىيىم ئىچىگە.
ئىچىمىز قۇپقۇرۇق قۇم بارخانلىرى، قىزىماقتا بوشلۇقتا تازا. قۇم بازارلىرى.... دەرىزىلىەردىن كىرەر بىمالال. قۇم چىىچەكلىرى ، قۇم بالىلىرى.
يوقلۇقلارغا تۇتاشقان دىڭىز، دەرىزەمدىن قۇيۇلار لىپمۇ-لىق. ھۇجرامغا تولار چەكسىز غىرىپلىق، تورۇسلارغا ئىسىلغان سۇرەت. يالىڭاچ يىرىنى سۇركەپ تىنىمگە، بىر يىرىمنى ئوتەر ھەرىدەپ. يىشىل چىۋىن، يۇمشاق-يۇمشاق قاناتلىرىدا. يۇرۇگۈمنى سىيلايدۇ قوپال، تىكەنلەشكەن پۇتلىرىدا. دەرىزەمگە سىزىدۇ نەقىش.
كۇلەي دەيمەن تاز ا تىلىقىپ، يىغلىيالمايمەن لىكىن بىر قىنىپ.. ئالدىمدا كەينىمدە ئىككى يىنىمدا ماڭا تونۇش ناتونۇش سايەم توختىماستىن تۇرار ھىجىيىپ. تاملار ئەتراپىمنى قورشۇغان مەھكەم. بەشىنچى تامنىڭ رۇجەكلەرىدە كۈلۈمسىرەيدۇ بىر جۈپ تونۇش كوز... ئەينىكىمگە قارايمەن ئوزۈمدىن گۇمانلىنىپ. جىمجىتلىققا تولغان كوچىدا بىسىلمايدۇ ئولۇكلەر ئۈنى، تىرىكلەر بىلمەيدۇ بۇنى .
مەن جاينىمازنىڭ ئۈستىدە يىشىل دىڭىزغا بولۇپ تامام غەرىق، قايتىپ چىقىمەن چىلىق-چىلىق مەسىت . كەيىپلىكتە دۇنيا كورىنەر مەستەك، گۇمانسىرايمەن ھەممە نەرسىدىن ھىچقايسىسى ئوزى ئەمەستەك. كولەڭگىلەر ئادەملەرگە ئايلانغان ئادەملەر كولەڭگىلەرگە ئايلانغان لىق يولغان كوچىلار ئارا ئىزدەپ يۇرىمەن بىر تونۇش چىراي. ئىزدەپ يۇرگۈنۇم ئىھتىمال ئوزۇم ئادەم ئەمەستۇر بەلكىم ئۇ ھىچكىم.....
قوغلايمىز كۈندە ئىشنىڭ كەينىدىن روھلار ئاجىز تەنلەردە چارچاش، چىكىتلەردىن باشلانغان يولدا ھەممىسى يانغىن بىردەملىك چاقناش... ئاشلىرىمىز تۇزسىز دەريالار سۇسىز مەنىسىنى يوقاتقان تۇرمۇش. ئەتراپىمىز ئادەمسىز تۇتەكسىز ئۇرۇش... توختىمايدىغان قەدەملىرىمىز سورەر بىزنى ۋاقىت يىنىغىا چىرقىرايمىز مىدىرلايمىز چوكۇپ چوكۇپ تۇرمۇش لىيىغا.. ئالدىراش يۇرگەن قەدەملەر ئارا ناتونۇش بىز ئوزىمىزگە ، ھەممىسى تۈنۈگۈن بىز كۇرگەن نەرسە قارىغىمىز يوق ھىچ نەرسىگە . بىز ئىزدەپ يۇرگەن قىزچاقنى ئوخشاتماق بولىمىز بىر كىمگە. ئوخشىماس لىكىن ئۇ ھىچكىمگە. قايتىپ كىتەيلى ئويىمىزگە تالادا مەنە قالمىدى، ھەممە نەر سە ئىچىمىزدە. سۇزۇلەيلى جىمجىت ئولتۇرۇپ ئىچىمىزدىكى شىشىمىزدە.
چىكىتتىن باشلانغان يولدا كىتىۋاتىمىز يىراققا. ياكى قايتىپ كىلىۋاتىمىز ئىچىمىزدىكى بوشلۇققا.
مىغىلداپ يۇرگەن ئادەملەر ئارا ئىزدەپ يۇرىمەن بىر تونۇش چىراي.. تونۇش ئەمەس دەل-دەرەخلەر تونۇش ئەمەس ئىرىق ئوستەڭلەر تونۇش ئەمەس ئۇچار قۇشلارمۇ تونۇش ئەمەس ئوزۇم ئوزۇمگە. يات كوزلەر يات چىرايلار يات بىر سۇرەت قارايدۇ جىمجىت ، مىنى كۈزىتىۋاتقاندەك.
ئۇيغۇر مەن دەيدۇ ئەخلەت ئارىسىدىن بىر يىشىل سوڭەك چىقىرىپ بىشىنى. سوڭەكسىز شەھەرلەر سوڭەكسىز ئەرلەر جان تالىشار كوچا -كوچىدا. يىشىل رومال يىشىل ئەتلەسلەر ئىسىلىپ قالغان دەرەخلەر نىڭ شېخىغا.. ئەخلەتلەرنىڭ ئارىسىغا.
غىرىپسىنىپ قالغان مەسچىت مۇنارى توپا باسقان ئىشىكلەر جىمجىت، بۇ گويا ئەڭ ئاخىرىقى ئەرزان ئاۋازى ئادەملەر ئۇيقۇدا ئىدىيەلەر بىتچىت. ئاۋاتلاشقان قاۋاقخانىلار شەھەرلەرنى يىمەكتە ئاستا، قان يىغلايدۇ بىر ئۇيغۇر ئەرۋاھ يىشىل-يىشىل ئەتلەس ئارىسىدا. جان ئۈزمەكتە ئەركەكلەر ئاياللارنىڭ قىلىچلىرىدا. سوڭەكلىرىمىز قەبىردە قالدى ئەمدى لومىلدەپ ياۋاش ياشايمىز. ئىرىمەكتە تاشلىرىمىزمۇ ئەمدى تاشسىز قانداق ياشايمىز؟
مىغىلداپ يۇرگەن ئادەملەر ئارا تەمتىرىيمەن مەسلەردەك گويا...
2007-9-8 خوتەندە يىزىلدى چ چ 630047216
ئەترىبە تەستىقلىدى
|
?????
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 17:26 |
| |