>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Makanim  
ئالاھىدە تەۋسىيە : «شەبنەم تورداشلىرى مۇھاكىمە يىغىلىشى»دىن خاتىرىلەر  
XabnamBBS -> ئۆزىمىزگە نەزەر -> يۈز بېرىۋاتقان مەنىۋى پۇچەكىلىك ،يوقىلىۋاتقان گۈزەل ئەخلاق

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 401 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : يۈز بېرىۋاتقان مەنىۋى پۇچەكىلىك ،يوقىلىۋاتقان گۈزەل ئەخلاق IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
yaxa
يازما يوللاش ئۇستىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1055
شۆھرەت: 1066 نۇمۇر
پۇل: 10620 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:185(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
يۈز بېرىۋاتقان مەنىۋى پۇچەكىلىك ،يوقىلىۋاتقان گۈزەل ئەخلاق

ئۇيغۇر مىللىتى تارىختا گۈزەل ئەخلاق -پەزىلىتى بىلەن مەدھىيلەنگەن مىللەت ئىدى .ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ،ئاز ساندىكى مەنىۋىيىتى پۇچەك ،روھىي دۇنياسى قۇرۇق كىشلەر تېلىۋىزورلاردىكى ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ كىيىنىش ،مۇھەببەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئەندىزىسنى ئۆزلىرىگە ئۆرنەك قىلىپ ئائىلىسىنى بەخىتسىزلىككە دۇچار قىلغاننىڭ سىرتىدا ،مىللىتىمزنىڭ نام -ئابرويىغا داغ چۈشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ تەقدىر -ئىستىقبالىغا ھاقارەت تامغىسنى ئۇرماقتا .ئېچىنارلىق يېرى شۇكى ،ئۇلار بۇنى «مودا »ئاتالغۇسى بىلەن زىننەتلەپ سوۋغا سۈپتىدە قوبۇل قىلماقتا .تۆۋەندە جەمىئيەت كارتىنىسدىن كۆرگەن بىر قانچە ئەھۋالنى مىسال كەلتۈرمەكچىمەن :
(1)A:ئايال ،كەسپىي :ئوقۇتقۇچى ،ئالىي مەلۇماتلىق ،ئېرى ئۇزۇن يوللۇق ئابتوبۇس شوپۇرى بولغاچقا ،ئۆيدە تۇرىدىغان ۋاقتى ئاز .بۇ ئايالنىڭ باشقا بىر ئەر بىلەن شەھەر مەركىزىدە ئۆيى بار .ئۇ ئايال ئاشۇ ئىككى ئەرنىڭ قايسىسى ۋاقىت چىقىرالىسا شۇنىڭ قېشىغا كېلىپ شۇنىك خوتۇنى بولىدۇ .ئەخلاقى مۇشۇنچىلىك پەس ،ئىدىيسى شۇ قەدەر چاكىنا ئانا تەربىيىلىگەن پەرزەنتىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇپ چىقار ؟...
(2)مەلۇم بىر ئىدارىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئەر بولۇپ ،ھەممە كىشى ئۇنىڭ قاملاشقان بەستىگە ،خىزمەتتكى تىرىشچانلىقىغا ،ئىجىتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسنىڭ كەڭلىكىگە قايىل .ئىككى بالىسى ۋە باشقا بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان نومۇسچان ،ئەخلاق -پەزىلەتلىك چىرايلىققىنە خوتۇنى بار .ئەپسۇس ،بۇ ئەر ئۆزىنىڭ ئىدارىسدىكى مەلۇم بىر ئايال بىلەن ئاشىندارچىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ،ئۆزىنىڭ تاپقان -تەرگىنىگە ئاشۇ ئايالغا ئۆي ،ئېسىل زىببۇ -زىننەت ،مودا كىيىم -كېچەك ئېلىپ بېرىدۇ .خوتۇنى ۋە بالىلىرىنىڭ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرى ،كېسەل بولۇپ بالىنستلاردا يېتىپ قېلىشىلىرى خىيالىغا كىرىپمۇ چىقمايدۇ .بىچارە ئايال دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ «تېشىدا ھېيىت ئويناپ ،ئىچىدە روزا تۇتۇپ »دېگەندەك جەمىئيەتتە ئۆزىنى ئاجايىپ بەخىتىلىك كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ .ئەر بۇ ئىشلاردىن تەسىرلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ ھېلىقى «ئۇچىنچى شەخىش »كە ئۆيلىنىش نىيتىدە خوتۇنىغا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولىمغان دەرجىدىكى بەتناملارنى چاپلاپ ،كىشلەرگە پۇل بېرىپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈپ ،سوت مەھكىمىسگە ئەرىز سۇنۇپ مەجبۇرىي ئاجراشتۇرۇش ئىلىتماسىنى سۇنىدۇ ،تولىمۇ ئەپسۇس !...........ئاجىرىشىشقا بىر -ئىككى كۈنلا قالغاندا ھېلىقى «ئۈچىنچى شەخس »تۇيۇقسىزلا باشقا بىرسى بىلەن توي قىلىۋالىدۇ .ئۆزىنىڭ پۈتۈن مال -مۈلكىدىن ،ئىززەت -ئابرويىدىن ئايرىلغان ئەر بىراقلا ھەر ئىككى ئايالدىن مەھرۇم قالىدۇ .ئۇنىڭ پۇشايمان كۆز يېشى ،ھەسرەتلىك نىدالىرى ھەر ئىككى ئايالىنى ئېرىتەلمەيدۇ .
(3)بىر قىز تونۇشۇم بولىدىغان ،ئاتا -ئانىسى ئۇ قىز كىچىك چېغىدىلا ئاجىرىشىپ كەتكەچكە ،قىز ئانىسنىڭ تەربىيىلىشگە قالدۇرۇلغان .قىز چوڭ بولغانسېرى كىشلەرنىڭ «ھارامدىن بولغان »دېگەن ئاھانەتلىرىنى تولا ئاڭلاپ ،دادىسىنى تېپىپ ،ئۆزىنىڭ «ھارامىلىق »ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ،ئىز -دېرىكى بولىمغان دادىسنى ئىزدەپ باشقا يۇرتلارغا ماڭغان ،نەتىجىدە دادىسنىمۇ تاپقان .ئەمما دادىسنىڭ سوغۇق مۇئامىلسگە ئۇچراپ ،دىلى ئازار يېگەن قىز قايتىپ كېتىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ ماشنا ساقلاپ تۇرغاندا ئىككى ياش يىگىت كېلىپ قىزغا پەسكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنغان .قىز نائىلاج ئەھۋالدا تۇرغاندا بىر ئەر كېلىپ قىزنى قۇتقۇزۋالغان ھەم ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر ئۆي ئىجارە ئېلىپ بەرگەن ۋە ئېسىل كىيىم -كىچەك ،ئۆي -جابدۇقلىرىنى ئېلىپ بەرگەن .ئەرنىڭ بۇ «ھىممىتى»دىن تەسىرلەنگەن قىز ئۇنىڭغا ياخشىراق جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ،قانۇنسىز ئەر -خوتۇن بولۇپ بىر قانچە ئاي بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن .كېيىن ئۇ ئەر قىزنى ئىچكىرىكى ئۆلكىگە ئېلىپ بارغان .ئەسلىدەبۇ قارا جەمىئيەت ئەزاسى ئىكەن ،كېيىن تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن قىز قورسىقىدىكى بىر قانچە ئايلىق بولغان ھامىلىنى ئالدۇرىۋىتىپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن .ئۇ قىز «بەرىبىر تۈگەشتىم »دەپ ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ ،سەرگەردانلىق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۋاتقاندا بىر يىگىت تونۇشۇپ يەنە قانۇنسىز ئەر -خوتۇن بولۇشقان .كېيىن يىگىتنىڭ باشقا بىر قىز بىلەن پاراڭلىشۋاتقانلىقنى كۆرۈپ ،ئۇنىڭ ئۆچ ئېلىش نىيتىدە باشقا بىر ئەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەر -خوتۇنلۇق مۇناسۋەتتە بولۇشنى تەلەپ قىلغان .بۇ چاغدا قىزنىڭ بويىدا قالغان بولۇپ ،«بالاكىمنىڭ ؟»دېگەن سۇئالغا قىز ئۆزىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدىكەن .
ئەقەللىيسى ،ھايۋانلارمۇ ئۇچىرىغانلىرى بىلەنلا جۈپلىشىۋەرمەيدىغۇ ؟.....ئائىلىنى خاتىرجەمىلككە ،جەمىئيەتىنى گۈزەللككە ئېرىشتۈردىغىنى گۈزەل -ئەخلاق ئەمەسمۇ ؟ئاددىيسى قۇشنىڭ ئۇۋسنى بۇزىۋىتشمۇ ئىنسانىي پەزىلەتكە ئۇيغۇن ئەمەس .ئادەملەرنىڭ مىڭ تەستە قۇرۇپ چىققان ئائىلىسنى بۇزۇپ ،پەرزەنتلەرنىڭ يېتىملىك كوچىىسغا ئىتتىرىپ ،قانداقتۇر پاجىئە -تىراگېدىيلەرنىڭ يۈز بېرىشگە سەۋەبچى بولغانلارنىڭ قىلىمشىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى ،ئەقىل ئىگىسى ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ .ئۆزى مۇكەممەل ئەخلاق -پەزىلەت يېتىلدۈرەلمىگەن كىشىنىڭ بالىلىرىدىن ئەخلاق -پەزىلەت تەلەپ قىلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ ؟«ئېرىم كۆرمىدى ،خوتۇنۇم ئۇقمىدى »دەپ ئۆزى بىلگەن سەنەمگەن دەسسەپ ئاشىندارچىلىق يولىنى تاللىغان كىشلەر ۋىجدان ئازابى تارتمامدىغاندۇ ؟بىراۋىنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇپ سۇقۇنۇپ كىرگەن «ئۈچىنچى شەخىس »ئۆز جورىسنىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان كىشنىڭ ئۆزلىرىگە قانچىلىك ۋاپادار ،ساداقەتمەن بولالىشىنى ئويلىمامدىغاندۇ ؟
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز جورىسىنىڭ يەنە ئاللىقانداقتۇر جورىلارنى تېپىشىدىن غەم -ئەندىشە قىلمامدىغاندۇ ؟.......ئائىلە -دېگەن ئاسانلىق بىلەن قۇرىدىغان ،يەڭگىللىك بىلەن بۇزىدىغان خاماندىكى كەپە ئەمەس .ئۇ بەلكى ئەر -خوتۇننىڭ مېھنەت بەدىلگە كەلگەن ئەر -خوتۇنغا ،پەرزەنتىلەرگە ئىللىقلىق ،خاتىرجەملىك بەخش ئېتىدىغان قورغان .ھەر بىر كىشى ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئېنىق تونۇپ ،توغرا يوسۇندا ئادا قىلالىسىلا ،بۇنداق مۇستەھكەم قورغانغا ھېچقانداق شەخىس بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ ،سۇقۇنۇپ كىرەلمەيدۇ .
قىزلىق ،ئاياللىق ئىپتىخار ھەرگىزمۇ ياخىشىلقنىڭ بەدىلى قىلىدىغان ماددىي بۇيۇم ئەمەس .ئۇ پەقەت ئامانەت .ھەر بىر كىشى ئۇنى قانۇنىي شەكىل ،ئۆرىپ -ئادەت يوسۇنى بىلەن ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىگە تەقدىم قلىشى كېرەك .
تارىختا نۇزۇگۇم ،رىزۋانگۈل ،ئاماننىساخان ...قاتارلىق مەشھۇر ئاياللار ئۆتكەن .نۇزۇگۇم شۇنچىلىك قىيىن -قىستاقتا ،نائىلاج كۈنلەردە تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئىپپەت -نومۇسىنى ساتمىغانغۇ ؟ھەتتا نومۇسىنى ھاياتىدىنمۇ ئەۋزەل بىلگەنغۇ ؟...ئەرلەرمۇ ئاياللارغا پەسكەشلىك قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭمۇ خوتۇنى ،سىڭلىسى ،ئاچىسى ياكى ئانىسى بارلىقىنى ،باشقىلار ئۇلارغا پەسكەشلىك قىلسا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئازابىلىندىغانلقنى ۋىجدانى بىلەن ئويلاپ كۆرگەن بولسا ،ئېھتىمال ئۇنداق پاجىئەلەر قارار تاپىمغان بولاتتى .
شۇڭا ،ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۆزىنىڭ ۋەتەن ،مىللەت ،تارىخ ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە تونۇپ ،ھەممە كىشىنى قېرىندىشدەك قوغداپ ۋە ھۆرمەتلەپ جەمىئيەتنى گۈزەللىككە ،ئائىلىنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈشى لازىم .
دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىمىز دەيدىكەنمىز ،ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ ،روھىي دۇنيارىمىزنى گۈزەل ئەخلاق -پەزىلەت ،ساغلام ئەقىدە بىلەن زىننەتلەپ ئائىلىمىزنىڭ ئۇلىنى چىڭىتالىساق ،ھەممە بىر نىيەتتە تىرىشىپ ئالغا باسساق ئىشلار تەسكە چۈشمەيدۇ دەپ قارايمەن .
بىزدە «پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ،ئاغرىمسا كىشىگە »دەيدىغان گەپ بار .بىز باشقلارنىڭ ئائىلىسنى بۇزۇشتىن ئىلگىرى :مېنىڭ ئائىلەمگە باشىقلار بۇزغۇنچىلق قىلسا قانداق قىلارمەن ؟نېمە بولۇپ كېتەرمەن ؟»دېگەننى ئويلاپ باقايلى .
ھازىر دۇنيانىڭ تەرەققىياتى تولىمۇ تېز ،ھەممەيلەننىڭ بېسىمى ئېغىر ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا بىر -بىرىمىزگە ئەسلىدە تارتىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئازاب ،روھىي بېسىمنى «سوۋغا »قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟
ھەممىمىز خاتىرجەمىلككە ،بەخىتكە مۇھتاج ،بالىلىرىمىز تېخىمۇ شۇنداق .ئىدىيىمىزدىكى بىنورمال پىسخىكا ،چاكىنا ھېسسىيات ،چىرىك روھنى تەرك ئېتىپ ،جەمىئىيتىمىزنى ،ئەسلى -ۋەسلىمىزنى پاكلاشتۇرۇشقا تىرىشايلى !

مەنبە -پەن ۋە تۇرمۇش ژورنېلىنىڭ 2007-1-سانىدىن
ئاپتورى ئاينۇر جۈمە



_____ جۇدا تەستىقلىدى


Elts

مەنىلىك ياشاي دېسەڭ، ئەجىر مېھنەت سىڭدۈرۈپ كىشىلىك تۇرمۇشىڭنى گۈلدەك بىزە.
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 16:33 چوققىغا قايتىش
qinggizhan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 353
شۆھرەت: 391 نۇمۇر
پۇل: 2503 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:268(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ناھايىتى ياخشى،ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ، سىزگە كۆپ رەخمەت....................................................................................

Elts
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 17:20 چوققىغا قايتىش
uyghurtekin



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 28
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
پۇل: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يوللىغان تېمىڭىز ناھايتى ئەھمىيەتلىك، تىلى ناھايتى ئۆتكۈر بوپتۇ، ھارمىغايسىز!!!

horiyat.com
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 18:07 چوققىغا قايتىش
kayetmas

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 224
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 2240 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:83(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز.ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.

Elts

ئىللەت تۈزەلمىگىچە،مىللەت تۈزەلمەس.
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 18:37 چوققىغا قايتىش
arteken

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 571
شۆھرەت: 587 نۇمۇر
پۇل: 5710 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:111(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-31

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەخمەت بىر كۆرگىدەك ئىسىل ئەسەركەن.....بەركەت بولسۇن قولىڭىزغا

Elts

دۇنيانىڭ قىلىپى يوق قىلىپ ئۆزىمىزدە!!!
****مەن ھارۋامدا جەسەت توشىۋاتىمەن !****
                                    _پەرىشتە خاتىرىسى
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 19:07 چوققىغا قايتىش
تۈركزات



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 109
شۆھرەت: 129 نۇمۇر
پۇل: 1080 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:29(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ! ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىچىدىن كىيىن نەپ ئالىمىز دەيدىكەنسىلەر ئاۋال مۇنبەرگە مانا مۇشۇنداق « نەپ » بېرىشىڭلار كېرەك !
__ياشا خانقىز يوللىغان تېمىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر!


horiyat.com

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى !
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 19:45 چوققىغا قايتىش
huxqakqak
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 882
شۆھرەت: 953 نۇمۇر
پۇل: 8820 سوم
تۆھپە: 6 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:139(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن لاياقەتلىك ئۇيغۇر قىزىكەنسىز،بىراق سىزدەكلەر ئارىمىزدا بارغانسىرى ئازلىماقتا.....

Elts

نوپۇس كۈندىن-كۈنگە كۆپىيۋاتىدۇ، بىراق ئادەملەر كۈندىن-كۈنگە ئازىيۋاتىدۇ.
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 20:59 چوققىغا قايتىش
uqkunuygur

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 407
شۆھرەت: 408 نۇمۇر
پۇل: 4070 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:207(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن بۇ تىمىغا مىنىڭ بىر ئاغىنەم يازغان مۇنۇ مۇراجەتنامە ماس كىلىدىكەن دەپ قىستۇرۇپ قويدۇم


ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯘﺗﯩﻴﺎ،ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭ،
ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﺎﭘﺎﺋﻪﺕ.
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﻩﺕ،ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ،
ﺋﯘﺩﯗﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ،ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﯘﻱ،ﺋﺎﺩﻩﺕ.
ﻳﺎﺧﺸﻰ-ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﺎﻧﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ،
ﻳﺎﻣﺎﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﺭ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﮕﻪ ﺋﺎﮬﺎﻧﻪﺕ.
ﻗﻪﺩﺭ-ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ،
ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯘﺭﺳﻪﻙ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﭖ،ﺋﻪﺧﻼﻕ،ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺕ.
ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﺴﯘﻥ ،ﺋﻮﻗﯘﺳﯘﻥ،ﺋﻪﺩﻩﭖ- ﻳﻮﺳﯘﻥ ﺋﯜﮔﻪﻧﺴﯘﻥ،
ﺋﯧﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ.
ﻏﻮﺭﯗﺭ، ﻧﻮﻣﯘﺱ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﻰ،
ﺷﻪﺭﻣﻰ-ﮬﺎﻳﺎ ﺩﻩﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﺳﻪﻙ ﺋﺎﯕﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ.
ﺋﺎﻻ ﺋﯩﻨﻪﻙ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﭼﺎﻻ ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ،
ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺭﻩﻳﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﺳﯜﭘﻪﺕ.

ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺳﯧﻠﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﮬﻪﻡ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ،
ﺭﻭﮬﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﻏﯩﺪﯗ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯘﻥ ﻗﯘﺕ-ﺋﺎﻣﻪﺕ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﺎﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﺎﺭﯕﻠﯩﻘﺘﯘﺭ ﺗﺎﯞﯗﺷﻰ،
ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﯧﻨﻪﺭ ﻗﻪﺩﺭ-ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ،ﺳﺎﻻﭘﻪﺕ.
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻼﻱ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ،
ﻗﯧﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﺭﺳﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ.
ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﻘﻰ ﻧﯘﻗﺴﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ،
ﻗﺎﺭﺍ ﭼﺎﭼﻘﺎ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﮬﻪﻝ ﺑﻪﺭﻣﯩﻜﯩﯖﻼﺭ ﻧﻪﮬﺎﺟﻪﺕ.
ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯚﻳﻨﻪﻙ ،ﺑﺎﺵ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ،
ﺑﻮﻻﻣﺴﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺠﺎﻟﻪﺕ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﮬﻪﻟﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺗﺎﻡ ﺗﻮﺭﯗﺱ،
ﮔﯧﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﺱ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺕ.
ﻧﻮﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﯔ،ﻧﻮﻣﯘﺳﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﮔﯘﻧﺎﺩﯗﺭ،
ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﮬﻪﻡ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ.
ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﺗﺎﯞﺍﺭﺩﻩﻙ ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﺎﻣﺪﯗ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ،
ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ- ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ.
ﻳﯜﺯ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﯓ ﺳﯩﺰ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ،ﺋﺎﺗﯩﻐﺎ،
ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﻳﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯘﺭ ﻗﻪﻟﭙﺘﯩﻜﻰ ﺟﺎﺭﺍﺋﻪﺕ.

ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﯘ،ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﺭﯨﻜﻰ،
ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻼﻱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ.
ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﻚ ﻏﻮﺭﯗﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺭﺗﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ،
ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ.
ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻻﻧﻤﺎ، ﻛﯧﺮﯨﻠﻤﻪ ،ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﭼﺎﯓ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ،
ﺋﻪﻣﻪﺱ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﭘﻮﺧﯘﺭﻟﯘﻕ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﺩﻩﺕ.
ﻗﻮﺗﯩﻨﯩﯖﻐﺎ ﺳﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ،
ﺑﯚﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺳﻪﯓ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎﻻﻣﻪﺕ.
ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺧﻪﻗﻠﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻧﯧﺴﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ،
ﻧﯧﺴﻰ ﺳﯜﻳﻠﻪﭖ ﻛﯧﭙﻘﺎﻟﺴﺎ ﭼﯩﺪﺍﻻﻣﺴﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﯚﯞﻩﺕ.

ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺳﯧﺴﯩﺴﺎ ﻳﯜﺯ ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ،
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﻰ ﺯﯦﯧﺪﻩ ﻗﯩﻼﺭ ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺕ.
ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﻩ،
ﺋﯜﺯﯛﻝ-ﻛﯧﺴﯩﻞ ﺗﯘﮔﻪﻳﺘﻰ ﺯﯨﻨﺎﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ.
ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﺍ،
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﮬﺪﯨﺖ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺘﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﺎﺳﺎﭘﻪﺕ.
ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﻮﻕ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﯘﻗﺴﺎﻥ ﺑﻪﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ،
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯧﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺕ.


horiyat.com

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بېر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.

[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 21:51 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:09-22 21:45, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije