SAWER~903
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 112
شۆھرەت: 113 نۇمۇر
پۇل: 1120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:46(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-25
|
نەس باسقان بىر كۈن .... ئىچىم بەك ئاچچىق ....
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن بانكىغا پۇل قويغىلى كىرىپ،،،ئۆچىرەت ساقلاپ تۇرغانتىم،كەينىمدە مەن دىمەتلىك كىلىدىغان بىر بالا تۇرغان،،،تازا بەك دىققەت قىلماپتىمەن،بىر چاغدا ئۇ بالىنىڭ پۇلى يوقاپ كىتىپتۇ،ئۇ شۇ يەدىلا ۋاقىراپ كەتتى،،،مەن ئۇنىڭ نىمىگە ۋارقىر غىننى بىلمەي (ئۇ ۋاقىرغاندا مەن خىيالى تۇرۇپتىكەنمەن بەكلا چۈچۈپ كەتكەنتىم،،،،،) ئۇنىڭغا ئاچچىغىمدا ،،،نىمە بىكادىن ۋارقىرايسىز دىگەن مەنىدە ھومىيىپ قاراپتىمەن،ئۇمۇ سەل تۇرۇۋىتىپ ،ماڭا بىر خىل قارىۋىتىپ،،،،،،،،،،،،،،پۇلۇم يۇق تۇرىدۇ دىدى،،،،مەن ھە،،،،ئادەمنى قوقۇتۇپ ،،،،دەپ قويۇپ ئالدىمغا قاراپ تۇرىۋەردىم،،،بىر چاغدا ئۇ مەن بىلەن كىرىشىپ قاپتۇ،،،،،،، -مىنىڭ پۇلۇم يوقاپ كەتسە سىز نىمىگە قوقۇپ كىتىسىز؟ - مەن سىز نىڭ پۇلىڭىزنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە قوقمىدىم، بايا سىز ۋاقىراپ مىنى قوقۇتىۋەتتىڭىز، -خۇدىكى بانىڭ مۇنىكى با دەپتىكەن،،،،پۇلۇمنى سىز ئىلىۋاپسىز،،،،بولمىسا بىكادىن قورقۇپ كەتمەيىتىڭىز ،،، - ئۆچىرىتىم كەلمەي جىلە بۇلۇپ تۇرغاندا تولا چىشىمغا تەگمەڭ،،،،(شۇنداق ئاچچىغىم كەلدى ،،،لىكىن ئۆزەمنى خىلى تۇتىۋالدىم،،) - ئۆچىرىتىڭىز كەلمەي جىلە بۇلغان بۇلسىڭىز بۇنىڭ مەن بىلەن نىمە ئالاقىسى،،،،،، - پۇلىڭىز يوقاپ كەتسە ،،بۇنىڭ مەن بىلەن نىمە ئالاقىسى،،،،،، بىز شۇ يەدە ۋارقىرشىپ كەتتۇق،،،ئۇ مىنى ساراڭ دەپ تىلىدى،،بىز خىلى دە تالاش قىلدۇق،ئۇ ئاشۇ تەلەتىدە مىنى ئۇرۇشتىنمۇ يانمايىتى ،ئۇ بانكىنڭ ئامانلىق ساقلاش خادىمى يوق ئوخشايدۇ.،شۇنچىۋالا كۆپ ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرەسىمۇ بىزنى ئاجىرتىپ قوياي دىمىدى ،مەن يىغلىۋىتەيلا دەپ قالغان ئىدىم،بىر چاغدا يىنىمىز دىكى ئۆچىرەتنىڭ ئارىسىدىن بىر بالا چىقىپلا ئۇ نامەرىتنى مەيدىسىدىنلا ئىتتىرۋىتىپ گەپ قىستۇردى،ئۇ بۇ ناھەچىلىققا قاراپ تۇرغۇسى كەلمىدى بولغاي ،ناتۇنۇش بولسىمۇ بۇ جىدەلگە ئارلاشتى، - پۇلۇڭ قاچان يوقىدى؟ - بايا يوق تۇرىدۇ؟ -سەن بانكىغا قاچان كىردىڭ؟ -20نەچچە مىنۇت بولدىغۇ دەيمەن. -سەن كىرىپ نەدە تۇردۇڭ؟ -بۇ نىڭ ئارقىسىدا؟(مىنى كۆسىتىپ شۇنداق دىدى،،) -سەن كىرگەندە بۇ نەدىكەنتۇق؟؟ -دەدىڭ بامۇ سىىنىڭ ،،،بايا مەن ساڭا ،،مەن كىرىپ بۇنىڭ كەينىدە تۇردۇم،،،،،،، ئۇنىڭ گىپى تۈگىمەيلا،،،ھىلىقى مىنىڭ قۇتقۇزغۇچۇم ۋارقىراپلا سۆزلەپ كەتتى،،،، -سەن ساراڭكەنسەن،،،،سىنىڭ دەدىڭ باكەن،،،،ئويلاپ باقە،،ئۇ قىز سىنىڭ ئالدىڭدا تۇرسا ئۇ قانداق سىنىڭ پۇلۇڭنى ئىلىۋالالايدۇ؟؟؟سەن ئادەمنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋىلىپ ئوغىرلىق قىلغاننى نەدە يۈرۈپ كۆدۈڭ؟؟نۇمۇسمۇ قىلمايدىكەنسەن بىرمۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا بىر قىزبالىغا قول شىلتىپ،،،ئاناڭ ساڭا شۈمەكنىڭ قاندىغىنى سالغان؟؟؟؟ قۇتقۇزغۇچۇم ئۇ نى ئايىماستىنلا گەپنى قىلىۋەردى،،مەن تىخمۇ قوقۇشقا باشلىدىم،،،ئەمدى بۇ ئىككىسى تۇتۇشۇپ قالسا قانداق قىلامەن؟؟؟ ھىلىقى نامەرىت نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدىمۇ،سەل پەس كويغا چۈشكەندىن كىيىن ئاندىن سۆزلىدى،، -ئەمسە ئۇ نىمىشقا قوقۇپ كىتىدۇ؟؟؟ سەن ساراڭ ساراڭدەك ۋاقىرساڭ خىيالى تۇغان ئادەم قوقۇپ كەتمەي قالامتى،،،،ۋۇ ساراڭ،،، شۇ يەدە ئۇ ئىككىسى يەنە ۋارقىرشىپ كەتتى،،،مەن يىغلىۋەتتىم،،،،، بانكىنىڭ ئىش بىجىرىش خادىمىمۇ قىلىۋاتقان ئىشىنى قويۇپ بىز گە ئارلاشتى،،،،بۇمۇ ھىچ كار قىلمىغانتى،،،بىر ۋاقىتتا تونۇشلا بىر ئاۋاز،،، -ئۆتىشە بۇياققا ۋۇ بەدبەخلەر،،(،،،قارىمايلا بىلدىم،ئۇ مىنىڭ سابىق تاغامكەن، مەن بۇنى بەدبەخ دىگەن گەپتىن بىلىۋالدىم،ئۇ ئاچچىغىنى كەلتۈرگەن ھەر قانداق ئادەمنى ئاشۇنداق تىللايدۇ،،مەن تۈگەشتىم ،ئۇ ئادەم دائىم ئاق بىلەن قارىنى ،ئاستىن ئۈستىن قىلىپ مىنى دادمغا چاقاتتى،،،،،دىمەك مىنى تىخمۇ بەك نەس باستى،،،) پۇت قوللىرىم تىترەپ يىقىلىپ چۈشەيلا دەپ قالدىم،،،،،، يۈز بەرگەن ئشلارنى بىلگەن ئوبدان تاغام ،ھىلىقى مىنى قارلىغان گۇينى بىرەر قۇر سوراققا تاتىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنى تىللاپ بىر قىلىۋەتتى، جىدەلمۇ بىسىقتى،،،،ئەمدى نۆۋەت مىنىڭ قۇتقۇزغۇچىمغا كەلدى،ئۇ بالا ناھايىتى ئەدەپلىككەن،،،ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم دەپ قولىنى تاغامغا سۇندى،،،،ئۇ ئىككەيلەن بىرەر قۇر ئۆزرە خاھلىق سورىۋىتىشكەندىن كىيىن ماقۇل ئەمسە دەپلا خوشلاشتى،،،(تاغام ئۆزىمۇ سەل قوپالراق ئادەم،) تاغام تەنە قىلىپ ماڭا -ھە ماڭىلى ،،،،چوڭ بولمايدىغان مەلىكىخان،،،،دىدى ۋە ئالدىمدا ماڭدى،،،مەن قورقۇنچىلىقتا قۇتقۇزغۇچىمغا خوشمۇ دىيەلمەي كەتتىم،،،، كەچتە ئۆيدە تاماقنى يەپ بۇلۇپ تۇرىشىمغا دادام قاپاقلىرىنى تۈرۈپ كىردى،،،كۆڭلۈم بىر خىللا بۇلۇپ كەتتى،،ئاپام ئىككىسى خىلى ئۇزۇن بىرنىمىلەرنى دىيىشتى،،،ئاپام چىقىپ مىنى ئايرىم چاقىرىپ مەن پاراڭلىشىدىغان بولدى..،،،،،،،،،ئىش ئىنىقلاندى،،،مىنىڭ ئىسىل تاغام بانكىدا بولغان ئىشلارنى بىرنىمۇ قويماي ئاپامغىمۇ ئەمەس تىخى دادامغا دەپتۇ،،دىسىمۇ بەرىبىر قوققىدەك ئىش ئەمەستى،،،لىكىن مىنىڭ ئۇ تاغامنىڭ دادامغا دەپ بىرىشىدە ھىلىقى مىىنڭ قۇتقۇزغۇچۇم مىنىڭ ئاق ئاتلىق شاھزادەمگە،،،ھىلىقى مەن بىلەن ئۇرۇشقىنى،ماڭا كۆز تاشلىغانغا،،،ۋەقەلىكنىڭ جەريانى،،،،،مەن مۇھەببىتىم بىلەن نۇمۇس قىلماي بانكىغا كىرىپتىمەن،،ئۇ يەدە بىر گۇي ماڭا چاقچاق قىپتۇ،،،،شۇنىڭ بىلەن جىدەل چىقىپتۇ،،،مەن مۇھەببىتىمنى تاياق يەپ كىتەمۇ دەپ قوقۇپ يىغلاپتىمەن،،،ئەگەر تاغام كىرىپ قالمىغان بولسا،،ئۇ ئىككىسى بىر بىرىگە پىچاق تىقىۋىتىدىكەنتۇق،،،ئاندىن يەنە مىنىڭ ئاتالمىش مۇھەببىتىم تەپ تاتماي تاغام بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرىشىپتۇ،خىجىل بولماي تاغام بىلەن پاراڭلىشىپتۇ،،،،مەن جەمىيەتنىڭ تەسىرىدە بۇزۇلۇپ كىتىپتمەن،،يامان يولغا كىرىپ قاپتىمەن،،،كۈپكۈندۈزدە مۇھەببىتىم بىلەن قوقماي بانكىغا كىرەلىگەن يەدە باشقا ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن بەتەر ئىشلانىمۇ قىلغۇدەكمەن،،،،،،،،،، دادام بەكلا ئاچچىقلاپ كىتىپتۇ،،،،،ئاپامنىمۇ بالىغا ئوبدان قارىساڭ بولمامدۇ دەپ بىرمۇنچە تىللاپتۇ،،،،،،مەن ئاپامغا بەكلا چۈشەندۈردۈم،،،،مەن ئۇ ئىككىلىسىنى تونىمايمەن دىدىم،،،،،لىكىن ئاپام سەن بىلەن ئۇرۇشقاننىغۇ تونىماسسەن،،،ئۇنداقتا يەنە بىرىچۇ؟؟؟ئەگەر سەن ئۇنى تونىمىساڭ بىكادىن ئۇ جىدەلگە ئارلىشامتى؟تىخى تاس قاپتۇ پىچاق يىگىلى،،،،شۇنداق بوپ قالسا قانداق قىلاتتىڭ؟؟،،،،،،،،،،،،،،،،،، شۇنداق قىلىپ مەن ئاتا ئانامنىڭ ئالدىدا نۇمۇس قىلمايدىغان بالا بۇلۇپ قالدىم،،،،چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان بىرى يەنە كىلىپ دادامنىڭ ئالدىدا ،مىنىڭ مۇھەببىتىم بوپ قالدى،ئۇ راست مىنىڭ مۇھەببىتىم بولغان تەغدىردىمۇ دادىنىڭ ئالدىدا نىمە سەتچىلىك ئۇ. ،،مەن ھىچنىمىدىن تەپ تاتمايدىغان ئاتىلىپ قالدىم،،،،،، دوسلىرىم ئويلاپ بىقىڭلار ،،،،،،مۇشۇنداق بولسا سىلەر قانداق قىلاتتىڭلار،،،،، مىنىڭ ئىچىم راس بەك ئاچچىق بولۇپ قالدى،،،،،،،،، ئىسىمى جىسمىمغا لايىق بولاي دەپ،،،،،،سەۋىرى قىلىپ ئولتۇرىمەن مانا،،،،،، ھىلىقى گۇيمۇ كاللىسىنى ئىشلەتكەن بولسا ،شۇ مەن بىلەن گەپ تالىشىپ ئولتۇرغان ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بىرىپ يۈتكەن پۇلىنىڭ غىمىنى قىغان بولسا،،،،مەنمۇ ناھەقچىلىككە قالمايىتتىم،مەن ناھەقچىلىققە قالمىغان بولسام يەنە بىر بالىمۇ ئارلاشمايىتتى ،،،،ۋاقىتمۇ ئۆتۈپ كەتمەيىتتى،،،تاغاممۇ كىرىپ قالمايىتتى،،،،ئۇ كىرمىگەن بولسا مەن ئۆزەمدە يوق بولغان ناملارغا قالمايىتتىم،،،،،،،دادامغىمۇ ،ئاپامغىمۇ قارىيالايىتتىم،،،،،،
سادىر پالۋان تەستىقلىدى .
|
ئېسىل،
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 14:11 |
| |