abbas0998
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-11
|
ئۆلۈۋاتقان ئەرلىك روھى .
بىر يىلى قىشتا ئۇششاق بالىلار مۇز تېيىلىپ ئويناۋاتاتتۇق . ئارىمىزدىن بىرى تۇيۇقسىزلا مۇزنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كەتتى . بۇ ھادىسىنى كۆرۈپ تۇرغان بىر مۇنچە ياشلار قېقاس - چۇقان سېلىپ ۋارقىراپ كېتىشتىيۇ ، كاچكۆلدىن مۇزنىڭ تىگىگە شۇڭغۇپ كىرىپ ھېلىقى بالىنى سۈزىۋالىدىغان بىرەر يۈرەكلىك ئوغۇل بالا چىقمىدى . شۇ چاغدا كەتمەننى ئالدىغا قۇيىۋالغان بىر ئىشەكلىك بوۋاي كىلىپ قالدى - دە، ئۇزۇن پاختىلىق تونىنى سېلىپ تاشلاپ ، پاختىلىق تامبال بىلەنلە كاچكۆلگە سەكرىدى . ئۇ سەكرەش ئالدىدا ھېلىقى يىگىتلەرگە : <<بېشىڭلارغا رومال سېلىپ توۋلىغان بولساڭلار يارىشاتتى >>دىدى . بوۋاي بالىنى سۈزۈپ چىقتىيۇ ، ئەمما ئۆزى كۆكۈرۈپ كەتكەن چىرايىدىن تەبەسسۇم ياغدۇرغان ھالدا كۆز يۇمدى . بوۋاي ئۆلدى ، لېكىن ئەركەكتەك ئۆلدى ، ئەمما كاچكۆل بېشىدىكى قىران يىگىتلەر خەۋىپ - خەتەر ئالدىدا ئاشۇ ئاپئاق ساقاللىق مويسىپىتچىلىك بۇلالمىغانلىقىغا بەك ئازاپلاندى . بىراق ھازىرقى يىگىتلىرىمىزچۇ ؟ مۇشۇنداق ئىش بولسا ئازاپلىنىشى ناتايىن . چۈنكى بۇنداق ئەرلىك روھى بىزدە كۈچۈيۈش تۈگۈل ئۆلۈۋاتقىلى خېلى بولدى . ئۇ بوۋاي شۇ چاغدىلا ئۆزىدە بار بلغان روھنىڭ ئۆزىدىن كىيىنكىلەردە يوقلۇغىنى كۆرۈپ ، ئىسپاتلاپ تۇرۇپ ئۆلگەن ئىدى . ئەرلىك دىگەن ئىنساننىڭ قېنىدا بۇلىدىغان ، ئۇنىڭ ئادىمىيىلىك تەبىئىتى ، غورۇرۇ ، ۋىجداننىڭ مەنبەسى بولغان مۇقەددەس روھكى ، تەقلىد قىلىپ ئۆگۈنىۋالىدىغان نەرسە ياكى ئارىيەت ئالغان ئىدىيە ئەمەس ! بىز ھازىر تېلىۋوزۇرلاردا غەرىپلىكلەرنىڭ تاغ چوققىسىدىن دېڭىزغا ، ئىگىز بىنادىن يەرگە سەكرەۋاتقان ، دېڭىز - ئوكيانلاردىن يالغۇز كىسىپ ئۆتكەن تەۋەككۇلچىلىكلىرىنى كۆرۈپ ، ئۇلارنى :<< قانداق ئەخمەقلەردۇ >> دەپ كۈلىمىز . ئەگەر ھېلىقى بوۋىمىز بولغان بولسا ھەرگىز كۈلمەيتى . چۈنكى ئۇ ئەلىك غورورى ( ئەركەك تۈكى بار ) بار ھەقىقى ئەركەك ئىدى . ئەر كىشى دىگەن ئاشۇنداق چېنىقىشى ، روھىنى تاۋلىشى ، ئەرلىكىنى سىناپ تۇرۇشى زۆرۈر ، دەپ قارايتى ، شۇنداق! ئەسلىدىلا روھىمىزدا بار بولغان بۇ غەيۇر روھ ئەمدىلىكتە كۈل ئاستىدا قالغان قوقاستەك ئۆچۈپ بارماقتا ، مۇبادا شۇ ئەرلىك روھىمىزنى قۇتقازمىساق ، بارا - بارا ناجىنسلىشىپ كېتىدىغانلىقىمىز ئېنىق . ھەقىقى ئەر _ خېيىم - خەتەر ئالدىدا تەۋەككۈل قىلغۇچى دىمەكتۇر .
ئاپتۇرى < ئەختەم ئۆمەر>
____ جۇدا تەستىقلىدى
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 13:35 |
| |