تەغدىر -قىسمىتىم
قىسمىتىم راستلىغان غەلىتە ئويون،
مەن ئۇنسىز ۋاز كەچكەن ئاداققى سۆيگۈ،
دېرەكسىز يۇتكەن بىر يېقىملىق سىما ،
مۇشۇ تەغدىر يازمىشىغا كېلىدۇ كۈلگۈم .
بوپ قالغاچ چۇش خالاس بارچە ماڭىلا،
يۇگۇردۇم يىگانە چۇللەردە ئۇزاق ،
ۋاقىرسام ئاۋازىم يەتمەس ئۆزۈمگە،
ئۇندىكى خىيال ھەم سارغايغان ياپراق.
نە ئۇچۇن ، ساڭا ھەم ئارتمايمەن گۇنا،
ئوقىسىمۇ لەنەتلەر تەگسىز خىياللار ،
سالغىنىڭ ماڭا ھەم ھەسرەت بولسمۇ،
بار ئىكەن يەنىلا چىن ئەقىدەملا .
ئەسلى كۈلۈپ باققانمەن مۇشۇ ھاياتقا،
يولوقمىغان قىلچە ھىجران ھەمدە ئازاپ دەرت.
ئەمدى بىلدىم سۆيگۈ ئەسلى تەبىئىتىنى ،
يىغلىۋالاي يالغۇزلۇققا ئېسىلىپ بىر رەت .