ئۆتسۇن يۇرەكلەر سىردىشىپ
ئارىدىن قانچە يىل ئۈتسىمۇ يەنە ،
ناتۇنۇش كىشىدەك يۈردۇق بىمالال .
بەزىدە ئۇچراشساق چۈچىدۇق لېكىن،
بىلىمىز كاللىدا ئوخشاش بىر خىيال .
دوستلاردىن،تۇققاندىن،تۇنۇش-بىلىشتىن،
چاندۇرماي ئۆزئارا سوراشتۇق پىنھان .
يېقىنلار ئارىغا تۇرسا بەزىدە ،
"پۇرچاقلار پىشمايدۇ"دىيىشتۇق ھامان .
ئۆزگىلەر سۈيگۈ دەپ باقسا يېنىشلاپ ،
پەقەتلا بىر نەزەر سالمىدۇق قىيا .
ئۇچراشساق بەزىدە باقتۇق ھۆرپىيىپ ،
تۈگىمەس ئاداۋەت باردەكلا گويا .
بۇ ھالەت قاچانغا قىلىدۇ داۋام ،
سەنمۇ ھەم بىلمەيسەن جاق تويدۇڭ بىراق.
رىئاللىق ئالدىدا تەكرار بۇ قىسمەت ،
يۈرەكنى يۈرەكتىن ئايرىدى يىراق .
"سۆيگۈ"دەپ مارىشىپ ئۇتتۇق بەك ئۇزاق ،
ۋىسالسىز سۆيگۈگە ئۈمۈتسىز بېقىپ .
بولدى بەس ! سىردىشىپ باقايلى جېنىم ،
يۇرەكتىن يۇرەككە سىرىنى بېرىپ
نازۇك چىمەن تەھرېرى