latifa
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 14
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-17
|
قىرىق ياشتىن ئىلگىرى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
ئومۇمەن كەسپتە نەتىجە قازانغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى قىرىق ياشتىن ھالقىغان كىشىلەردۇر. ئەمما ، قىرىق ياشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئۆزىڭىزنى چېنىقتۇرىشىڭىز كېرەك. (1) كۆپرەك ئۆگىنىڭ. قانداق قىلغاندا بىلىم ئىختىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىڭىز ئۈستىدە كۆپرەك ئويلانسىڭىز، كەسپتە نەتىجە قازىنالايسىز. (2) ئۆزىڭىزگە خاس ئۇسلوبنى يېتىلدۈرۈڭ. باشقىلار بىر قاراپلا سىزنى ئىختىدارلىق ھەم سالاپەتلىك ئادەم ئىكەن دەپ بىلسۇن. (3) ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كەيپىياتىڭىزنى نورمال ساقلاڭ. ھېسىياتقا بېرىلىپ كەتمەڭ. بىئاراملىق سەۋەبىدىن ۋاقىت ئىسراپ قىلماي، پۈتۈن دىققەت - ئېتىبارىڭىز بىلەن بېرىلىپ ئىشلەڭ. (4) ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلىرىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك. (5) كۆپرەك دوست تۇتۇڭ، دوسلىرىڭىزغا ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپ بېرىڭ. (6) باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭ. (7) چىرايىڭىزنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ سىر ساقلىيالايدىغان بولۇڭ. باشقىلار سىزنى بىر كۆرۈپلا ئەقىللىق، تەجرىبىلىك، ئىقتىدارلىق دەپ بىلسۇن.
< بالدۇر بىلىشكە تىگىشلىك 10 ئىش > تىن ئېلىندى
_______ جۇدا تەسىقلىدى
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 23:24 |
| |