>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Makanim  
ئالاھىدە تەۋسىيە : «شەبنەم تورداشلىرى مۇھاكىمە يىغىلىشى»دىن خاتىرىلەر  
XabnamBBS -> ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز -> رامىزان روزىسى توغرىسىدا

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 381 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : رامىزان روزىسى توغرىسىدا IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ELSHER

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 792
شۆھرەت: 891 نۇمۇر
پۇل: 5322 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:365(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
رامىزان روزىسى توغرىسىدا

ھۆكمى:    

اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۇئمىنلەر! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى. بۇ، سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغان ئىدى. روزىنى تۇتۇپ تەقۋادار بولغايسىلەر.

ئۇ روزا ساناقلىق كۈنلەردە پەرز قىلىندى. سىلەردىن كېسەل ياكى يولۇچى بولۇپ روزىسىنى تۇتالمىغانلار، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسۇن. ئۇنى تۇتالىغانلارنىڭ فىدىيە بېرىشى كېرەك. فىدىيە بىر مىسكىن تويغۇدەك مىقداردا تائامدۇر. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەرسە، ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇشۇڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.

ئۇ ساناقلىق كۈنلەر رامىزان ئېيىدۇر. رامىزان شۇنداق بىر ئايكى، ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان، توغرا يولنىڭ ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بولغان قۇرئان ئۇ ئايدا نازىل قىلىنغان. سىلەردىن كىم بۇ ئايغا يېتىشسە، ئۇنى روزى بىلەن ئۆتكۈزسۇن. كېسەل ياكى يولۇچى بولۇپ روزىسىنى تۇتالمىغانلار، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسۇن. اللە سىلەرگە ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى ئىرادە قىلمايدۇ. روزىنى تولۇق تۇتقايسىلەر، سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن اللەنى ئۇلۇغلىغايسىلەر ۋە شۈكۈر قىلغايسىلەر» (بەقەرە سۈرىسى 183-، 184- ۋە 185- ئايەتلەر).

ماھىيىتى

اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«رامىزان كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولۇش سىلەرگە ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن بىر كىيىم، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر كىيىمسىلەر. اللە سىلەرنىڭ نەپسىڭلارنى يېڭەلمەيۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋبەڭلەرنى قوبۇل قىلىپ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى بۇنىڭدىن ئېتىبارەن كېچىلىرى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەدە بولۇپ، اللەنىڭ سىلەرگە تەقدىر قىلغىنىنى تەلەپ قىلىڭلار. تاڭنىڭ ئاقلىقىنى قارىلىقىدىن ئايرىغىنىڭلارغا قەدەر يەپ- ئىچىڭلار. ئاندىن روزىنى كېچىگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇڭلار» (بەقەرە سۈرىسى 187- ئايەت).

پەزىلىتى:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«روزا تۇتقانلار قىيامەت كۈنى جەننەتكە، جەننەتنىڭ رەييان دېگەن ئىشىكىدىن چاقىرىلىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن پەقەت روزا تۇتقانلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ، روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟ دېيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا بىرى كىرەلمەيدۇ، ئۇلار كىرىپ بولغاندا ئۇ ئىشىك تاقىلىپ باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«رامزان ئېيىدا ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا روزا تۇتقانلارنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«رامزان ئېيى كىرگەندە جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

روزىدار كىشى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«روزا گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈندە ناشايان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جېدەل-ماجرا تۇغدۇرۇپ چوقان كۆتۈرمىسۇن، ئەگەر بىرەر كىشى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇرۇشسا مەن روزىدارمەن دېسۇن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، روزىدار ئادەمنىڭ ئاغزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىپارنىڭ بۇيىدىنمۇ خۇش پۇراقتۇر. روزىدار ئادەمگە ئىككى تۈرلۈك خۇشاللىق بولىدۇ؛ بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغاندا. ئۇ روزا تۇتقانلىق ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا تەييارلاپ قويغان نازۇنېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ خۇشال بولىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«روزىدار تۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى ۋە يالغان سۆز بىلەن ئىش قىلىشنى تەرك ئەتمىگەنلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەكنى تەرك ئېتىشىگە ئاللاھ تائالا موھتاج ئەمەس» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

رامىزان روزىسى رامىزان ئېيىدا تۇتۇلىدۇ:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاي كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ قالسا شەئبان ئېيىنى 30 كۈنگە توشقۇزۇڭلار» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«رامزان كىرىشتىن ئاۋۋال روزا تۇتماڭلار، ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ئەگەر ئاي بۇلۇتلۇق بولۇپ، يېڭى ئاينى كۆرگىلى بولمىسا شەئبان ئېيىنى 30 قىلىڭلار» (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).

زولۇق يېيىشنىڭ پەزىلىتى:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«زولۇق يەڭلار. چۈنكى زولۇقتا بەرىكەت بار» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«زولۇق يېيىش ئەھلى كىتابنىڭ روزىسى بىلەن بىزنىڭ روزىمىز ئارىسىدىكى بىردىنبىر پەرقتۇر» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئىپتار قىلىشقا ئالدىراش:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«ئىپتارنى بالدۇر قلغانلار مېنىڭ سۈننىتىم بويىچە ئىش قىلغان بولىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«كەچ كىرسىلا، روزى تۇتقان ئادەم ئىپتار قىلسا بولىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئەۋزەل ئىپتار:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەردىن بىرەرسىڭلار ئىپتار قىلماقچى بولسا خورما بىلەن ئېغىز ئاچسۇن، ئەگەر خورما تاپالمىسا سۇ بىلەن ئېغىز ئاچسۇن، چۈنكى سۇ پاكتۇر» (ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).

ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ- ئىچىپ سالسا:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«روزىدار ئادەم ئېسىدە يوق يەپ سالسا ياكى ئىچىپ سالسا روزىنى بۇزماي تۇتۇۋەرسۇن. چۈنكى، ئۇنى ئاللاھ تائالا يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەن بولىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .



_______ جۇدا تەسىقلىدى
ئەرك ھون تەستىقلىدى


horiyat.com

مۇسۇلمانلارنىڭ پىداكارلىقىغا ھازىرقى زامان ئېلغار پەن _تېخنىكا بىرلەشسە مۇسۇلمەنلاردىكى پىداكارلىق ئاندىن ۋايىغا يىتىدۇ
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 20:55 چوققىغا قايتىش
ZUNNUWRA

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 25
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
پۇل: 250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ناھايىتى ياخشى تىما   ئىكەن. رەخمەت سىزگە. ئۆزى ساغلام تۇرۇپ بالاغەتكە يەتكەن تۇرۇقلۇق   سەۋەپسىزلا روزا تۇتمىغانلار بىرگە 60 نى تۇتۇپ تولۇقلىشى كىرەك. ھەركىمنىڭ قىلغان ئىبادىتى پەقەت ئۆزى ئۈچۈندۇر. ئى ئاللاھ ھەممىمىزنى روزىنىڭ شەرەپلىرىگە مۇشەررەپ قىلغايسەن. ئامىين!

Elts
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-10 12:27 چوققىغا قايتىش
wayit

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 33
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
پۇل: 294 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:14(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى تىمىكەن.ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئىپتارغا شاشلىشىپ ئالدىراپ تۇرغان بەندىنى ياخشى كۆردۇ.چۈنكى ئۇئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى تونىغان تەن بەرگەن.

Elts
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-10 14:11 چوققىغا قايتىش
ELSHER

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 792
شۆھرەت: 891 نۇمۇر
پۇل: 5322 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:365(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :

رامزاندا شاراىتى بارلار   مۇشۇ بۇيۇنچە   رامزان   مەشخۇلاتى قىلسا   ساۋاپ   بۇلدۇ .


horiyat.com

مۇسۇلمانلارنىڭ پىداكارلىقىغا ھازىرقى زامان ئېلغار پەن _تېخنىكا بىرلەشسە مۇسۇلمەنلاردىكى پىداكارلىق ئاندىن ۋايىغا يىتىدۇ
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-12 00:32 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:09-22 21:58, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije