ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن بىر قىسىم ئەرباپلار
1. كوماراجىۋا--- مىلادى 344-يىلى كۈسەن شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى كامارايانا كۈسەندىكى مەشھۇر بۇددا ئالىمى بولۇپ، ئاپىسى كۈسەن خانىنىڭ قىزى ئىكەن. دادىسى بۇرۇنلا ۋاپات بولغان بولۇپ، يەتتە يېشىدا ئانىسىغا ئەگىشىپ ھىندىستانغا بېرىپ بۇددا دىنىنىڭ ھىمايانا (كىچىك مەزھەپ)، ماھايانا (چوڭ مەزھەپ) تەلىماتىنى ئۆگىنىدۇ. مىلادى 413-يىلى ۋاپات بولىدۇ.
ئەسەرلىرى:
"پىراجناپارامىتا ھىردايا" (قەلب ئېتىقاد ئەقىدىلىرى)، "ساددا ھارما پۇندارىكا" (ئېتىقادنىڭ ئالىيلىقى ۋە ساپلىقى ئەقىدىلىرى)، "ئامىتابھاسۇترا" (ئېتىقادنىڭ پاكلىقى ۋە شادلىقى ئەقىدىلىرى) قاتارلىق 35 پارچە، 294 توملۇق يىرىك بۇددا كىتابلىرىنى ئەنەتكەك(سانسكرىت) تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان. يەنە بىر مەلۇماتتا(74 پارچە 384 توم ئەسەر) دېيىلىدۇ. يەنە باشقا مەلۇماتلاردا كوماراجىۋانىڭ دادا تەرەپ بوۋىسى ئىسمى دارتا بولۇپ ھىندىستانلىق دېيىلىدۇ، دادىسى كوماراتان تالانتلىق زېرەك كىشى ئىدى، ئانىسى جىۋا جۈسەن خانىنىڭ قىزى دىيىلىدۇ. كوماراجىۋا نىڭ مەنىسى "گۆدەك ھايات" دېگەن بولىدىكەن.
2. سۇجۇپ --------- سۇجىۋا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىسمى " ئاجايىپ تۇغۇلغان گۆدەك" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن، كۇچادا تۇغۇلغان. 561~578-يىلى تۈرك مەلىكىسىگە ئۆيلىنىپ چاڭئەنگە كەلگەن، خان ئۇنىڭ باربىت بىلەن چالغان مۇزىكىسىنى ياقتۇرۇپ قالغان. "سەججاھ"، "پەنچەھە" دەپ كۈيلەرنى ئىجاد قىلغان.
3. ئاتا بالا رەسسام---ۋايجىرا ۋىزىكنا(تولجايا) ئاتا رەسسامنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئوغلى ۋايجىرا ۋىچىر( ۋىجايا) ئىكەن، ئاتا-بالا ئىككىلىسىنى ئۇدۇنلۇق دەپ ئۇچۇر بار، تاڭ سۇلالىسىدا ئوردا رەسسامى بولغان ۋە رەڭلىك رەسىم سىزشنى ئىچكىرىگە تارقاتقان دېيىلىدۇ.
4. يېقمىش----- ئەل ئۇقمىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى راھىب ۋە ئەلچى، شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا بولغان مۇناسىۋەت ئىشلىرىنى قىلغان، قۇبلايخان دەۋرىدە ياشىغان.
5.سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ---- تەرجىمان، ئىدىقۇت خانلىقى بېشبالىق شەھىرىدە ياشىغان "ئالتۇن يارۇق" نى تەرجىمە قىلغان.
6. تاتاتۇڭا--- چىڭگىزخان دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، ئوردا ئۇستازى بولغان، ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇللارغا ئۆگەتكەن.
7. ليەن شىشيەن---- يۈەن سۇلالىسى قۇبلاي دەۋرىدىكى داڭلىق ئۇيغۇر سىياسىون.
8. لۇ مىڭشەن----تۆمۈر تۈۋرۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 13~14-ئەسىرلەردە ياشىغان داڭلىق يېزا ئىگىلىكشۇناس. "يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىدىن ئاساسلار" دەپ ئەسىرى بار. يۈەن تەۋەسىدە ياشىغان.
9. مارك------1245~1317 يىللىرى ياشىغان، خانبالىقتا (بېيجىڭدا ) تۇغۇلۇپ، كىچىك ئاسىيانى مەركەز قىلغان ئىلخانلار دۆلىتىدە ۋاپات بولغان. مارك ئىسمى بىلەن غەرب ئەللىرىگە مەشھۇر، نىستۇرىان دىنى ئالىمى، دىپلومات ۋە تىلشۇناس. رىم ، ئېرۇسالىملاردا ئوقۇغان. تۈركچە ئىسمى نەمەلۇم.
10. سارابان--- يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىدا ئوردا ئۇستازى بولغان، يۈەن شۈندى ( تۇغان تۆمۈر)گە ئۇستاز بولغان. 153 جىلدلىق "جىننامە" نى رەتلەپ يېزىپ چىققان، باشقا مەلۇماتلار ئاز، تارىخشۇناس.
11. قۇسقۇي---- يۈەن سۇلالىسى يەنيۈ يىللىرى( 1314~1320)دا ئوردا تائام تەييارلاش ئەمەلدارى بولغان، ئوزۇقلۇقشۇناس. ئۇيغۇر (موڭغۇل دىگۈچىلەرمۇ بار) ئەسىرى 3 جىلد "تاام تەييارلاش دەستۇرى"، 1-جىلد "تۈرلۈك يېمەكلىك"، 2-جىلد "يېمەكلىك - ئىچىملىكلەرنىڭ خۇرۇچلىرى"، 3-جىلد "ئاشلىق، كۆكتات، مىۋە-چىۋە، گۆش" سۆزلەنگەن.
12. سەىدۇللا----- يۈەن دەۋرىدىكى مەشھۇر شائىر، تەخمىنەن 1300-يىلى تۇغۇلغان ، ئەسىرى ناھايىتى كۆپ. "يەنمىڭ توپلىمى" 3جىلد، "توپلام سىرتىدىكى نەزمىلەر" 1جىلد، "سەىدۇللا شېئىرلىرىنىڭ باش ئاخىرى" 2 جىلد... داڭلىق شېئىرىدىن " كۈيچى قىز"، "ياڭگۇەن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ ماكانلىشىش" لار بار. ئۇ يەنە داڭلىق كومپوزىتور. " يەنمىڭ توپلىمى" يۈەن دەۋرى ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
13. سەيدەنىچ جەمشىدىن---- 1211~1279 يىللار ياشىغان، ئەسلى ئىسمى ئۆمەر بولۇپ يۈەن دەۋرىدىكى مەشھۇر ئەمەلدار، باشقۇرغۇچى، مائارىپچى. ھازىرقى جۇڭگو ناھىيىلىرىنىڭ 57 ناھىيىسىنى سەيدەنىچ تەسىس قىلغان ، ئۇلار ھازىرغىچە ئۆزگەرتىلمەي قوللىنىلماقتا. يۈننەندە مەدرىسە قۇرغان. "شيەنياڭ بېگى" دەپ نام ئالغان.
مەنبە : www.orkhun.com پىس - پاس نىڭ يوللانمىسى
فىرقەت تەستىقلىدى