>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Makanim  
ئالاھىدە تەۋسىيە : «شەبنەم تورداشلىرى مۇھاكىمە يىغىلىشى»دىن خاتىرىلەر  
XabnamBBS -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> زەھەرلىك دورا (چوقۇم كۆرۈڭ)

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 3440 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : زەھەرلىك دورا (چوقۇم كۆرۈڭ) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
kim?



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 61
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
پۇل: 610 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:126(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
زەھەرلىك دورا (چوقۇم كۆرۈڭ)

[دىققەت] ئەگەر بۇ تېمىنى ئۇزۇن ھېس قىلىپ كۆرۈپ بولۇشقا كۆزىڭىز يەتمىسە، ئەڭ بولمىغاندا، ھاياتىمىزغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بىر نەچچە دورىنىڭ ئىسمىنى بولسىمۇ ئوقۇپ بىلىۋېلىڭ!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى،

كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. خېروئىن نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا. خېروئىننىڭ زىيانلىق تەرىپىنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتۇق. لېكىن زەھەرلىك چېكىملىك پەقەت خېروئىنلا ئەمەس. خېروئىندىن باشقا، باش گىلدىڭلىتىش كومۇلىچى (摇头丸) ۋە ك پاراشۇك K粉، مۇزسىمان زەھەر (冰毒) قاتارلىق يېڭىدىن «مودا» بولۇۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىكلەردىنمۇ كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرى بار دەپ ئويلايمەن. مەيلى ئۇنىڭ زەھەرلىك تەسىرى خېروئىندىن ئاستىراق ۋە ئاجىزراق بولسۇن، ئۇنۇتماڭكى، ئۇ يەنىلا زەھەرلىك چېكىملىك، سىزنى ھالاكەت دېڭىزىغا باشلايدىغان زەھەر! ئۇنىڭ ئاقىۋىتى خېروئىندىن ھېچ پەرقلەنمەيدۇ.

بۇ زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن باشقا، ئەتراپىمىزدا يەنە نۇرغۇن مەست قىلىش ۋە ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى يامراپ يۈرمەكتە. بۇ دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش بىزنىڭ ھاياتىمىزغا دەماللىققا تەھدىت سالمىغان بىلەن، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى خېروئىندىن ھېچ قېلىشمايدۇ. لېكىن بىزنىڭ بۇ دورىلارغا بولغان چۈشەنچىمىز تۆۋەن بولغاچقا، بىزنىڭ دىققەت ئېتىبارىمىزنى قوزغىيالمايۋاتىدۇ. قەدىرلىك تورداش، ئەگەر سىز ھاياتىڭىزنى سۆيسىڭىز، سىزدە جەمئىيىتىمىزگە نىسبەتەن ئازراق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولسا، بۇ تېمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمەن. بەلكىم ئەتراپىڭىزدا، بۇ دورىلارنى چۈشەنمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قالايمىقان ئىشلىتىپ ئۆزىنى ھالاكەت يولىغا ئىتتىرىۋاتقان دوستلىرىڭىز بار بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش جەمئىيىتىمىزدىكى ھەربىر ئەزانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.

تىبابەتتە ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم دورىلار خۇددى خېروئىن ياكى باشقا زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە ئوخشاش زەھەرلىك تەسىرگە ئىگە. شۇڭا بۇ دورىلارنى ئىشلىتىشتە چوڭ دوختۇرخانىدىكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ دورىلار بىمارغا بېرىلمەيدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىز خالىغانچە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق بۇ دورىلارنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتمەڭ! ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش، زەھەر چېكىش بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلەنمەيدۇ.


1. مورفېن (吗啡):

مورفېن ئاغرىش توختىتىش، تېنچلاندۇرۇش ۋە ئۇيقۇ كەلتۈرۈش قاتارلىق تەسىرلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇ دورىنى ئىشلەتكەندە روھىي جەھەتتىن ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. لېكىن بۇ دورىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى شۇكى ناھايىتى تېزلا خۇمار قىلىدۇ.
[ئەكس تەسىرى] مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ؛ دىققەتنى يىغالماسلىق؛ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى ۋە تەپەككۇرى تۆۋەنلەش؛ روھىي قالايمىقانلىشىش؛ بۇ دورىنىڭ يەنە نەپەسنى تىزگىنلەش رولى بولغاچقا، كۆپ مىقتاردا ئىشلەتكەندە، نەپەس توختىتىپ ئۆلۈم كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
[دورا تاشلىغاندا كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر] بۇرنىدىن سۇ ئېقىش؛ تىترەش؛ قىزىش؛ قان بىسىمى ئۆرلەش؛ مۇسكۇللار ئاغىرىش ۋە تارتىشىش؛


مورفېننىڭ تېز خۇمار قىلىشى، ئۇنى ئىشلەتكۈچىلەرنى روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن بۇ دورىغا بولغان بېقىندىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خۇمار بولغۇچى توختىماي دورا مىقتارىنى كۆپەيتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.


2. دۇلېڭدىڭ (杜冷丁):  

تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش تەسىرىگە ئىگە. دورا ئىشلىتىپ 1-2 ھەپتىدە خۇمار قىلىدۇ.
[ئەكس تەسىرى] كۆڭلى ئېلىشىش؛ ياندۇرۇش؛ ئىچى قېتىش
[دورا تاشلىغاندا كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر] روھى چۈشكۈنلىشىش؛ پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش؛ ياش ئېقىش؛ بۇرنىدىن سۇ ئېقىش؛ كۆڭلى ئېلىشىش؛ ياندۇرۇش؛ ئىچى سۈرۈش؛ ئۇيقۇسىزلىق؛ ئېغىر بولغاندا كوللاپس ھالىتى (قانسىراش، سۇسىزلىنىش، زەھەرلىنىش، يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئاغرىش نەتىجىسىدە يۈرەك ۋە قان ئايلىنىشنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەئىپلىشىشى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


بۇ دورىغا خۇمار بولغاندا، روھى جەھەتتىكى بېقىندىچىلىق ئاساسى ئورۇندا، فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى بېقىندىچىلىك كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدۇ.


3. كوففىئىن (咖啡因):


باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ؛ روھلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
[ئەكس تەسىرى] نېرۋا سىزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش؛ قان بېسىمى ئۆرلەش؛ قۇلاق غۇڭۇلداش؛ باش ئاغىرىش؛ تىت-تىت بولۇش؛ ئۇيقۇسىزلىق
[دورا تاشلىغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر] باش ئاغىرىش؛ قاتتىق ئۇخلاش؛ روھسىزلىنىش؛ چۈشكۈرۈش؛ ئاسان خاپا بولۇش؛ كۆڭلى ئېلىشىش



4. ئانالگىن (安纳咖):

روھلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش تەسىرىگە ئىگە. ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە خۇمار قىلىدۇ.

بۇ تىپتىكى دورىلار پەقەت بۇلارلا ئەمەس. مەن پەقەت ئۆزەم بىلگەن ۋە كۆپرەك قالايمىقان ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلغان بىر نەچچە دورا ئۈستىدىلا ئۇچۇر بەردىم. مەيلى قانداق دورا ئىشلىتىڭ، ئامال بار دوختۇرنىڭ مەسلىھىتىنى ئېلىڭ. ئاغرىق توختىتىش، تېنچلاندۇرۇش ۋە روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەڭ!

ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەيلى سىز نېمىگە خۇمار بولغان بولۇڭ، سىزنىڭ شۇ نەرسىگە بولغان بېقىندىچىلىقىڭىزدا، روھى بېقىندىچىلىقمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا تاشلاشقا ئىرادە قىلسىڭىز چوقۇم تاشلىيالايسىز!

قەدىرلىك تورداش، ئەگەر سىز ياكى ئەتراپىڭىزدىكى بىرەر تونۇشىڭىز بۇ دورىلارنى ياكى مۇشۇ خىلدىكى باشقا دورىلارنى قالايمىقان، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىسىز ئىشلىتىۋاتقان بولسا، بۇ دورىنىڭ زەھەرلىك تەسىرىدىن ئۇنى خەۋەردار قىلىڭ. ئەگەر دورا تاشلاش جەريانىدا قىينچىلىققا ئۇچرىسىڭىز، چوڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراڭ. يول بويىدىكى كىچىك ئامبولاتورىيەلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىگەن ئاساستا، ئۇنىڭغا كىرىپ پۇلىڭىزنى، ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ!

ساغلام تەن، ساغلام ئەقىل ھەر ۋاقىت سىزگە يار بولسۇن!

-كىم؟




__ فىرقەت تەستىقلىدى

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
شۆھرەت:5(Hursan.)

Elts

No Excuse
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 09:02 چوققىغا قايتىش
turghunsadir

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 135
شۆھرەت: 136 نۇمۇر
پۇل: 1350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:135(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى يوللاپسىز... زەھەر دېگەن بەرىبىر زەھەر... جانغا قەست قىلىدىغان نەرسىنى ئىزدەپ يۈرۈپ پۇلغا سېتىۋىلىش چوڭ ئەخمەقلىق...
زەھەرگە ئەمەس، ئۆزىمىزنى قۇتقۇزىدىغان باشقا نەرسىلەرگە خۇمار بولايلى ياش بالىلار..
ئىزدىنەيلى....


horiyat.com

يۇرت ئوغلى
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 09:55 چوققىغا قايتىش
bilgar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 282
شۆھرەت: 283 نۇمۇر
پۇل: 2820 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:195(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن..................ھازىر مىللىتىمىز ئىچىگە تېز سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ ......

horiyat.com

خوشاللىق ئەتراپىڭىزدىلا..
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 10:20 چوققىغا قايتىش
maripat1

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 153
شۆھرەت: 156 نۇمۇر
پۇل: 1550 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:70(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


摇头丸         باش گىلدىڭلىتىش كوملىچى        
K粉               ك پارشۇگى
冰毒           مۇزسىمان زەھەر
安纳咖         ئانالگىن
توغرا بولغاندۇ.


horiyat.com
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 10:34 چوققىغا قايتىش
kim?



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 61
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
پۇل: 610 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:126(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش



maripat1
رەھمەت، مەن تېمىدىكىنى توغرىلاپ قوياي.




[ بۇ يازما kim? تەرپىدىن 2007-09-09 12:33 دە قايتا ت ]


horiyat.com

No Excuse
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 11:09 چوققىغا قايتىش
x@Bnam.521

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 664
شۆھرەت: 834 نۇمۇر
پۇل: 2136 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:26(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ راستلا بىلىپ قويۇشقا ۋە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن .
بەزىدە كىچىككىنە ئاغرىقلارغا دورا ئىچمىسىمۇ بولىدۇ ، شۇنداق ئادەتلەنسە كىيىن كىسەلمۇ ئاسان يىقىنلاشمايدۇ ئادەمگە


Elts
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 11:41 چوققىغا قايتىش
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 644
شۆھرەت: 832 نۇمۇر
پۇل: 6526 سوم
تۆھپە: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:605(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ ناھايتى ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ ، شەيتانلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن بىر قېتىملىق ئاڭسىز ھەركەت ،نۇرغۇن ياشلىرمىزدا قانداق ئاقىۋەت ئەكىلۋاتىدۇ ،ھەممىز ئاڭلاپ تۇرۋاتىمىز ،كورىپ تۇرۋاتىمىز .مىللىتىمىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ غېمىنى يىيىش ،ھەممىزنىڭ بۇرچى . كىم؟ سىز گە كوپ رەھمەت .

horiyat.com
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 13:15 چوققىغا قايتىش
kogulqak

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 317
شۆھرەت: 318 نۇمۇر
پۇل: 3170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:42(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


زەھەر مىللىتىمىزگە ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈردى ، بۇنەرسىلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز كېرەك~~!!

horiyat.com

ئەسلىڭنى ئۇنۇتما
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 15:00 چوققىغا قايتىش
Sarkarda707

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 67
شۆھرەت: 78 نۇمۇر
پۇل: 670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:40(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىز ئادەتتە ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان قىزىل كالا ئىچىملىكى   يەنى《红牛》قۇۋوت ئىچىملىكى تەركىبىدىمۇ   كوففىئىن <咖啡因 >بار   ئۇنداق بولسا   شۇئىچىملىكنى كۆپ ئىچسەك بەدەنگە پايدىسى   بارمىدۇ -ياكى يوقمىدۇ ؟

Elts

ئەتەھەممىدىن گۈزەل
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 16:18 چوققىغا قايتىش
intezar11
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4628
شۆھرەت: 4648 نۇمۇر
پۇل: 46910 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:325(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


زەھەردىن يىراق تۇرۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكنى ئاسىرىغانلىق ھەممىدىن مۇھىم!!!!!!!

horiyat.com


[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 16:34 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:09-22 21:53, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije