>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Makanim  
ئالاھىدە تەۋسىيە : «شەبنەم تورداشلىرى مۇھاكىمە يىغىلىشى»دىن خاتىرىلەر  
XabnamBBS -> نەسىر-ئوبزورلار -> (ﺟﺎﻟﻼﺕ)ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 713 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : (ﺟﺎﻟﻼﺕ)ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
jallat007
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 191
شۆھرەت: 294 نۇمۇر
پۇل: 1930 سوم
تۆھپە: 83 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:63(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
(ﺟﺎﻟﻼﺕ)ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ

ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ


ئابدۇرېشىت سۇلايمان



ﺋﯩﻨﺘﯩﺮﻧﯩﺘﻨﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا ﻛﻪﯓ-ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ سىڭىپ كىرىشىگە ﯬﮔﯩﺸﯩﭗ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﻪﺳﭙﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎتىغا بولغان ﭘﯩﺸﺎﯕﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﯬﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﯪﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ << ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺳﻮﻓﺖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ>>     (microsoft)       << ﯞﯦﻨﺪﻭﯞﺱ>> (WINDOWS) يۇﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﻪﺷﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧرﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﻪﺳﭙﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻧﺎسىپاﻝ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ <<ﺋﯩﻨﺘﯩﺮﻧﯩﺖ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﯟﯨﺮ>> « internetexplorer »ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻨﯩﯔ ﯞﯦﻨﺪﻭﯞﺳﻘﺎ ﺳﻪﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﯲﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﯰﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﯮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﯪﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ يىڭىلىدى . ﺋﯩﻨﺘﯩﺮﻧﯩﺖ 6 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯪﻫﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﻬﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﭼﺎﺗﺘﻰ .ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰپەن –تەخنىكا ،مەدىنيەت ﺗﻮﺳﺎﻗلىرى ﭘﺎﭼﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻨﺘﯩﺮنىت ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﻳﯧﺰﺍ-ﻗﯩﺸﻼﻗﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﺪﻯ.دۇنيا كىچىك بىر كەنىتكە ئايلىنىپ سانائەت ،يىزا ئىگلىك،سودا كەسىپلىرىدىكى يىڭى ئۇچۇر ،تەخنىكىۋى بىلىم قۇرۇلمىلىرى ياراتقان كەشپىياتلار ،مىللەت تەركىۋى ،ۋە فولىكلور ئاساسلىرى ھەر خىل بولغان مىللەتلەرنىڭ ئاۋازىنى يات مىللەتكە سىڭدۇرۇش ئارقىلىق ئوزگىچە مەدىنيەت چەمبىرىكى ھاسىل قىلدى .
  21-ﯬﺳﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﯪﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ،ﻛﻮﻧﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﯘملۇقلىرىدا - ﻗﯘﻡ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﯬﻧﯭﻧﯩﻨﯩﯔ ﯬﻫﻜﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺵ ﯰﺭﯗﭖ ،ﯲﻟﯜﻡ ﯞﻩ ﻫﺎﻻﻛﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﮔﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ ،ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﯞﻣﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﯰﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﭼﯚﻛﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎﺱ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﭼﯚﻛﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﻭﻫﻨﻰ ﻏﻪﻳﯩﭗ ﯰﭼﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺰﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯴﭼﯜﻥ ﻳﻪﺭ -ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﭗ %72 ﺳﯘﻟﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺸﺎﺭﯨﺘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻩﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ : ﻧﻮﻫﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﯩﺴﻰ ﻫﺎﺟﻪﺕ ﯬﻣﻪﺱ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻗﻪﯞىم <<ﯰﻧﺘﯘﻏﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ>>ﮔﻪ ﻣﻪﻫﻜﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ <<ﺳﺎﯬﺕ>>ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯲﻟﭽﻪﭖ ﯪﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯪﺧﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺸﺎﺭﯨﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﯪﺧﯩﺮﻩﺗﻜﻪ ﯪﻟﺪﯨﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﻗﯩﺮﺍﯬﺗﻠﯩﺮﻯ ﯪﯕﻠﯩﻨﯩﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰ ﺗﯧﺨﭽﻪ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ.ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﺮﻧﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﺟﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﺴﻘﺎ ﭘﯜﺭﻛﯩﻨﯩﭗ ﯮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ <<ﻛﺎﯞﺍﭖ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ>>ﻛﻪ ﯪﻳﻼﻧﺪﯗﻕ.ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﯪﺩﻩﻡ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﯪﺩﻩﻣﻼ ﯲﺯ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ،ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻰ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯪﺩﻩﻡ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ئىقتىسادى ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﻘﯩﻠﻰ،ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻡ ﯬﺷﻴﺎ ﯪﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﺍﯞﺭﺭﺍﯓ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻧﺎﯬﺕ ﯪﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫ ﺳﻮﺩﺍ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﻥ-ﻗﯧﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ.ﺑﯩﺰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ تەرەققى قىلغان ئەللەردىكى مىللەتلەر مەدىنىيتىگە ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﻫﻪﻡ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ.ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﯪﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ.
  ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ تەﺧﻨﯩﻜﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯩﯔ ﯬﻗﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻫﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﯩﺮﻧﯩﺘﺘﺎ ﯪﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﻪﺭىپىنى <<ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺳﻮﻓﺖ >>( Uighursoft )ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ <<ﯬﻝ ﻛﺎﺗﯩﭗ>>(ALKATIP )ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ.ﯪﻟﻪﻡ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﯪﺷﺘﻰ.ﻳﯩﺘﯩﺮﻗﺎﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﻨﺘﯩﺮﻧﯩﺘﻘﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﺎﺳﺘﯘﻕ.ﻫﻪﻳﻬﺎﺕ!ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻟﺪﻯ.ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺭﯦﺘﯩﻤﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ.ﭘﯘﻝ-ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﻪ ،ﭘﻮﭼﺘﺎ -ﺗﯧﻠﯩﮕﺮﺍﻑ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻘﻼﺭ ...ﻫﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﺗﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ يىل ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﻓﯩﻠﯩﻤﻼﺭ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﯬﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯗﻕ.ﯰﺭﯗﺵ ﻫﺎﻻﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﯪﺭﺍ ﺳﯜﺭﻛﯩﻠﯩﺸﻠﻪﺭ ...ﺗﯚﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﻥ...ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯬﺧﻼﻗﻘﺎ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﻪﻧﺪﯗﻕ .ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺭﻭﻫﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﻡ ﻫﺎﯞﺍ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮔﺎﻫﯩﺪﺍ ﯮﻏﯘﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﯪﻕ ﻗﺎﺷﻘﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﻐﺎ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﺎﻫﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭽﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﭗ ﻫﯘﺭﺭﺍ ﺗﻮﯞﻟﯩﺴﺎﻕ ﮔﺎﻫﯩﺪﺍ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ << ﻫﺎﻱ-ﻫﺎﻱ ﺗﯧﺮﻩﻙ>>ﻧﯩﯔ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ﯮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﯮﻗﯘﺩﯗﻕ.ﺋﯩﻨﺘﯩﺮﻧﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ%28ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻣﯧﻬﺮﻯ -ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭼﺎﺗﺘﻰ.ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯚﭼﯜﺵ ﺳﻪﺯﮔﯜﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﺭﺳﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯪﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ<<ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﯬﻳﻨﯩﻜﻰ>> ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﭼﯘﭼﯘﻣﻪﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ
بولۇپمۇ مەدىنيەت بولىكىدىكى ھالقىلىق جەۋھەر - ئەدىبىيات ياراتقان ئىستىتىك قاتلام مىۋىلىرى   بەھىرلەندۇرۇش ھىممىتى بىلەن قىممەت ئەلچىسىگە ئايلىنىپ «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى»دىن ئىبارەت سۇزۇك ئىقىننى شەكىللەندۇرگەن بەش يىلدىن بىرى ئىنتىرنىتنىڭ مۇنازىرە ھىممىتى ۋە قىممىتى ئاساسىدا ئۇيغۇر ئەدىبىياتى شەكىل ،مەزمۇن ،جەھەتتىن بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى .ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ مەلۇم تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئۇيغۇر –شائېر يازغۇچىلىرى ئىپادىلەش ۋە شەكىل كۇچى ئوزگىچە بولغان نادىر يازمىلىرىنى مۇنازىرلەرگە قويۇش ئارقىلىق ئەدىبىيات مۇنازىرە تۇسى قويۇق بولغان تور بىكەتلىرىدە شەكىللىنىش دەۋرى ئەمدى باشلانغان ئەدەبى تەنقىتچىلىكنىڭ نەزىريەۋى ئاساسى ،شەكلى ،ۋە ئەدىبىياتىمىزدىكى پىشاڭلىق رولىنى چورىدىگەن ئاساسدا مۇنازىرە ئىلىپ بىرىلىپ بىر خىل قىزىقىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن تور ئەدىبىياتىنى كولەمگە ئىگە قىلدى .ماھارەت سىناش ،ئوزىنى تەربىلەش ،ئىجادىيەت قىزغىنلىغىنى ئاشۇرۇش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۇرۇلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبەرلىرى ئوزىنىڭ تەرجىمە قوشۇننىڭ سەرخىللىغىدىن پايدىلىنىپ ھەممە ئىقىملار بەس –بەستە سايراۋاتقان .ئوزىنىڭ زىيالىلار قاتلىمى ئوزگىچىلىكى بىلەن ئوزگىچە تىلدا ،ئوزگىچە ئىجادىيەت قىلىۋاتقان دۇنيا ئەدىبىياتىدىكى نوپۇزلۇق يازغۇچى –شائېرلار ،تەتقىقاتچىلارنىڭ يازمىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق كولەملەشكەن ئەدىبىيات مۇھىيتىنى شەكىللەندۇرۇش ئۇچۇن ئەقلى كۇچ سەرىپ قىلدى .
چەك –چىگىرسى بۇزىۋىتىلگەن دۇنيا تور ئەدىبىياتى تەرەققىياتىدىكى يىڭىلىقلار ،ئوزگىچە ئەدىبيات نەزىريەلىرى ،دۇنيا ئەدىبىياتىدا قىزىق نوقتىغا ئايلىنىپ ،زىل –زىلە قوزغاپ تۇرىۋاتقان كىتاپلار ،نوبىل ئەدىبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئىرىشكۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى توغۇرسىدا ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە مۇنازىرە ئىلىپ بىرىلىپ ئەدىبى ئۇسلۇپ جەھەتتە كوپ پەرىق شەكىللەندۇرگەن دۇنيا ئەدىبىياتىدىكى يازغۇچى –شائېرلارنىڭ ئىجادىيەت يوللىرى ،ئازاپلىرى ،ئىجادىيەت خائىشى بىلەن ئۇچۇرشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدىبىيات قوشىنىغا يىڭىدىن قىتىلغان ياش بۇزغۇنلارغا «ئەدەبى ئۇنۋىرسىت »رولىنى ئوتەۋاتقان تور بىكەتلىرى ئۇيغۇر يازغۇچى –شائېرلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىگىمۇ ھالقىلىق تەسىر كورسەتتى .بولۇپمۇ يىقىنغا يىللاردا ئۇيغۇر شېئىريىتىدە شەكىللەنگەن سۇكۇتلۇك ئىزتىراپ ،قورغاق تەمدىكى شىئېرىي يازمىلار .شېئىريەتتىن سوۋۇش پاجىئەسى ،شىئېريەت مۇلاھىزە ماقاللىرىنىڭ كەمچىل بولىشى ،شېئىريەتتىكى تۇيغۇ ئولچىمنىڭ كىتاپخانلاردا شەكىللەنمەسلىگى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان شائېر- كىتاپخان زىدىيىتى –ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى شەكىللەنگەندىن باشلاپ ئىزچىل تۇردە مۇلاھىزە قىلىنىپ ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدىكى قىزىق نوقتا مەسىللىرىگە ئايلىنىپ ئىزتىراپ ئىچىدىكى ئۇيغۇر شىئېريىتىگە يىڭى يول ،-ھاياتى كۇچ بەخىش ئىتىلدى ،
ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا ئىلىپ كەلگەن يىڭىلىقلىرى ۋە ھادىسىۋى تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەلۇم سەۋەنلىكلىرى مەۋجۇت .مۇلاھىىزىمىزدىكى تەھلىللەردە ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ بەش يىللىق تارىخىدىن توۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرىمىز .
[color=Red][size=3][center]1-«ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى »غا ئىنىقلىما [/center]

ئۇيغۇر ئەدىبىياتى 21-ئەسىرگە قەدەم قويۇش بىلەن تەڭ مەدىنيەت تەرەققىياتىدىكى رەڭ تور ئەدىبىياتىدىن ئىبارەت ھادىسىۋى شاخچە بىلەن مەلۇم كولەمگە ئىگە بولدى .
بەش يىللىق تارىخقا ئىگە «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى »شەكىللىنىش يىللىرىدا ئالى مەكتەپ ئەدىبىيات پەنلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنى،ئالى مەكتەپلەردىكى ،شەھەر -يىزا بازارلاردىكى مەدىنيەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسى گەۋدە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر ئەدىبىياتى سىستىمىسىدىكى ئوزىگە خا س بولغان نەزىريەۋى يەكۇنلەر ،خەلىق ئىغىز ئەدىبىياتى جەۋھەرلىرى ،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتىدىكى كىلاسسىك ئۇستازلارنىڭ مەتبۇئاتتا ئىلان قىلىنغان ھەم قىلىنمىغان قىممىتى يۇقىرى ئەسەرلىرى ،ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۇگۇنكى زامان ئەدىبىياتىدىكى جەمىيەتتە كۇچلۇك تەسىر قوزغىغان ،تەسىرى ۋە قىممىتى چوڭ بولغان ئەسەرلەرنى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە قويۇش ئارقىلىق ئەتىراپلىق مۇلاھىزە ۋە تەھلىل ئىلىپ بىرىپ ئورتاق نىشان ۋە ئورتاق مەنبەدىكى نەتىجىسى يۇقىرى ئەدىبىيات ھەركىتىگە ئايلاندى .
ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى –ئۇيغۇر ئەدىبىياتىىنىڭ ھەممە ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىل ۋە مەزمۇن دائىرسىدە تولۇق ھازىرلىغان ،قۇلغا كەلتۇرگەن مۇھاقىپىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەدىنيەت سىستىمىسىغا تەسىر كورسەتكەن ،ئوزىگە خاس تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە -ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان مەدىنيەت ھەركىتى .ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدىكى خاسلىق -مەزمۇن ،شەكىل ،نەتىجە ئاساسىدا مەدىنيەت چەمبىرىكىدىكى ئوزىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى نامايەن قىلىۋاتقان رىئاللىقتىكى كۋنىت دۇنياسى ئۇچۇن بىر تارقاق مىقتارنىڭ   مىقتار ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىشى ،ۋە تەرەققى قىلدۇرشى ،ئەدىبىيات دائىرسىدە نۇرغۇن ئەدىبى ئىقىملارنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن تەرەققى قىلىشى سۇرىتى تىز بولغان بۇ پەندىكى ئىجتىمايى سەۋەپلەر ئىچىدە ئىلىكتىرۇن ھەركىتى ئىنتىرنىتنىڭ تەسىرى ھەممىدىن گەۋدىلىك بولدى .گەرچە ئەدىبى ئىقىم بىلەن ئىلىكتىرۇن ھەركىتى ئىنتىرنىتنى سىلىشتۇرۇش كۇلكىلىك بولسىمۇ ئىستىتىك قىممەت يوزلىنىشىدىكى مەنبە ئەدىبىيات ،ھەر ئىككىسى ئەدىبىيات ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ .مەقسەت ئەدىبىياتنى تەرەققى قىلدۇرۇش .ماركىزىملىق نوقتىنەزەردىكى قىممەت شەكلىدە ئەدىبىيات ئۇچۇن خىزمەت قىلغان ۋاستىلەرنىڭ تەسىرىنى ھەم نەتىجىسىنى سىلىشتۇرۇشقا بولۇدۇ .
ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۇنىڭ مۇنازىرە ھەم تەنقىت تۇسىنىڭ جەڭگىۋارلىغىدا ئىپادىلىنىدۇ .سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقنىڭ رەئىمسىزلىك بىلەن ئىلىپ بىرىلغان ئىزچىللىغى ئەدىبىياتنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ تور ئەدىبىياتىدىن ئىبارەت سىستىمىنىڭ ئىستىتىك يۇزلىنىشىنى يىڭىچە بىر گۇزەللىك بىلەن باسقۇچلۇق تەرەققى قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالغاندا ئىجتىمايى تۇرمۇشنىڭ ئادەم مىڭىسىدىكى ئىنكاسى ،ئادەم مىڭىسىدىكى دىيالۇگنىڭ ئىجتىمايى تۇرمۇشقا تەسىر كورسىتىش ھىممىتى بىلەن ئەدىبىياتنىڭ گۇزەللىكىگە ،بىشارەتلىكلىكىگە ،خاسلىقىغا يىڭىچە مەزمۇن قوشتى .مانا بۇ رىئاللىقتىكى كىۋنىتنىڭ يەنى بىرلىكنىڭ كوپلۇك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۇرۇش خاسلىقى .
تور ئەدىبىياتىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەدىبىياتىدا ئاللابۇرۇن مەلۇم كولەمگە ئىگە بولغان يىللاردا ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كولەملىشى نۇرغۇن زىدىيەتلىك قاراشلارنىڭ قورشاۋىدا ئىنتىرنىتنى ۋاستە ،ئۇيغۇر يازغۇچى –شائېرلىرىنى تايانىچ كۇچ قىلىپ تۇرۇپ بارلىققا كەلدى .ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ ئىپتىدائى باسقۇچىدا گەرچە بىردەك قاراشقا ئىگە بولمىساقمۇ شاكىلدىن ئايرىپ مىغىزغا ئىگە بولۇش دەۋرى« 2003-يىلىنىڭ كىيىنكى يىرىمىدىن باشلانغان »دەپ قاراش بىر قەدەر دەلىللىككە ۋە ئىلمىلىككە ئىگە .ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ نەزىريەۋى تەتقىقاتىدا شەكىللەنگەن خاسلىق، مەنىۋى قىممەت شەكلىگە كىرىش ئۇچۇن تەرەققىيات سەزگۇسىگە ئىگە بىر قىسىم پىشقەدەم ئەدىپلەرنىڭ ئەدىبىيات مۇنبەرلىرىگە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن (ئەدىبىيات سالۇنى )ھاسىل قىلىنىپ (يەنە بىر مۇنازىرە )ئاساسىدىكى تىمىلارنىڭ قىممىتىنى چورىدىگەن ئاساسدا بەدىئىي لەززەت ۋە بەدىئىي تەنقىت ئىچىرقاشلىرىدىكى بوشلۇق- تور ئەدىبىياتىدىن ئىبارەت يىڭى ئەدىبىيات ھەركىتى بىلەن تولدۇرۇلدى .
«تور ئەدىبىياتى»دىكى يازغۇچى –شائېرلار ،تەنقىتچىلەر ،مۇنازىرچى ئابۇنۇتلارنىڭ تەتقىقاتىدىكى تەرتىپسىزلىك مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ مەلۇم قىلىپ ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىشى بىلەن مەلۇم ئىزدىنىش يولى ۋە تەتقىقات تەرتىپىگە كىردى .-مانا بۇ بىر قىسىم ژورنالىسلارنىڭ ئورتاق باھاسى ،ۋە يۇقارقى يەكۇننى چورىدىگەن ئاساسدا چىقارغان يەكۇنلۇك قاراشلىرى .
ئەدىبىياتنىڭ ئىنسانىيەت روھىيىتى ئۇستىدىكى ئىزلىنىش سەپىرى چەكسىز .ئېستېتىكىدىن ئىبارەت گۇزەللىكتىكى ئىجتىمايىلىققا ئىگە ھادىسىنىڭ شەكىللىرى ئۇيغۇر شېئىريىتى ئۇچۇن شەكلىدە ۋە مەزمۇنىدا خاسلىق يارىتىپ بىرىۋاتقان 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىنتىرنىتنىڭ ئەدىبىياتتىكى شەكلى پەقەت (تور چايخانىلىرى )بىلەن چەكلەندى .بۇنى بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ باشلىنىشى دەپ يەكۇن چىقرىشقان بولسىمۇ تەتقىق قىلىش ،كۇزىتىش ،شەكلى بىلەن بۇ قاراشنىڭ دەلىللىكىنى رەت قىلىمىز .ئومۇم ئىتراپ قىلغان قاراش ۋە يەكۇن –«تور ئەدىبىياتنىڭ ساپلىقى شەكىللىنىشى كىرەك ».گۇزەللىك يارتىش ،مۇنازىرە قىزغىن ۋە دەلىللىك بولۇش ،ئەدىبىياتنىڭ قىممىتىنى چورىدەپ ئوبىكتىپ دۇنيانىڭ خىيالى مەنزىلدىكى سەنئەتنىڭ قىممىتىنى ئىزلەش –تور ئەدىبىياتىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى .بۇ نىشان ئۇچۇن بىز شەكىلدىكى قىممەتنى ئەمەس ،نەتىجىنى ھورمەت قىلىمىز .
ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ نەتىجە ئەمىلىيىتى بەش يىللىق تەرەققىياتىدا نەزىريە جەھەتتىن چوڭ بىر قۇملۇق شەكلىدە تاشلىۋىتىلگەن بولسىمۇ «تەبىئې پارىتلاش »ھامان بىر كۇنى تور ئەدىبىياتىنىڭ مەنىۋى ۋاستە سۇپىتىدە تەتقىق قىلىنىشنى كۇتۇپ تۇرۇدۇ .
تور ئەدىبىياتىدىكى مەزمۇن ۋە قىممەت سالاپىتى،- ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتىدىكى جەۋھەرلەر ، دۇنيا ئەدىبىياتىدىكى چىگرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ ئىنسانىيەتنىڭ روھى بىردەكلىكى شەكىلدىكى ئەدىبىيات دۇردانىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇپ كەڭ كولەمدە «دۇنيا ئەدىبىيات ئۇنۋىرسىتى »دىن ئىبارەت ياشاشتىكى سەنئەت يولىدا مەدىنيەتنى قىزىپ چىقىش بىلىم يۇرتى شەكىللەندۇرگەنلىگىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ .
[center]2-«ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى »نىڭ تەرەققىياتى [/center]

ئۇيغۇر خەلقى ياراتقان مەدىنيەت بايلىقلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى –سەنئەت ،مەدىنيەت تەشكىل قىلغان پەن ،دىن، سەنئەت تىرىتوگىيەسى بىزگە نۇرغۇن بايلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ،بولۇپمۇ سەنئەت تەشكىللىگىدىكى شىئېريەت 3تىرىتوگىيەدىكى پەن ،دىن، سەنئەتدىن ئىبارەت سىستىمىلارغا بىۋاستە قانداشلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۇرگەنلىكى ئۇچۇن ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدا شېئىريەت تەتقىقاتى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى .
شەرىتلىك ئاتالغۇ «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ تەرەققىياتى»نى تەتقىق قىلىش يولىنىشى مۇقەررەر ھالدا تەتقىقات ئوبىكتىۋىنى ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ كىلاسسىك دەۋرىدىن باشلاپ 21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى بولىكىگە تۇتاشتۇرۇش ئۇچۇن كىچە –كۇندۇز تەر ئاققۇزغان مىھنەتكەش زىيالىلارنىڭ ئەجرىنى شەرەپ بىلەن تىلغا ئالىدۇ .
تور ئەدىبىياتى تەرەققىياتىدىكى ئىزدىنىش ، ئىنسانىيەتنىڭ «ئەدىبىياتتىكى يولۇنۇشلۇك تەتقىقات »شەكلدە بىر –بىرسىدىن پەرىقلىنىپ تۇرۇدۇ .ئىنتىرنىتنىڭ ئىنسانىيەت تۇرمۇشىغا كەڭ –كولەمدە ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ ئەدىبىياتتىكى تەخىرسىزلىكنى ،تەتقىق قىلىشنى سەزگەن بىر قىسىم دوۋلەتلەردىكى ئەدىبىيات ئۇنۋىرسىتلىرى «ئىلىكتىرۇنلۇق كۇتۇپخانا»پائىلىيىتى ئۇچۇن ئالدىن تەييارلىق قىلىپ دوۋلەتنىڭ كەڭ –كولەملىك مەبلەغ سىلىشى بىلەن شۇ مىللەت تەۋە بولغان فولىكلۇر بايلىغىنى كەڭ –كولەمدە قىزىشقا باشلىدى .تەتقىقاتلىرىدا شۇ مىللەتنىڭ ئىپتىدائى باسقۇچىدىكى بەدىئىي ئەسەرلىرى .خەلىق ئىغىز ئەدىبىياتىدىكى جەۋھەرلەر ،خەلىق روھىيتىگە ئالاھىدە تەسىر كورسەتكەن چۆچەك ،لەتىپە ،مەسەل ،ئېستېتىك زوق مەنبەسىدىكى بارلىق ئەسەرلەر كاتۇلىگى ،ۋە ئۇلارنىڭ ئىنتىرنىتتىكى مەزمۇنلىرى ،پەلسەپىۋى بەكۇنلەر ،رەسساملىق ،ھەيكەلتاراشلىق ،مۇزىكا ،ئۇسۇل ،دراما ،كىنۇ،…قاتارلىق ئەڭ جاپالىق تەتقىقاتنى كۇتۇپ تۇرغان بوشلۇقنى قايتىدىن تەتقىق قىلىپ ،كەڭ خەلىقنىڭ تۇرمۇشىغا يىقىنلاشتۇرۇش ئۇچۇن تور ئەدىبىياتىنىڭ باشلانغۇچ قەدىمىنى خاسىيەتلىك ئىلمى تەتقىقات بىلەن باشلىدى .ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى شەكىللىنىش بىخلىرى بىلەن باش كوتىرىپ چىققاندا ئەتىراپتىكى مىللەتلەرنىڭ تور ئەدىبىياتى سىستىمىلىق تەتقىقاتنى ئاللابۇرۇن تاماملاپ كەڭ ئابۇنۇتلارنىڭ ماتىريال تاللاش ۋە كورۇش ئاۋارىچىلىغىدىكى كۇتۇپخاننى «شەخىس كوزىگە ۋە قەلبىگە»تاشلاپ بەردى .گەرچە «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى»دىكى ئەتىراپلىق ،ئومۇمىيۇزلۇك ئىزدىنىش مەلۇم ئىزىقىش ۋە گاڭگىراشلار ئىچىدە بىر يىل ئەتىراپىدا جان تالاشقان بولسىمۇ تەتقىقات يولىنىشى ئايدىڭلاشقان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار «ئۇيغۇر شېئىريەت تارىخى»نى قايتىدىن تۇرغۇزۇش يولىدا كوپ ئەجىر قىلدى .ئۇيغۇر خەلىق ئىغىز ئەدىبىياتى،قىيا تاش رەسىملىرى ،قەدىمكى قوشاقلار ،ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر ،ئېپۇسلار ،بۇددا مۇھىيتىدىكى ئەدىبىيات- سەنئەت ،يىزىق ۋەسىقىلىرى ۋە ئەدىبى ئەسەرلەر ،ئۇرقۇن دەۋرىدىكى ئەدىبىيات ،قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋىردىكى شىئېريەت ،قارىخانلار دەۋرىدىكى .سەئىدىيە ئىمپىريەسى دەۋرىدىكى يىتۇك يازمىلار ،ئۇيغۇر سوپىزىم ئەدىبىياتىنىڭ دۇردانىلىرى .ئابۇ ناسىر فارابى ،ۋە يۇسۇپ خاس ھاجىپ ….قاتارلىقلارنىڭ فەلسەپىۋى قاراشلىرى….ئۇيغۇر يىڭى شىئېريىتىدىكى دۇنيانى يىڭىچە گۇزەللىك ئولچىمى بىلەن كۇزەتكۇچىلەرنىڭ ئۇيغۇر شېئىريىتىدە سىلكىنىش شەكىللەندۇرگەن يازمىلىرى ۋە ئۇ يازمىلار ئۇستىدىكى تەتقىقات…..قاتارلىقلار ئاساسىدا ھازىرقىدا ئويلۇنۇش ،ئوتمۇشتىن پەخىرلىنىش ،كەلگۇسىدە ئاھ ئۇرۇش ھىسياتى بىلەن كىچىنى –كۇندۇزگە ئۇلاپ مەلۇم كولەم شەكىللەندۇرۇلدى .«ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى»دا شېئىريەتتىكى ئەمگەكنىڭ بۇ دەرىجىدە سىستىمىلق ۋە تەرتىپلىك ئىشلىنىشى ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىنىڭ تارىخ ئالدىدىكى مەسۇلىيىتىنى قانچىلىك دەرجىدە ئادا قىلغانلىغىنى ئاشكارلاپ قويىدۇ .
ھەر قايسى ئەدىبىيات مۇنبەرلىرىدە مۇنازىرگە ۋە تەتقىقاتقا سەۋەپچى بولىۋاتقان ئۇيغۇر داستانچىلىغىدىكى «ئوغۇزنامە »دىن باشلىنىپ «ئەركەكلەر قىنى سىلەر »گىچە داۋاملاشقان قىزغىنلىغى ۋە دەلىللىگى يۇقىرى تەھلىللەردىن مەتبۇئات شەكىللەندۇرگەن شىئېريەت تەتقىقاتى بىلەن تور ئەدىبىياتىدىكى شىئېريەت تەتقىقاتىنىڭ پەرقىنى بىلەلەيمىز .
ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك تەرەققىياتنى شېئىريەت ئارقىلىق خۇلاسە قىلىش ئاتالغۇ مەنىسىدىكى بوشلۇقنى كىچىكلىتىپ قويىدۇ .
ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدىكى زىيالىلارنىڭ ئەدىبىيات سىستىمىسىدىكى پىرۇزىغا كوچۇش قىزغىنلىغىدا ئىزاھلاپ ئوتۇشكە تىگىشلىك ،ئوينىغان رولى ۋە تەسىرى چوڭ ئىجادىي ئەمگەكلەرنىڭ مەۋجۇتلىغى تىڭىرقاش ئىچىدىكى ئۇمىدنىڭ «پىروزىغا قىنىش »ھەركىتىدە ئاز بولمىغان ئىزلىنىشلەرنى بارلىققا كەلتۇردى .تور ئەدىبىياتى مۇنبەرلىرىدىكى سىياسىدىن يىراق تۇرۇپ ئەركىن پىكىر قىلىش ئوزگىچىلىكى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى تەپەككۇر «كەڭەيمىچىلىكى»نى يەنە بىر گۇزەللىك شەكلى بىلەن ئىپادىلەپ ئەسەرلەردىكى ئوبرازلار ،پىرسۇناجلاردىكى مىللى خاراكتىر ۋە كىملىك ،مىللى سالاپەت ۋە ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلەشنى ئاساسى مىلودىيە قىلىپ تۇرۇپ ئوبىكتىپ ئىھتىياج شەكلىدىكى خەلىق ئارزۇسىغا كوچتى .ئەسىر ئالمىشىش ھارپىسىدىكى ئىش ئورنىدىن قىلىش ھالاكەتچىلىكى ،يىڭى بەش يىللىق پىلان ئەۋجىدىكى ئالدىن بىيىغانلار بىلەن ئاۋام ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنىڭ چوڭ بولۇپ كىتىشى ،مەدىنيەتتىكى داۋالغۇش .شەھەرلەردىكى ئائىلە قىرغىنچىلىغى ،بۇزىلىۋاتقان روھىيەت ئىكىلۆگىيەسى ...تور ئەدىبىياتى يازغۇچىلىرىنىڭ ئىزدىنىش كارتىنىلىرى بىلەن مەدىنيەت ئىكىنچىلىكدە ئوقۇرمەنلەرگە ھەقىقى ئىستېتىك زوق بىغىشلىدى .
پوبلېستىك ماقالىلەر «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى»دىكى تەرەققىياتنىڭ مەتبۇئاتتىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئوزگىچىلىكىدىكى ئالاھدە جەۋھەر .
مەدىنيەت چەمبىرىكىدىكى قەبىلە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى سەلتەنىتى «قەشقەريە»بىلەن قەبرىگە دەپىن قىلىنغان .ئۇنىڭدىن كىيىنكى ماددى تەرەققىيات ھەر ھالدا كورىنەرلىك بولدى .سودا مەدىنىيىتى ،رىئاللىقتىكى ئىكىنچىلىك ،ئات ئۇستى مەدىنىيىتى ،ئاسمىلاتسىيەدىكى يىپەك يولى مەدىنىيىتى ،دىھقانلارنى ئاساسى گەۋدە قىلغان يىزا تۇرمۇشى ئىچىدە روھىيەتتىكى تىتىلىشنى ئىزلىنىش ئوبىكتىۋى قىلغان پوبلىستىك ماقالىلەردە ناخشا ئۇسۇلنى دەستەك قىلغان ئىسلام دىنى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رىئال تۇرمۇشنىڭ توۋەن قاتلىمىدىكى گاڭراشلىرى، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئىشىكنى سىرىتقا ئىچىۋىتىش شاپائىتىدىن كىيىنكى مەدىنيەت پەرقى ،ماددى مەدىنيەتتىكى تەرەققى قىلىش بىلەن مەنىۋى مەدىنيەتتىكى چىكىنىش سادالىرى ،توپا بىسىپ كەتكەن ئاساسى قاتلام مۇزىيخانىلىرى .ئاسارە –ئەتىقە بويۇملىرى .تەبى ئەپەت ئىچىدە قالغان دوۋلەتلىك قوغدىلىدىغان رايۇنلار ...بويۇچە تەتقىقات قىلىنىپ يىرتىلىپ كەتكەن كونا رەسىمنىڭ بوياقلىرىنى ئىزلەپ تارىخ قەلئەسىنى قۇملۇقنىڭ ئىچىدىن ئىزلەشتىكى ئىزدىنىشلەر ھەقىقەتەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت مەركىزىدىكى مەسىلە بولۇپ ئالقىشلاندى .
پوبلىستىك ماقالىلەرنىڭ ئىچىدە رىئاللىقتىن ھالقىپ كەتكەن رومانتىزىملىق قاراش بىلەن سەنئەتنى يۇكسەك بىلىپ ناخشا ئۇسۇل مىللىتىنىڭ قەبرىستانلىققا ھازا قوشىقى بىلەن ئەمەس ناخشا ئۇسۇل بىلەن كىرىپ كىتىۋاتقانلىغىدىكى كۇلكىلىك تۇرقى دارىتمىلىق يەكۇنلەر بىلەن ئەتىراپلىق مۇلاھىزە قىلىنىپ ئازاپنى يىنىكلىتىش باسقۇچىدىكى مەنىۋىلىكنى ئىزلەش رىتىسىپى بىلەن روھى كىسەللەرنىڭ كىسەللىك تارىخى ئەتىراپلىق يەكۇنلىنىپ تىنلاندۇرۇش ئۇكۇلىنىڭ تەننىڭ ئامۇرساتسىيەسىگە بولغان رىئاكسىيەسى كورسىتىپ بىرىلدى .مانا بۇ ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدىكى مەدىنيەت تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق يەكۇن .
ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدىكى يازغۇچى –شائېرلار ،مەدىنيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دەۋىرنىڭ تەرەققىيات يۇزلىنىشىنى سەزگۇرلۇك بىلەن كۇزىتىپ ئىلىپ بارغان ئىجادىيەتلىرىگە باھا بىرىش «ئەدىبىيات مارشى»دىكى ئورتاق ئىتراپ قىلىنىش ئاساسىدىكى تەتقىقاتنى كۇتۇپ تۇرۇدۇ .ھەم «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى»دىكى ئاپتۇرلارنىڭ ئىجادىيەت خائىشىدىكى ئىزدىنىشلەر ،ھەر بىر ئەسەرنىڭ خاسلىقى ،ئاپتۇرلارنىڭ مەدىنيەت ساپاسى ...كۇچلۇك ئىزلىنىش خاراكتىردىكى تەتقىقات .بۇ تەتقىقاتنىڭ تاماملىنىشى «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى»تىمىسىنىڭ كىيىنكى باپلىرىدا ئەتىراپلىق تەھلىل قىلىنىدۇ .


ــــ-ئاپتۇرنىڭ يىزىلىۋاتقان «ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى »ناملىق كىتاۋىدىن ئىلىندى [/size] [/color]

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
تۆھپە:15(etribe )ياخشى باھا:10(qinmodan)

Elts
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 00:06 چوققىغا قايتىش
ئاتا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 228
شۆھرەت: 264 نۇمۇر
پۇل: 2320 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:46(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت ،جاللات ئەپەندى . باشتىن -ئاياق ئوقۇپ چىقتىم . . ئۇيغۇر تورئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىنى ،بولوپمۇ تەنقىدچىلىكنىڭ توغرا قۇبۇل قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەرەققىيات تەنقىدكىمۇ مۇھتاج!


[ بۇ يازما ئاتا تەرپىدىن 2007-09-09 16:10 دە قايتا ت ]


Elts

قولۇمدىكى قىلىچقا ئۇدۇل قارا ،ئۇنىڭ بىسىدا مۇھەببەت يالتىرايدۇ!
          __  تەنقىدتىمۇ مۇھەببەت بار!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 05:22 چوققىغا قايتىش
nurlfn
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 147
شۆھرەت: 183 نۇمۇر
پۇل: 1490 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:41(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت ، جاللات ئەپەندىم، يېڭى تۇيغۇ ۋە ئويلىنىشقا باي يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈشكە، ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشقا تەشنابىز.

Elts

كەمىنە بىر مائارىپچى.
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 11:33 چوققىغا قايتىش
qinmodan
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 713
شۆھرەت: 732 نۇمۇر
پۇل: 6251 سوم
تۆھپە: 58 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:799(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئىنكاس يېزىش مۇھىم ئەمەس، شۇ ئەسەرنىڭ ماھىتىنى چۇشىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش مۇھىم دەپ قارايمەن!
تېمىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ تورداشلارغا مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن! ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!


horiyat.com


[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 12:14 چوققىغا قايتىش
ixkizar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 668
شۆھرەت: 669 نۇمۇر
پۇل: 6690 سوم
تۆھپە: 13 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:91(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قول تۇتۇشۇپ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرايلى ! تىما ئىگىسىگە رەخمەت !

Elts

-------------------------------------------------
بىز ئۇيغۇرنىڭ باللىرى كۆڭلىمىز نۇرلۇق،
بىسىپ ئۆتكەن ئۇزاق ھايات يولىمىز ئۇلۇغ.

[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 12:27 چوققىغا قايتىش
tulpar415

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 42
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:56(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


[quote]بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى ئاتا نىڭ 2007-09-09 05:22 دە يوللىغان يازمىسى“”:
رەھمەت ،جاللات ئەپەندى . باشتىن -ئاياق ئوقۇپ چىقتىم . بۇ مۇنبەرگە مۇبارەك ئىنكاسلىرىمنى يازماي دىگەن بىراق ،مۇشۇ تما ئۈچۈن بولسىمۇ ،لەۋزىمدىن ياندىم .

ئۇنداق قىلماڭ ئاتا ئەپەندىم . داڭلىق شەخسىلەرنىڭ ئىمزاسىدىنمۇ قەدىرلىك مۇبارەك ئىنكاسىڭىز شەبنەمگە يېزىلمىسا شەبنەم تاقىلىپ قالىدۇ ..... ئۇ چاغدا بىز نىمىدىن خۇشاللىق ئىزلەيمىز .......


Elts
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-09 14:33 چوققىغا قايتىش
Ark-zat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 3342
شۆھرەت: 3507 نۇمۇر
پۇل: 16770 سوم
تۆھپە: 167 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:384(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى توغرىسىدا ئىزىدىنىۋاتقانلىقىڭىزنى شەبنەم سۆھبەتخانىسىدا سىز بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىلا ھېس قىلغان ئىدىم.ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى كۈرۈشكە تەشنا مەن.ئامان بولغايسىز.ھۆرمەت بىلەن:ئەركزات

Elts

شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-10 20:10 چوققىغا قايتىش
تۈركزات



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 109
شۆھرەت: 129 نۇمۇر
پۇل: 1080 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:29(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت جاللات ئەپەندىم ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى خېلى ئوبدانلا ئۇپىراسىيە قىپسىز . ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنامەن !

horiyat.com

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى !
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-10 20:47 چوققىغا قايتىش
nanhabala

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 238
شۆھرەت: 239 نۇمۇر
پۇل: 2380 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:23(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت ، جاللات ئەپەندىم، يېڭى تۇيغۇ ۋە ئويلىنىشقا باي يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈشكە، ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشقا تەشنابىز.

Elts
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-10 21:17 چوققىغا قايتىش
jallat007
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 191
شۆھرەت: 294 نۇمۇر
پۇل: 1930 سوم
تۆھپە: 83 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:63(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تورداشلارغا رەھمەت .بۇ كىتاپنى تىز تاماملاشقا بولاتتى .لىكىن ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىنىڭ 2010-يىلغىچە باسقان ئىزلىرىنى سۇكۇت بىلەن تەھلىل قىلىشقا توغرا كەلدى .

horiyat.com
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-10 22:20 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:09-21 15:08, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije