ئاشنا
(مۇھەممەتجان راشىدىن )
چىن پۈتۈپ يۈرمە كوڭۈل، ئاشناڭ ساڭا باقى ئەمەس،
ئاشنا شەيتان سۈرىتىدۇر، ۋەجى بىر دەملىك ھەۋەس.
قايمىقى يوق سۈت ساڭا ئۇ، خەقتىن ئاشقان ياكى ئاش،
قانچە تاتلىق بولسىمۇ، ئەسلا ھالال رىزقىڭ ئەمەس.
ئاشنا ئەبجەق كەپە گويا،تەكتىنى تەسۋىرلىسەڭ،
تەۋرىسە يەر، چىقسا بوران، ئاندا ساق تۇرماقى تەس.
ئاشنا چىن ئاشىق ئەمەستۇر، لەۋزىلەر يالغان تامام،
<<چىن>> دىگەنلەرنىڭ ئۇنى كوڭلى تۇمان كوزى ئەلەس.
ئوز بېغىدا گۈل تۇرۇپ ،بويلاپ يۈرەر ئەل بېغىنى،
بىرلىرى ئاسى ئويىگە، بىرلىرىنىڭ كوڭلى پەس.
كەينىگە كىرسەڭ كوڭۈلنىڭ مەنزىلىڭ ھەر جايدىدۇر،
توت قەدەھ مەيدەك سېنى ئاشناڭ ئەگەر قىلغاندا مەست.
ھارۋىدۇر تار يولدىكى، ئاشناچىلىق، رەسۋاچىلىق،
بۇ ھاياسىزلار ئۈچۈن قىلمايلى گەپ ئارتۇقچە، بەس.
يايغىنى يايغان چاۋاڭنى چىتقا ئاخىر بىر كۈنى ،
بولمىغىن كوڭلۈم، شۇڭا تا ئولگىچە ئاشنا پەرەس[/size].
سودىيە 0999 تەستىقلىدى