ئەسالامۇ ئەلەيكوم مۇنبەر ئەھلى !
مەن بۇگۈن بۇ ئاۋازلىق ئەسەرنى ئۇچۇرىتىپ قالدىم شۇڭا بۇ يەرگە يوللاپ ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن !
سىز بۇرۇن ئاپپاق غوجا توغۇرلۇق بىلەمتىڭىز ؟ قانداق قارايتتىڭىز ؟ بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قانداق قاراشتا بولدىڭىز ؟
[wmv]
چۈشۈرۈش ئادىرىسى : http://qimbulak.com/mp3/appakhija.wma
__________________
مەنبە : چىمبۇلاق تورى
_________________
نۇرمۇھەممەد يوللانمىسى
ئەگەر تىڭشىغۇچى بۇزۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن ئاڭلىيالمىغانلار ۋە باشقا ئىش سەۋەبىدىن ئاڭلىيالمىغانلار بولسا بۇ يەردىن كۆرۈڭ (سەۋدايى ) :
ئاپپاق غۇجىنىڭ ئەپتى بەشىرىسى
بىز تارىخىمىزنى ۋاراقلاپ كۇرگىنىمىزدە مەھمۇد قەشقىرى ، يۇسۇپ خاس ھاجىپ ، خانىشىمىز ئاماننىساخانغا ئۇخشاش مەدەنىيەت چۇلپانلىرىدىن پەخىرلەنسەك مۇخدۇم ئەزەم ، ئاپپاق غۇجىلارغا ئۇخشاش جاھالەت پىرقىلىرىنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىدىن ئىختىيارسىز غەزەپلىنىمىز . شۇ سەۋەپتىن ئالدىنقىلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى ئەسلەش قانچىكى زۇرۇر بۇلسا كىيىنكىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەقىياتىغا كەلتۇرگەن زىيانلىرىنى ئەسلەپ ئۇتۇشمۇ ئۇخشاشلا زۇرۇر بۇلماختا چۇنكى ئاللاقاچان تارىخنىڭ لەنەت تۇۋرىكىگە مىخلىنىپ كەتكەن ئۇ كىشلەر مىللىتىمىز ئۇچۇن مەڭگۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئاچچىق ساۋاق ۋە سەلبىي دەرىسلىك .
تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇندىن 370 يىل ئىلگىرى قۇمۇلدا سۇپىزىم تەلىماتىنى تارقىتىۋاتقان بىر ئىشاننىڭ ئائىلىسىدە بىر ئۇغۇل دۇنياغا كەلدى . ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەندە دادىسى بىلەن قەشقەرگە كۇچۇپ كىلىپ 18 يىشىغىچە سۇپىلىق دەرىجىسىگە يەتتى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ دادىسى يۇسۇپ غۇجا باشقىلار تەرىپىدىن ئۇلتۇرۇلگەچكە ئۇنىڭ ئامىتى كىلىپ << ئىشقىيە سۇلكى بۇيچە >> << پىر >> لىق ئۇرنىغا كۇتۇرۇلگەن مانا بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا ئىچىنىشلىق يۇقۇتۇشلارنى پەيدا قىلغان ئەشەددىي جاللات دىننىي مۇناپىق ھىدەيتۇللا ( ئاپپاق ) خۇجا ئىدى .
شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كۇنتۇرۇللىقىدا بۇلۇپ ، ئىسمايىل خان ھاكىميەت بىشىدا ئىدى . سۇپىزىمنىڭ << ئىشاقىيە >> سۇلۇكىگە ئىتقاد قىلىدىغان بۇ خان ئاپپاق غۇجىلارنىڭ قەشقەردىكى << ئىشقىيە >> سۇلىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ ، مىلادى 1671 - يىلى يازدا ئۇلارنى چىگرىدىن قۇغلاپ چىقاردى قۇغلانغان ئاپپاق غۇجا ۋە ئۇنىڭ مۇرۇتلىرى قاتتىق ئۇچمەنلىك ئىچىدە كەشمىرگە بىرىپ ئۇ يەرنىڭ ھۇكۇمرانىغا يىلىنغاندا شىزاڭدىكى دالاي لاماغا تۇنۇشتۇرغان شىنىڭ بىلەن ئۇزىنى ئىسلام دىنىنىڭ مۇخلىسى ئاپپاق خۇجا پىشىۋا ھەزرەت ، پىر ئىشان ، مۇھەممەد پەيخەمبەرنىڭ 27 - نەۋرىسى دەپ ئاتىۋالغان ھىدەيتۇللا خۇجا بۇددا دىنىنىڭ لاما داھىسى ئالدىدا تىزلىنىپ ، ئۇنىڭ ئىتەكلىرىگە سۇيۇپ . زار - زار يىغلاپ ئىسمايىلخان ئۇستىدىن شىكايەت قىلغان دالاي لاما شۇ چاغدا كۇزىنى ئانا يۇرتىمىزغا تىكىپ تۇرغاشقا ھىدەيتۇللاغا << ئاپپاق >> ( زاڭزۇچە ئۇتتۇرا قاتلامدىكى راھىپلارغا بىرىدىغان ئۇنۋان ) نامىنى ئاتا قىلغان ھەمدە شىمالى شىنجاڭنى بىسىپ ياتقان جۇڭغار ( مۇڭغۇللارنىڭ ) باشلىقى غالدان قۇنتەيجىگە لاما دىنى نامىدىن ياردەم بىرىش بۇيرىقى ئەۋەتكەن . ئاپپاق غۇجا بۇ << بۇيرۇقنى >> ئىلىپ چىڭخەي ئارقىلىق قۇمۇلغا كىين جۇڭغارغا كەلگەن ۋە سىچۇەن ، چىڭخەي ، نىڭشا خۇيزۇلىرى ئارىسىدا << پەيخەمبەر ئەۋلادى چىڭخەيگە كەلگەن >> دىگەندەك رىۋايەتلەرنى قالدۇرغان ، غالدان قۇنتەيجى گەرچە مۇڭغۇل بۇلسىمۇ لاما دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان بۇلغاچقا دالاي لامانىڭ كۇرسەتمىسىنى مۇقەددەس بۇيرۇق قاتارىدا كۇرەتتى نەتىجىدە ئاپپاق غۇجا جۇڭغارلارنىڭ قىلىچى بىلەن قەشقەر يەكەنلەرنى ئىشخان قىلىپ 170 يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت سۇرگەن يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى تارىخى بىتىدىن ئۇچۇرۇپ تاشلىغان .
ئاپپاق غۇجا جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇرچاق خانلىق تىكلىگەندىن كىيىن بىر تەرەپتىن سۇپىزىم مۇرۇتلىرىنى يىتىشتۇرۇشنى تىزلەتسە يەنە بىر تەرەپتىن يۇقۇتۇش خارەكتىرلىك قىرغىنچىلىق ئىلىپ بارغان ئۇ يەكەن مۇرتىۋەرلىرىدىن 81 كىشىنى تىرىك پىتى يۇرىكىنى سۇغۇرۇپ ئىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇلتۇرگەن ئۇلارنىڭ يۇرەكلىرىنى غالدان قۇنتەيجىگە بىر ۋاقلىق تاماق قىلىپ بەرگەن . مەشھۇر بىلىم يۇرۇتلىرىنى چىقىۋەتكەن ناخشا ئۇسۇللارنى چەكلەپ ، تارىخى ئەدەبىي كىتاپلارنى كۇيدۇرگەن ئۇيغۇر خۇتۇن قىزلىرىنى تۇتۇپ جۇڭغارلارغا سۇۋغا قىلغان ئىسمايىل خاننىڭ كىچىك قىزىنى قايناۋاتقان ياغقا تاشلاپ ئۇزىنىڭ << ئىشاقىيە >> چىلەرنى تۇخۇمىدىن قۇرتۇش ئىرادىسىنى بىلدۇرگەن مەشھۇر شائىر بابا رەھىم مەشرەپنى ئاتالمىش << دەھرى >> لىكتە ئەيىپلەپ دارغا ئاستۇرغان بۇنىڭ ئەكىسچە ئاشىقلىق ، مازارچىلىق ، مۇمىنچىلىك ئىدىيىسىنى كەڭ تارقىتىپ رىئاللىقتىن چەتنىگەن سۇپۇۋىزىمنى ئەۋج ئالدۇرغان ھەتتا ئۇزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ << داھىسى >> دەۋالغان .
ئادەمنى ئەقلىدىن ئازدۇردىغان ئىدىيىۋى ئەپسۇنى ۋە قانلىق قىلىچى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلىقىمىزگە مۇلچەرلىگۇسىز زىيانلارنى سالغان جاھالەت پىرى ئاپپاق غۇجا 68 يىشىغا كىرگەن چىغىدا ( 1694 - يىلى ) يەكەن شەھىرىدە << ئىشاقىيە سۇلكى >> تەرەپدارلىرى تەرپىدىن زەھەرلەپ ئۇلتۇرۇلگەن ئۇنىڭ ناپاك جەسسىتى ئۇ ئۇلۇشتىن يەتتە ئاي ئىلگىرى ياسىتىپ قۇيۇلغان قەشقەردىكى << مازارى شاھان >> ( بۇگۇنكى ھەززەت ) گە دەپىن قىلىنىپ چۇڭ ئۇغلى يەھيا غۇجا تەرىپىدىن گۇمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇلغان شۇندىن ئىتىبارەن ئاپپاق غۇجىنىڭ خۇتۇن بالىلىرى ئارىسىدا تەخىت تالىشىش يۇز بىرىپ ئاخىرى مۇھتىرەم خىنىم ( پاشا خىنىم ) ئۇتۇپ چىققان ۋە ئۇچ يىل ئىچىدە 20 مىڭدىن كۇپ كىشىنى ئۇلتۇرۇپ << جاللات خىنىم >> دەپ ئاتالغاچقا 1699 - يىلى دۇلانلىق سۇپىلار تەرپىدىن پىچاقلاپ ئۇلتۇرۇلگەن .
ئاپپاق غۇجا ھاكىميىتى ( 1678 - 1699 ) سۇپىزىمنى قانۇن ۋە ئەخلاق مىزانى قىلغاشقا پۇتكۇل جەنۇبى شىنجاڭنى خۇراپاتلىق زۇلۇم نامراتلىق نادانلىق جەڭگى جىدەل ئاچارچىلىق قاپلاپ كەتكەن بۇ ھال ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر نەچچە ئەسىر كەينىگە چىكىندۇرۋىتىشكە سەۋەپ بۇلغان .
مەنبەسى : سەلكىن مۇنبەرى ( ئەسلى يوللىغۇچى : مۇختەر باي )