مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
 
شىنجاڭ يېڭى ئىز توي خاتىرە سۈرەت تارتىش مەركىزى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
«12345»Pages: 1/5     Go
سىز بۇ تېمىنىڭ 7190 - كۆرۈرمىنى
تىما: كورىيىلىك قىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتىگە يازغان خېتى
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا
UID نومۇرى : 39340
نادىر تېما : 1 پارچە
يازمىسى : 433 پارچە
شۆھرەت: 528 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4795 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 711(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
0  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 17:17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

كورىيىلىك قىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتىگە يازغان خېتى

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى : باشقۇرغۇچى tughrul بۇ تېمىنى كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-05-18)
شەبنەم شىركىتى بىر يىللىق ئەسلىمىلىرى
                                   كورىيىلىك قىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتىگە يازغان خېتى


       ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر يىگىتى تايانچىم بار ياخشىمۇسىز،
        شۇنداق قىلىپ قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق سىزگە بۇ خەتنى يېزىش قارارىغا كەلدىم.ئۆزىڭىز بىلىسىز،مەن ئۆزۈم كورىيىدە تۇغۇلۇپ ،كورىيىدە ئۆسكەن ساپ كورىيان قىزىمەن.كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى جەڭگىۋار تارىخى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە قىزىققانلىقىم تۈپەيلى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پسىخىكىسىنى تەتقىق قىلىش يولىنى تاللىۋالغانمەن.ھازىرقى تىل سەۋىيەيىمدىن قارىغاندا ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەيىم يامان ئەمەس.مىللىتىڭىزلارنىڭ خېلى كۆپ ئادەملىرى بىلەنمۇ تونۇشتۇم،پىكىرلەشتىم.لېكىن،چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئىدىيەيىمدىن ئۆتمەيۋاتقان بىر مەسىلە بار.مەن بۈگۈن مەخسۇس شۇ مەسىلە توغرىسىدا توختالماقچىمەن.
        بۇ باشقا مەسىلە ئەمەس،بەلكى،سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم قىزلىرىنىڭ خاراكتېر قىزىققانلىق مەسىلىسى.شۇنداقلا قىزىققان نەرسىسىگە چوڭقۇر ئويلانماستىنلا پۈتۈنلەي ئۆزىنى بىغىشلاپلاۋېتىش مەسىلىسى.بۇ ئەھۋال كۈندىلىك پارچە-پۇرات ئىشلاردىلا ئەمەس،بەلكى،باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىمۇ گەۋدىلىك كۆرىلىدىكەن ھەم كۆرۈلىۋېتىپتۇ.مۇشۇ يېقىنقى 30يىللىق تارىخىڭلارنىلا ۋاراقلاپ باقسام،بىرچاغلاردا بىر قىسىم قىزلىرىڭلار ھىندىستان،پاكىستان كىنولىرىنى كۆرىۋېرىپ،ھىندى،ئوردۇ يىگىتلىرىگە مەستانە بولۇشۇپ،ئۇلارنىڭ رەسىملىرىنى ياتاق ئۆيلىرىگە چاپلاپ ياكى پۇل قاپچۇقلىرىغا سېلىۋېلىپ غايىبانە سىردىشىپ يۈرۈپتۇ.ھەتتا ھېلىقى شاھرۇنخان نامى بىلەن تونۇلغان ئارتىست يىگىتكە سۆيگۈ خېتى يېزىپ،جاۋاب كەلمىسە،دۈم يېتىپ يىغلىغانلىرىمۇ بار ئىكەن تېخى.ھىندى،ئوردۇ يىگىتلىرىنىڭ قىزغىنلىقى سەل پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن بۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلاردا بىردىنلا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قىزغىنلىقى قوزغىلىپتۇ.بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسىم كېلىشكەن ناخشىچىلىرى ھاۋايى-ھەۋەس ئوتىدا كۆيگۈچى بىر قىسىم قىزلىرىڭلارنىڭ روھىي سىردىشىغا ئايلىنىپتۇ.شاھزات،تاركان دەيدىغان ئىسىملار قىزلىرىڭلار ئۈچۈن ئۇرۇغ-تۇغقان،قېرىنداشلىرىنىڭ نامىدىنمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان بولۇپتۇ.ھەتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىڭلاردا«شاھزات ئۈرۈمچىگە ئويۇن قويغىلى كەلگەندە بىر قىسىم قىزلار ئۇنى قۇچاقلاش،سۆيۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەبرىكلەۋېرىپ ھېچ ھالىنى قويماپتۇ.يەنە تېخى كەچلىكى ياتىدىغان ياتىقى ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ،ئاراممۇ ئالغۇزماي بەكلا بىزار قىلىۋېتىپتۇ»دەيدىغان گەپلەر چىقىپتۇ.بۇ ئىشلار قەلىمى ئۆتكۈر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قامچىلانغاندىن كېيىن بىر پەس جىمىغان بولسىمۇ،لېكىن ماھارەت تەنتەربىيىسىنىڭ شاھى بولغان پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ تېلىۋىزۇرلار ئارقىلىق كۆرسىتىلىشى بىلەن بۇ قىزلىرىڭلاردا يەنە ياۋرۇپا(بۇ يەردىكى ياۋرۇپا ماكان ئۇقۇمىنى بىلدۈرمەيدۇ)قىزغىنلىقى قوزغىلىپتۇ.پۇتبول مەيدانىدىكى تەلۋە يىگىتلەر بىر قىسىم قىزلىرىڭلارنىڭ سۆيگۈ مەبۇدىسىغا ئايلىنىپتۇ.پۇتبولچى يېگىتلەرنىڭ ئىسمى چېقىشى بىلەن ئۇلارنىڭ قىلغىنى قىلغان پىتى،ئەتكىنى ئەتكەن پىتى قىلىپ قالىدىغان بولۇپتۇ.ئاتا_ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم قىزلار بىكخام،رونالدۇ،زىدانى قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمھالىنى قەۋىم-قېرىنداشلىرىغىچە ئەينى تەرجىمىھالى بىلەن يادلاپ بېرەلەيدىغان بولۇپتۇ.21-ئەسىردىكى قولايلىق ئالاقىلىشىش ۋاستىسى بولغان ئىنتېرنېتنىڭ ياردىمى بىلەن ھەتتا بىر قىسمى ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ زىرىككەندىكى تور ئاشىنىسىغا ئايلىنىپتۇ.بۇ ئىشلارغا ھەيرانە-ھەس بولۇپ ئۈلگۈرگىچە،ئەمدىلەتىن ئالىي مەكتەپتىكى بىر قىسىم قىز سىتۇدىنىتلارنى ئاساس قىلىپ كورىيە قىزغىنلىقى قوزغىلىشقا باشلاپتۇ.ھەتتا بىر قىسىم قىز سىتۇدىنىتلىرىڭلار بىزنىڭ كورىيەلىك ئارتىست يېگىتلەرگە توي قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ.ھەتتا،بەزىلىرى ئارتىسىتلىرىمىزدىن ھالقىپ،كۆزىگە ئىللىق كۆرۈنگەن ھەرقانداق بىر كورىيلىك يىگىتكە يېپىشىۋالدىغان بولۇپ قاپتۇ.شۇ سىتۇدنىت قىزلىرىڭلار خەت يازغان بىر قىسىم ئارتىسىتلىرىمىز ئاللىقاچان بالىلىق بولۇپ بولغان،تۇرمۇشى بار ئەرلەر ئىدى.شۇلارنىڭ ئىچىدە مېنى تونۇيدىغان بىرسىنىڭ ئايالى ماڭا:سىڭلىم،سىز ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىكىسىنى تەتقىق قىلغاچ،ئۇلار بىلەن ئالاقىدە بولىۋاتىسىز.ئۇلارنىڭ بىر قىسىم قىزلىرىنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق بولىۋاتىدۇ.يولدىشىمغا ئۇلارنىڭ يەڭگىل ھېسسىياتى ئەمەس،بەلكى،مېنىڭ چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتىم كېرەك.شۇنداقلا ھەم بىزگە خاتىرجەم ئائىلە كېرەك.شۇڭا،مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نەسىھەت قىلىپ قويسىڭىز،_دەپ كەتتى قايناپ بوغۇلۇپ.
       مەن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ ھەم كۆرۈپ راستىنلا ھەيرانلىقىمنى ئىچىمگە يوشۇرالماي قىلىۋاتىمەن.سىلەر باشقىلارنى سۈيۈندۈرگىدەك ئېسىل مىجەزلىك،ئۆزگىلەرگە ئۈلگە بولغىدەك ئەدەب-ئەخلاقلىق بىر مىللەت ئىدىڭلارغۇ؟!سىلەردىن چىققان تۇمارىس،ئىپارخان،مايسىخان،نۇزۇگۇم،ئايخان ئانا،رىزۋانگۈل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تىللاردا داستان بولغۇدەك شانلىق تارىخلارنى ياراتقان ئىدىغۇ؟!ھازىرمۇ ئىچىڭلاردا ئەدەب-ئەخلاق ئۇستازى بولغۇدەك نى-نى ئۇيغۇر ئانىلىرى ھەم ئۇيغۇر قىزلىرى بارغۇ؟«مېھرىبان ئانىلار»نامى بىلەن ئاتالغان ئاشۇ ئانىلار سىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىڭلارغىلا ئەمەس،باشقا مىللەت ئانىلىرىغىمۇ ئۈلگە بولغۇدەك داستانلارنى يېزىپ بېرىۋاتىدىغۇ؟!ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر يىگىتلىرىڭلارمۇ«مەن-مەن»دېگەن قەۋىم قىزلىرىنى ئۆزىگە قارىتالىغۇدەك دەرىجىدە بەستلىك،كېلىشكەن شۇنداقلا يۈرىكىدە ۋەتەن،مىللەت ئوتى كۆيۈپ تۇرغان ۋىجدانلىق يېگىتلەردىغۇ؟!ئۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلارنى مۇشۇنداق ئېسىل سۈپەت يىگىتلەرنى تاشلاپ باشقىلارنىڭ تاۋىقىنى يالاشقا زادى نېمە مەجبۇر قىلدى؟!سىلەرنىڭ شۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلارغا زادى كىمنىڭ كۆزى تەگدى؟!
        يەنە ئاڭلىشىمچە،ئىچكىرى ئۈلكىلەردە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم قىز ئوقۇغۇچىلىرىڭلاردا خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان،ئۇلار بىلەن ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق يېقىن ئۆتىۋاتقان،ھەتتا،ئۇلارغا توي قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلارمۇ يوق ئەمەسكەن.مەن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ راستىنلا ھەيران قالدىم.ھېلىمۇ خېلى نۇرغۇن توربەتلىرىدە پۇلنى كۆزلەپ«ياخشى كۆرۈپ قالدىم»دېگەن باھانە بىلەن خەنزۇ پۇلدارلىرىنىڭ ۋە ئەرەب بايۋەتچىلىرىنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ كېتىۋاتقان،يولدىن چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرى توغرىلىق باشقا مىللەت تورداشلىرىنىڭ ھاقارەتلىك تېما-ئىنكاسلىرى يېزىلىپ تۇرىۋاتىدۇ.ئەمەلىيەتتە،ئۇنداق بۇزۇق قىزلارنىڭ بولۇشى ھېچقانداق بىر مىللەتتە يوق ئىش ئەمەس.بۇنداق بۇزۇق قىزلار بارلىق مىللەتلەردە يوقلۇقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇد كېسەللىك.ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلارنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ كېتىۋاتقان ئازساندىكى بۇزۇق قىزلار ئارقىلىق بىر مىللەت قىزلىرىغا باھا بېرىش تەپەككۇردىكى چولتىلىق،ئەلۋەتتە.ئۇلارنىڭ ھەم تور بەتلەرنى ئاختۇرۇپ ماقالە ئوقۇپ ئولتۇرۇشى ناتايىن.شۇڭا،بۇ خېتىمدە ئۇلار توغرۇلۇق تۇختىلىشنى ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپچىلىقى دەپ قارايمەن.مەن بۇ يەردە توختىلىۋاتقان مەسىلە جەمئىيىتىڭلاردىكى نېگىزلىك ئورنىغا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان،ھەتتا ئالدى شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى ئوتتۇرا-ئالىي مەكتەپلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان،مۇئەييەن مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىۋاتقان بىر قىسىم قىزلار توغرىلىق بولىۋاتىدۇ.ھازىر شۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلاردا ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىش باھانىسىدا ئىنگىلىز تىلى بىلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرۈيدىغان ئىشلار ئادەتتىكىچە ئىشقا ئايلىنىپ قاپتۇ.سىلەرگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيەسى كۈچلۈك،شۇنداقلا ناشايان ئىشلاردىن كەسكىنلىك بىلەن توسقۇچى مۇكەممەل بىر دىنى بولغان ئېتىقادلىق بىر مىللەتنىڭ بىر قىسىم ئىستىقباللىق قىزلىرى شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە،بۇ كىشى قوبۇل قىلالمايدىغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالىدىكەن.بۇ سىلەر ئۇيغۇر يىگىتلىرىگىمۇ ھاقارەتلىك ئىش،ئەلۋەتتە.
       ئۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلار چىراي ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ،ئۆزلىرى قوغلىشىۋاتقان يات مىللەت يىگىتلىرىنى قارىتىۋېلىشقا ئۇرۇنسىمۇ،لېكىن،ئۇ يىگىتلەردىن شۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلارغا ھامان ۋاپا كەلمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلار تەلپۈنىۋاتقان شۇ ئەرلەرنىڭ مىللىتىدىكى قىزلارمۇ ئۇ ئەرلەرنى ئۆز ئەنئەنىسىنى ئۇنۇتقان شۇ قىزلىرىڭلارغا بەرمەيدۇ.بولۇپمۇ بۇ جەھەتتىن كورىيە قىزلىرىنىڭ مەيدانى ئېنىق.ئۇلار«يىگىتلىرىمىزنى ئۇيغۇر قىزلىرىغا ھەرگىزمۇ تارتقۇزۇپ قويمايمىز،ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەخلاقى بىلەن يىگىتلىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئىنتىلىشىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيمىز»دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ بولدى.
       خېتىمدە يېزىۋاتقانلىرىم مېنىڭ بىر قانچە يىللىق ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش شۇنداقلا ئۇيغۇر پسىخىكىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا يولۇقتۇرغان جەمئىيىتىڭلاردىكى بىر قىسىم رېئال ئىجتىمائىي مەسىلىلەر.مەن خېتىمدە تىلغا ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرى بولۇپ،گەرچە،مىللىتىڭلارنىڭ ئومۇمى گەۋدىسىنى تەشكىل قىلالمىسىمۇ،لېكىن شۇ قىزلارمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرنىڭ قىزلىرى شۇنداقلا ھەم ئىستىقباللىق قىزلىرى.تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار پۇلنىڭ ۋە ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ،بارلىقىنى خەقلەرگە تەغدىم قىلىۋەتكەندىن كىيىن،ئۇلار تەرىپىدىن پىرقىرىتىپ تاشلىۋېتىلىپ،يەنە قايتىدىن ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ غۇرۇرى بىلەن ئوينىشىدىغان،كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئانا بولىدىغان ئۇيغۇر قىزلىرى.شۇڭا،ئۆزۈم سۆيىنىدىغان بىر مىللەتنىڭ بىر قىسىم قىزلىرى ئىدىيە جەھەتتىن  چۈشكۈنلىشىپ،ئەنئەنىۋى ئېتىقادىدىن چېكىنىپ،ئۆزشادلىقىنى ياشلىقىدىكى قىسمەن ئالۋۇن ھېسلاردىن ئىزدەپ،ئۆز قەدىر-قىممىتىنى ئۆزى دەپسەندە قىلىشقا ئورۇنسا،ئۈندىمەسلىكنى ۋىجدان ئازابى بىلدىم.بۇ جەھەتتىن سىلەر ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار.سىلەرمۇ بۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلارنىڭ ئەنئەنىدىن ياتلىشىشىغا بېشىڭلارنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ ئولتۇرىۋالماي،بار بولغان ئىمكانىيەت ۋە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا تەربىيە قىلىشىڭلار كېرەك ئىدى.ئۇنداق بولمىغاندا،سىلەر ئۇيغۇر يىگىتلەر قىز-ئاياللىرىنى خەقلەرگە تارتقۇزۇپ قويۇپ،شۇلارنىڭ ناشايان ئىشلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرىدىغان،يۇمشاقباش ئەرلەرگە ئايلىنىپ قالمامسىلەر؟!بىلسەڭلار،بۇ سىلەر ئۈچۈن ئۈلۈمدىنمۇ قاتتىق ئىدىغۇ؟!ئۆزىڭىز سۆيىدىغان بىر ناتىۋان قىز سىزنى پارقىرىتىپ قويۇپ،ئۆزگىلەرنىڭ كەينىدىن پايپاسلاپ كەتسە،كۆز ئالدىڭىزدىلا سىزنى چۈشۈرۈپ،ئۇلارنى شاھ بىلسە،بۇ سىزگە ھاقارەت ئەمەسمۇ!؟قىز دوستىڭىز ئالدىڭىزدا«سىزنى كۆرىيىلىكلەرگە ياكى ھىندىستانلىققا ئوخشىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن»دەپ ئەركىلىسە،بۇ سىزگە بېسىم بولماسمۇ!؟شۇنداق دېگەن قىز بىر كۈنى ھەقىقى كورىيىلىك ياكى ھىندىستانلىقنى كۆرۈپ قالسا،ئىشلاردا قۇرقۇنچلۇق ئۆزگىرىش يۈز بېرەمدۇ قانداق!؟ئۇ قىز ئەسلى سىزنى ئۇيغۇرغا خاس قىياپىتىڭىز تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرغا خاس روھىڭىز بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشى كېرەكتىغۇ!؟چۈنكى،سىلەر ئۇيغۇر يىگىتلىرى جەسۇرلۇققا تولغان روھىي گۈزەللىكنىڭلا ئەمەس،قاملاشقان بەدەن گۈزەللىكىنىڭمۇ ئۈلگىسى بولالايسىلەرغۇ!؟بۇنىڭغا بىزلەرمۇ قايىلغۇ!؟مەن بۇرۇن 90-يىللاردا شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن بىر خەنزۇ يازغۇچى قىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ قاملاشقان بەدەن سۈپىتى ۋە سېھىرلىك قاش-كۆز،يېقىشلىق قاڭشار تەسۋىرلىرىنى يېزىپ كېلىپ«دۇكاندىن نەرسە ئېلىۋاتقانتىم،ئىھتىياتسىزلىقتىن بىر ئۇيغۇر يىگىتىگە سوقۇلۇپ كەتتىم،شۇئان بەدەنلىرىمگە تىترەك ئولىشىپ كەتتى»دېگەن جۈملىلىرىنى ئوقۇپلا سىلەر ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ كېلىشكەن تۇرقىغا قايىل بولغانتىم.ئەمدىلىكتە بۇ ئۈستۈنلىكىڭلار ئۆز قىزلىرىڭلارنىمۇ قايىل قىلالماس بولۇپ قالغىنى نېمىسى!؟سىلەردىكى شۇ بىر قىسىم زەيپانە مىجەز يىگىتلەرنىڭ ئۆز قوۋم قىزلىرى ھەققىدىكى زامانىۋى قاراشلىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى بىئارام قىلىدۇ.ئۇلارچە بولغاندا ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى دائىرىسىدىكى مەسىلىمىش،ھەرقانداق بىر قىز-ئوغۇلنىڭ نېمىنى  ئۆچ كۆرۈش،نېمىن تاللاش ئەركىنلىكى دەخلى-تەرۇزسىزمىش!؟بۇ نېمىدىگەن كۆلكىلىك پەلسەپە-ھە ئەمدى!؟دۇنيادا نەدىمۇ مۇتلەق ئەركىنلىك مەۋجۈد بولسۇن!؟ئەركىنلىك ئەخلاق ۋە ئادەتلەرنىڭ پەپىلىشى بىلەنلا جۇلالىنىپ تۇرالايدۇ.خەقلەر خاسلىقىنى تاپالماي ھەلەكچىلىكتە قىلىۋاتسا،سىلەرنىڭ خاسلىقىڭلارنى دوغا تىككىنىڭلار نېمىسى؟!ياپۇنىيىنىڭ تەرەققىياتتىكى ئوماقلىقىمۇ خاسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئەمەسمىدى!؟مەدەنىيەتتىكى تەرەققىيات تېخىمۇ شۇنداق بۇلۇشى كىرەكتىغۇ!؟ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسىلا،«غەرپنىڭ تەسىرى»دەيدىكەنسىلەر.ھەممىلا نېمىنى غەرپكە ئارتىۋېلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى.مانا بىزمۇ غەرپنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى قوبۇل قىلغاندىن سىرت يەنىلا شەرقنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنى تىرىشىپ ساقلاۋاتىمىزغۇ!؟بۇ خىل ئەنئەنىگە بولغان يېپىشقاقلىقىمىز تۈپەيلىدىن پۈتۈن دۇنيا قىزىقىپ كۆرگەن«تىتانىك ناملىق پاراخۇت»كىنوسىنىمۇ پۈتۈن دۆلەت بويىچە كۆرمەي قويدۇققۇ!؟سىلەر شۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە زادى نېمىشقا چوقان كۆتۈرمەيسىلەر!!؟زادى نېمىشقا!؟
        ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر يىگىتى تايانچىم بار،كەچۈرۈڭ.قوپالراق ئىشلىتىپ قويغان سۆز-ئىبارىلىرىمنى كەچۈرۈڭ.بەلكىم،ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتقاندىمەن.قانداقلا بولمىسۇن ئۆزۈم ھۆرمەت قىلغان بىر مىللەت رىئاللىقىدىكى مەۋجۇد مەسىىلەر ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرۈش مېنىڭمۇ مەسئۇليىتىم دەپ قارىغانلىقىمدىن بۇ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم،ھېسسىياتىمنى توغرا چۈشىنەرسىز!ھە راسىت،سىز ئۆتكەندە ئەۋەتكەن ئۇيغۇر كىيىم-كىچەكلىرىنى تاپشۇرىۋالدىم.بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان«ئىشتىن سىرتقى مودىللار پائالىيىتى»دە شۇ كىيىملەرنى كىيىشىمگە ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن قوشۇلدى.ئۇ كىيىملەرنى كىيىپ كۆرىۋېدىم،ئاپام«قىزىم،بەئەينى چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆزىلا بولدىڭىزغۇ»دېۋىدى،نېمىشقىدۇر يۈرىكىمنىڭ بىر يېرى«جىغغىدە»قىلىپ قالدى.شۇنداقتىمۇ ئاپامغا چاندۇرمىدىم.بۇ مەندىكى زىيادە سىزىمىچانلىقتىن بولغان بولسا كېرەك،ئەتىمالىم!؟
        

                       تاغدىن-باغدىن سۆزلەپ خېتىم ئۇزىراپ كەتتى.كەچۈرگەيسىز.

                                                 سىزگە ئامانلىق تىلەپ كورىيىدىكى كەسىپدىشىڭىز:XXXXX

                                          
                                                     2009-يىلى5-ئاينىڭ18-كۈنى

                                                      مەنبە:مېڭەم ۋە يۈرىكىم

        ئەسكەرتىش:ھەرقانداق بىر شەخس ياكى تور بەتنىڭ ئاپتۇرنىڭ روخسىتىسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ.

                      تېخىمۇ قالتىسى بۇ يەردە:./read.php?tid-111769-keyword-.html 
[ بۇ يازما tayanqimbar تەرپىدىن2009-05-18 22:24دە قا ]
يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:+3(kuxbeg526) بارىكاللا!
  • ياخشى باھا:+5(قاپىيەجان)
  • ياخشى باھا:+5(naprat517) ياخشى يېزىل ..
  •   تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
      تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-05-18, 09:30

     

    مىسرانىم تورى
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 71042
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 145 پارچە
    شۆھرەت: 210 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1370 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 117(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-01-14
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-22
    1  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 17:49
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بۇنىڭغانىمەدەيلى ئەمدى ، بىزنىڭ ئاز قىزلىرىمىز ئۆزىنى مۇشۇنداق تۇنىتىدىغان بولۇپ كەتتى شۇ . ...........
      
    يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • ياخشى باھا:+5(sadam76)
  • روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 74526
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 27 پارچە
    شۆھرەت: 45 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 270 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 92(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-02-26
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-25
    2  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 17:55
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئويغىنىڭلار يىگىتلەر.دىمىسىمۇ يات مىللەت قىزلىرىمۇ سىلەرنى ئويغانسۇن دەپ بۇ تىمىنى يوللاپتۇ .مۇشۇ  بىزنىڭ ئويغۇر يىگىتلىرىمىز ئەسلى بەك ئىسل يىگىتلەر بولمىسا ،شۇڭىمۇ مەن بەك ياخشى كورىمەن .
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 87872
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 49 پارچە
    شۆھرەت: 247 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 490 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 189(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-24
    3  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 18:16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    كورىيەلىك قىزچاق  ھەيييييييييييييييييييييييييييييييييييييييي نىمە دىسەم بولار                                
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 8007
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 88 پارچە
    شۆھرەت: 162 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 835 سوم
    تۆھپە: 16 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 109(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2006-09-05
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-24
    4  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 18:18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

                                      ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!!!
            كەچۇرۇڭ . مىللىتىمىز ئىچىدىكى بەك ئاز ساندىكى بۇنداق مەينەت ئەخلەتلەرنىڭ بارلىقى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرۇپ ئاچچىق ئازاپلايدۇ . بۇ ھەققىدە ئويلانماسلىق ھەقىقەتەن بىز ئۇيغۇر يىگىتلەرنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان مەجبۇرىيتى ھەم مەسھۇلىيتى.
          
            بۇ سۆزلىرىڭزدىن بىز قاتتىق چۇچىمىز . ھىلىمۇ ھەم بىز  بىلەن بىر  سەپتە تۇردىغان سىز شۇنداق قەھرىمان دەپ تەرىپلگەن ئانلاردەك ئوت يۈرەك ئۇيغۇر قىزلىرى يەنلا  بار.
           خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنسىنى مللىى ئۆرۈپ-ئادەتلىرنى ساقلاپ كىلۋاتقان ۋە تىخمۇ تاكامماللاشتۇرۇپ كىلۋاتقان نۇزۇگۈم....سۈپەت قىزلار يەنلا بار ئەلۋەتتە.
            ئەلۋەتتە سىز دىگەن مەسىللەر يوق ئەمەس ئاز ساندا بار.
            نىملا بولمىسۇن رەھمەت سىزگە. بۇ پىكىرنى بىزنىڭ ئىسمىزگە سالغىنىڭز.  
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    دۇنيا مىھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 8007
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 88 پارچە
    شۆھرەت: 162 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 835 سوم
    تۆھپە: 16 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 109(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2006-09-05
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-24
    5  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 18:25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

           ئوغوللار مەسئۇليتىمىزنى تۇنۇۋالايلى. خەلقىمىز ئالدىدا ،كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئالدىدىكى بۇرچىمىزنى ئاداقىلايلى. بۇنڭدىن باش تارتساق كىينكى ئەۋلاتلارغا  قانداق جاۋاب بىرىمىز. كىىنكى ئەۋلاتلار قانداق ئادەم بۇلار......................................
          ئوغۇل - قىز ھەممىمز تەڭ كۈچ چىقرايلى .  ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلايلى.
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    دۇنيا مىھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.
    شەبنەم ناخشىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 71323
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 193 پارچە
    شۆھرەت: 477 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1930 سوم
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 152(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-25
    6  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 18:30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئەتلەس كۆينەكنى كۆردۈم ...بىراق ئۇمۇ ئۇچىسىغا كىيىپ كوچىدا ئۇياق بۇياق مېڭىشقا جۈرئەت قىلالمىدى ..... ئەجەپ ھە سىلەر  ئۇيغۇر قىزلىرى ؟
    گەپ دىگەننى قىلسىلا بولىدۇ ھە ؟...............
    شەبنەم ناخشىسى
    كىملةردىن قالمىغان دۇنيابۇ؟!!!
    دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

    UID نومۇرى : 55168
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 6132 پارچە
    شۆھرەت: 32907824 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6860 سوم
    تۆھپە: 81 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1918(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-25
    7  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 18:35
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بۇنداق ھەرقانداق مىللەتتىن تېپلىدۇ؟ھەرقانداق جايدا ئەخلەت بار.
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ئىنسان بۇدۇنيادا  ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 83997
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 5 پارچە
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 50 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-05-18
    8  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 18:54
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئامىتى كەپتۇ دە بۇ يىگىتنڭ
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا
    UID نومۇرى : 72155
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 657 پارچە
    شۆھرەت: 1494 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6169 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 923(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-01-27
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-25
    9  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 19:00
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ياخشى يىزىلىپتۇ ،بەزەنبىر ناچار ئىللەتلەر روشەن ئىپادىلىنپتۇ .
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    كۈلۈشنىڭ ھەممىسى خوشاللىق ،يىغىىنڭ ھەممىسى ئازاب ئەمەس ......
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 73538
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 173 پارچە
    شۆھرەت: 282 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1740 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 733(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-24
    10  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 19:14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    كورىيەلىك قىزچاق ،ياخشى نىيەت، ياخشى تىلەكلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇ بىر پارچە خىتىڭىزنى ناھايىتى خىجىلچىلىق ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم .سەۋەبى سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ،ھەقىقەتەن ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان رىئال مەسىلىلەردۇر.بىر ئۇيغۇر يىگىتى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن خەتنى ئوقۇش جەريانىدا ۋىجدانىم ناھايىتى ئازاپلاندى. بۇ ئىشلارغا ئامالسىز قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغۇنىمىزغا خىجىل بولدۇم. بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا بۇ ئىشلارنى تۈزۈگىدەك  جاسارەت  پەيدا بولارمۇ ؟ دەپ كۆپ ئويلاندىم ،ئاخىرى مۇنداق يەكۈن چىقاردىم:
    1-بۇ خىل ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۋالغان قىزلىرىمىز مەۋجۇت ،لىكىن ئۇلار خۇددى سىز ئىيتاندەك مىللەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولالمايدۇ .راستىنى ئىيتساق  بۇ خىل كىشىلەر كورىيەدىمۇ بار .بىزدىكى بۇ خىل ئىللەتنىڭ كىلىش مەنبەئەسى دەل بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن  ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل روھى  ۋە  ئىقتىسادىي جەھەتتە نامراتچىلىقتا قالدۇرۇلغانلىغىدۇر.سىز گەرچە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ئاز-تولا تونۇشقىنىڭىز بىلەن ،ئۇيغۇر مىللىتىىڭ يىقىنقى يۈز يىل مابەينىدە بىسىپ ئۆتكەن تارىخى مۇساپىسىدىكى ئەگرى -توقايلىقلارنى  تېخى تولۇق چۈشەنمەپسىز .تەكلىۋىم، ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك جەھەتتىكى بەزىبىر بىنورمال ئادەتلىرىنىڭ كىلىش مەنبەئەسىنى  ،ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ تەتقىق قىلىڭ .بىزدە بىر ئائىلە بالىلىرى بىر ئىشتاننى نۆۋەتلىشىپ كىيىپ  ،تالا-تۈزگە چىقىدىغان ئەھۋال تاكى يىقىنقى يىللارغىچە ساقلانغان.
    2-بىزنىڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئوغۇل قىزلىرىمىز مەدەنىيەت ئۇيغۇنىشى دەۋرىگە كىردى،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىگىنى ،ئۆزلىرىنىڭ مىللىتى ۋە ئەۋلادى  ئالدىدىكى بۇرچىنىڭ نېمىلىگىنى تۇلۇق چۈشىنىدۇ.مانا مۇشۇلار بىزنىڭ مىلللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەلگۈلىگۈچىلەر.بىزنىڭ بىر قىسىم قىزلىرىمىزدا ساقلىنىۋاتتان ، سىز ئىيتقان ئاشۇ  ناچار ئىللەتلەرنى تەل تۆككۈس تۈگىتىشكە قوربىمىز يەتمىدى،ئامما بىزنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئەۋلاتلارنى كۆپلەپ يېتىلدۇرۇپ ،كۆپ سانلىقلار ئارقىلىق ئاز سانلىقلارنىڭ ئەيىۋىنى يېپىشقا قوربىتىمز يېتىدۇ.
    شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ،يىقىن كەلگۈسىدە دۇنيا سەھنىسىدە ،ئۆزنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى باشقىلارغا تارىتىۋاتقان بىر يۇقۇرى ساپالىق مىللەتنى كۆرىسىز.
    دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

    UID نومۇرى : 9683
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 1693 پارچە
    شۆھرەت: 1954 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 16787 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1658(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2006-11-06
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-25
    11  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 19:19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئۇ كورىيەلىك خىنىمنىڭ گەپلىرى توغرا ،،
    ئارىمىزدا راستىنلا مۇشۇنداق قىزلارمۇ يوق ئەمەس ،،
    لىكىن ، بىر باشقا دۆلەتتىن، باشقا بىر مىللەتتىن ، بولغان بىرىنىڭ مۇنبەر يۈزىدە ئۇيغۇرلانى ئۇنداق - مۇنداق دىيىشىى تازا كاللامدىن ئۆتمىدى.
    مەن  ئۇنىڭ سۆزلىرىنى خاتا ، ئۆسەك گەپ دىمەكچى ئەمەس ،،
    لىكىن ، ئۇنداق ئازساندىكى بىر قىسىم چاكىنا ئادەملەر پەقەت بىزنىڭ ئارىمىزدىلا ئەمەس ، باشقا ،،،،،،؟؟؟؟لاردىمۇ بەكرەك تىخى جىقراق بولىشى مۇمكىن ،
    ئەجىبا ، ئويلىنىپ قالدىم ، ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى بۇ قىزلارنى تۈزۈش يولىدا چوقان كۈتۇرىپتىمۇ ؟
    يەنە بىر گەپ ، ئۇ قىز قىسقىغىنە ۋاقىتىلا بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى ئەجەپ چۇشىنىپ كىتىپتۇ ھە !
    ئۇ ئەۋلىيا قىزلارنىڭ كەمچىلىكىنى بەك تونۇپ ، چۇقان كۈتۇرۇشكە چاقىرىپتۇ يۇ !ئوغۇللارنىڭ كەمچىلىكلىرىگە كۆزىنى چىڭ يۇمىۋاپتۇ ،
    ئۇ بەلكىم مەخسۇس قىزلارنى تەتقىق قىلغىلى كەلگەن بولسا كىرەك ،
    تىما يازغۇچى ،،مەيلى كۆڭلىڭىزگە كەلسۈن ، كەلمىسۈن ،،
    بۇ تىمنى سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەلبى بويىچە يېزىپ ، بەزى قىزلىرىمىزنىڭ چاكىنا قىلمىشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ، بىزلەرگە ئىبرەت بولغۇدەك دەرىجىدە قانچىلىك ئىغىر يازسىڭىزمۇ ، بۇ تىما يەنىلا قىزىق تىمىغا ئايلىنانتتى ،
    لىكىن ،باشقا بىر ،،،،
    ھەي ،،بولدىلا،،ئۇ بەلكىم بۇ خەتنى راس يازغاندۇ ؟ياكى ،،،                         
    مۇنبەردىكى يولداشلار بۇ قىزچاق نىمانداق كۈچەپ كەتكەندۇ دەپ قالماڭلار مەن ئۇ خىلدىكى مەستانىلەر تىپىغىمۇ كىرمەيمەن ،بىھۇدە مىنى غاچاپ ،چارچاپ كەتمىگەيسىلەر ،،،     
    كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق ، كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمەيمەن ،،،،،،،،،
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا
    UID نومۇرى : 69878
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 463 پارچە
    شۆھرەت: 517 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4575 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 362(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-01-01
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-25
    12  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 19:28
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    كەچۈرۈڭ تىما ئىگىسى گەرچە تىمىڭىز بەزىبىر ئەخلاقىسزلىقنى تۈزۈشتە ئىلگىرى سۈرۈش رولنى ئۆتەيدۇ مۇ دەيلى ، لىكىن بۇ گەپلىرىڭىز بەك ئىشىپ كەتتىمۇ قانداق  . قاتتىق كەتىسمۇ دەپ قوياي ئۇيغۇر قىزلىرى ئارسىدا شۇنداق ئەھۋال بار دىگەندىمۇ ئۇ پەقەتلا بىرى قىسىم ، ئەمما سىز قايناپ سۆكۈپ كەتكۈدەكمۇ ئەمەس ھەم بەكلا ئاشۇرۋىتىپىسز . ھەرقانچە بولسىمۇ سىزنىڭ كورىيە قىزلىرىغا ئەخلاقىسزلىق دەرىجىسىدە يتىشىپمۇ بولالمايدىغۇ دەيمەن . كۆڭۈل بولگىنڭىزگە رەھمەت ئەمما سىزنىڭ بۇ پۈتۈن دۇنيا كۆردىغان تورغا بىزنىڭ ئاشۇ بىر قىىسم ئەخلەتلىرىمىز تۈپەيلى ھەممىمىزنى سىلىق سىپايە گەپلەر بىلەن دۇنيا سەھنىسگە چىقارغىنڭىزغا تولىمۇ ئاچچىغىم كىلۋاتىدۇ . ئۇلار بۇ تورغا چىقمايدۇ ، مەن يەنە بىر دەپ قوياي شۇ ئەخلەتلىرىمىز ھەرقانچە بولسىمۇ سلەر ھەم ياۋرۇپا ئەخلەتلىرىگە قارىغاندا ياخشىراق دەپ ئويلايمەن . ئۆزىڭىزنىڭ مىللىتىدىكى ئەخلاقىسزلىقنى ئاۋۋال تۈزەڭ . بىز ئۇيغۇر قىزلىرىغا قىلىغان ھاقارەتلىرىڭىزمۇ يىتىپ ئاشىدۇ . بىز ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭمۇ مەيدانىمىز ئىنىق . بىزمۇ ھەم ئاشۇ ئۇيغۇ يىگتىلىرىمىزنى ھەرقانداق بىرسىگە تارتقۇزۇپ قويمايمىز . نىمە قىلىمىز سىزنىڭ ئۇنداق بىلى بوش يىگىتلىرىڭىزنى ، پىشانىڭىزگە تىڭىۋىلىڭ .
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 89311
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 8 پارچە
    شۆھرەت: 8 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 3(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-05-18
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-05-27
    13  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 19:39
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ھەر كاللىدا ھەر خىيال!مەيلى نېمىلا بولسۇن ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىتى ئۈچۈن ئازراق ئويلىنىپ قويايلى!مەيلى قىز ياكى يىگىت سىزنىڭ تومۇرىڭىزدىكى ئۇيغۇرنىڭ قېنى !
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 13224
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 112 پارچە
    شۆھرەت: 158 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1099 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 680(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-24
    14  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-18 19:40
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    كورېيىلىك  بۇ  قىز   ناھىيىتى  ئۇبدان  پىكىر يۇرگۇزۇپتۇ مەن بۇ  قىزنىڭ        خىتىدىن  تۇلۇمو  مەنمۇن  بۇلدۇم  ئەمەلىيەتتە        ھەقىقەتەن  جەميىتىمىزدە  ئىنتايىن  ئاز  ساندىكى  تەنتەك  قىزلەرەمىز    ئاتالمىش  باشقا  مىللەتلەرنىڭ   چولپانلىرىغا   قارىۇغلارچە  ھەۋەس      قىلىدىاغان  خائىشلارنى  يوق  دىگىلى  بۇلمايدۇ