«شەبنەم»مۈنبىرى دۆتلەر مۇنبىرى ئەمەس!!!
«شەبنەم»مۈنبىرى تىخنىكىلىق سەۋىيىسىنىڭ يوقىرىلىقى،يوللىنىۋاتقان ئەسەر سانىنىڭ كۆپلۈكى بىلەنلا ئەمەس بەلكى تىزىملاتقان ئەزا سانىنىڭ كۆپلۈكى بىلەنمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى ئالدىنقى قاتاردا كېتىۋاتقان مۇنبەرلەرنىڭ بىرى.ئەمما،قىسمەن ئەزالارنىڭ ئويلانمايلا يازغان تېما ۋە ئىنكاسلىرى تۈپەيلى مۇنبەرنىڭ يۈز -ئابرۇيىمۇ بەزەن ئەھۋاللاردا دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىماقتا.مېنىڭچە،بۇ ھەربىر مۇنبەر ئەزاسى دىققەت قىلىدىغان ھەم ئەھمىيەت بېرىدىغان نوقتا.يىقىندا،مەن مۇنبەر ئارىلاۋېتىپ،مەلۇم بىر تور بەتتىن مەلۇم بىر تورداشنىڭ مۇنازىرلەشكۈچىسىگە يازغان«سىزگە پىسەنىت قىلغۇدەك دۆت ئادەملەر شەبنەمدەبار»
http://www.berqi.com/bbs/viewthread.php?tid=3826&extra=&page=1دېگەن ئىنكاسىنى كۆرۈپ،غىققىدە بولۇپ قالدىم.گەرچە،«شەبنەم»مۇنبىرى ماڭا ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك مۇنبەر بولمىسىمۇ،خەقلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلۋاتقىنى ئۆزۈمدەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم.بىر تەرەپتىن ئىيىتقاندا،گەرچە،بۇ ئىنكاس بىر تەرەپلىمە ئىيتىلغان ئىنكاس بولسىمۇ،شۇنداقلا بۇ ئىنكاس يوللىغۇچىنىڭ ئەخلاق ساپاسىدىكى مەسىلە بولسىمۇ،يەنە بىر تەرەپتىن ئىيىتقاندا ئۆزىمىزدىمۇ قىسمەن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.يۈزىمىز سەت بولسا،ئەينەكتىن كۆرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.بىز مۇشۇنداق«ئەينەك»لەر ئارقىلىق يۈزىمىزدىكى داغنى سۈرتىۋېتىشىمىز كېرەك.ئەڭ قۇرقۇنچلۇقى يۈزىمىزدە داغنىڭ بولۇش-بولماسلىقى مەسىلىسى ئەمەس،شۇ داغنى سۈرتىۋېتىشكە جۈرئىتىمىزنىڭ،ئىرادىمىزنىڭ بار-يوقلۇقى.شۇڭا،تورداشلارنىڭ بۇندىن كىيىن تېما ۋە ئىنكاس يوللىغاندا تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ،ئەقىل بىلەن مۇنبەر پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
مەنبە:مېڭەم ۋە يۈرىكىم
تېخىمۇ قالتىسى:
./read.php?tid-106772-keyword-.html[ بۇ يازما tayanqimbar تەرپىدىن2009-05-22 16:11دە قا ]