كېلىشكەن ئارتىسلارغا چوقۇنۇش ھەر قانداق دۆلەت ھەم مىللەتلەردە مەۋجۈت،باشقىنى قويۇپ مايكول جېكسوننى دەيلى،ئۇ دۇنيانى ئايلىنىپ ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا نۇرغۇن دولەتتىكى تاماشىبىنلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىش سەۋەبىدىن تولا ۋاقىراپ ھوشىدىن كەتكەن ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ يۈز بەرگەنغۇ؟ئاشۇ چوقۇنغۇچىلار مايكول ئۈچۈن ھەرنىمە قىلىشقا رازى ئىدى،مەنچە كورىيەلىكلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.بۇ كۆرىيەلىك قىزنىڭ نۇقۇل ئۇيغۇر قىزلىرىنى تىلغا ئېلىپ بۇنداق سۆكۈشىنى ياقتۇرمىدىم،ناۋادا بۇ تېمىنى باشقا مىللەتلەر كۆرسە،ئۇيغۇر قىزلىرىنى چاكىنا نومۇسنى بىلمەيدىغان دەپ باھا بېرىشى تەبئى ئەھۋال.بۇنداق قىزلار مەۋجۈت،لىكىن ناھايىتى ئاز ساندا،ئۇلار پۈتكۈل ئۇيغۇر قىزلىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،بۇ كورىيەلىك قىز ئۇيغۇر قىزلىنى تېخى دىگەندەك چۈشەنمەپتۇ،بۇ ماقالىسىنى باشقىدىن يېزىشنى ئويلىشىپ باقسا بولغىدەك