يوللىغۇچىدىن :
ئۇزۇندىن بۇيان كىتاب ئىشكابىمدا قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرسىلاۋىيان يېزىقدىكى ئىككى كىتاب بارئىدى ، ئىلگىرى مۇنداقچىلا كۆرۆپ قويوپ قويغان ئىدىم ..بۈگۈن ئۇ ئىككى كىتاپنى قولومغا ئېلىپ تەپسىلى ئوقۇپ چىقىش قارارىغا كەلدىم ...
بۈگۈن بۇ ئىككىسىدىن مۆمىنجان ھەمرايېۋنىڭ «ئاق چوققىلار»ناملىق شئېر ،باللادا ..توپلىمىنى ئوقۇشقا باشلىدىم ، سىلاۋىيان يېزىقىنى ئېلگىرى ئالى مەكتەپتە بىر قازاق ساۋاقدىشىمدىن ئۆگىنىۋالغان ئىدىم ..ئىشلەتمىگىلى خىلى يىللار بولغاچقا بۈگۈن ھەجىلەپ يۈرۈپ ئانچە كۆپ ئوقۇيالمىدىم ...
مەزكۇر تېما ئاستىغا «ئاق چوققىلار»دىن ئوقۇش جەريانىدا ياراپ قالغان شئىرلارنى «يەرلىك»يېزىقىمىزغا ئۆزلەشتۈرۈپ قالدۇرۇپ ماڭاي ..
ئانا تىلدىن ئايرىلسام
م. ھەمرايېۋ
مەيلى مۆلكۈم ھەم مىلىمدىن ئايرىلسام ،
مەيلى بارار مەنزىللىرىمدىن ئايرىلسام ،
مەيلى تۈنلەردە مەشئىلىمدىن ئايرىلسام ،
ياق! ئۆلىمەن ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام .
رازىمەنكى كىچىشكە ئۆزبەختىمدىن ،
مەنسەپ ،ئابرۇي ھەتتا تاجۇ -تەختىمدىن،
ئۆرتىنىپ كۈل بوپ كىتىمەن تەكتىمدىن ،
ئانام بەرگەن ئاناتىلىمدىن ئايرىلسام .
تىلىڭدىن كەچ دەپ كىملەردۇ ئەگەردە ،
كۆمىۋەتسە مىنى تىللايۇ -زەرگە ،
ئانام بەرگەن سۈت ئايلىنىپ زەھەرگە ،
قازا يىتەر ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام .
ئاناتىلسىز ماڭا دۇنيا يالغاندەك ،
تىلىمنى يات بىراۋ يۇلۇپ ئالغاندەك ،
تۇيۇلىمەن ئۆزۆمگە بىر ھايۋاندەك ،
ئادەملىگىم ئاناتىلىمدىن ئايرىلسام .
ئۇنۇتسام گەر ئاناتىلىمنى بىرزامان ،
چايان بولوپ چاققاي مىنى پاك ۋىجدان ،
ئاچزار قالغان كەبى كۆرمەي ئاپئاق نان ،
كۈنۈم پۈتكەي ئاناتىلىمدىن ئايرىلسام .
ئادەم مەن
م. ھەمرايېۋ
ئادەم مەن، قەلبى كەڭرى ئالەم مەن ،
خۇشچىراي ،خۇش نەپەس ،خۇشھېدمەن .
تاڭدا گۈل ھۆسنىدە يالت ئەتكەن ،
مىسالى شۇ مەرۋايت شەبنەم مەن .
بەلكى مەن كۆكتىكى قۇياشمەن ،
ھاياتنىڭ ئۇلىدىكى ئۇلتاشمەن ،
تەبىئەت ئىچرە بارچە جانلىققا ،
ئەزەلدىن قىرىنداش ، قاياشمەن .
بۇ چەكسىز بوشلۇقتا ھاۋا مەن ،
جاراڭلاپ ياڭرىغان ناۋا مەن ،
بۇ قەدىم دۇنيانىڭ دەردلىرىگە ،
چىن دەرمان ، شىپامەن ،دەۋامەن .
بۇ ھاياتتا شۇنى ئىنىق ئۇقىمەن ،
ئالەمنىڭ بارى ھەم يوقى مەن .
كائىناتنىڭ كۈلكىسى ،زوقى مەن ،
زۇلۇم دۈشمىنىنىڭ ئوقى مەن .
ئۇيغۇر دېگەن
مىڭ بىر بالا-قازا كەلسە ئۆلمەيدىغان ،
بۈگۈن خازان بولسا ئەتە گۈللەيدىغان ،
ئوتتا كۆيمەس ،سۇدائاقماس خەلق بۇ،
گەر يىغلىسا بىرى ،مىڭى يۆلەيدىغان .
دوستۇم بىلسەڭ شۇنداق جەسۇر خەلق بۇ،
ئىچى تۈتۈن ،قەددى مەغرۇر خەلق بۇ ،
ئالقىنى كەڭ ،سۆزى ئۆتكۆر خەلق بۇ ،
قۇۋلۇق ،شۇملۇق تۈلكىلىكنى بىلمەيدىغان .
نېمە قىلاي شۇم ئۆتمۇشنى ئەسكە ئېلىپ،
پۈتۈن بولاي دېگەن دىلنى يەنە تىلىپ ،
غىنىمەت بۇ كۈننىڭ قىممىتى-قەدرىن بىلىپ،
يۈرگەن ئەل بۇ دائىم ھامان تېنىچلىق تىلەيدىغان .
تالاشلاردا قالغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ،
ئاھ جادۇدا توغرالغان مەرت مۇتەللىپنى ،
كىتاب بىلەن كۆيدۆرۆلگەن نېم شىھىتنى ،
ئۇنۇتماستىن ئۆكسۆپ -ئۆكسۆپ ئەسلەيدىغان .
چىراي دېسەڭ ئاي-كۈنگە تەڭ چىرايى بار ،
قايان يۈرسە ئۈمىد ئاتلىق تۇلپارى بار ،
ئىيتىڭلارچۇ ئۇنىڭ نېمە گۇناھى بار،
كۆچمەن بولوپ ،ئۆگەي بولوپ تىنەيدىغان ؟
دەرت قالمىدى تارتمىغان ئاھ مەن تۆرىلىپ ،
ئۈستىمىزگە ئاسمان چۈشتى دۇمكۆمۇرلۇپ ،
بۇزامانغا يەتتىم ئۆلۆپ ، مىڭ تىرىلىپ ،
رىسقىم باركەن ،شۈكرى مىنىڭ راست ،يەيدىغان .
مىڭ يىللارنىڭ كۆكسىدە بارتامغا ئىزى،
ئەسىرلەردىن ياڭراپ كىلەر ناخشا-سازى ،
ئەسلىدە چىڭ بولغان تومۇر ھەم يېلتىزى ،
تاشنى يىرىپ چىقىپ قىش-ياز گۈللەيدىغان .
مەرت دوستلارنىڭ ئىغزىدىن ھىچ چۈشمەيدىغان،
ئاسانلىقچە ئەل ۋەتەندىن يۇرتتىن تەزمەيدىغان ،
ئاڭلا تارىخ ،ياڭلىباشتىن كۈلگەن ئەل بۇ ،
ئوت بولوپ تاكى يانغىچە ئۆچمەيدىغان .
خەلقىم مىنىڭ ئۇيغۇر دېگەن جانان خەلق ،
ياۋغا يامان ،دوستلىرىغا ئارمان خەلق ،
ئاڭلا دۇنيا ،ئاڭلا بۈگۈن ،ئاڭلا ئەتە ،
مەنمۇ شۇ ئەل ئوغلى ،سۆيۆپ كۈيلەيدىغان .
بۇ كىتاپ 1993-يىلى قازاقىستان «جازۇۋشى»(يازغۇچى) نەشېرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان .
قاراق مەرىفەت مۇنبىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ :
http://www.qaraq.com/bbs