« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2489 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: قوش تىللىق ئوقو -ئوقۇتۇش، ئىلمي تەرەققىيات يولىدا  مىڭىشى لازىم . پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

Tilmach
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 33846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 663(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-28

 قوش تىللىق ئوقو -ئوقۇتۇش، ئىلمي تەرەققىيات يولىدا  مىڭىشى لازىم .

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما xabnam تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-05-01)
  پارتىيە مەركىزى كومىتىتى ئوتكەن يىل  ئۇختۇرۇش  چىقرىپ پۇتۇن مەملىكەت  بويىچە ھەرقايسى  ساھە-ھەرقايسى  كەسىپلەردە ئىلمي تەرەققىيات قارىشىنى  تۇرغۇزۇشقا  ۋە ھەممە  ئىشتا ئىلمي تەرەققىيات  قارىشى  بويىچە  ئىش  قىلىشقا چاقىردى .
    بۇ  ئىش  پارتىيە مەركىزى كومىتىتى 3-ئوموم يىغىنىدىن كىيىن ئوتتۇرىغا  قويغان ((ئەمىلىيەت-ھەقىقەتنى  ئولچەشنىڭ ئولچىمى ))دىگەن موھاكىمە تىمىسىدىن كىيىنكى  يەنە  بىر رىئالنى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلمي تەرەققىيات نەزىرىيىسى  .
    مىنىڭچە ئىلمي تەرەققىيات دىگەنلىك-ھەرقانداق شەيىئئى ۋەجىسىملارنىڭ ماھىيەتلىك ،ئىچكى تەبىئى قانونىيىتى بويىچە ئىش قىلىش ،تەرەققى قىلىش دىگەنلىك .
ئىلمي تەرەققىيات  قارىشىنىڭ ئاساسى يادرۇسى-ئادەمنى  ئاساس قىلىش بولۇپ ،بۇنىڭدا ماركىسىزىملىق تارىخى ماتىرىيالىزىمنىڭ  ئاساسى نەزىرىيەسى،پارتىيىمىزنىڭ  جاندىل بىلەن خەلىق  ئۇچۇن  خىزمەت  قىلىىشتىن   ئىبارەت  تۇپ مە قسىتى ۋەئىقتىسادي ،  ئىجتىمائي تەرەققىياتنى  ئىلگىرى سۇرۇشتەك ئاساسى  مەقسىتى  گەۋدىلەندۇرۇلگەن  .  
ئادەمنى ئاساس  قىلىشىقا بولغان تونۇشنى  چۇڭقۇرلاشتۇرغاندىلا ،ئاندىن  ئىلمي  تەرەققىيات قارىشىنى  چۇڭقۇر چۇشەنگىلى ۋە  ئۇنى ئومۇميۇزلۇك ئىگىلەپ ،ئىلمي  تەرەققىيات   قارىشىنى ھەقىقى  رەۋىشتە ئىقتىسادي ۋە ئىجتىمائي تەرەققىيات نىڭ ھەر قايسى  جەھەتلىرىگىچە  ئىزچىل   ئەمىلىلەشتۇرگىلى  بولىدۇ .
    ئادەمنى ئاساس  قىلىش-ئەڭ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ  تۇپ  مەنپەئىتىنى ئاساس  قىلىش دىمەكتۇر .ئادەمنى ئاساس  قىلىشتا خەلىقنىڭ  تۇپ  مەنپەئىتىدە چىڭ  تۇرۇشنى چىقىش قىلىپ،تەرەققىياتنى  كوزلەش ،تەرەققىياتنى  ئىلگىرى  سۇرۇش ئارقىلىق خەلىقنىڭ  كۇنسايىن ئېىشىۋاتقان ماددي،مەنىۋى ئېھتىياجىنى  ئوزلۇكسىز  قاندۇرۇپ، ئەڭ  كەڭ خەلىقنىڭ مەنپەئەتىنى ئوزلۇكسىز ئەمىلىلەشتۇرۇش ،قوغداش،راۋاجلاندۇرىشىمىز  لازىم؛    
    خەلىقنىڭ قانۇن  بويىچە بەھرىمەن  بولۇشقا  تىگىشلىك تۇرلۇك ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىگە ھەقىقى كاپالەتلىك  قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل ،ھەققانىيىلىقىنى قوغداپ ،كىشىلەرنىڭ  تەرەققىيات ئارزۇسى ۋە خىلمۇ-خىل ئېھتىياجىىنى  قانائەتلەندۇرۇپ ،ئادەمنىڭ قىممىتى، ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە ئەركىنلىكىگە كوڭۇل بولۇپ ،تۇرمۇش  ساپاسى،تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا  ئەھمىيەت بېرىپ،ئىنسانپەرۋەرلىك  ۋە  ئادىمىلىك خەيىرىخاھلىقىنى  گەۋدىلەندۇرۇپ، ئادەمنىڭ  ئومۇميۇزلۇك  تەرەققىياتىنى  ئىلگىرى سۇرۇشىمىز  لازىم  .
    ئادەمنى  ئاساس  قىلىشتا  چىڭ  تۇرۇشتا، دولەت باشقۇرۇش ،ئەلنى ئىدارە قىلىش  جەريانىدا
خەلىقنىڭ مەنپەئەتىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا  ۋەكىللىك قىلىش، خەلىققە  
تايىنىش  لازىم .
    تەرەققىياتتا خەلىققە قانداق  تايىنىش  كىرەك ؟
    ئەلۋەتتە ،خەلىق ئاممىسى  بىلەن زىچ  ئالاقە باغلاش ،خەلىق  ئاممىسىغا باشتىن  ئاخىر ئىشىنىش،تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى  پىلانلاشتا  خەلىق  ئاممىسىدىن مەسلىھەت سوراش، تەرەققىيات  جەريانىدىكى  مەسىلىلەرنى  تەكشۇرۇشتە خەلىق ئاممىسىنىڭ  پىكرىنى  ئاڭلاش، تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى  ئوزگەرتىشتە ئاممىدىن ئەقىل سوراش ،تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى  ئەمىلىلەشتۇرۇشتەئاممىنىڭ  تىرىشچانلىقىغا تايىنىش ،تەرەققىيات  نەتىجىلىرىنى  ئولچەشتە ئاممىنىڭ  باھالىشىغا قويۇش، پۇتكۇل  جەمىئىيەت ،پۇتكۇل مىللەتنىڭ  ئەقىل-پاراسەت ۋە كۇچ-قۇدرىتىنى ئەڭ  زور  دەرىجىدە  مەركەزلەشتۇرۇپ ،ئىشلىرىمىزنى ئەڭ كەڭ ، ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغان ئاممىۋى ئاساسقا ،ئەڭ  تېرەن كۇچ-قۇۋۋەت مەنبەسىگە  ئىگە  قىلىشىمىز  لازىم.  
    يۇقىرىدا  ئېيتىپ  ئوتكىنىمىزدەك  ،ئادەمنى  ئاساس  قىلىش- ئىلمي تەرەققىيات  قارىشىنىڭ  
يادروسى .مەخسەتكە كەلسەك قوش  تىللىق  ئوقو- ئوقوتۇشنىڭ  ئو بىكتىمۇ ئەلۋەتتە ئادەم، ئادەم  بولغاندىمۇ ئەقلى،جىسمانى جەھەتتىن بارغانسىرى ئۆسۇپ-يىتىلىۋاتقان  ،ئاق-قارىنى پەرىق ئېتىش ئىقتىدارى  تىخى تۇلۇق  ھازىرلانمىغان ،ھوقۇق- مەنپەئەتى قانون تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان كىچىك  بالىلار .قورامىغا يەتمىگەن ئۆسمۇرلەر .شۇڭا قوش تىللىق  ئوقو-ئوقۇتۇشتا  چوقوم ئىلمي تەرەققىيات  قارىشى  بويىچە  ئىزدىنىشىمىز ،تەتقىق-تەدبىق قىلىپ ئش قىلىشىمىز  لازىم .ھازىرقى كىچىك بالىلار ،ئوسمورلەر ئەجدادنى كىيىنكى ئەۋلاتلارغا تۇتاشتۇرىدىغان  ،ئەۋلاتنى بۇرۇنقى ئەجدادلارغا  ئۇلايدىغان كوۋرۇك، كەلگۇسىنىڭ خوجايىنلىرى،  مىللىتىمىزنىىڭ  ئىز  باسارلىرى ،ۋەتىنىمىزنىڭ  ئىستىقبالى  .
    شۇنداق دىيىشكە  بولىدىكى ،ھازىرقى  پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ قوش تىللىق  ئوقو- ئوقۇتۇش
ئىشلىرىغا   كوڭۇل  بولۇش ،شۇ  كەلگۇسىنىڭ  خوجايىنلىرىغا ،مىللىتىمىزنىڭ  ئىز باسارلىرىغا ،ۋەتىنىمىزنىڭ  ئىستىقبالىغا  كوڭۇل  بولۇش  ،ئەھمىيەت  بىرىش  دىگەنلىكتۇر ،
   رايۇنىمىزدا  قوش  تىللىق مائارىپ  يولغا  قويۇلغاندىن  بۇيان ،قوش  تىللىق  مائارىپ  
زادى قانچىنچى  سىنىپتىن  باشلاپ  ئىلىپ  بىرىلىشى  كىرەك ؟  قانداق  ئىلىپ  بىرىلىشى  كىرەك ؟دىگەن  مەسىلىدىكى تالاش-تارتىشلار تۇ گىمىدى ،چۇنكى  بۇ  تالاش  تارتىشلارنىڭ  كىلىپ چىقىشىدا  ئەلۋەتتە ھەرخىل  سەۋەپلەر بار . ئەسلىدە قوش  تىللىق   بولۇش دىگەنلىك - ھەربىر  مىللەت  ئوز  ئانا تىلنى  پىششىق  بىلىش  ئاساسىداخەنزۇ تىلىنى  ئۇگىنىش خەنزۇ تىلىغا راۋان بولۇشنى  كورسىتەتتى، لىكىن  ئاساسى  قاتلاملاردىكى بەزى جايلاردا قوش  تىللىق  ئوقو-ئوقۇتۇش  ئىشى بۇ  پىرىنسىپقا زىت  بولۇپ  كەلدى،   ھەرقايسى  جايلارئوز  ئالدىغا قائىدە نىزام  تۈزىۋىلىپ ئوزى بىلگەنچە  ئىش  قىلدى ،ئۇيغۇر  ئوقۇتقۇچىلار  قاتتىق روھى  بىسىمغائۇچراپ ،ئوقوتقۇچىلار  قوشۇنىدا مۇقىمسىزلىق كۆرولدى .يىقىندا  ئاڭلىغان  خەۋەردە  بەزى  مەكتەپلەردە  ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى  دەرىسكە كىرگۇزمەي ئۇيغۇرچىنى قىلچە بىلمەيدىغان خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارغا "كاتىپلىق" قىلىشنى  ئورونلاشتۇرغان .بۇنداق ئەھۋاللار  ھەقىقەتەن  كىشىنى  ئويلاندۇرىدۇ .بۇنى قانداقمۇ  قوش  تىللىق  ئوقۇتۇش دىگىلى  بولسۇن؟  
   مۇھاكىمە قىلىش ،پىكىر  ئىلىش  دىيىلگەن  ئىكەن  ، پارتىيىمىز  تەشەببۇس  قىلىۋاتقان
ئىلمي  تەرەققىيات  قارىشى  بويىچە قوش تىل  ئوقۇتۇشنى زادى  قاچاندىن باشلاپ  يولغا  قويوش  كىرەك  دىگەن  مەسىلىدە شەخسەن  كوز  قارىشىمنى  ئوتتورىغا  قويۇپ  باقاي  :
مىنىڭچە  قوش  تىللىق  ئوقو-ئوقوتۇشنى  ئادەتتىكى  باشلانغۇچ  مەكتەپلەرنىڭ 4-سىنىپىدىن باشلاش  كىرەك .يەسلىدىن باشلاپ  يولغا قويۇشقا  بولمايدۇ.بۇنىڭغا  كورسىتىدىغان  سەۋەپلىرىم توۋەندىكىچە:
    1.ھەربىر  مىللەتنىڭ ئانا  تىلى شۇ  مىللەتنىڭ  مەدەنىيىتىنى  ئەڭ بىۋاستە ئۇنۇملۇك خاتىرلىگۇچى  قورال  بولۇش  سۇپىتى بىلەن مىللى  مەدەنىيەتكە  ۋارىسلىق  قىلىشتا  بىۋاستە ئاساسى  رول  ئوينايدۇ .تىلنىڭ ئوزى  بىر  خىل  ئالاھىدە  مەدەنىيەت  بولۇپ ،مۇئەييەن ئەھمىيىتى  جەھەتتە مىللى تىل  بولمىسا مىللى  مەدەنىيەت  مەۋجۇت  بولۇپ  تۇرىدىغان تۇپراقتىن  ئايرىلىپ قالىدۇ ،شۇڭا  بالىلار  كىچىگدىن باشلاپ  ئانا  تىل  مۇھىتىدا چوڭ بولغاندىلا ئاندىن ئوز  مىللىتىنىڭ    مەدەنىيەت  تارىخىغا  ،مەدەنىيەت  تەركىپلىرى بولغان ئورىپ-ئادەتلىرىگە ،مىللەت  ئەنئەنىلىرىگە   ئوڭوشلۇق  ۋارىسلىق  قىلالايدۇ .
  2.ئانا  تىل پەقەتلا  ئالاقە قورالىلا  ئەمەس  بەلكى  مەدەنىيەت  توشۇغۇچى ، مىللى ھىسسىياتنىڭ بەلۋېغى،مىللەتنى  تونۇشنىڭ مۇھىم  ئاساسى ،ئىنسانلار  مەدەنيلىگىنىڭ مۇھىم  نەتىجىسى ، ئۇ  بۇ  يىل  كۇزدە  تىرىپ قويسا  كىلەر يىلى  باھاردا كوكلەپ  چىقىدىغان زىرا ئەت ئەمەس، ئۇ يوقىلىپ  كەتكەن  ھامان  ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولمايدىغان    ئەڭگۇشتەر ،شۇڭا  بالىلارغا  كىچىگىدىن  باشلاپ  ئانا تىل  تەربىيىسىنى ئىلىپ  بىرىش ،سەل چاغلىغىلى  بولمايدىغان  مۇھىم تەربىيە  مەزمۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر .
  3 .ئانا  تىل مىللى  مائارىپنى تەرەققى  قىلدۇرۇشتا  مۇھىم  رول  ئوينايدۇ .  مىللى  مائارىپنىڭ ئىككى  چوڭ رولى بار، بىرىنچىسى ئىلمي بىلىم  ئۇگىتىدۇ . ئىككىنچىسى : مىللى  مەدەنىيەت تارقىتىدۇ . ئۇزاقتىن  بۇيان    مەكتەپلەر  ئىلمي  بىلىم ئۇگىتىش رولىغا بەكرەك ئەھمىيەت  بىرىپ  كەلدى، لىكىن مىللى  مەدەنىيەت  تارقىتىش  رولىغا  سەل قارىلىپ كەلدى. مۇشۇ  مەنىدىن  ئېيىتقاندا  پەرزەنىتلىرىمىىزنى مەلۇم  ئوقوش يىلى  ئىچىدە ھەم ئىلمي  بىلىم   ئالالايدىغان  ھەم  ئوز  مىللى مەدەنىيىتىدىن  بەھىرلىنەلەيدىغان  ئىمكانغا  ئىرىشتۇرۇش  لازىم  .
   4.قوش  تىل مائارىپىنى يولغا  قويوشتىن مەخسەت كوپ  تىل  ئىناقلىقى  ئاساسىدىكى    تىل ھاياتىنى بەرپا  قىلىش .  بۇنىڭ  ئۇچۇن ئاناتىلنى  ئاساس قىلىشتا  چىڭ  تۇرۇپ  ،ئىككىنچى تىلنى ئىككىنچى  ئورۇندا    قويۇش  كىرەك ، كوز ئالدىمىزدىكى  مەنپەئەتكە بىرىلىپ  كىتىش ئىدىيىسىنى تۇگىتىپ، بالىلارنىڭ  تىل  ئۇگىنىشىنىڭ  ۋە  تەپەككۇرىنىڭ  تەرەققى قىلىشىنىڭ ئوبيېكتىپ  قانۇنىيىتىگە  ھورمەت  قىلىش  كىرەك  .
   5.ئوز  مىللىتىنىڭ تىل- يىزىقىنى ئۇ گىنىش، قوللىنىش،ۋە تەرەققى  قىلدۇرۇش--(ئاساس قانۇن)ئازسانلىق مىللەت  پۇقرالىرىغا بەرگەن تۇپ  ھوقۇق . ئوزى  پىششىق بىلىدىغان تىل  بىلەن ئىدىيىسىنى  ئىپادىلەش، تەلىم-تەربىيە قوبۇل  قىلىش،خىزمەت ئىشلەش--ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تۈپ  كىشىلىك  ھوقۇقىنىڭ بىرى . خەلىقئارا جەمىئىيەت بىر  ئادەمنىڭ ئانا تىل ھوقۇقىنى تۈپ  كىشىلىك  ھوقۇقنىڭ  بىرى  قىلىپ،ھەمىشە  پۇقرالارنىڭ ئانا تىل ھوقۇقىغا ھورمەت  قىلىشنى  بىر  دولەتنىڭ كىشىلىك  ھوقۇقىنى  ئولچەشنىڭ ئولچىمى  قىلماقتا.
بىرلەشكەن دولەتلەرنىڭ  پەن- مۇئارىپ تەشكىلاتىمۇ  1999-يىلى  قارار ماقۇللاپ  2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21-كۇنىنى دۇنيادىكى  مىللەتلەرنىڭ  ئانا  تىلنى  خاتىرلەش كۇنى قىلىپ  بىكىتتى .
بىرلەشكەن دولەتلەر  تەشكىلاتىنىڭ  ئىلىم-پەن،مائارىپ،مەدەنىيەت مەھكىمىسى21-ئەسىر
-دىكى  ئىختىساس ئىگىلىرىگە قويۇلىدىغان  ساپا تەلەپلىرىدىمۇ باشقا  تىل  قابىلىيىتىنى ئوستۇرۇشنى  ئانا  تىل  قابىلىيىتىنىڭ كەينىدىنلا  ئىككىنچى  ئورونغا  قويغان. بۇ  مەھكىمىنىڭ1965-يىلدىكى59- نۇمۇرلۇق  تەكلىپىدە((دەسلەپكى  مائارىپ  باسقۇچىدا  باشقا تىل ئۇگىنىش تۇپەيلىدىن  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئانا  تىل  ئۇگىنىشىگە مۇتلەق دەخلى يەتكۇزمەسلىككە  كاپالەتلىك  قىلىش ئۇچۇن  ساقلىنىش ۋاستىلىرى  جەھەتتە   ئەتراپلىق ھازىرلىق  بولۇش  كىرەك))دىيىلگەن.①
ھازىرقى  زامان  پېداگوگىكسى ئادەمدە  يېتىشتۇرۇش  نىشان  قىلىنغان  ئالتە تۇرلۇك ئىختىدارنى رەتكە تۇرغۇزغاندا،ئانا تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش سەۋىيىسىنى ئوستۇرۇشنى بىرىنچى رەتكە تىزغان باشقا تىل سەۋىيىسىنى ئوستۇرۇشنى ئۇچىنچى رەتكە تىزغان.
بىر بالىنىڭ ئانا تىلدا پىششىق بولىشنى كۇچلۇك تەشەببۇس قىلىش بىلەن يەنە ئۇلارنىڭ قوش تىللىق ياكى كۇپ تىللىق بولىشىنى ئاكتىپ قوللايمىز، لىكىن يۇقىردىكى ھەرخىل سەۋەپلەر قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ توتىنچى سىنىپىدىن باشلاپلا ئوقۇتۇش ئىلمى تەرەققىيات قارىشىغا ئۇيغۇن كىلدىغان،كىچىك پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل ھوقۇقىغا ھورمەت قىلدىغان ئەڭ ياخشى چارە.
پىسخولوگىيىلىك تەتقىقاتلارنىڭ كورسىشىتىچە،بالىلىق مەزگىل ئادەمنىڭ زىھنى تەرەققىياتى ئۇچۇن ئەڭ ياخشى مەزگىل بولۇپ،بالىلاردىكى تەرەققىيات جەريانى باسقۇچلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدىكەن.كونكىرتنى ئىيتقاندا بىر ياشلىق مەزگىل ئاڭلاش ئقتىدارى تەرەققىياتىنىڭ، ئىككى ئۇچ ياش مەزگىل ئىغىز تىل مەشىقىنىڭ،ئۇچ ياش ھەرىكەت ئادىتى شەكىللىنىشنىڭ،توت ياش ئەقلى ئىقتىدار تەرەققىياتنىڭ،بەش ياش بولسا سان چۇشەنچىسىنى ئىگەللەشنىڭ،ئۇچ ~ئالتە ياش خارەكتىر شەكىللىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ئىكەن،. مۇزىكىنى ئۇچ ياشتىن باشلاپ ،چەتئەل تىللىرىنى (ئاساسلىقى ئىغىز تىلىنى) ئون ياشتىن باشلاپ ئۇگەنسە ئەڭ ياخشى بولىدىكەن،.دىمەك بالىلارنىڭ ھەرىكەت ۋە ئەقلى ئىقتىدار تەرەققىياتىدا مەلۇم ھالقىلىق ۋاقىت مەزگىللەر بولىدۇ.بالا خالىغان ۋاقىتتا خالىغان نەرسىنى سىزسا بولىۋىرىدىغان "ئاق قەغەز " ئەمەس.بەلكى ئۇ خاس ئاناتومىيەلىك ۋە فىزىئولوگىيەلىك نىرۋا تۇزلىشىگە ئىگە "پىروگرامما "سى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان جانلىق مەۋجۇدات بولۇپ،مەزگىلى ئوتۇپ كەتسە بالا شۇ خىل تەرەققىيات جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ دىگەن سۇز .تىل ئۇگۇنۇشمۇ دەل مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە ئەمەلگە ئاشىدۇ.بىئوپىسخىك جەھەتتىن ئالغاندا تىل بىر خىل مىڭە ھادىسىسى.بالا تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋە تۇغۇلغاندىن كىيىن ئاتا ئانىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چوڭ بولىدۇ .ئۇ سۇزلەشنى بىلمىسىمۇ ،ئانا تىل تاۋۇشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىيەتلىك بىرىكىشلىرى،تاۋۇش چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ خاس ئاناتومىيەلىك تۇزىلىشىدىن ھاسىل بولغان مىللەت تىلىنىڭ تېمبىرى ئانىنىڭ يىقىملىق پەپىلەشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ،بالىنىڭ قەلبىدە يارقىن تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ.بۇ خىل تۇيغۇ ۋاقىتنىڭ ئوتىشى بىلەن بالىنىڭ مىڭىسىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ.بۇ ماھىيەتتە ئانا تىلنى ئۇگۇنۇشنىڭ ھىىسسى جەريانى بولۇپ،ئەقلى تەرەققىيات مۇشۇ جايدىن باشلىنىدۇ.
بالا مەكتەپ يىشىغا يەتكەندىن كىيىن ئۇزىمۇ سەزمىگەن ھالدا تەبىئى رەۋىشتە مەكتەپ قوينىغا كىرىپ كىتىدۇ،بۇ ۋاقىتتا مەكتەپ ئانا تىل ئارقىلىق بالىنى .ئۇزىگە رام قىلىپ بالىنىڭ ھىس تۇيغۇسى ئەقلى پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش كىرەك.شۇنداق بولغاندىلا بالىلار مەكتەپ بىلەن ئائىلىنى پەرقسىز ھىس قىلىدىغان ئوقۇشتىن بىزار بولمايدىغان ئائىلىنى ئىللىق ماكان،مەكتەپنى يات دۇنيا دەپ بىلمەيدىغان مەكتەپكە بىرىشقا ئالدىرايدىغان ئويگە كىتىشكە ئالدىرمايدىغان بالا بولىدۇ.بۇنداق بالىلار ھىسيات جەھەتتە تەبىئى نۇرماللىققا ئىگە بولىدۇ دە بۇ خىل ئازادە روھى ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئۇگۇنۇش ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق يۇرۇشۇپ كىتىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق كىرگەن بالا كىيىنكى ھاياتىدا نىسبەتەن توغرا پېداگوگىكىلىق تەربىيىگە ئىگە بولالىسا، ئۇنىڭ "ئىستىقبالى ئۈمىدلىك "بولىدۇ ،دىگەن سۇز .
    مىنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ توتىنچى سىنىپىدىن باشلاپ يولغا قويۇش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم يۇقىرىقىدەك.قوش تىل ئوقۇتۇشنى يەسلىدىن باشلاپ يولغا قويغاندا كىچىك بالىلاردا كۇرىلىدىغان تەپەككۇر توسالغۇسى،پىسخىك توسالغۇ ،فىزىئۇلوگىيىەلىك توسالغۇلار توغرىسىدا كىيىنكى ماقالەمدە تەپسىلى توختىلىپ ئوتىمەن. بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىنى جوڭخۇا خەلق جەمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى يولداش خۇجىنتاۋ مەركەز ئاچقان ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا سۇزلىگەن مۇنۇ سۇزى بىلەن تاماملايمەن.:"بىز ھەرقايسى مىللەتلەر تارىختا ئەنئەنە ،تىل ،مەدەنىيەت،ئورىپ-ئادەت،پىسخولوگىيىلىك تونۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەرەققى قىلىپ شەكىللەندۇرگەن پەرقلەرنى تولۇق چۇشۇنۇشىمىز ۋە ئۇنىڭغا ھۇرمەت قىلىشىمىز، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشغا سەل قارىماسلىقىمىز ،شۇنداقلا ئۇلارنى مەجبۇرلاش ئۇسۇلى بىلەن ئوزگەرتىۋەتمەسلىكىمىز لازىم." ②

①جۇڭ چىچۇەن:"شىنجاڭ مائارىپى" ژورنىلى(ئۇيغۇرچە)2003-يىل 7-،8(قوشما)سانىدىن ئىلىندى.
② "جوڭگو مىللەتلىرى"ژۇرنىلىنڭ 2008-يىللىق 5-سانىدىن ئىلىندى.
    
  بۇ ماقالىنىڭ  كوچۇرۇلمە نۇسخىسى:
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىگە ۋە  ئاپتونۇم رايۇنلۇق قوش-تىل ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورۇنلىرىغا يوللىنىلىدۇ.

تېما تەستىقلىغۇچى : Ormanlik
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-01, 02:04

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(دۇنيا)
  • تۆھپە:+20(Ormanlik) بەك ياخشى يې ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-01 00:39 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    Nim-jan
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34647
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 545
    شۆھرەت: 546 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5330 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1488(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    قوش تىل مائارىپى دۆلىتىمىزنىڭ ھارۋىدا ئۇلتۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاش ۋە يىپەك قىلىچ پىلانى، بۇ پىلان نۇرغۇنلىغان ئاز سانلى مىللەت تىلىنى چىرايلىق پەردازلاپ يوق قىلىۋىتىشى مۆمكىن؟

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 10:24 |
    kawsarjan007
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 81897
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-01

     Re:قوش تىللىق ئوقو -ئوقۇتۇش، ئىلمي تەرەققىيات يولىدا  مىڭىشى لازىم .

    بۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن ،بولسا باشلىقلىرىمىزمۇ كۆرسە بەك ياخشى بولاتتى.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 11:59 |
    taktakchi
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 82730
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 40 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 400 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-21

     

    رەئىس نۇر بەكرىنىڭ «قوش تىل» قارىشى


    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى نۇر بەكرى مۇنداق كۆرسەتتى:« قوش تىل ئۆگىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلاشقانلىق»


    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى نۇر بەكرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بۇندىن بەش يىل ئىلگىرى، يەنى 4002-يىلى 7-ئاينىڭ 72-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 3-قېتىملىق تىل-يېزىق خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلغاندا «قوش تىل ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

    تىل-يېزىق ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان. ئۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگەرگەن. تىلنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى بولىدۇ. ئۇنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ھەتتا يوقىلىش جەريانى بولىدۇ.
    ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىرلىشىش تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا تېخىمۇ ئايلاندى. ئىقتىسادنىڭ بىرلىشىش رايوننىڭ بىرىكىشىگە، مەدەنىيەتنىڭ بىرىكىشىگە، تىلنىڭ بىرىكىشىگە تۈرتكە بولدى ۋە تەسىر كۆرسەتتى.
    ھازىرقى جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان تىل قوللىنىدىغان ھەرقايسى مىللەتنىڭ نوپۇس، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىياتى تەكشى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ تىلىنىڭ قوللىنىش دائىرىسى، ئىشلىتىش نىسبىتى، ئۇچۇر سىغىمچانلىق مىقدارى ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىدارىدىمۇ پەرق پەيدا قىلدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى تىللارنى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا دائىملىق ئالاقىدە ئىشلىتىدۇ، ئوينىغان رولى كىچىكرەك؛ ئەمما بەزى تىللار دۆلەت، رايون ھەتتا دۇنيادا ئورتاق قوللىنىدىغان ئالاقىلىشىش قورالىغا ئايلانغان بولۇپ، تىللار ئىچىدىكى چوڭ تىلغا ئايلاندى.
    نوقۇل ھالدا تىل ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى مىللەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئالاقە قورالى، شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. لېكىن تېخىمۇ يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ قارىغاندا، مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىرەر تىل-يېزىق دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالىسا،  بۇنداق تىل-يېزىق تەرەققىي قىلىپ روناق تاپىدۇ؛ ئەگەر بىرەر تىل-يېزىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغاندا، خەلق ئاممىسى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆزلۈكىدىن قوللىنىدۇ. تىل-يېزىقنى بۇنداق ئۆزلۈكىدىن قوللىنىش خەلق ئاممىسىنىڭ تەرەققىياتنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، دەۋر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

    نۇر بەكرى يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىختىن بۇيان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل-يېزىق ئۆگىنىشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.
    ئۇچۇر دەۋرىدە خەنزۇ تىلنى ئۆگىنىش، ھەتتا چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق زور مىقداردا ئۇچۇر ئىگىلىگەندە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە زور دەرىجىدە پايدىسى بولسا بولىدۇكى، ھەرگىز زىيىنى يەتمەيدۇ.

    نۇر بەكرى نۆۋەتتە جەمئىيەتتە بەزى كىشىلەرنىڭ «قوش تىل» ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەھمىيىتى، رولىنى تونۇشىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

    بىز چوقۇم تىل-يېزىقىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىگە ماركسىزملىق نوقتىئىنەزەردە تۇرۇپ ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىدارىغا مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشىغا پايدىلىقمۇ-ئەمەسمۇ دېگەن يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىمىز، قوش تىل ئۆگىنىشكە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم.
    ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى سىرتقا چىقماقچى بولسا، مەملىكەتنى ئايلانماقچى بولسا دۆلەت ئورتاق قوللىنىدىغان تىل-يېزىقنى ئۆگىنىشى لازىم؛
    دۆلەتتىن چىقىپ خەلقئارانى ئايلانماقچى بولسا دۇنيادا ئېقىۋاتقان تىلنى ئۆگىنىشى كېرەك.
    بۇ دۇنيادا نەزىرىنى يىراققا تاشلىغان مىللەتلەر باسقان ياكى بېسىۋاتقان يول، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى باسىدىغان يول. بۇ بىر مىللەتنىڭ دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىدىكى مۇقەررەر يول.

    مەنبە: http://www.uyghurqamus.cn/uy

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-09 12:42 |
    oqmees
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 82738
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-26

     

    قوش تىل دېگەن قۇرۇق گەپ ئۇ يالاڭ تىل يەنى خەن تىلى

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-09 13:30 |
    oqmees
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 82738
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-26

     

    ئەگەر قوش تىل دەپ ئاتاۋەرمەكچى بولسا ئۇيغۇر تىلىدىن سەۋىيە سىناش ئىنتىھانى ئېلىپ دەرىجە چېكى قويسۇن.مىللى مائارىپقا يالاڭ تىللىق ھەتتا پۇتۇڭخۇا نى تۈزۈك بىلمەيدىغانلارنى ئەكىرىپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى دەۋالىدىكەن تېخى. بىزنىڭ يېزىلىرىمىزدا خەن تىلىدىن پوقنى بىلمەيدىغان باللار كۆپ ئەگەر ئۇنداق يالاڭ تىللىقلار بىزنىڭ مائارىپىمىزغا كىرىپ ئوقۇتقۇچىسى بولماقچى بولسا چۇقۇم ئۇيغۇر تىلىدا يۈز تۇرانە سىناقتىن ئۆتىشى كېرەك

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-09 13:33 |
    oqmees
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 82738
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-26

     

    خۇددى بىز خەنزۇ تىللىدا يۈزتۇرانە سىناقتىن ئۆتكەندەك

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-09 13:34 |
    ALTIKEN
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4549
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 484
    شۆھرەت: 491 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4114 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    مەن تىما يوللايمەن . مۇشۇ توغرىسىدا پۇختا تەييارلىق بىلەن  تىما يوللايمەن .

    نۇرغۇن يىللاردىن بىرى ئاققان تىلىمىز ***نىڭ زامانىسىدا زامانغا يىتشەلمەپتۇدەك .
    <ئاق قوي ئەمگەن ئادەمدىن> مۇشۇنداق مۇناپىق چىقامدىكىن يا ؟

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ئىمام ، موللام ، ھاجىم ئۈچى ھاراق ئىچىۋاتىدۇ ...
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 23:07 |
    gulsema
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 58111
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 434
    شۆھرەت: 435 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4335 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 530(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

     

    ۋايجان ھەجەپ تويدۇم مۇشۇ قوش تىل ئۈگىنىش دىگەن گەپتىن،ئىدارىدىمۇ،كوچىدىمۇ،مۇنبەردىمۇ......     بىر نېرۋا كىسەل بوپ قالدىممىكىن دەيمەن،قوش تىلنىڭ دەردىدە...

    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-28 01:28 |
    777palwan
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 33010
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 60 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-29

     Re:قوش تىللىق ئوقو -ئوقۇتۇش، ئىلمي تەرەققىيات يولىدا  مىڭىشى لازىم .

    قوش تىل ئۈگۇنۇش يامان ئىش ئەمەس لىكىن بۇخىل ئوقۇتۇش  قوش تىل ئەمەس يالاڭ تىل بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ!مەن تىل ئوگۇنۇشنى ھەر قانداق شارائىتتا ياخشى ئىشدەپ قارايمەن.مەيلى 1-سىنىپتىن باشلاپ خەنزۇچىنى ئوتسۇن ياكى 4-سىنىپتىن باشلاپ ئوتسۇن تولۇق ئوتتۇرنى پۇتتۇرگىچە خەنزۇ تىلى سەۋيىسى 8-دەرىجىگە يەتكۈزسەك ،قالغان مەدەنىيەت دەرىسلىرىنى ئاناتىلىدا ئوتۈشى كېرەك دەپ قارايمەن!ئوزىنىڭ ئاناتىلىدا ئاران ئوزلەشتۈرىۋاتقان مەدەنىيەت پەنلىرىنى ئىككىنجى بىر تىلدا تولۇق ئوزلەشتۈرەلەيدۇ-دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-28 11:28 |
    omay
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 66877
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 32
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 320 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    قوش تىللىق  بولۇش ياخشى ئىش ،لېكىن ئانا تىلىنى  قۇربان قىلىش بەدىلىگە قوش تىللىق  بولۇش نۇمۇس ئىش .........

    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-28 14:20 |
    karakqi520
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 83
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 73
    شۆھرەت: 73 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 568 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

     

    گەپ بولا شۇنداق بولا، ھەممە گەپنىڭ ھەممىسى شۇكەن ~! ھاھا ...
    ۋاڭ بەكرىنىڭ ئاۋۇ يازغىنى قالتىس قاراشكەن ~! بىر مىللەتنىڭ تىلىنىڭ يوقلىشىنىڭ ئالدىنى ب د ت قوغداۋاتسا، ماۋۇ يولداش ۋاڭ بەكرى بۇنى تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن دەپ قارايدىكەن، ئاۋۇ ب د ت دېكىلەرنىڭ كاللىسىدا بار يا بولمىسا  ...

    قىززىق، تۇركىي تىللار دىۋانىدا << بۆرىمۇ ئۆز ئىنىغا ھۇرسە قوتۇر بۇلۇر>> دەپتۇ، قالغىنى ئاللاھقا ئامانەت ~!

    بولسا ۋاڭ بەكرى تىلىنى ئوتتىرىدىن كىسىپ قوش قىلىۋالغان بولسا، ۋاھ ...

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-28 15:54 |
    crazy_boy
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 53615
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 110 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

     

    رەئىسىمىز نۇر بەكرى ئاجايىپ كاتتا بىر ئىش قىلدى-دە! ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ خاتىرىلەنگىدەك !

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-28 16:26 |
    ozhanman
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 72042
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 50 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

     

      رەئىس ئەپەندىنىڭ يېڭى ئىسمى راسا يارىشىپتۇ.   
    بۇ خىل تالاش تارتىش بولغىلى خېلى بولۇپ قالدى . بىراق يازغانلىرىمىزنى ئەشۇ ئىسمىدىن باشقا نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزگۈرۈپ كېتىشكە ئازلا قالغان بىر قىسىم توزكور ئەمەلدارلىمىزنىڭ بىرەرىمۇ بۇ توغرىدا لىللا گەپ قىلغىدىن ئازراقمۇ خەۋەر يوق . خەنزۇ تىلىنى بىلگەنگىلا ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ كېتىدىغان ئىش بولسا خەنزۇچىنى سۇدەك بىلىدىغان خۇيزۇلار ھازىرغىچە كوچىدا تەخسىسى 2سوملۇق لەڭپۇڭنى سېتىپ يۈرمىگەن بولاتتى .

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-28 17:43 |
    sultan180
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 84661
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 50 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    رەيىس    ەپەندىمنڭ          ىسمى  بەك    يارېشىپ  تۇ  ~~~~~~~~~~~``       

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-28 20:24 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » مائارىپ ۋە بىز
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:05-02 23:05, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ