« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1598 - كۆرۈرمىنى
xaqani07
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 84013
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 59(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 ئانا تىل يېزىقىنىڭ كۆز يېشى

مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، بولۇپمۇ تىلنىڭ گۈللىنىشى ئانا تىلنى مەڭگۈلۈك راۋاجلاندۇرۇش ۋە قوغداشتا.
تىل ــــــ بىر مىللەتنىڭ جېنى بولۇپلا قالماي ھەم شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاساسىدا ئار نومۇسنى ئاقلايدۇ.
بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۇرۇشتە ئانا تىل بىباھا گۆھەردۇر.
مۇشۇ يېقىندىن بېرى، يېزىقىمىز توغرىسىدا غەيرى ئەھۋاللار يۈز بىرىۋاتىدۇ. مەن بۇنى بىر بوۋاينىڭ كۆز يېشى ۋە ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلماقچىمەن:

بوۋاينىڭ كۆز يېشى
ــــ بالام!  ماۋۇ كوچىباشقارما تەۋەسىدىكى ساقچىخانىنىڭ ئورنىنى مۇشۇ تەرەپكە يۆتكەپتۇ دەپ ئاڭلىۋىدىم، ھېچ تاپالمىدىميا!
ــــ تاغا! مانا ئالدىلىرىدا تۇرمامدۇ ساقچىخانا.
ــــ ۋاي!!! بالام ئەيىپكە بۇيرىمىسىلا، خەت تونۇغاندىكىن ساقچىخانىنى دەرۋازا بېشىغا ئېسىپ قويغان تاختىيىغا قاراپ تاپالايمەن دەپ ھېچكىمدىنمۇ سورىمىغانتىم، مانا ئەمدى ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ساقچىخانىنى سوراپ سېلىنى ئاۋارە قىپتىمەن، خاپا بولمىسىلا جۇما بالام! بوۋاي ساقچىخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا سىنجىلاپ قاراپ قويۇپ، خۇرسۇنغان ھالدا ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، بىر خىل خىجىلچىلىق ئىچىدە مەندىن ئەپۇ سوراپ كەتتى.
بۇ كۈنى ھاۋا تازا ياخشى ئەمەس، توپا- چاڭ ئىدى. يېشى 70 لەرگە يېقىنلاشقان بۇ بوۋاينىڭ تەن سالامەتلىكى خېلى ياخشىدەك قىلاتتى.
ــــ ھېچقىسى يوق تاغا! بۇنداق ئىشلار دېگەن بولىدۇ، دىدىم مەن.
ــــ بالام! بۇ ساقچىخانىنىڭ ۋىۋىسكا دەمدۇ خۇدايىم، تاختىيى ئاشۇما؟
ــــ ھەئە! شۇنداق تاغا، ۋىۋىسكىسى ئاشۇ. بايام دىققەت قىلماپلا-دە.
ــــ ياق بالام! دىققەت قىلدىم، بىزنىڭ كونا يېزىقىمىز ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئەمەلدىن قالدىما؟ بىزنىڭ يېزىقىمىز يوق تۇرمامدۇ؟ مېنىڭمۇ كونا يېزىقىمىزدىن ئوبدانلا ساۋادىم بار. تاختاينىڭ ئاۋۇ سول تەرىپىدىغۇ خەنزۇچە خەت باركەن، ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكىسى ساقچىنىڭ بەلگىسى ئوخشايدۇ، ئوڭ تەرەپتىكىسى نېمە خەت بالام! بىزنىڭ يېڭى يېزىق دەيدىغان خېتىمىزغا ئوخشامدۇ نېمە؟ ئۇنىمۇ ھەجىلەپ ئوقۇيالايتتىم، خەنزۇچە خەتنىغۇ بىز قىرىلار تونۇمايمىز. ياش چاغلىرىمىزدا ئۆزىچىلا يېڭى يېزىق دېگەن بىرنەرسە پەيدا بولۇپ، بىر ئوبدان كونا يېزىقىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن كونا يېزىق بىلىدىغانلا، كونا يېزىقتا ئوقۇغانلا ساۋاتسىز ھېساپلاندۇق، ھە دېسە كومىتېتقا يېغىۋېلىپ ساۋات چىقىرىمىز دەپ يېڭى يېزىق ئۆگىتەتتى، يول- يوللاردا، كوچا- كوچىلاردا توساق قۇرۇۋېلىپ ئۇياق- بۇياققا ئۆتكەنلەرنى توسۇۋېلىپ، خەت يېزىپ ھەم ئوقۇپ بەرمىسەك ماڭغۇزمايتتى، شۇ يولدىن بىر كۈندە ئون قېتىم ئۆتكەن بولساق ئون قېتىم توساتتى. كېيىن كونا يېزىقىمىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈۋىدى خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك شۇنداق خوش بولغانتۇق بالام! ئەمدى بۇ جاھان نېمە بوپ كەتتى؟ بازاردا بېرەر دۇكانغا كىرەي دېسە بەزى دۇكانلارنىڭ تاختىيىدا بىزنىڭ يېزىقىمىز يوقكەن، شۇڭا نېمە دۇكان ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيىكەنمىز. ئۇ دۇكاننىڭ ئىچىدە تەتەيلەر باركەن، ئۇ خەخلەر بىزنىڭ يېزىقىمىزنى ئۇقمىغاچقا شۇڭا تاختىيىغا چىقارمامدۇيا؟ ئەمدىلىكتە ساقچىخانىلارنىڭ تاختىيىدىمۇ بىزنىڭ يېزىقىمىز يوقاپتۇ، ئاۋۇ نېمىلەرغۇ يېزىقىمىزنى يازمىسۇن، ھۆكۈمەتمۇ يازمىسا ئەمدى، بىرەر پارچە ئىلتىماس ياكى ئەرزلىرىمىزنىغۇ كونا يېزىقىمىزدا يازساق ئاقمايدىغان بوپتۇ، بۇ خېتىڭ ئاقمايدۇ خەنسۇچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئەكەل دېيىشلىرى بۇ نېمىلەرنىڭ، ھېلىقى ئۇيغۇر كادىر دېگەنلەر نېمە ئىش قىلىدۇ مۇشۇنداق خەتلەرنى ئوقۇماي، ئۇلار ھۆكۈمەتتىن ھارام مائاش ئېلىپ بىكار يۈرىيدىغان ئاقنانچىلارمىدۇيا بالام! بىز كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بوپتۇق-دە، نېمە دېگەن ئارنومۇس بۇ بىزگە، ئادەمنى شۇنداقمۇ بوزەك قىلغان بارمۇ؟ ھەي!!!
بوۋاي تىترەك ئاۋازى بىلەن شۇنداق دەۋىتىپ كۆزىگە لىق ياش ئالدى، بوۋايغا قاراپ مېنىڭمۇ كۆزلىرىمگە ياش كېپ كەتتىيۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم. بوۋاي قولىنىڭ ئالدى كەينى بىلەن كۆزىگە لىق تولغان يېشىنى سۈرتىۋەتتى كەينىدىنلا.
ــــ بالام مۇنداق قارىسام سېلە كادىردەك قىلىلا، بىزنىڭ كونا يېزىقىمىز مۇشۇنداقلا يوقاپ كېتەرمۇ؟ بۇنىڭغا ئىگە بولىدىغان ئادەم يوقمۇ زادى! بوۋاي يەنە گەپ سورىغىلى تۇردى.
ـــ بالام ئاۋۇ ئوڭ تەرەپتىكى نەنىڭ تىلى بىلەمدىلا؟
ـــ ئىنگىلىزچى خەتكەن تاغا.
ـــ توۋا! بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ئىنگىلىز دەيدىغان مىللەتنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن، راست بۇ يەردە شۇنداق مىللەتمۇ بارمۇ؟ بالام!
ـــ بىزنىڭ يۇرتتا يوق، چەتئەلدە بار، ئامېرىكا، ئەنگىلىيەلىكلەر ئىنگىلىز مىللىتى.
ـــ ھە! بۇ يەردە ئىنگىلىز دېگەن مىللەت بولمىسا، بىز خەخ تۇرساق نېمىشقا بىزنىڭ خېتىمىزنى يازماي، ئۇلارنىڭ يېزىقىنى بۇ تاختايغا يېزىپ قويۇدى. ھۆكۈمەت ساراڭ بوپ قالمىغاندۇ؟ بالام!
ـــ ئۇ دېگەن دۇنياۋىي تىل، شۇڭا قوللانغان ئوخشايدۇ تاغا!
ـــ ھەرقانچە دۇنياۋىي تىل بولسىمۇ ھېلىقى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە دېگەن يەرلەردىن ئاتايىن كېلىپ بۇ ساقچىخانىغا كىرىپ يۈرمەيدىغاندۇ بالام! مۇشۇمۇ ئىشمۇ! خېتىمىزنىڭ يېزىلمىغانلىقىدىن مەنمۇ بۈگۈن گاڭگىراپ قالدىمغۇ! باشقىلارمۇ مەندەك ئەھۋالغا قالماسمۇ!
بوۋاي شۇنداق دەپ بەك چېچىلىپ كەتتى، قاتتىق خاپا بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك، پۇت- قوللىرى تىتىرەيتتى، ھەتتا زەڭ سېلىپ قارىسام ساقاللىرىمۇ تىتىرەپ كېتىپتۇ. بىر تەرەپتىن بوۋاينىڭ بىرەر تۇتقاقلىق كېسىلى بولسا قوزغۇلۇپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرىدىم.
ـــ تاغا خاپا بولمىسىلا، داۋاملىق بۇنداق بولمايدۇ، ئىشلا ئوڭشۇلىدۇ، ياشىنىپ قاپلا بۇنداق كىچىك ئىشلارغا چېچىلىپ ئۆزلىرىنى يوقۇتۇپ قويمىسىلا سالامەتلىكلىرىگە تەسىر يېتىپ قالمىسۇن. دەپ تەسەللى بەرگىنىمنى بىلەمەن، بوۋاي شۇ ھامان تېخىمۇ چېچىلىپ قايناپ كەتتى.
ـــ نېمە؟ مۇشۇ كىچىك ئىشما؟ مۇشۇنداق چوڭ ئىشقا خاپا بولماي تۇرالامدىمەن بالام! سېلىمۇ-زە، زىيالىدەك گەپ قىلسىلا جۇما؟ سېلىنى تەربىيە كۆرگەن ئوقۇمۇشلۇق خېلى ئوبدان بالىكەن، ئاق- قارىنى پەرق ئىتەلەيدىغۇ دېسەم كىچىك ئىش دېگەنلىرى توغرا بولمىدى، يىگىت! ئويلاپ باقسىلا، مەنغۇ مۇشۇ خېتىمىزنىڭ يېزىلمىغانلىقىدىن ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ساقچىخانىنى تاپالماي ئالدىلىرىدا ئوڭايسىزلاندىم، تىلىمىز جېنىمىز بولسا، يېزىقىمىز قان تومۇرىمىز جۇما، بالام! ئادەمنىڭ تومۇرى بولمىسا ياكى تومۇرى قۇرۇپ كەتسە، قان ئايلىنىدىغان تومۇر بولمىغاندىكىن، قان يۇرەككە يېتىپ بارالماي ئادەم ئۆلمەمدۇ؟ بۇنچىلىك قايىدىلەرنى بىزمۇ ئوبدان بىلىمىز. ھەممە ئىشقا كىچىك ئىش، بولدىلا دەپ سەل قاراۋەرسەك، ھازىر يېزىقىمىز يوقالسا، ئەتە-ئۆگۈن بىزمۇ تىلىمىز بىلەن قوشۇپ يوقالمامدۇق! سېلەردەك ھۆكۈمەت قوينىدا ئىشلەۋاتقانلار باشلىغىڭلارغا ئىككى ئېغىز تەكلىپ بەرسەڭلا بولمامدۇ! ھۆكۈمەتنىڭغۇ ھەممە ئىشلىرى شۇنداق ئوبان بولاۋاتىدۇ، بىزمۇ بۇ غەمخورلۇقلاردىن شۇنداق رازى ئىدۇق، مۇشۇ يېزىقىمىزغا كەلگەندە،-زە...
بوۋاينىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرىۋەرسەم تېخىمۇ قايناپ پەسەيمىگىدەك، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي، تاغا مەن سۆزگە دېققەت قىلماپتىمەن خاپا بولمىسىلا، بۇ ئىشلار چوقۇم ئوڭشىلىدۇ دەپ بوۋاينى ناھايتى تەسلىكتە يولغا سالدىم.
بوۋاي ساقچىخانا ئىچىگە كىرىپ كەتتى، بۇ چاغدا مېنىڭ كۆڭلۈممۇ خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش تۇتۇلۇپ، ئاسماندا يېغىۋاتقان توپا يەرگە ئەمەس بەئەينى يۈرۈگۈمگە بىر- بىرلەپ توزۇپ كىرىۋاتقانداك ۋۇجۇدۇمدا شۇنداق بىر خىل ئاچچىق ئازاپنى ھېس قىلدىم، قانداقتۇ بىر نەرسە بوينۇمغا سىرتماق سېلىپ، گېلىمنى بوغۇۋالغاندەك بولۇپ، ساقچىخانا ۋىۋىسكىسىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم، بوۋاينىڭ ھەسرەتلىك سۆزلىرى، ئاچچىق كۆز ياشلىرى كۆز ئالدىمدىن بىر- بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. بوۋاينىڭ دېگەنلىرى ھەقىقەتەن ھەق سۆز ئىدى. بۇرۇن بۇنداق ئىشلارغا دېققەت قىلماپتىكەنمەن.
ساقچىخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىنىڭ تېگى قارا، ئوتتۇرىغا ج خ نىڭ ئىزنەك بەلگىسى ئېلىنغانكەن، سول تەرىپىگە 公安 دېگەن خەنزۇچە خەت، ئوڭ تەرىپىگە بولسا، POLICE دېگەن ئېنگىلىسچە خەت ئېلىنغان ئىكەن، شۇ يەردىلا توۋا دەپ كەتتىم. ۋىۋىسكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە خېلى جىق بوشلۇق تۇرىدۇ، بوۋاي بىكار قاينىماپتۇ، ئۇيغۇرچىنى شۇ يەرگە كىرگۈزۈپ قويسا بولمامدىغاندۇ؟ بىزنىڭ يېزىقىمىزنىڭ بىز ئاتا- بوۋا، ئەجداتلىرىمىزدىن باشلاپ نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى ياشاپ كېلىۋاتقان، ھازىرمۇ كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ بىزگە مەنسۇپ بولغان، بىزنى قوينىغا ئېلىپ قۇچاقلاۋاتقان، بىزنى سۆيىۋاتقان ئانا يۇرت، ئاتا ماكانىمىزدىن ئىبارەت ئۆز دىيارىمىزدا خارلىنىۋاتقانلىقىنى، يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، راست يۇرتىمىزدىلا ئەمەس، دۆلىتىمىزدىمۇ ئىنگىلىز مىللىتى 56 مىللەت قاتارىدا يوقلۇقىنى، ئەمدى بولسا، ساقچىخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىدا ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بوۋاينىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا بۇ قاراپ تۇرۇپ ئوچۇقتىن- ئوچۇق بوزەك قىلغانلىق، كۆزگە ئىلمىغانلىق، كەمسىتكەنلىك، چەتكە قاققانلىق، بولىدۇ، مۇشۇنداق بولىۋەرسە مۇقىملىققا تەسىر يەتمەمدۇ؟
مەن مانا شۇ چاغدىلا بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئانا تىل ۋە ئانا تىل ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن ئۆز يېزىقى مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى، ئانا تىل ۋە ئانا تىل ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن ئۆز يېزىقىغا بولغان مۇھەببەتنىڭ كىشىلەر كۆڭلىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە يوشۇرۇنغان بىر خىل تەڭداشسىز مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

پاكىت 1
مەن شۇ كۈنىلا، جىددى ئىشىمنىمۇ قويۇپ، شەھەر ئىچىدىكى بىر قانچە ساقچىخانىلارگە بېرىپ ۋىۋىسكىسىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈردۈم، ھەممە ۋىۋىسكىلار ئوخشاشلا بىرخىل تۇرمامدۇ! ھېچقايسىسىدا بىزنىڭ يېزىقىمىز يوق يېزىلماپتۇ، يېزىلاردىكى ساقچىخانىلاردىغۇ يېزىلغاندۇ دەپ ئويلۇدۇم، ئارىلىقلاردا ۋاقىت چىقىرىپ بازار ئايلاندىم، دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرىغا بىر- بىرلەپ سەپ سالدىم، راست شۇنداق ئەھۋاللار باركەن، بولغاندىمۇ خېلى ئېغىركەن، ئۇيغۇرلار ئاچقان دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا قارىسام، ئىككى خىل يېزىقنى تولۇق ئىشلىتىپتۇ، ئىشلەتمىگەن بىرىمۇ يوق، ھېلىقى ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئىشلەتمىگەن دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا قارىسىڭىز بەزىلىرىدە خەنزۇچە خەتلام بار، بەزىلىرىدە داڭلىق ماركىنىڭ ئىسمى بولسا كېرەك ئىنگىلىسچە خەتلەرمۇ قوللىنىلغان، خېلى جىق ۋىۋىسكىلار شۇنداق ئىكەن، ئالە شەرىڭنى! ماۋۇ ئىشنى قاراڭ! ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرنىڭ يېزىقى مۇشۇنداقلا ئۈنتىنسىز غايىپ بولامدۇ؟ بۇ مەسىلە ھەقىقەتەنمۇ ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە بوپ قالدى.

پاكىت 2
مەن يېقىندا كونىشەر ناھىنىڭ بىر يېزىسىغا بىر ئىش بىلەن بارغان ئىدىم، شۇ يېزىغا بارغۇچە يول ئۈستىدىكى يېزىلارنىڭ ساقچىخانا ۋىۋىسكىسىغا ئالاھىدە دېققەت قىلدىم، شەھەردىكىگە ئوپ ئوخشاشكەن، ئۇ ۋىۋىسكىلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل لايىھىلىنىپ بىر تۇتاش ياسالغان ئوخشايدۇ. بۇ ئىش ئادەمنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، بىزنىڭ بەزى نادان باشلىقلىرىمىز يېزىلاردا بولسىمۇ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ يەرلىك كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئويلىمامدىغاندۇ! دەپ كەتتىم. بۇ قاراپ تۇرۇپ ئەخمەق قىلغانلىق بولماي نېمە؟ بۇ مېنىڭ ياغ ئۈستىگە سۇ سەپكەنلىكىم ئەمەس، بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى، خەلقنىڭ تېچلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دەۋاتىمەن. ئۇيغۇرلارمۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، قورامىغا يەتكەن ھەر بىر ئۇيغۇردا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان كىملىكىمىز بارغۇ؟ بۇ جەھەتتە ئېتىراپ قىلىنىمىزيۇ نېمىشقا يېزىق ۋە تىلىمىزدا چەتكە قېقلىمىز، ھەم ئېتىراپ قىلىنمايمىز؟ ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئانا تىل، مۇشۇ يېزىق بىلەن دۆلىتىمىزگە ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتىغۇ؟ يېزىلاردىكى مەكتەپلەرگە قارىسىڭىزمۇ، مەكتەپ بىنالىرىغا ۋە تاملارغا، لوزۇنكىلارغا يېزىلغانلىرىمۇ ئاساسەن پۈتۈنلەي خەنزۇچە، مۇشۇ ھەقتە ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ ئوبدانراق ئويلۇشۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەندە ياشاۋاتقان بۇ مىللەتنىمۇ سېخى كۆڭلى بىلەن ئويلاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com003
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-05-01, 04:41

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-01 12:33 |
ئىزنا سودا بازىسى
ALTIKEN
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4549
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 484
شۆھرەت: 491 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4114 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

    باشقا مۇنبەرلەردە قانداقكىن بۇنى بىلمىدىم ، لىكىن شەبنەم مۇنبىرىدە مۇشۇ مەزمۇندىكى تىمىلار توختىماي يوللىنىپ تۇردى ئەجىبا بۇنىڭغا گەپ قىلىدىغان ، بۇلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ، ۋاڭ بەكرىگە مەلۇم قىلىدىغانلار شەبنەمگە كىرمەمدا ؟
    تۆۋەندىكى تىمىلاردىمۇ مۇشۇ توغرىسىدا ئەتراپىلق پىكىر يۈرگۈزۈلۈپتۇ .
./read.php?tid-104367.html
    ئۆتكەندە ، بىرسى ئانىسىنى ئۇرىۋىدى . ئۇنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلىپ ، زەخمە يەتكۈزگۈچىنى  سوتقا ئىلىپ چىقتۇق . شۇ چاغدا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ، ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەسىر دائېرىسى خىلى كەڭ ئىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم . ئەجىبا ، ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى باشقىلارنىڭ دىلولىرىنى ھەل قىلىشقىلا قۇرۇلغانمۇ ؟ ئەگەر ، راسىتىنلا دىلو ھەل قىلش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولسا ، بۇ مەسىلىمۇ بىر مىللەتنىڭ دىلوسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . بولسا كەڭ تورداشلارنىڭ ، مۇنبەر قۇرغۇچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مەلۇم قىلىشقا تىگىشلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىپ بىقىشىنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن . بىر ئادەم دىسە ئاقمايدۇ ، ئىككى ، ئۈچ ئادەم دىسمۇ ئاقماسلىقى مۇمكىن . لىكىن ، ھەممە دەۋەرسە بىزنىڭ گىپىمىزنى ئاڭالايدىغان ئادەمنىڭ چىقمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن .

./read.php?tid-106634-keyword-.html
  .................
    دوسكىلاردىن تۆكۈلەر سىزىق ،
    ئىڭراپ ياتۇر بىر چەتتە ئېلىپبە .
    ئۇكام دەيدۇ سىنىپ بەك ئىسسىق ،
    كىيمەيمەن ئاياق لاتا خەي ئلىپبە.
   ...................
    ھەممە ئادەمنىڭ تەسىرى بار ، يامان ، قولىدىن ئىش كىلىدىغان بولۇپ تۇغۇلمايدۇ ، بىراق تەسىرى بار ئادەملەرنىڭ بىر ئىغىز گەپلىرى خىلى چوڭ ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىشتا چوڭ رول ئوينايدۇ .
     ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ، مۇنبەر قۇرغۇچىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كىلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتپ بىقىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتىنىمەن . ئارىمىزدا ياراملىق ئادەملەر ئاز ئەمەس . تىرىشقاننىڭ چوقۇم پايدىسى بولىدۇ .
  . .......
  ئوقىسا ئۇكام ئۆزىنىڭ كىتىبىنى ،
  زاۋۇتتا ئىشلىسە قېرىنداشلىرىم .
   مەن سېغىنغان كەلگۈسىدە ،
   ئشسىز قالماس يۇرتداشلىرىم .
    .......

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
ئىمام ، موللام ، ھاجىم ئۈچى ھاراق ئىچىۋاتىدۇ ...
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 13:04 |
555rikabatqi
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 59451
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 652
شۆھرەت: 658 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6520 سوم
تۆھپە: 830 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

بۇنداق ئىشلار دىمىسىمۇ ئاينىپ كەتتى ئاۋۇ پوق قۇرساق ئەمەلدارلىرىمىزنىڭ ھالى شۇ بولغانكىن خەلقىنىڭ نىم بولماقچى

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىر تەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 13:40 |
مەشئەلجان
ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 41486
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2336
شۆھرەت: 2363 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 13258 سوم
تۆھپە: 65 نۇمۇر
ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1060(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

بۇ خىل ئەھۋال بەلكىم ئۇمىيۈزلۈك ئەمەسقۇ دەيمەن ،بىزنىڭ يۇرتلاردا ھەر ئىككى يېزىقتا بولغاندىن سىرت يەنە ئىنلگىلىسچىسىمۇ بار.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 14:21 |
CaSTiRo
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72688
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

ئۇيغۇر تىلىمىز تۈگۈشۈپ كېتەيلا دېدى. ئۇنىڭدىن سىرت ھازىر جەمىيىتىمىز دە ئۇنداق قوش تىلدا گەپ قىلىدىغانلار بەك جىقىيىپ كەتتى.ئۇنداق سۆزلىشىش بەك <<مودا>> بولۇپ كەتتى.  

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 14:55 |
tarim-borini
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 38401
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 263
شۆھرەت: 269 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 316(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

بىز  ھەممىمىزنىڭ ئانا تىلمىز نى ،يېزغمىزنى قوغداش  مەجبۇريتىمىز بار . ئەسلى بىز  مۇشۇ مۇنبەردىن - ئۆزمىزدىن باشلاپ  يات تىللار ،يېزقلارنى ئىشلىتىشنى ،ئىسىم قۇيۋېلشنى بىردەك  ئەمەلدىن قالدۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاپ  ، ئۆزلىرنى بىلمىگەن ، گەپ ئارلاپ ئۇستاتلىق قىلغان  ، ۋىجدانى ئىت ،لالما  بۇلۇپ كەتكەن ،غۇرۇرى يۇندا ئازگىلغا چۇشۇپ ، ۋىجدانى سېسىپ كەتكەن  يېرىم ياتا تىلماچلىرمىز ،زابۇيلۇرمىز   ،  نادان  ھاماقەتلىرمىز نىڭ  ، مەلۇم ئىنتياز ، نەپسى بالاسى - ئاتالمىش كەلگۇسى ئۇچۇن ئانا تىل مەكتىۋدىن يۇز ئۇرۇپ  پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ ، بىر چىشلىق زۇلۇمنى تۆت چىشلىق قىلىپ ، ئاسمىلاتسيە زۇلۇم چاقىنى تىزلەتكەن ،مىنكو خەن لەرنىڭ ئۆز تىلىنى بۇزۇش ، ئىككى تىلنى ئۆزگە ئۇخشاشلا  مەينەتلەشتۇرۇپ ، چاڭلاشتۇرۇشقا قىلچە  يۇز خاتىرە ،مۇرەسسە  قىلماي رەديە بەرسەك  ،بۇ ئادەتنى جەميەتكە كەڭ يۇزلەندۇرسەكلا ئىشلار تەبئى ھەل بۇلۇپ كېتدۇ .  مەسلە بىز مۇشۇنداق قىلالىشمىزغا  ئىرادىمىز  بارمۇ ؟  قەتىلىك ،تەخرسىزلىك ، مۇرەسسەلەشمەسلىكتەك  جاسارەت  چىدام ،بارمۇ ؟  
[ بۇ يازما tarim-borini تەرپىدىن2009-05-01 20:22دە ق ]

شىنجاڭ تور مەكتىپى
Freedom lies in being bold
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 15:42 |
adixim
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 59387
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 54 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 530 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

راست دەيسىز ھازىر بۇنداق ئىشلار بەك كۆپىيىپ كەتتى ، كىيىن تىلىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالمىساق بولاتتىغۇ .   

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 15:57 |
lazina705
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 84950
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

ھازىر بۇنداق ئىشلار تولىغۇ . تېلىۋىزوردا چوڭراق تىپتىكى بىرەر بايراملىق سەنئەت كىچىلىگى قاتارلىق پىروگراممىلار دىمۇ ئالدى بىلەن خەنزۇچە ، كىيىن قازاقچە ،ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە رىياسەتچىلەر گەپ قىلىدىغۇ .
ھازىر يېزىقىمىز يوقىلىۋاتىدۇ ، كىيىنچە ئۆرۈپ-ئادەت........لىرىمىز .............نىم بوپ كىتىدۇ ........

شىنجاڭ تور مەكتىپى
مېھىر - مۇھەببەت ئىنسانىيەتنىڭ روھى ئۇزۇقى .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 16:11 |
marsadimi
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 80697
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 180 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 

ئۈمۈتۋار بولايلى دوستلار،10مىليون ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئۇنداق ئاسان يۇقىلىپ كەتمەيدۇ. ھەممىمىز ئمكنىيەتنىڭ بارىچە تىل-يېزىقىمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايلى!!! ئىناقلىق ھەممىدىن مۇھىم...

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 16:12 |
padixa51
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 54566
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 458
شۆھرەت: 469 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4508 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 397(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

Quote:
بۇ مەزمون8قەۋەتتىكىmarsadimiنىڭ2009-05-01 16:12 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئۈمۈتۋار بولايلى دوستلار،10مىليون ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئۇنداق ئاسان يۇقىلىپ كەتمەيدۇ. ھەممىمىز ئمكنىيەتنىڭ بارىچە تىل-يېزىقىمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايلى!!! ئىناقلىق ھەممىدىن مۇھىم...

  توغرا دىدىڭىز   http://padixa.blogbus.com/

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
پادىشاھ بلوگى http://padixa.blogbus.com/
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 17:11 |
abzar11
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 75185
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

مەن ئۆتكەندە ،ج خ غا ئائىت بىر ماتېرىيالدىن : پۈتۇن مەملىكەت دائېرىسىدە ، بىرلىككە كەلگەن ساقچى بەلگىسى،خىزمەت كىيىمى ۋە بىرلىككە كەلگەن (سىرتقى قىياپىتى) كەلگەن خىزمەت ئورنى بولۇش.......دىگەندەك مەزمۇنلارنى كۆرگەن. بۇ شۇنىڭ ئۈچۇن بولسا كېرەك. لېكىن بۇ دىيار «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » بولغاندىكى ، چۇقۇم بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىمۇ ئىشلىتىشى كېرەك ئىدى ، ئەمما نىمە ئۈچۇنكى مۇشۇ زامان بۇ كۈنلەردە شۇ يېزىقىمىزنىڭ تازا ئېتىبارى بولماي قېلىۋاتىدۇ ، بۇ مەسىلىلەرنى بىزنىڭ ماۋۇ تىل-يېزىق كومىتىتىدا  ئىشلەيدىغان كاتتا رەھبەرلىرىمىز  كاللىسىنى  ئوبدان بىر سىلكىۋىتىپ ئويلىشىپ كۆرسە بولاتتى!

چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 19:12 |
baxagmas
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 84657
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

يىزىقڭمىزنىڭ  ئىشلىتىلمەسلگى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ھەرخىل ئانكىت،جەدۋەل توشقۇزۇش ئشلىرىدا باشلانغان ئىدى بىز شۇچاغدىن باشلاپ قارشى تۇرغان بولساق بەلكىم ھازىرقىدەك ئومۇملىشىپ كەتمىگەن بولاتتى

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 00:06 |
MARSHALL
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 54081
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 148
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1480 سوم
تۆھپە: 12 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 223(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

تىل-يېزىق كومىتىتىدا  ئىشلەيدىغان كاتتا غوجاملار بىرنەرسە دىسۇن بۇنىڭغا....ئاساسى قانۇننى بىلمەمدىكىن؟

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 01:10 |
0991sumruh
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 27435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2235
شۆھرەت: 2237 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 424092 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2004(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

ھېلىمۇ مۇشۇ مۇنبەر بولۇپ قاپتىكەن ،بولمىسا ئۇيغۇرچە خەتنى ئۇنتۇپ كېتەر بولغىيتتىممىكىن.مەكتەپتە ئۇيغۇرچە خەتنى توي- تۆكۈن، نەزىر باغىقىدىن باشقىسىدا كۆرمەيدىغانلا بولدۇق .

./?u=27435
قايغۇرماڭ!باتۇرلارچە ياشاڭ!
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 01:51 |
دانكو
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 79652
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 147(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

كۆزىمىزنى ئېچىپ يىراقلارغا قارايدىغان ۋاقىتمۇ كېلىپ قالدى.....

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 03:05 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » مائارىپ ۋە بىز
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-02 23:16, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ