يازلىق تەتىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنلىرى ئىدى.ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بولۇپ كىشىنى تولىمۇ بىزار قىلاتتى.بولۇپمۇ شەھەردە بۇنداق ئىسسىق ھاۋادا ئادەمنىڭ سەپراسى تېزلا ئۆرلەيدۇ.سىرىتتىن ئىسسىققا قېيداپ دادام كىرىپ كەلدى.دادام ئاپامغا بىزار بولۇش تۇيغۇسى بىلەن :
-بالىلارنى ئېلىپ دادامنىڭ ھېلىقى يېقىن ئاغىنىسى سادىر بوۋىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەلسەك قانداق؟ھاۋامۇ بەك ئىسسىپ كەتتى ،سەگىدىگەچ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى يوقلاپ كەلمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ.
ئاپاممۇ دادامنىڭ پىكىرىنى قوللاپ تۇرۇپ:
-بولسا شۇنداق قىلايلى.بالىلارمۇ تەتىل كېلىپ بىرەر يەرلەرگە بېرىپ باقمىدى.كاللىسىنى ئارام ئالدۇرغاچ سەھرا تۇرمۇشىنى ئۆگەنسۇن ،شەھەر تۇرمۇشى بىلەن يېزا تۇرمۇشىنى سېلىشتۇرۇپ باقسۇن.«ھەسەل كورىسى »دا تۇغۇلغان بالىلاردە-بۇ.جاپانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.ئەتىگەندىن كەچكىچە تېلۋىزۇر ئالدىدىن بىكار بولالمىغان كەڭ تەبىيئەت دۇنياسىدىكى شەيئىلەردىن ،تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مەنزىرلىرىدىن تاماششا قىلسۇن .ھۇزۇرلانسۇن-دېدى.
ئاكام ۋە مەن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ خوشلىقىمىزدىن چۇرقۇرشۇپ كېتىشتۇق.سادىر بوۋام شۇنچىلىك ئىشچان ئىدىكى ،باغلىرىدىن مېۋىلەرنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى تاپقىلى بولاتتى.ھەر قېتىم بارساق بىزنى شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋاۋالاتتى.مىنى كۆتۈرۋېلىپ مېۋىلەردىن ئۈزگۈزۈپ قۇياتتى.مەن بۇ چاغدا شۇنداق خوشال بولۇپ كىتەتتىم.
شۇنىڭ بىلەن دادام،ئاپام ،ئاكام ۋە مەن يىراق يېزىدىكى سادىر بوۋامنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتۇق.مەن يولدا ماڭغاچ ئەتراپتىكى مەنزىرلەرگە زەن سالدىم.ئېتىزلىقتا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بوۋاي -مومايلار،ئەر-ئاياللار،بالىلار كۆزىمگە چېلىقتى.بىر بوۋاينىڭ كەتمەن چاپقان ھالىتى سادىر بوۋامنىڭ مۇنچاق-مۇنچاق شەنبەم كەبى سۈزۈك تەرلىرىنى ئاققۇزۇپ ئىشلەۋاتقان سىماسىنى ئەسلەتتى.
ئەي ،ئەزىز ،ھارماس دېھقان سەن بولمىساڭ بىز كۈندە ئېچىپ تۇرىدىغان بۇ قورساقنى قانداق توقلايتۇق -ھە؟ئەي ئەزىز دېھقان سېنى يازغۇچىلار ،ناخشىچىلار كۈيلەپمۇ توختىمەي مەدىيلەپمۇ ئەجرىڭگە تەشەككۈر ئېيتىپ بولالمايدۇ.ئاھ سۈيۈملۈك دېھقان...يېزىنىڭ باش تەرىپىگە يېقىنلىشىش بىلەن يېزىنىڭ ساپ ھاۋاسى دىماقلارغا ئۇرۇلدى.ماشىنا سادىر بوۋامنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى.مەن ماشىنىدىن چۈشۈپلا خوشاللىقىمدىن <بىز كەلدۇق...>دەپ ۋارقىراپلا ھويلىغا كىرىم.سادىر بوۋام بالا -چاقىللىرى بىلەن بىللە ھويلىدا ئولتۇرغان ئىكەن.سادىر بوۋام مېنى كۆرۈپ ھەيران قالدى بولغاي:
-ماۋۇ قىزنى چوڭلا ئادەم بولۇپ كېتىپتۇغۇ؟تېخىمۇ ئوماقلىشىپ كەتتكىننى،ئەمدى قۇچاققا چىقىرىپ ئەركىلەتكىلى بولمىغىدەك ...ھى ھى ھى..ئۇنىڭ گەپلىرى تۈگىمەيلا دادم ،ئاپام،ئاكاملارمۇ كىرىپ كەلدى.سادىر بوۋامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنى شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالدى.ئۇلار سالام -سائەت قىلىشىپ بولغاندىن كىيىن ،سادىر بوۋام بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.ئۆيگە كىرىشىمگىلا قۇيۇق سەھرا پۇرىقى دىمىقىمغا ئۇرۇلدى.ئۆي ئىچى شۇنداق ئاددىي سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ ،پاكىز،ئازادە ئۆي ئىدى.سادىر بوۋامنىڭ ئايالى ناھايتى چاققانلىق بىلەن بىزگە داستىخان سالدى .داستىخان ئاددىي بولسىمۇ ،كىشىگە ئىللىق ،يېقىملىق تۇيغۇ بېرەتتى.بىردەمدىلا داستىخان قېتىق-قايماق،مېۋە-چىۋىلەر بىلەن لىق تولدى.مەن داستىخاندىكى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان توقاچلارغا كۆزۈم چۈشتى-دە،تەمىنى تېتىپ باققۇم كېلىپ قۇلۇمنى سوزىشىمغىلا سادىر بوۋام ماڭا قاراپ:
قىزىم،سىز «مىڭ قوللۇق توقاچ»نى كۆرگەنمۇ؟ سىزنىڭچە،ئۇ قانداق توقاچتۇ؟-دېدى.
مەن دەسلەپ ئاڭقىرالماي ،سەل ئويلانغاندىن كېيىن:
-مېنىڭچە،«مىڭ قوللۇق توقاچ» دېگىنىمىز،مىڭ قۇلى بار،يوغان توقاچ ئوخشايدۇ،-دېدىم.
گېپىمدىن ھەمەيلەن پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىشتى.
سادىر بوۋام كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
ماۋۇ قىزنىڭ ئوماقلىقىنى ،شەھەرلىك بالىلار ھامان شەھەرلىك بالىلار ھامىنى شەھەرلىكتە.«مىڭ قوللۇق توقاچ» دېگىنىمىز سىز دېگەندەك مىڭ قولى بار توقاچ بولماستىن ،ئالدىڭىزدىكى مۇشۇ توقاچ شۇ قىزىم.
مەن تېخىمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە :
-نېمە؟يالغان سۆزلەۋاتىسىز.
-ھەقىقەتەنمۇ ئالدىڭىزدىكى مۇشۇ توقاچ شۇ ،يالغان سۆزلىمىدىم.دېھقان جاپاكەش كېلىدۇ،قىزىم.كۈزدە قوناقنى بولۇپلا يەرنى ھەيدەپ ،ئوغۇتلاپ ،يەرگە ئوغۇت سالىدۇ.ئەتىياز كەلگەندە ،سۇ ئېچىپ يەرنى سۈيىگە قاندۇرىدۇ.مۇشۇ جەرياندا دېھقان ئېتىزغا نەچچە رەت كېلىدۇ.ئۆز ۋاقتى كېلىپ بۇغداي پىشقاندا ،يازنىڭ تۇمۇز ئىسسىقىغا قارىماي ئورۇيدۇ،خاماننى ئېلىپ بولۇپ ساماننى كالا-قوينىڭ ئوزىقى قىلىدۇ.دېنىنى تۈگمەنگە ئاپىرىپ ئۇن تارتىدۇ.ئۇننى ئۆيگە ئېلىپ كەلسە ،ئىشچان ئاياللار تۇنۇرغا ئوت قالاپ ،خېمىزنى يۇغۇرۇپ تۇنۇر قىززىغاندا مۇشۇنداق ئوخشىغان توقاچلارنى ياقىدۇ.سىز ،مەن ئىشتىھا بىلەن ھۇزۇرلىنىپ يەيمىز.قانداق نەچچە قولدىن ئۆتىدىكەن ؟ئەمدىغۇ بىلگەنسىز،قىزىم-دېدى ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ.
ئەمدى چۈشەندىم .دېھقان بولماق ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەسكەن دېھقان ھاياتى جاپالىق بولسىمۇ ،ھالال تەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ھايات ئىكەن.مەرھۇم رۇزا سايىتنىڭ «دېھقان كۈلكىسى»،«دېھقان ئاكا»،«سۈيۈملۈك دېھقان»ناملىق شېئىرى ئەسەرلىرى خىزىر سۈپەت دېھقانغانلىرىمىزغا ئېيتىلغان مەدىيە ئىكەن.ئېھ،سۈيۈملۈك دېھقان،ھارماس دېھقان...
بىز سادىر بوۋامنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قالدۇق.مەن ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن سادىر بوۋام بىلەن ئېتىزلىققا بىللە چىقتىم.ئۇنىڭ كەتمەن چاپقان ھالىتىگە شۇنداق مەسلىگىم كەلدى.ئۇ كەتمەننى گۈس..گۈس قىلىپ توختىماي چاپاتتى.ھازىرقى يىگىتلەر بىر -ئىككى كەتمەن چاپمايلا ھاسىراپ ،ئۆپكىسى چىقىپ كېتىدىغاندەك ھاسىراپ كېتىدۇ.ئەمما سادىر بوۋام خېلى ئۇزۇن چاپقان بولسىمۇ قىلچىمۇ ھاسىرمىدى.قولىنى «پۈۋ...پۈۋ..»قىلىپ بولۇپ يەنە چاپاتتى.ئۇنىڭ بۇ قىياپىتى ئۇنىڭ پىشقان،قىران دېھقاندەك كۆرسىتەتتى.
ئەسلىدە سادىر بوۋام دەم ئېلىشقا چىققان بولۇپ ،شەھەردىن يىراق سەھراغا كېلىۋالغان ئىدى.مەن ئۇنىڭدىن مەنىلىك سورۇدۇم.
-بوۋا،نىمە ئۈچۈن سھراغا كېلىپ تۇرۋالسىز؟شەھەردە جاپا يو ئەمەسمۇ؟
-ۋاي قىزىم.دادام ئەسلى دېھقان .مەن دېھقاننىڭ بالىسى .تۇمۇرىمدا ئېقىۋاتقىنى دېھقاننىڭ قېنى،ئۇنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي دەپ مۇشۇ يەرگە كېلىۋالدىم .ئون نەچچە يىل بولدى بۇ يەرنىڭ يەرلىك دېھقاننلىرىدىن بولۇپ قالدىم.شەھەرگە پەقەت كۆنەلمەيدىكەنمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەپ تۇرسام سالامەت تۇرىدىكەنمەن.يەر مېنىڭ دوختۇرخانام تەبىي داۋالىنالايمەن.سەھرادا كىشىلەر ئاق كۆڭۈل ،ھەمنىيەت كېلىدۇ.بىز كۆچەت تىكىش ئۈچۈن ئورەك كولايمىز،شەھەرلقكلەر ئادەملەرنى ئورىغا چۈشىرىمەن دەپ ئورەك كولايدۇ.سەھرا جىمجىت،ئاڭلايدىغىنىم قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى،دېقان قېرىنداشلارنىڭ يېقىملىق« ئورما ناخشىلىرى».شەھەر ۋاراڭ -چۇرۇڭ.ئاڭلايدىغىنىم ماشىنىلارنىڭ سىگىنال ئاۋازى.ھاۋا سەھرادا ھەقىقىي ساپ ،ئاسمىنىمۇ كۆپكۆك شۇنداق چىرايلىق.شەھەردە ئاسمان ئېگىز بىنالار بىلەن تارلىشىپ كەتكەندەك كۆرىنىدۇ ،ھەي ھاۋاسىنى دىمەيلا قۇياي بولدى.شەھەرلىكلەر ئىچىدىن قېرىسا ،بىز تېشىمىزدىن قېرىيمىز،بىزنىڭ دىلىمىز ،شەھەرلىكلەرنىڭ قەلبى ئاق...ھەي سېلىشتۇرۇپ كەتكىنىمنى.ئىشقىلىپ ،مەن سەھرا تۇرمۇشىغا كۆنۈك ...ئىشلىگەن چاغلىرىمدا دەم ئېلىش كۈنى بولسىلا سەھراغا كېلىۋالاتتىم.مانا ئەمدى بۇ يەردىن ئۆلگىچە ئايرىلمايمەن.
ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم غەش بولدىيۇ،لېكىن چاندۇرمۇدۇم.ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرى ھەقىقەت ئىدى.
بىز شەھەرگە قايتماقچى بولۇپ ،سادىر بوۋاملار بىلەن خوشلاشتۇق.ماشىنىغا چىقىپ تۇرۇشىمغىلا ئارقىمدىن سادىر بوۋامنىڭ سادىر بوۋام داستىخانغا ئورالغان بىر نەرسىنى ماڭا ئۇزۇتۇپ تۇرۇپ:
-قىزىم ،«مىڭ قوللۇق توقاچ»نى ئۇنتۇپ قالماڭ،دەپ كۆزىنى قىسىپ قويدى.
مەن كۈلۈپ تۇرۇپ:
-رەھمەت بوۋا،بىر ئۆمۈر ئۇنۇتمايمەن.«مىڭ قوللۇق توقاچ»نى قۇلۇمغا چۈشۈردۈم -دە،ھى ھى ھى...ئۇمۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى.
ماشىنا يۈرۈپ كەتتى .ماشىنىڭ ئەينىكىدىن سىرىتقا قارىدىم.قۇلىنى بىزگە پۇلاڭلىتىپ تۇرغان ئاق كۆڭۈل كىشىلەر،چىرايىدىن سەمىيمىلىك ،مېھرىبانلىق چىقىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ماشىنىڭ كەينىدىن ماشىنا يۈتكۈچە قاراپ تۇرىشاتتى.
قۇلۇمدا ھېلىقى «مىڭ قوللۇق توقاچ»نى مەھكەم تۇتۇۋالغان ئىدىم.بۇرۇن ناننىڭ قەدرىنى ئانچە بىلمەي يۈرگەنلىرىمنى ،شەھەردىكى بەزى كىشىلەرنىڭ قېتىپ قالغان نانلارنى يىمەي ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاپ قويغانلىقىنى ،ھەتتا بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن نالىرىنى يىمەي ،خالىغان جايلارغا تاشلاپ قويغانلىرى ئىچىمنى ئاچچىق قىلدى.
ھەر بىر تال بۇغداي ئۇرۇقىغا ،ھەر بىر تال دانغا دېھقان ئەجرى،ھالال تەرى سىڭگەن.ناننىڭ قەدرىگە يەتمەي ،قالايمىقان ئىسراپ قىلىش ،تاشلاش ئۇلارنىڭ ھالال تەرىنى ،مېھنىتىنى ھۆرمەت قىلمىغانغا باراۋەر.
ئەي ،سۈيۈملۈك ،ئەزىز دېھقان بىزدەك ئەجرىڭنى قايتۇرۇپ بولالمايدىغان ،ھۆرمەتلەپمۇ بولالمىغان كىشلەرنى كەچۈر.سېنى سۈيۈملۈك دېھقان،تىرىشچان دېھقان دەپ مەدىيلىگەن ئەمما،بىرەر قېتىممۇ ئىشلىشىپ بەرمىگەن،تەرىڭنى سۈرتۈپ قويالمىغان كىشلەرنى كەچۈر....