2009-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ساقچىلار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىدىكى مىھانخانىغا ئالدىنى تۇسۇپ قانۇن تەرتىپنى ساقلاۋاتقان ئىكەن. مەنمۇ چۈشلۈك خىزمەتتىن چۈشۈپ ئۆيگە تاماققا ماڭغانىدىم.قارىسام مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ يېنىدا بىر مىھمانخانا بۇلۇپ ئادەملەر توپلىشىپ تۇرۇپتۇ.مەنمۇ ئۆتىدىغان يۇلۇم بولغاچقا نىمە بولغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بېرىپ قارىسام توپلىشىۋالغان كىشىلەر <<ئەمدىلا21ياشقا كىرگەن قىز ئىدى،تېخى خىزمەتكە چىققىلى ئەمدىلا 6ئايدىن ئاشقانىدى.ئــــــسسسسسسسسسسـت>>دەپ دىيىشىۋاتقانىدى.
كىيىن مەنمۇ خىزمەتكە كىچىكىپ قالماي دەپ ئۆز ئىشىمغا مېڭىۋەردىم.چۈشتىن كىيىن ئىشخانىغا بارسام ئايال خىزمەتداشلىرىممۇ مۇشۇ گەپنى قىلىشىۋاتقان ئىكەن.
ئۇلارنىڭ دىيىشچە:بۇ قىز 21ياش بۇلۇپ،ئۈرۈمچىدە ئۇقۇغان،ئىنتايىن ئەخلاقلىق،مۇسۇلماندارچىلىقى كۈچلۈك بۇلۇپ،ئاتا-ئانىسى مىڭبىر جاپادا ئۇقۇتۇپ باشلىقلارغا يالۋۇرۇپ يۇرۈپ بۇ قىزنى خىزمەتكە چىقارغىلى ئاران 6ئاي بولغانىكەن.لېكىن شۇ كۈنى بۇ قىزنىڭ جەسىتى بۇ مىھمانخانىدىن تېپىلىپتۇ.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە قانۇن دوختۇرلىرى بۇ قىزنىڭ جەسىتىنى ئاناتۇمىيىلىك تەكشۇرۈپمۇ بەدىنىدىن ھىچقانداق زەخمىلىنىش،ياكى بۇغۇلغان ئىسپاتنى تاپالماپتۇ. ۋە ئاخىرى يەنە شۇ چۇمادۇغا ئارتىپتۇ.بەلكىم تەقدىر شۇنداق ئۇرۇنلاشتۇرغاندۇ؟
ئۇنىڭ قانداق قىلىپ مىھمانخانىغا بېرىپ قالغانلىقىنى ھىچكىم بىلمىگەن!(قانداق قىلىپ مىھمانخانىغا بېرىپ قالغانلىقى ھازىرغىچە بىر سىر)
مىنىڭ ئويلۇشۇمچە ئۇقۇغان،ئىنتايىن ئەخلاقلىق،مۇسۇلماندارچىلىقى كۈچلۈك بۇ قىزنىڭ بۇنداق جايدا جان ئۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس چۇقۇم بىرەر بۇزۇقنىڭ مەجبۇرلىشى زورلۇق ئىشلىتىلىشى بىلەن بولغان.
شۇڭلاشقا بارلىق تورداش ياش دوسلار:بۇنداق ئىشلار ھەممىمىزگە ئىبرەت بولسۇن.
ئەمدى تۇرمۇشنىڭ،ھاياتنىڭ ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈردىغان چاغدا مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولسا ھەممەيلەننىڭ ئىچى ئېچىشىدۇ ئەلۋەتتە!
ئاخىرىنى ھازىر باشقا بىر نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغۇچىدىن ئاڭلاپ قۇشۇپلا يوللىدىم توغرا چۈشىنەرسىلەر!
بۇ قىزنىڭ ئاتا ئانىسى يۇز ئابرويلۇق كىشىلەر ئىدى. قىزىنى ياتاقتا ئۈلۇپ كىتىپتۇ دىسە نىمانداق سەت ئىش.. ئاتا ئانىسغىمۇ سەتتە، بۇ قىز داۋاملىق تورخانىدىن چىقمايدىغان قىز ئىدى.. ئۇ قىز توردا بىر ئوغۇل بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ ئوغۇل ئۈرۇمچىدىن قىزنى ئىزدەپ كىىلىپ ياتاققا ئەپ كىرىپ يامان نىيەتتە بۇلۇش ئۈچۈن چۇمادو( روخلاندۇرۇش دورىسى) يىگىزىدۇ . لىكىن قىزنىڭ تىنى ئاجىز بولغاچقا دورا رىئاكسىيە بىرىپ ئوزگىرىپ قالىدۇ، يىگىت ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى بىلىپ ئۈرۈمچىگە قېچىپ كىتىدۇ. قىز ئاخىرى قان ئۈزىدۇ. ئەتىسى ياتاخنىڭ خوجايىنى يىاتاخنىڭ ئوتكۇزمىگەنلگى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ كىرگەندە بىر قىزنىڭ جەسىدىنى كۇرۇپ ساقچىخانىغى مەلۇم قىلىدۇ. مېنىڭ تۇنۇشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ « دورا » نى ئۇزۇن مۇددەت ئېستىمال قىلسا ، پۇت ـ قول تۇيۇقسىز ئۇيۇشۇپ قېتىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ، بۇنداق ئىشنى تولا كۆرۈپ كەتكەنلەر قېتىپ قالغۇچىنىڭ كۆكسىگە مۇشت ياكى تېپىك بىلەن كۈچەپ ئۇرغاندىن كېيىن ئوڭشىلىپ قالىدىكەن .
ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن كىشىنىڭ يېنىدا باشقىلار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئېغىر بولسا ئۆلۈم خەۋىپى كېلىپ چىقىدىكەن .
بۇ « دورا » يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتما ھورمونلارنىڭ ئايلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇزۇن مەزگىل ، كۆپ مىقداردا ئېستىمال قىلىنسا پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنى نابۇت قىلىدىكەن .
بۇ « دورا » توغرىلىق ئىلگىرىمۇ بىرزات ئەپەندى كۆپ توختالغان ئىدى .
خەنزۇچە توربەتلەرگە كىرىپ ئىزدىسىڭىز بۇ « دورا » نىڭ كاساپىتىدىن ئۆلۈپ كەتكەن خەۋەرلەرنىڭ ساماندەك ئىكەنلىكىنى « ئۆزھال » ئەپەندى ئېيتقان ئىدى .
بۈگۈن بۇ « دورا » يەنە بىر ياشنىڭ گۈلدەك ھاياتىنى نابۇت قىلدى .
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ نامىزى ئاللاھ خالىسا ئەتە چۈشۈرۈلىدۇ ، بۇ ئىشنىڭ ، بۇ « دورا » نى ئېستىمال قىلىۋاتقانلارغا بولغان يەنە بىر ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بۇلۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئاللاھ ، ھەممىمىزنى بۇ نىجىس « دورا » نىڭ چاڭگىلىدىن ئامان قىلسۇن !
[ بۇ يازما akbarlove تەرپىدىن2009-05-01 15:52دە قايت ]