ئىستىپانامە
....
يىرتىۋەتتىڭىز....
ئىستىپانامە
....
..... يەنە يىرتىۋاتىڭىز...
ئىلتىماس
ھۆرمەتلىك ئۇستاز، سىزگە بەرگەن 5 قېتىملىق ئىستىپانامەم ئوقۇلماي يېرتىلدى..شۇڭا بۇ قېتىم ئىلتىماس يازدىم...سەمىمىي ئىلتماسىمنى يىرتۋەتمىسىڭىز.
بىلىمەن ئۇستاز، سىز بۇ ئىلتىماسىمنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن << ھۇ يارىماس چوشقا >> دېيىشىڭىز ئىنىق . لىكىن مەنمۇ بۇ ئىستىپانامىنى ، ياق - ياق<< ئىلتىماس>> نى ئامالسىزلىقتىن يېزىۋاتىمەن .
بىلىمەن ئۇستاز، سىز ماڭا نۇرغۇللىغان ياخشىلىقلارنى قىلدىڭىز. بۇرۇنقىنى دېمەي ، يىقىنقىنى دېسەم : << شاگاڭ>> بورىنى بۇتخانىمىزغا يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ، مېنى ساقلاپ قىلىپ ئاغام ۋۇكۇڭنى ، ياق - ياق << سۇن مايمۇن>> نى ئىشتىن بوشاتتىڭىز ، سىزدىن شۇنداق مىنەتتار بولدۇم ...
ئىمتاھان ئارقىلىق خىزمەت ئورنىغا چىقىش بورىنى كۆتۈرۈلۋىدى، بۇ بورانغا شاسىڭ ئىنىم ئۇچۇردى... يەنە مېنى ساقلاپ قالدىڭىز...سىزگە بولغان رەخمىتىمنى بۈلدۈرۈش ئۈچۈن بىر ئۈمۈر سىز ئۈچۈن سادىق خىزمەت قىلىمەن دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم ...
لىكىن ئۇستاز، يالغۇز قالغاندىن بىرى مەن پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىپمۇ سىزنى رازى قىلالمىدىم . بۇتخانىنىمۇ مەن تازلايمەن، ئەپكەشنىمۇ مەن كۆتۈرىمەن، ئاتنىمۇ مەن باقىمەن ، پىيادە قالسىڭىز سىزنى يۈدىمەن ... بۇنى قىلسامغۇ مەيلى ، يىقنىقى يىللاردىن بىرى ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك كۇرۇسلار، ئۈگىنىشلەر، ئۈگىنىشتىن ئالغان 30مىڭ خەتلىك تەسىرات، كىيىن ئەمىليەتتە ئىشلىتىش پائالىيتى، بىر سائەت قىلىدىغان ئىشقا ئېچىلىدىغان ئىككى سائەتلىك ئىش قىلىشنى ئۈگىنىش يىغىنى ... ئىبادەتكە ۋاقتىمىزمۇ يوق، نوم تەپسىر قىلىشقا چولىمىزمۇ تەگمەيدۇ.. بوپتۇ بۇ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بولغاندىن كىيىن ئىدىيەمنى ئۆزگەرتەي دەپ غىڭ قىلماي ئۈگىنىشكە قاتناشتىم ...ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك ئۆزۈمنىڭ تەسىراتىنى يېزىپ بولۇپ سىزنىڭ تەسىراتىڭىزنى ، سىزنىڭكىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ بۇتخاننىڭكىنى يېزىش جېنىمدىن جاق تويدۇردى... ئازراق غودۇڭشۇپ سالسام << ئىدىيەڭدە مەسىلە بار، سىياسىي بىلەن ئوينىشىۋاتىسەن ، يۇقىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى بۇزماقچىمۇ >> دەپ قورقۇتۇپ تۇردىڭىز ، ئالۋاستىدىن، بۇتساتىۋادىن قورقمايدىغان پىقىر ، گىپىڭىزدىن قورۇقتۇم ... شۇڭا ئۈگۈنىش بولسىلا سۆزلەيدىغان ، يازىدىغان تەسىراتىم قىلىپلىشىپلا كەلدى : << بۇ ئۈگۈنىش دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغان بىزنىڭ ئەمىليتىمىزگە تولىمۇ ماس كېلىدىغان ئۈگىنىش بولۇپ ، مەن بۇ ئۈگىنىشنى قىلغاندىن بىرى ئىدىيەمنىڭ تىخى توغرا ئەمەسلىكىنى، يېڭىچە دۇنيا قاراش توغۇزلۇۇپ بولالمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ... تىخمۇ تىرىشىپ ئۈگىنىش قىلىپ ... كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمەن>> ... ئىغزىمدىن چىقرالمىساممۇ كۆڭلىمدە : << يۇقىرى بىنى نىمىنداق قىينايدىغاندۇ >> دەپ يۇقىردىن ئاغرىناتتىم ...ئاستا- ئاستا بۇنى تۆۋەندە ئىشلەۋاتقان سىزدەك بەزى ئەملدارلانىڭ ، ئۆز ئەمىلىگە شۇكرى قىلماي يەنە يۇقىرغا يامىشىشنىڭ ، ياخشىچاق كۆرىنىشنىڭ دەسمايسى قىلىپ ، ئشىلەمچىلىرىڭىزنى << تاپقا >> كىرگۈزىدىغان << بۆك ئەكىلىش ھەركىتى ئەمەس ، باش ئەكىلىش ھەركىتى >> ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە يۇقرىدىن ئاغرىنىشىمنىڭ تولىمۇ گۈدەكلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە سىزنىڭ يۇقىرى بەرگەن ، بىز بەرگەن ھوقۇقققا قانداق يۈز كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلايدىغان بولۋالدىم... راس ئەمەسمۇ مەن ئىدىيەمنى توغۇرلىسام سىز ئۈچۈن توغۇرلىسام ، سىز ئىدىيىڭىزنى توغۇرلىسىڭىز مەن ئۈچۈن بولسا ياخشى بولمامتى ...
يىقىندا مەخسۇس سىلەردەك رەھبىرى كادىرلار ئىدىيسىنى توغۇرلايدىغان بىر ئۈگىنىش بار دەپ ئاڭلىدىم ، تولىمۇ خوش بولدۇم ... يالغۇز قالسىڭىز ، ئامال يوق ، بۇ ئۈگىنىشتىن نەپ ئەپ قالسىڭىز بەلكىم سىزگە شاگىرتلىققا كىرگۈچىلەر قىچىپ يۈرمەس...
ئۇنىڭدىن سىرت سىزنىڭ << ھۇ يارىماس چوشقا ، يەنە مۇشۇنداق بىغەملىك قىلىدىغان بولساڭ ، ئورنۇڭغا باشقا ئادەم تەكلىپ قىلىمەن >> دىيىشىڭىز ،<< ئىشلىمەي ئەمىسە>> دېسەم << باجى سەن تولىمۇ تىرىشچان ، ئاچىغىمدا دەپ قويىمەن ، مەن ساڭا ئامراق، مەندىن كېيىن بۇ ئىبادەتخانا ساڭا قالىدۇ ئەمەسمۇ >> دەپ گولداشلىرىڭىز جېنىمنى جاق تويدۇردى...
ئەلىۋەتتە سىز خىزمەتتىن ھەيدەيمەن دېسىڭىز ھەيدىيەلەيدىغان ئىقتىدار سىزدە بار ، خىزمەت تاپالماي يۈرگەن ئىشسىزلار جەمىيەتتە كۈيمىڭ تۇرۇپتۇ...
ئىنىم شاۋۇنىڭمۇ سىز ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلدى، سىزنىڭ بۇيرىقىڭىزغا شەرتسىز بوي سۇندى ، ئۆزىنىڭ ئىتقاتىدىن كېچىپ سىز ئۈچۈن ئىتقات قىلدى ... سىزنىڭ بىر ئىغىز سىياسىي بۇيرىقىڭىز بىلەن ئۆمرىدە تىغ تەگمىگەن بۇرىتى بىلەن ساقىلىنىمۇ ئالدۇرۇپ باقتى...لىكىن گۇماندىن ، خىزمەتتىن ھەيدىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالالمدى...
مەنمۇ شۇ ھامان بىشىمغا كېلىدىغان كۈنغۇ ، كىيىن بولسىمۇ ئوخشاش ، كىيىن بولغاندىن بۇرۇن بولغان ياخشى ...
ئۇنىڭدىن سىرت :بۇنىڭدىن كىيىن بىرەر رەھبەر بۇ جايلارنى زىيارەت قىلمايدۇ ، زىيارەت داۋامىدا موھىم سۆزدىن بىرنى قىلمايدۇ ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ. كەلدىمۇ ، سۆزلىدىمۇ يەنە كەلگۈلۈك پىقىر جۇ ئەپەندىگە كېلىدۇ...
يەنە كېلىپ ئۇستاز ، يىقىنقى كۈنلەردىن بىرى مەندىن غەلىتە سۇۋالنى سوراپ تولىمۇ چىشىمغا تىگىۋاتىسىز...
<<- باجى ... سەن راستنلا يۇرۇڭ سۇلتاننىڭ خىزمىتىنى قىلغانمۇ ؟ قەنچىلىك خىزمەت قىلدىڭ ؟ ... چاڭئىې مەلكىگە كۆيۈپ قالدىڭ ؟... جازالىنىپ زىمىنغا تاشلاندىڭ؟ قارىساڭ چوشقىنىڭ قورسىقىغا چۈشۈپسەن ، چۈشۈپ چوشقا بولۇپ قالدىڭ؟ ... كىمىڭىنى ئەخمەق ئېتىسەن ھە چوشقا ... مەن ئىلگىرى نېمە دېسەڭ ئىشىنىدىغان قاپاقباش ئۇستازىڭ ئەمەس، زامانغا، دەۋىرگە لايىقلاشقان << ئىلمىي رايىپمەن>>، كۆتۈر ئۇنداق سەپسەتىلىرىڭنى ، ئەرىشتە جازالانغىنى سەنلا ئەمەسسەن ؟ قىنى يەنە باشقا چوشقىلار ؟ ئەخمەق ئېتىمەن دېمە ھە باجى.... كېسىپ ئېيتىمەن ، سەن ئەرىشتىن چۈشمىدىڭ ، سىنى ئادەم دېگىلى بولمايدۇ ، سەن ئەزەلدىن چوشقا ...>>
قاراڭ ماۋۇ گەپلىرىڭىزگە :
باشتا قايتا- قايتا چۈشەندۈردۈم ، تارىخىمنى ئېتىنىك تەركىبىمنى ، شەكلىمنى ، كەلگەن جايىمنى ، ياراتقان مەدەنىيەتلىرىمنى ، نۈسرەت قازانغان جەڭلىرىمنى ئۇ ، بۇ ماتىريال ، ئۇ- بۇ ئۈلۈغ كىشىلىرىمنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل ئالدىم، لىكىن سىزنى ئىشەندۈرەلمىدىم...بۇ جەھەتتە سىز ۋۇكۇڭ ئاغامنىمۇ ، << سەن دېگەن مايمۇن >> دەپ تۇرۋالغانتىىڭىز ، مەنمۇ ھە ، ھۇ دېيىشىپ بەرگەن ... قارىغاندا مەنمۇ قىسمەتتىن قۇتۇلالمىغۇدەكمەن ... مەنمۇ ئەقىل تاپتىم ... بۇ جەھەتتە سىز بىلەن مۇنازىرلىشىپ ئاۋارە بولمايمەن :
مەن دېگەن چوشقا ، ئادەم ئەمەس. مەن ئەزەلدىنلا ئادەم ئەمەستىم ، ئادەملەر توپىغا شۇڭغۇپ كىرۋالغان ... قەدىرسىز ئادەم بولغاندىن ، قەدىرلىك چوشقا بولغان ياخشى ، مەن بۇ سۆزىمدىن ھەرگىز يىنۋالمايمەن ، مەن دېگەن مەڭگۈ چوشقا !
شۇنداق بولغاندىن كىيىن بۇ ئىستىپانامەمنى ئىدىيىمگە چىتۋالماڭ ، بۇنى پەقەت ئەقىلسىز چوشقىنىڭ بىلجىرلىشى، تاققۇ - تۇققۇ گېپى ، ئىرادىسى ئاجىز جانۋارنىڭ نىداسى دەپ بىلىڭ...
ئۇستاز، <<ئىستىپا >> سورىسا بۇ چوشقا كۈنىنى قانداق ئالىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالغانسىز ھەقىچان ... خاتىرجەم بولۇڭ ، ۋۇكۇڭ ئاغام مېنى رىستۇرانىغا تەكلىپ قىلدى ، تامىقىم ھەقسىز ، ئايلىق ئىش ھەققىم 5000 يۈەن ...
سىز بىلمەيسىز راس... ۋۇكۇڭ ئاغامنى سىز ئىشتىن بوشاتقاندىن كىيىن ، بۇ تەرەپلەردە تىرىكچىلىكنىڭ غېمىنى قىلالماي ، << غەرىپنى گۈلەندۈرگۈچىلەرنىڭ سېپىگە قىتىلىپتۇ... غەرىپكە بارغاندىن كېيىن ئاۋال قۇرۇلۇش ئەتىرتىدە لاي توشۇپتۇ ...كىيىن ...
كىيىن<< چىمەنتاغ رىستۇرانى>> نى ئىچىپ ، ئامىتى كەلگەن چېغى بايمۇ بوپتۇ ، يەنە كېلىپ قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ رەھبىرى بوپتۇ ...رەھبەر بولدىمۇ چىقىپ يېڭلاش دولقۇننى كۆتۈرۈپتۇ ... بىرنى كونا دەپ چاقىدىگەن ، بىرىنى چىدامسىز دەپ ، بىرنى ئۆلچەمسىز ، بىرىنى يول توستى ، بىرىنى قۇرلۇش قىلىمىز دەپ ... سىزمۇ بىلىسىغۇ ئەمەلدارلارغا قويۇلغان پاكلىق ئۆلچىمىنى ، ئاغاممۇ ئاران تەستە ئىرىشكەندىكىن شەكىل ئۆزگەرتكەن گەپ ... رىستۇران بولۇش ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئىزار قىلىشنىڭ ياخشى پاناگاھى ... نېمە دەپ كەتتىم مەن ... ۋۇكۇڭ ئاغام پاك ئەمەلدار جۈمۇ ئۇستاز ! ...
رىسۇتۇران ئېچىپمۇ بيىپ كېتەمدۇ كىشى دېيىشىڭىز تۇرغانلا گەپ ... مەن چۈشەندۈرەي ...قاراڭ ئۇستاز بۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرى ئاجايىپ ... بارلىق پائالىيەتلىرى رىسۇراندا بولىدۇ ...رىستۇران دېمەك ئۇلار دېمەك ، ئۇلار دېمەك رىستۇران دېمەك ...ئات توي ، ساۋاقداشلار يىغىلىشى ، بايراملىق پائالىيەت ...ۋاي - ۋۇي ئىشقىلىپ مەن ئىسمىنى ساناپ تۈگىتەلمەيدىغان پائالىيەتلەر كۈندە دېگۈدەك تىپىلىپ تۇرىدۇ ... رىستۇرانغا كىرىپ تاماقلىندىغانلار ئاز ... ئوينايدىغانلار ، ئەمەلدارلىرىنى مېھمان قىلىدىغانلار كۆپ ... يىمەكلىك دېگەن ئىشىپلا تۇرغان ... ۋۇكۇڭ ئاغامنىڭ دېيىشچە ، بۇلاردىن ئاشقان تاماقنى بىر تەرەپ قىلالماسلىق مۇشۇ رىستۇراندىكى ئەڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشكەن ... قاراڭ ئۇستاز ھى ، ھى ، ھى... مەن تاماققا ئامراققۇ ؟ ...ئويلاپ باقسام قورسۇقۇم بىرەر قىتىممۇ تويۇپ باقماپتۇ ماڭا مۇھاپىق يەنە قانداق خىزمەت باردۇ ؟ توۋا مېنىڭ يېيىشىمنىڭمۇ ھۈنەر ئىكەنلىكىنى يەنە كېلىپ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ... بۇلار ئۆز ئېھتىياجىدىن ئاشقۇدەك ئۇنداق باي ئەمەستۇ دەرسىز ھەقىچان ... ئەنچە بايغۇ ئەمەس ... بىرسىنىڭ رىستۇرانغا كىرگەندىن كىيىن ئاۋرىي قىلغۇسى كېلىدىگەن كۆپ بۇيرىيدىگەن ، بىرسىنىڭ ھۆرمىتى چوڭ بولغاچقا ، ھۆرمىتىنى دەپ كۆپ بۇيرىيدىگەن ، بىرى خوشمەتكە ئادەم توۋلاپ بولدى دېگۈچە بويرىتىدىگەن ... توغرا يولدا ھەل بولىدىغان ئىش ئۈچۈنمۇ مىھماندارچىلىق ، ئوڭۇشسىزلىقىنى ھەل قىلىشقىمۇ مېھماندارچىلىق ... ئىشقىلىپ سەۋەپ تولا ... ئىشىپلاكىن قالىدىگەن ...مىھمان بولغۇچىنىڭ بىرىنىڭ قەنت سىيشى كىسىلى ، بىرنىڭ سىمىزلىك كىسىلى ، بىرىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى ... ئىشقىلىپ كىسىلى بارلار كۆپ ... ئاشماماتى بۇ نەرسىەر ... بەزلىرى بۇ خىل يېمەكلىكنى يىيىشتىن ئالىقاچان زىرىككەن ..ئاشماسمۇ ئۇستاز ... ھاھ.. ھاھ.. ھوھ..ھوھ ... ئاشماشمۇ ئۇستاز .. ئاشىدۇ .. ئاشقاندىمۇ ... تەقسىلەپ - تەخسىلەپ ... ئۈستەللەپ - ئۈستەللەپ ... بۇنداق دېسەم يەنە سەن ئاشقان تاماقنى يېگىلى بارامسەن چوشقا دەپ قالماڭ ... ئاشقىنىنى ئەمەس ... ئۇلار بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ يېيىشىپ بېرىمەن ... ئۇلار مېنىڭ يېيىشىمدىن ھوزورلىنىدۇ ، مەن تاھامدىن ھوزۇلىنىمەن ... ئۇلار ھوزۇرلانغانغا خوش ... مەن يېگەنگە ...
يەنە كېلىپ بۇ رىستۇراننىڭ پائالىيەتلىرىمۇ جاللانغان ... ۋۇكۇڭ ئاغام چاڭئى مەلىكىنى ئەرىشتىن تەكلىپ قىپتۇ ... چاڭئى ئۇسۇل ئوينايدۇ ، ۋۇكۇڭ ئاغام دۇتار چالىدۇ ... يەنە ئاق توشقان ، مىكە جىن ، تۈلكە جىن ... ئاياللار دۆلىتىنىڭ سايىپجاماللىرىدىن خىلى بار ... يەنە ۋۇكۇڭ ئاغام چىمەن تاغدىكى كېلىشكەن مايمۇنلىرىدىن ئەكەلگەن .. ئۇلار مېھمانلارنى شۇنداق كۈتىدىكى ئاي - ھاي ... كېلەلەيدۇ ...ساق كېتەلمەيدۇ ... مايمۇننى كۆرسە بۇ ئادەملەر قاچمامدۇ دېيىشىڭىز مومكىن ...نەدىكىنى ۋۇكۇڭ ئاغاممۇ بوش ئەمەسكەن ... چىمەن تاغدىكى مايمۇنلارنى مىيرۇڭ قىلدۇرۇپتىكەن شۇنچە سايىپجامال بوپ كېتىپتۇ ...چىرايىمۇ ، كىيىنىشىمۇ ، ئۇسۇلىمۇ شۇلارچە ... بۇلارنىڭ بېرلىرى ھەمرالىققا ، بىرلىرى تاڭسىغا ... ئىشقىلىپ ھاجەت بولسىلا تولۇق چىقالايدۇ ... ۋۇكۇڭ ئاغام بۇ مايمۇنلارغا شۇنداق چىرايلىق نام بىرىپتۇ ... تىل بىلمىسە دەيسىز ھەقىچان ... ھەي ئۇستاز سىز بارغانسىرى ھاماقەتلىشىپ كېتىپ بارىسىز ...بولدىلا شۇنچىلىك چۈشەندۈرەي ... مېنىڭ مۇشۇنى ئوتتۇرغا قويۇشۇممۇ ئىستىپانامە بىرىشىمگە تولۇق ئاساس بولالايدۇ ...
ئىستىپانامەمنى تەستىقىلىشىڭىزنى تۆت كۈزى بىلەن كۈتۈپ ھاماقەت شاگىرتىڭىز ؛ جۇۋۇنىڭ
2009- يىلى 4 - ائينىڭ 27 - كۈنى
ئۇتۇپتىمەن ئۇستاز ، شاسىڭ ئىنىمدىن غەم قىلماڭ ، ئۇ ئۆز يۇرتى ئاقسۇغا بېرىپ شۇ يەردە ئىكىنزارلىق ئېچىپتۇ ... ئۇمۇ ھازىر 200 -300 مەدىكارنىڭ ئاتامانى ، مېنى باشقۇرغۇچى بولۇپ بەر دېگەنتى رەت قىلدىم ... رىستۇرانغا كۆنەلمىسەم شاسىڭ ئىنمنىڭ قىشىغا بېرىپ باشقۇرغۇچى بولارمەن ... ئىشقىلىپ بىزدىن ئەنسىرمەڭ
مەنبە:ئەيساجان(تاجىك ئۇنۋېرسال تورىدىن)