ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن داۋامىغا نەزەر سالغايسىز :
مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىم ، قەلبىمدىكى شاھزادەم ئالىمجان ، سىز بۇ خەتنى ئوقۇغان ۋاختىڭىزدا مەن كىتىپ بولىمەن ،،،
يەنى بۈگۈن ماڭىمەن ..............
ھەر ھالدا سىزنى ئەھۋالىمدىن خەۋەر تاپقۇزۇم قويۇشنى لايىق كۆردىم ، چۈنكى سىز نىڭ يەنە مىنى دەپ ئازاپ چىكىشىڭىزنى خالىمايمەن ، گەرچە كۆڭلۈم سىزگە شۈنچە تارىتقان بولسىمۇ ئەمما سىزنى ئىزدەشكە پەقەتلا يۈزۈم چىدىمىدى، بۇرۇن خىجىللىقتىن بولغان بولسا ھازىر نۇمۇسچىلىقتىن يۈز كۆرۈشەلمەيمەن ........
ئادەم بەزىدە راسلا تەڭقىسلىقتا قالىدىكەن ، تويۇم بولغان كىچىسى ماڭا تەككەن قولنىڭ سىزنىڭ ئەمەسلىكىنى ھىس قىلغان چېغىمدىلا ئۆزۈمنىڭ شۈنچىلىك تاللاش يولۇمنىڭ يوقلىقىدىن شۇنداقلا سىزگە بولغان چەكسىز ئىشەنچىمنىڭ بارلىقىدىن نىمە ئىش يۈز بىرىشىگە قارىماي سىزنى ئىزدەش قارارىغا كەلگەن ئىدىم ،،،
بىراق ، ھەممە ئىش ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدىكەن ،،،،،،
ئاخىرى بولماي سىزگە ئاتىغان ساپلىغىم دۇغلاشتى ،،،، سۈزۈك بۇلاققا يىلان پەيدا بولدى ........
شۇنىڭدىن كىيىن سىزنى ئىزدەپ ، ئۆزۈمنىڭ پارچە - پارچە بولۇپ سۇنغان ئەينەكتەك ، قەلبىمدىكى سىزگە بولغان مۇھاببەتنىڭ داغ يۈزىنى سىز گە تېڭىشقا لايىق كۆرمىدىم .....
گەرچە مەن شۇ كىچىدىن باشلاپ باشقىلارغا تەۋە بوپ كەتكەن بولساممۇ ئەمما سىزنى ھەرگىزمۇ ئىسىمدىن چىقارغىنىم يوق ........
بىلىمەن سىزمۇ ئۈچۈن ئازاپ چەككەنسىز ھەقچان ،،،،،
كەچۈرۈڭ ، سىز گە راسلا يۈز كىلەلمەيمەن .....
سىزنىڭ كۆيۈمچان بىر قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىڭىزنى ، بەخىتلىك بولىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ...
مىنىڭ نەدىلىكمنى ، نىمىش قىلىدىغانلىقىمنى سورىماڭ ، گەرچە بۇرۇن تۇرمۇشۇم قالايمىقانچىلقتا ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس ، .....
ئىشقىلىپ مەن سىزنىڭ بەخىتسىز بوپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن ، سىزنىڭ كۈلكىڭىز مىنىڭ كۈلكەم ،،،
ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ،،،،،خۇدايىم شۇ كۈننى بەرسە بىر كۈلەردە ئۇچرىشىپ قالارمىز ،،،،،،
مەن سىزگە بولغان كۆڭلىمنى بۇرۇن سىز ماڭا توقىغانغا ئوخشاش بىر قانچە قۇر شىئىر بىلەن ئاخىرلاشتۇراي..
( قىزنىڭ بۇرۇن يازغان يازمىسى )
تاپمىدىم سىنى نىچۈن ئەي جانان
يۈرىگىم سېغىنار ئەمما ھەر قاچان
تەشنالىق ئىچىدە ئۆتتۈم سىنى دەپ
بىلىسەن ، بۇ بەلكىم ساڭىمۇ ئايان ،،،
سىنى دەپ ياشىدىم ، شۇڭا سەن ئۈچۈن
چەكسىمەممۇ مەيلىدى ئاھۇ ، رىيازەت
نەدە سەن ، زار بولدۇم ھەجەپ يولۇڭغا
بۇ غېرىپ سۆيگۈمگە ئاتىغىن شەپقەت
كەچۈرگىن دەردېڭگە بولالمايمەن يار
پەقەتلا يىراقتىن سىنى ياد ئىتەي
كەچۈرسەڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى
خاتىرجەم كۆزيۇمۇپ دۇنيادىن كىتەي.........
..............................................................................................
مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ ،،،،،،،،،،،،،،
قەدىرسىز سۆيگۈنىڭىز : قەلبىنۇر...
خەت تامام ..
ئالىمجان خەتنى قانداق ئوقىغىننى ، بىلمەيىتتى ، خەتنى ئوقۇۋىتىپ قانداقلارچە ياش چىقىپ كەتتى ، كۆزلىرىدىن تامچىپ چىققان ياش قەغەزنى ھۆل قىلۋەتكەن ،،،
ئالىمجان خەتنى ئوقۇپ بولغان چاغدا قەغەز بۇ تەقدىرگە بەرداشلىق بىرەلمىگەندەك پارچە - پاچە بولۇپ يەرگە چۈشۈپ كىتىۋاتاتتى .................
مانا ئۇلۇغۋار مۇھاببەت دىگەن مۇشۇ ،،،،ئادەمگە شۈنچە رەھىمسىزلىك قىلسىمۇ ئەمما ئۇنى شۈنچە سېغىنىمىز
بەلكىم بۇ تەقدىر قىزغا بىرىلگەن جازا بولىشى مومكىن ئەمما قىز نىمىشقا شۇ خاتا يولنى تاللىدى ؟ پۈتۈنلەي ئاشۇ ئۇلۇغۋار مۇھاببەت ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟،،،،،،،،
ئايرىلىش سەن ئۈچۈن ئازاپمۇ ؟مەخسىدىم ، بەختىممۇ ؟
سەن مىنى ئالدىغانمۇ ياكى سۆيگەنمۇ ؟
بولسا بىر ھەركىم تاپقان بولساڭ بەختىڭ بولارمىدىڭ
بۇ خاتالىق كىمدىدۇر ؟..........
.................
ياخشى يامان كۈنلەردىمۇ بىرگە بولغانغۇ ؟
سىنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر ئەسكەكىلىدۇ ،
كۈلگىم كىلىدۇ ، ئىسىت دىگۈممۇ ھەم ،،،
بەلكىم مۇشۇ تەغدىرىمىزدۇ .......................
............................
پەس تەرەپتىكى ئاۋۇ ئۈن - سىن دۇكىنىدىن ئۈنلۈك ئاۋازدا چىقىۋاتقان ناخشا خۇددى ، دەرمانسىز قالغان مۇشۇ بىرجۈپلەر ئۈچۈن ئېيتىلىۋاتقاندەك...................
---------------------------2 يىلدىن كىيىن -----------------------------
ھېلقى قارا نىيەت شوپۇر مەسچىلىكتە ماشىنا ھەيدەپ زەرەپشان دەرياسىغا چۈشۈپ كەتتى ، ماشىنا تېپىلدى ،ئەمما شوپۇرنىڭ ھازىرغىچە ئىزدىرىكى يوق~~~~~~~~
قىز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شىمالغا كەتتى ، ئالىمجان بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك غەربى شىمال ئۇنىۋىرسىتىتىغا كەتتى ،،،،،
يۇرىتتىكى ئىشلارمۇ پەسكويغا چۈشۈپ قالدى ........
ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن يوق دىگەندەك،،،،بۇ رىئاللىقمۇ ئاستا - ئاستا ئۇنتۇلۇپ كىتىشكە باشلىدى ، قىز ئۆزىگە تەۋە تۇرمۇشقا ئىرىشتى ، ئالىمجانمۇ بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى ..........................
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~خاتىمە~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
قىزنىڭ تەقدىرى ئەنە شۇنداق بولدى ، بۇ جاھاندا كىممۇ ئارمانسىز قالمايدۇ دەيسىز؟.....
يا قىز بەخىتلىك بولالمىدى ، يا ئالىمجان........
مۇھاببەتنىڭ ئۇلارغا قويۇپ كەتكىنى سۇئالمۇ ياكى جاۋابمۇ ؟.....
بىز كىمدىن ئاغرىنىمىز ، خاتالىقنى كىمدە قويىمىز ؟..ئەلۋەتتە قىزنىڭ توي كىچىسى قاچقىنى خاتا ، ئەمما دۇنيادا سەۋەپسىز ئىش بولمايدۇ ، ئۇ كىمنى دەپ قاچتى ،،نىمىشقا ئىلگىرى ئاخىرى قاچماي توي كىچىسى قاچىدۇ ؟...بۇنى بەلكىم قىزنىڭ شۇ چاغدىكى ھىسىياتى بەلگىلىسە كىرەك ..........
مۇھاببەتنىڭ سىھرى كۈچى ئاشىق - مەشۇقلارنى جۇدا قىلدى ، كۆزلەردىن ياش ئاققۇزدى ،،،،،
كىمدىن ئاغرىنغۇلۇق ، بىتەلەي قىز ، نىگارسىز قالغان ئالىمجان تەقدىر گە بويسۇنماي ئامال يوق،،،،،
ئۆگەيلىكنىڭ چاڭ - توزۇندىسى بەزىدە ئادەمنىڭ يۈرىكىگە قونىدۇ ،،،،،
گۈلنىڭ تىكىنى بولغاچقا ئادەملەرنىڭمۇ ياخشى يامىنى بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟....... تەڭشەلمىگەن جاھان دىگەن شۇ ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%
ئاپتۇردىن كەڭ تورداشلارغا ئىلتىماس :
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىم كەچۈرۈڭلار،، سىلەرنى ساقلىتىپ قويدۇم ،،،
ئەسلى بۇ ئەسەرنى داۋاملاشتۇرماسلىقنى قارار قىلغان ئىدىم ، ئەمما باشتىن ئاخىرى ياقتۇرۇپ ئوقىۋاتقان ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ تەلىپى ئاساسىدا داۋاملىق يېزىشنى ئويلىدىم ، ئەلۋەتتە قىزغىنلىقىم بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەل تۆۋەنلەپ كەتتى .....................
- << مۇشۇ ئەسەرنى ئوقۇيامەن دەپ 3 كۈن بولدى ۋاڭبادىن چىقالمىغىلى >>...
- << مەن بىر قانچە كۈنىدن كىيىن توي قىلىمەن شۇڭا ، ئاخىرىنى ئوقىۋالسام بوپتىكەن ..>>.........
- << ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ ، خەخ نىمە دىسە دەۋەرسۇن،،>>...............
- مانا مۇشۇنداق تەلەپ پىكىرلەر توختىماي كەپ تۇردى ، ھەنىم بولسا ياخشى تىلەك تىلەيدىغانلار كۆپ ساندىكەن ،،،
شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن يېزىپ چىقىتىم،،،،،،
ھەقىقەتەن بۇ ئەسەردە زىناخورلۇق مەۋجۇت ، ئەمما مەن ئۇلارنى قەستەن چىقارغىنىم يوق ،،،،،
قازاقلارنى ئۈنچىلىكمۇ چۈشۈرۋەتمىدىم ،،،،، ھېلقى ئاق كۆڭۈل مومايمۇ قازاق ئەمەسمىدى .....
بەزى يامان ئىشلار مەۋجۇت بولمىسا ئەسەر بىر ئۆلۈك نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن ،،، شۇڭا رىئاللىق بىلەن تەسەۋۇرنى بىرلەشتۇرۇش ئاساسىدا بۇ ئەسەرنى ئاخىرلاشتۇردۇم ،،،،
سەۋىيەم چەكلىك ، ئوي خىيالىم سىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش چىقمىغان بولسا كەچۈرگەيسىلەر،،،،،،،،
بۇندىن كىيىن سىلەر گە ياققۇدەك ئەسەر يېزىشقا تىرشىمەن ، داۋاملىق بۇنداق بولىۋەرمەس ....
ئەسىرىمنى ئوقۇپ مىنى قوللاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت ،،،،،
ئەگەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەرقانداق تەلەپ پىكىرى بولسا بولۇپمۇ مۇنبەرگە مىنى ئەيىپلەش خارەكتىرىدىكى ئىنكاسنى قالمۇرماسلىقنى ئۈمۈد قىلىمەن .......
[ بۇ يازما xir~ تەرپىدىن2009-04-11 20:20دە قايتا تەھ ]