مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
 
شىنجاڭ يېڭى ئىز توي خاتىرە سۈرەت تارتىش مەركىزى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
«12345»Pages: 1/25     Go
سىز بۇ تېمىنىڭ 81403 - كۆرۈرمىنى
تىما: توي كىچىسىدىن كىيىن ئۆزگەرگەن تەقدىر...
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
UID نومۇرى : 81744
نادىر تېما : 1 پارچە
يازمىسى : 32 پارچە
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 340 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 92(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-03-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-04-15
0  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 18:58
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

توي كىچىسىدىن كىيىن ئۆزگەرگەن تەقدىر...

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى : بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن (2009-04-08)دە نادىرلاندى
شەبنەم شىركىتى بىر يىللىق ئەسلىمىلىرى
ئاپتۇردىن كەڭ تورداشلارغا سالام :
ھۆرمەتلىك تورداشلار كومپىيۇردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادا بىزنىڭ مەنىۋىيتىمىز مۇشۇنداق ياخشى يامان ئىشلار بىلەن بېيىلىپ تۇرىدۇ ،،،
ھەر ئىشنىڭ ياخشى ھەم يامان تەرىپى بولىدۇ ، بەلىكم بۇ ئەسەر بەزى تورداشلارغا ياقماسلىقى مومكىن ، لىكىن كۆپ سانلىق تورداشلار بولۇپمۇ قىزلار  تولۇق ئوقۇپ كىلىۋاتقانلىقىنى ، توختىتىپ قويماسلىقىمنى دەۋەت قىلغاچقا ئاخىرلاشتۇرۇش قارارىغا كەلدىم ،
ئالدى بىلەن ئاشۇ قوللىغۇچىلىرىمغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن !!!!!!!
بۇ ئەسەرنى يوللاش جەريانىدا نۇرغۇن يامان ئىنكاسلارنى كۆردىم . ئەسەردە ھەقىقەتەن زىنارخورلۇق قلىنغان كۆرىنىش تەسۋىرلەنگەن ، ئەمما بۇنى مەن قەستەن پەيدا قىلغىنىم يوق پەقەت ئەسەرنىڭ راۋانلىشىشى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلغان ، ئۇ يامان ئىشلارنى تەشۋىق قىلغىنىم ئەمەس بەلكى جەمىيەتتە ئاشۇنداق يامان ئىشلارنىڭ بارلىقىنى كەڭ تورداشلارنىڭ سەمىگە سالماقچى ئىدىم ،،،،،
بەلكىم << قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورىقما >> دىگەن گەپنىڭ ئاساسى بولسا كىرەك ...
مەن ئۇ ئاچچىق ئىنكاسلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرمايمەن ،،،،،،،،،
يەنىلا ئاشۇ ياخشى نىيەتلىك ئوقۇرمەنلىرىم ئۈچۈن داۋاملىق ئىجادى تىمىلارنى يوللاپ تۇرىمەن ،،،،،،،،
مۇنبەردىكى كۆپچىلىك سىز مەن ئۈچۈن ، مەن سىز ئۈچۈن داۋاملىق ھەمكارلىشايلى~~~~~~~~~~~~
بۇ ئەسەرنى خىزمەت ئۈستىدە يازغان بولغاچقا كۆڭلىڭىزدىكىدەك چىقمىغان بولسا ئەپۇ قىلغايسىز..........




( ئەسكەرتىش : بۇ ئەسەر 4مۇنبەرگە بىراقلا يوللانغان ، شەبنەم ، خىسلەت ، دىيارىم ، سەلكىن  تورىغا بىراقلا يوللاندى ، ئەگەر سىز باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئامال بار  ئەسلى ھالىتى بويىچە ، يەنى ئەسەرنىڭ شەبنەم مۇنبىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىڭ )



~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~مۇقەددىمە~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ھايات يولى تولىمۇ ئەگرى توقاي ھەم مۇشاققەتلىك ، ھاياتنىڭ لەززىتى ، دىلنىڭ ئارامى مۇھەببەت ، تولىمۇ ئۇلۇغ ، ئەمما ئۇ دەرمانسىز قالسا ئىنسانغا ئۇنىڭدىمۇ يامان ئىش بولمىسا كىرەك~~~~~~~~`
كۆپىچە ھاللاردا تەقدىر پىشانەم شۇ ئوخشايدۇ ، دەيمىز ، ئەمما ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق خاتالىقى بىر ئۆمۈرلۈك تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،


~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
                                                           توي كىچىسىدىن كىيىن ئۆزگەرگەن تەقدىر.........
                                                                                ( ھىكايە )
                                                                         ئاپتۇرى : شىرئەلىجان
شۇنداق قىلىپ داغدۇغىلىق مۇراسىم ئاخىرلىشىپ قىز ، يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلدى ...
يىگىت شۇنداق خۇشال ھەم تەمكىن كۆرۈندىيۇ ئەمما قىز شۈنچە روھسىز ، ھېلى ئايلىنىپ كەتكۈدەك ھالدا تۇراتتى .<< قىزبالا بولغاندىكىن ئاز تولا نۇمۇس قىلىپ شۇنداقتۇ >> ،، دەپ ئويلايىتتى بەزىلەر ..........ئەمما قىزنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىر ئاللاھ ئاندىن قالسا چىن كۆڭلىدىن سۆيگەن يارى ئالىمجانلا بىلەتتى .....
بىراق تەقدىر پىشانە شۇنداقمۇ ، قىزنىڭ ھەسرىتى بەدىلىگە قىلىنغان بۇ تويدىن تېخى ئالىمجاننىڭ قىلچە خەۋرى يوق ، 9 - ئايدا خوشلاشقانچە << مىنىڭ نىگارىم كۈتۈپ تۇرىدۇ >> دەپ ئويلىسا كىرەك .
ھەتتا قىز ئۆزىنىڭ توي قىلماقچى بولغانلىقىنۇ ئېيتالمىدى ، ئالمجان ئۇقسا نىمە بوپ كىتە ؟ - قىز داۋاملىق يۇشۇرالامدۇ ؟
ئۇنداقتا زادى نىمە سەۋەپتىن قىز بۇ تويدا ئېچېلىپ كۈلەلمەيدۇ ؟ نىمىشقا ئاتا - ئانىسىغا بۇ تويغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتالمايدۇ؟.......
- گەپ تېخى ئالدىمىزدا ..........
قارىماققا بۇ سۇئاللار شۇنچە ئاددى بولسىمۇ ئەمما بۇ توي قىز ئۈچۈن جاۋاپسىز شۇنداقلا مومكىن بولمايدىغاندەك قىلاتتى ....
بىر تەرەپتىن ئالمجاننىڭ ئۇقۇپ قىزنى ۋەدىسىز، ۋىجدانسىز ،،،،، دىگەندەك ئەيىپلەپ ئازاپلىنىشىدىن قورىقسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز تۇرمۇشىنى تاللاش ئىمكانىيتىنىڭمۇ يوقلىدىن شۇنچىلىك ئېچىناتتى .........
- بۇ ھۇجرا شۈنچىلىك سۈرلۈك ۋە مەرى سوغۇق كۆرۈندىكى قىز قورىققىنىدىن تىترەپ كىتىپ باراتتى .....
ئالدىراپ تىنەپ كىيىملىرىنى سېلىپ ، ئاسما مايكا ، كالتا ئىشتان بىلەنلا قالغان يىگىت  قىزنى ساقلىماقتا...
لىكىن قىز ھىچبىر تۇيغۇسىز شۇ پېتىچە ،، تويلۇق كۆينەك ۋە ئالاھىدە بىزەلگەن تويلۇق گىرىملىرى بىلەن ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا كىمدۇر بىرىنى سېغىنىش ئىلكىدە ئولتۇرماقتا........
- << خېنىم ، كىلىڭە ، بۇگۈن دىگەن ئولتۇردىغان كىچە ئەمەس ، ھېرىپمۇ قالغانسىز ، بىردەم ئارام ئالىلى >> يىگىت سۆزلەشكە باشلىدى ..
ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتكەن بولسىمۇ ھىچ ئىنكاس يوق...
- << ئاپلا ، مىنىڭ قورقۇم كىلىدۇ دەيمەن ، سىز ئۇخلىمىسىڭىز كۆزەمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ مىنىڭ ....>> يىگىت يەنە بەزلەشكە باشلىدى ....
قىز يەنىلا سۈكۈتتە ئىدى ...........
يىگىت < بەلكىم بۇقىزنىڭ يۈزى تۆۋەن بولغاچقا ناز قىلۋاتسا كىرەك > دەپ ئويلىدىمۇ ، ئاخىرى قىزنىڭ قېشىغا كىلىپ شەھۋەتپەرەس قوللىرىنى قىزغا سۇندى ، شۇ تاپتا قىزنىڭ بەدىنىگە تەككىنى قول ئەمەس قىزىتىلغان تۆمۈردەك بىلىنىپ كەتتى ...
قىز بىردە چۆچۈگەندەك بولدىيۇ ، دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ..........
- < ۋاي نىمە بولۋاتىسىز ، قوقۇتۋەتتىمما ، مەن ئۈنچە قورقۇنىچلىق ئەمەس ، سىز گە ھىچ زەخمە يەتكۈزمەيمەن .......>
يىگىتنىڭ بۇ تەسەللى سۆزىمۇ كارغا كەلمىگەندەك قىلاتتى ........
شۇ تاپتا بۇ ئىككەيلەننىڭ خىيالى باشقا - باشقا ئىدى ، يىگىت < پاتراق ئەيۋەشكە كەلتۈرسەم > دەپ ئويلىسا ، قىز - < بىر تۇرۇپ مۇشۇ كىچىدىلا قېچېپ كەتسەم ، يا بولمىسا بۇ يۇقتى مەرەزدىن بۇگۈن كىچە قۇتۇلسام > دەپ ئويلايىتتى .....
بىراق بۇ قىزنىڭ ئويلىغىنى بويىچە ھەر ئىككىلىسى ياخشى ئامال ئەمەس ئىدى ، بۈگۈن كىچە قۇتۇلسا ئەتە ، ئۆگۈن ............ قۇتۇلۇپ بولالامۇ ؟  ياكى قېچىپ كەتسە بولامۇ ؟
ئەگەر بۇ كىچىدە قېچىپ كەتسە بۇ يۇرىتقا قايتا كىلەلمەيدۇ ، بۇ يۇرىتنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قىزلارنىڭ يۇرتىىتىن ئايرىلىپ كىتىشى بىر نۇمۇسسىزلىق ، شەرمەندىچىلىك ھىسابلىناتتى ........ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئەتىسىلا سۆز - چۆچەك ھەممە ئادەمنىڭ قۇلىقىغا يىتىدۇ ، ئۆگەي دادىسىنىڭ زۇلىمىچۇ ئاندىن................
< زادى قانداق قىلىش كىرەك ؟> - قىز ئىككىلنىپ قالدى ، ،،،،،،،،
ئاخىرى قىزنىڭ ۋاپادارلىق ھەم ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئېشىپ چۈشتى ، چىن مۇھەببەتنىڭ قالقىنى ئۇنىڭ بۇ كىچىدىكى ھىسىياتىنى توسۇپ قالدى .........
- << مىنىڭ بەك كۆڭلىم ئېلىشىپ كەتتى ، يىگەن تامىقىم بەك ياغلىككەن ...... سۇ ئچۋالغاچ بۇ كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ كىرەي ، بولامدۇ >> ؟
قىز ئاخىرى ئۈندىدى .
ھەر ھالدا قىزنىڭ پوزىتسىيەسىدىن رازىمەنلىك ھىس قىلغان يىگىت قوشۇلدى .
- << ماقۇل ئەمسە ، مەن بىللە چىقاي قورقىڭىز كەلمىسۇن،،،،،>>.........
- << بولدى ، چىراغ تۇرسا ، سىز بىللە چىقسىڭىز مەن خىجىل بولىمەن >>،،،،،،،،،
- << ھە ، بوپتۇ ئەمسە تىزراق كىرىڭ ، سىزنى ساقلاپ تاقىتىم - تاق بولۇپ كەتتى >>..........
- << ............>>
قىز ئۈندىمەستىن چىقىپ كەتتى ....
قەدەملىرى شۈنچىكى يەڭگىلكى يىگىتنىڭ تۇيۇپ قېلىشىدىن تولىمۇ ئىھتىيات قىلاتتى ..دەرۋازىنى ناھايىتى پەملەپ ئاچتى دە - ئاندىن تىز - تىز قەدەملەر بىلەن ماڭدى ..ماڭغانسىرى قەدەملىرى تىزلىشىشكە باشلىدى ،..........
شۇ تۇرقىدا يىگىت نە ئويلاردا قالسۇن < كىرسە ، قوللىرىنى تۇتسام ئاندىن ..............>.............. تۈرلۈك شىرىن خىياللار ئىچىدە قېپ قالدى .
ئارىدىن ئون نەچچە مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتتى بولغاي ، قىز ئاخىرى  چوڭ يولغا يەنى ماشىنا قاتنايدىغان ئۆلكە يولىغا يىتىپ كەلدى ....
يولغا چىقىپ تۇرۇشىغا بىر يۈك ماشىنىسى خۇددى  - < مەن كەلدېم جېنىم > دىگەندەك نۇرلۇق كۆزلىرنى پاقىراتقىنىچە يىتىپ كەلدى ...
قىز نەھالى بىلەن ماشىندىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ماشىنىغا قول ئىشارىسى قىلدى ........
- << توختىتىڭ ! چىقىۋالاي ......>> ...........
شوپۇر بۇ قىزنىڭ تەققى تۇرقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىيۇ ، كۆڭلىدە چوقۇم بىر جىددى ئىش باكەن دەپ ئويلىدىمۇ ماشىننى تىزلا توختىتىپ ئەينەكتىن بېشىنى چىقىرىپ دىدى .
- <<  نەگە بارسىز ، نىمە ئىشىڭىز با >>..؟
قىز تىزلا ئېتىلىپ كەلگىنىچە << ئۆتۈنۈپ قالاي مىنى بۇ يەردىن ئېپ كىتىڭ ، مەن كەتمىسەم بولمايدۇ ، تىز بولۇڭ >>،،،،،،،،
شوپۇر قىزنىڭ ئۈستى بېشىغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن كىپىنگىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى ،
- << چىقىڭ ئەمسە ،،،،>>،،
قارىماققا بۇ شوپۇر خىلى ياخشى نىيەتلىك كىشىدەك قىلاتتى ، قىز شوپۇرنىڭ 30 ياشلار چامىسىدىكى قارامتۇل كەلگەن چىرايىغا قاراپ ئىشەندى بولغاي باشقا گەپ سۆز قىلشقا ئۈلگۈرمەستىنلا ماشىنىغا ئۆزىنى ئاتتى ، ،،،،،،،، شۇ مىنۇتتا شۇنداق قىلمىسىمۇ بولمايىتتى ، چۈنكى يەنە بىر ماشىنا ساقلاپ بولغۇچە ئۇنىڭ ئىرى ( بۈگۈنكى توي يىگىت ) ياكى باشقىلار كۆرۈپ قالسا ئىشنىڭ بۇزۇلغىنى شۇ ئىدى .
قىز ھاپىلا شاپىلا ماشىنىغا چىقتى دە كۆڭلى بىز ئاز ئارام تاپقاندەك ھىس قىلىپ شوپۇرغا گەپ ئاچتى :
- << ئۇستام سىز نەگە بارىسىز ؟ مىنى قەيەرگىچە ئېلىپ بارالايسىز .؟>>
- << غۇلجىغا بارىمەن ، سىز نەگىچە باراتتىڭىز ؟>>
- << بولسا ئۈرۈمچىگە چۇشۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ، غۇلجىغا ئۈرۈمچىدىن ئۆتۈپ بارىدىغۇ دەيمەن ،>>
- << ھەئە ، بىلىدىكەنسىز ، ئۈرۈمچىدىن ئۆتۈپ ئاندىن بارىمەن ، بىر بولسا ئۈرۈمچىدە بىرە كۈن تۇرۇپ قالىمەن >>
- << ھە ، ئۇنداقتا مىنى ئۈرۈمچىدە چۈشۈرۈپ قويۇڭ بولامدۇ ، ئەمما مەندە يول كىراسىغا بەرگۈدەك پۇل يوق ، بارغاندىن كىيىن دوسلىرىم ئالدىمغا چىقىدۇ ، شۇلار بىرىدۇ .......>>
- << خاتىرجەم بولىڭە ، پۇل دەپ قاپسىز ، مەن سىزدىن پۇل ئالغانغا باي بوپ كىتەمەنما ، ھەراس سىزنىڭ تەقى تۇرقىڭىزدىن قارىسام بىرە پىشكەللىككە ئۇچرىدىڭىزمۇ نىمە ؟.... كىيىملىرىڭىز............>>...
شوپۇر گەپنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولغۇچە قىز گەپنىڭ بېلىغا تىپىۋەتتى :
-<< بولدى ، بۇ ئىشلارنى سورىماڭ ، دىسەم گەپ ئۇزۇن چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن ، ئەڭ ياخشىسى سورىماڭ ~!!!!!!!!>>
شوپۇر بىردە ھەيران قالدىيۇ ، ئەمما قىزنىڭ زىتىغا تىگىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ باشقا سۆزقىلمىدى ...
ماشىنا بىردە كەڭ سايلىقلاردا بىردە قىيا تاغلار ئارىسىدا كىچە كۈننىڭ خوجايىنى بولۇپ كىتىپ باراتتى ، ئاندا ساندا ئۇچقىشىپ ئۆتۈپ كىتىپ بارغان ماشىنىلار نى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ يولدا قىز بىلەن شوپۇر چىققان ماشىنا ئالغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە!!!!!!!!!!!!!!
گەرچە ئىيۇل كۈنلىرى بولسىمۇ ئەمما بۇ يول بويى تولىمۇ سالقىن ھەم شاماللىق ئىدى ، شوپۇر قىزنىڭ قورقۇنىچ ئىچىدە خىرەلىشىپ قالغان كۆزلىرىگە ، توي كۆينىكىنىڭ نېپىز پەرەنجىسى ئىچىدە تىترەپ تۇرغان بىلەكلىرىگە قاراپ كۆيۈمچانلىق ھىسىياتىدا دىدى :
- << ئەمسە بىردەم ئارام ئېلۋىلىڭ ، كەينى ئورۇندا يۇڭ ئەدىيال با ،، يۆگىنۋىلىڭ يول بويى سوغۇق ، ئاغرىپ قالىسىز ،،،،،>>،،
قىز بۇ گەپنى ياخشى نىيەت بىلەن دىدى بولغاي دەپ ئويلىدىمۇ ، كەينىگە ئۆتۈپ ئەدىيالنى يۆگىنىپ ئولتۇردى ،.........
ئاسماندىكى ئاينىڭ ئورنى بارغانسىرى غەرىپكە قاراپ يۆتكەلمەكتە ،، ماشىنا بولسا شىمالغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە...........
مانا تۈن يېرىمدىن ئاشتى ،،، قىزنىڭ شۇنداق تاتلىق ئۇيقۇسى كەپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇخلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى ، ئۆز كۆڭلىدە - < ئۇخلاپ قالسام مىنى باشقا تەرەپكە ئېلىپ كەتمىسۇن ،،> ،، دەپ ئويلايىتتى ......
ۋاقىت ئۆتىۋەردى ،، قىزنىڭ غۇۋالاشقان كۆزلىرى يار بەرمىدى ، كۆزلىرىنى يۇمغۇسى كەلمىگەن ھالەتتە مۇگدەپ قالدى ....
ئالا ھەزەل بىرى سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ماشىنا بىر كىچىك بازارغا يىتىپ كەلدى ،
شوپۇر ماشىننى ئاستا توختىتىپ ، تاماكا ، سوغۇق ئىچىملىك ۋە بولكىغا ئوخشاش ،، بىرمۇنچە يىمەكلىكلەرنى ئىلىپ كىلىپ قىزنى ئويغاتماقچى بولدىيۇ ئەمما شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپ قالغىننى كۆرۈپ ئاستاغىنە ئۈچ كشىلىك ماشىنا ئورۇندىقىغا ياتقۇزۇپ قويدى ...
قىز شۇ پېتىلا ئۇيقىغا كەتتى ... شوپۇر بولسا داۋاملىق ماشىننى ھەيدىمەكتە!!!!!!!
بۇ نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى كۆڭلىگە قانداق شۇم خىياللارنى پۈكۈپ ، پىلان تۈزدى ئۇ تېخى قىزنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈگىمۇ كىرمىدى .
ماشىنا مېڭىۋەدى ، قىزمۇ تاتلىق ئۇيقۇدا ................
ئەمدى گەپنى قىزنىڭ بۇگۈنكى ئىرىدىن  ، يەنى قىزغا نىكاھلىنىپ توي كىچىسى بىرگە بولالمىغان ، قىزنى< كىيىم ئالماشتۇرۇپ كىرىدۇ> دىگەن شىرىن خىياللار ئىچىدە قالغان يىگىتتىن ئاڭلايلى :
ساقلا - ساقلا قىز كىرمىدى .......
- < ھەر قانچە بولسىمۇ بۇنچە ئۇزاققا قالماس > .......
يىگىت تاقەت قىلالماي ئاخىرى ھويلىغا چىقتى ،،،، ھويلىنىڭ ئىچى جىمجىت .... چىراغمۇ يېقىقسىز ..............
يىگىت ئۆز كۆڭلىدە - < بەلكىم باشقا ئۆيدە ياتقاندۇ > دەپ ئويلاپ ئۈمىد بىلەن ھەممە ئۆيگە كىرىپ چىقتى ،،،،
شۇ چاغدىلا ئاندىن قزىنىڭ يوقلىقىنى ، دەرۋزازىنىڭ بولسا ئاللىبۇرۇن ئوچۇقلىقىنى كۆردى ...
ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك  - < داداملارنىڭ ئۆيىگە چىكەتكەنمىدۇ يا ؟ يا بولمىسا قېينىئانامنڭكىگە كەتكەندۇ ... بېرىپ باقاي ..>
يىگىتنىڭ دادىسنىڭ ئۆيى ئارقا كوچىدىلا گەرچە بۇ يالغۇز ئوغۇل بولسىمۇ ئوغلىغا زىيادە ئامراق بولغاچقا ئۆي ئايرىپ ئاندىن تويىنى قىپ قويغان ئىدى ،،،،>>،،،
يىگىت دادىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىقتى ، جاۋاپ يوق .......
قىزنىڭ ئۆيىگىمۇ بېرىپ كەلدى ،،،، يەنىلا جاۋاپ يوق،،،،،،،،،،،،،،،،،،
شۇ تاپتا يىگىتنىڭ كەيپىياتىغا ھىچنىمە توغرا كەلمەيدۇ ..........يىگىت  ، قىز ئائىلىسىدىكىلەرنىغۇ  دىمەيلى قويايلى ،،،،،،،ئىشقىلىپ بۇ كىچە ھەممەيلەنگە ئارامچىلىق يوق ، .........
- < ئەتە ئەل جامائەت ئالدىدا قانداق يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرەمەن ،،،،،،باشقىلار قانداق ئويلاپ قالا ئەمدى ،، ۋاي خۇدايىم > ...........
يىگىتنىڭ بۇ خياللىرى دىلىنى ئۆرتىسە ، قىزنىڭ بۇ قىلمىشى تولىمۇ سەپرايىنى ئۆرلىتەتتى ...................
ئالاقە زادە بولغاننىڭ نىمە پايدىسى ، ئەتە بوپ باقسۇن قېنى ئەھۋال ئايدىڭلىشىدۇ ........
شۇنداق قىلىپ بۇ كىچە ئاخىرلاشتى ، مەزۇمنىڭ << ئاللاھۇ ئەكبەر ..........>> دەپ توۋلىشى بىلەن بۇ مەھەللىدىكى مويىسپىت ئاتىلارنىڭ ئۇيقۇسىدىن ئويغاتتى ............
تاڭنىڭ بارا - بارا سۈزىلىشى بىلەن شوپۇرمۇ ئۈمۈتلۈك كۆزلىرىنى قىزغا پات - پات تاشلاپ قويۇپ ماشىنىنى ئىلگىرلەتمەكتە ...........
شوپۇر كۆڭلىگە قانداقتۇر خىياللارنى پۇكتى ،،،،،،، ئاخىرى قىزنىڭ ئوماق تۇرقىغا مەھلىيا بولدى .....
ماشىننى يول چىتىگە توختىتىپلا ئارقا تەرەپكە ئۆتتى ،،،، قىزنىڭ تۇرقى شۇنچە ئوماق ، شۇنچە ساپ ئىدى ، تويلۇق گىرىملىرى ، زىبۇ زىننەتلىرى شۇنچە ياراشقان ئىدى ......... شوپۇر نەپسى - بالا قوللىرىنى قىزغا ئۇزاتتى ، يۇڭ ئەدىيالنى ئۆرۈپلا قىزنى قۇچاقلىۋالدى ...........
- << ۋايجان ، ،،،،،، بۇ نىمە قىلىق ،،،، نىمىشقا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ يوقۇلۇڭ .... نېرى تۇرۇڭ >>..............
قىزنىڭ زەردە بىلەن دىگەن سۆزى ھەتتا شوپۇرنىمۇ چۆچىتۋەتتى ...........
- << ھىچنىمە قىلمايمەن ، قوقماڭ ،،،، پەقەت شۇ ..............>>.....
شوپۇر قانداق چۇشەندۈرىشىنى بىلەلمەي قالدى .........
- <<مەن تېخى سىزنى خىلى ياخشى نىيەتلىككەن دەپ ئىشەنگنتىم ،، نىمانداق نۇمۇسسسىزلىق قىلىسىز .>>؟؟؟؟؟؟
- << مەن شۇ ، ...... سىز نىمىشقا بۇ كىيىملەر بىلەن قېچىپ چىقتىڭىز ؟...... قارسام تويىڭىز بوپتۇ ، نىمىشقا توي كىچىسى قاچىسىز ؟>>
- < < بولدى سورىماڭ ... پەقەت مىنى ئۈرۈمچىگە چۈشۈرۈپ قويسىڭىزلا بولدى ...>>......
بۇ سۆزلەر شوپۇرنىڭ قۇلىقىغا كىرمىگەندەك قىلاتتى ...... قىزغا تىخىمۇ يېپىشتى .....
- << سىزنى كۆرگەن قايسى بىر ئەركەك نىڭ جىم تۇرغۇسى كىلىدۇ ، ئۇنداق قىلماڭ ، مۇشۇ بىرقېتىملا .>>..........
- << بولدى قىلىڭ !!!!!>>
قىز سىلكىشلىگىنىچە ، شوپۇرنىڭ قۇچىقىدىن يۇپۇرلۇپ چىقتى ،،، ماشىننىڭ ئىشىكىنى زەردە بىلەن ئاچقىنىچە يەرگە چۈشۈپ ، چوڭ يولدىن سايغا قاراپ ماڭدى .........
ئارقىدىن شوپۇرمۇ چۈشتى .
- << نەگە بارسىز ؟ ... ئالدىڭىزغا مېڭىۋەرسىڭىز يىلان بىلەن پاتمىچۇق با شۇ باشقا نەرسە يوق ........ نەچچە ئون كىلومىتىر ماڭسىڭىز ئاران ئادەم بار يەرگە بارالايسىز ....>>
- << ئىشىڭىزنى قىلىڭ ، سالاچىلىققا قويمۇدۇم سىزنى ...... ئەمدى يولىڭىزغا مېڭىڭ ...>> قىز شۇنداق دىگىنىچە ئالدىغا قاراپ كىتىۋەردى ..
بۇ گەپ شوپۇرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدىمۇ ۋە ياكى ئۇنىڭ شىرىن نەپسى پەسەيمىدىمۇ قىزنىڭ ئارقىسىدىن يۈگىرگىنىچە يىتىپ كەلدى ...  
- << جېنىم ماقۇل دەڭ ، سىز نىمە دىسىڭىز شۇنى بىرەي ، نەگە دىسىڭز شۇ يەرگە ئېلىپ باراي .>>..........
- << بولدى . كەينىمگە كىرۋالماڭ ،،، مىنى كەتكىلى قويۇڭ >>،،،،،،
يۈگرەپ بېرىپ ئېتىلغىنىچە قىزنى قۇچاقلىۋالدى شوپۇر،،،
- << بولدى ئەمدى ، تولا ناز قىلىۋەرمەڭ .... ئۇنداق قىلغان بىلەن خوشۇم يوق ،،، ئەڭ ياخشىسى ماقۇل دەڭ >>.........
- << ۋاي بولدى ،،، ئۆتۈنۈپ قالاي بۇنداق قىلماڭ ، قىزىڭىزدەك ئادەمگە قول تەككۈزۈشتىن خىجىل بولمامسىز ...ھىچ بولمىغاندا ھازىر ناماز ۋاختى بولدى .. ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلمايلى >>........
شوپۇرنىڭ ئەلپازى تېخىمۇ يامانلاشتى ، قىز يالۋۇرۇپ ، ئۆتۈنگەنسىرى شوپۇرغا شۈنچە يىقىملىق سىزىلدىمۇ بارغانچە چىرماشتى .........
قىز يالۋۇردى ئۆتۈندى .... ھىچ پايدىسى بولمىدى ، نە ئامال ، ئاياللار شۇنداق ئاجىز بولغاندىكىن ، ئەگەر ئەرلەردىن كۈچلۈك يارالغان بولسا شۇكەمدە شوپۇرنىڭ قوچىقىدىن ئۆزىنى تارتىپ كىيىنكى پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئالغان بولاتتى...........
- << جېنىم ، ئاۋال بىرگە بولايلى ، ئاندىن توۋا قىلۋالامىز ،، >> ......
شونداق دىگىنىچە قىزنى يەرگە ياتقۇزدى ......قىز تىركىشىپ باقتى ، ئېلىشىپ باقتى ،،،،،،،،، ئەمما ھىچ كاردىمىدى .....
نىمىلا دىگەن بىلەن ھېلىقى شوپۇر توي قىلغىلى نەچچە يىل بولغاچقا ئىشنىڭ ئەلمى تەلمىنى ئوبدان بىلەتتى ....
شۇنداق قىلىپ بىردەم جەڭگە جىدەلدىن كىيىن قىز تىركىشىپ ھالىدىن كەتتى .... شۇ ۋاقىتتىلا ھىلقى نىكاھلانغان يىگىتنىڭ ئۆزىگە بولغان پوزىتسىيسىنى ئويلاپ قالدى ، بەلكىم ماۋۇ شوپۇرغا ئوخشاش زورلۇق قىلغان بولسا ئۇ قىز بۇ كەمدە بۇ سايلىقتا ئەمەس بەلكى مامۇق يوتقاندا ياتقان بولاتتى .............
ئوتتەك ھىسىيات ئالدىدا كىممۇ باش ئەگمەيدۇ دەيسىز ؟؟؟---
بەلكىم ئۇ شوپۇر ئەمەس ، ھەرقانداق بىر ئەكەك شۇنداق قىلىشى مومكىن ، ،،، چۈنكى ئۇ قىز قارىغانچە قارىغىسى كەلگۈدەك ، بولسا خام يەۋەتكۇدەك تولىمۇ چىرايلىق ئىدى .........
شۇنداق قىلىپ بۇ مەسۈم قىزنىڭ توي ھوجىرسى كەڭرى كەتكەن سايلىق بولدى .............
ئاندا ساندا ئۆسكەن يۇلغۇن ، قومۇشلار ،،،،،،،، بۇ سايلىقنىڭ ھۆسنىدە چاقناپ تۇراتتى ،،،،،،،،
تاڭمۇ ئاتتى ...... كۈننىڭ قىزىللىقى كۆرۈنۈشكە باشلىدى . .... شوپۇرنىڭ ھارام نەپسىمۇ پەسەيدى...
قىزنىڭ نە ھالى.؟؟؟؟؟؟؟؟  تىلىم - تىلىم بوپ كىتىۋاتقان بەدەنلىرى گويا << ئالىمجان ، سەن نەدە ، مىنى قۇتقاز............>>........
دەۋاتقاندەك قىلاتتى ..
شۇپۇر ئۆزىنى تۈزەشتۈرگەندىن كىيىن ، قىزنى ماشىنىغا چىقىشقا دەۋەت قىلدى .
- << ماشىنىغا چىقىڭ ، ئەمدى سىزنى ھىچنىمە قىلمايمەن ،>>........
قىز ھىچ ئۈندىمەيىتتى ..... ئاپئاق توي كۆينىكى ، چىرايلىق گىرىملىرى ......... توپا چاڭدىن ئۆز جۇلاسىنى يوقاتقان ئىدى ......
- << كەتمىسىڭىزمۇ ئامال يوق ئەمدى ، يەنە بىر شوپۇر غا يولۇقسىڭىز مۇ شۇنداق قىلاتتى ، ئەڭ ياخشىسى مەن بىلەن كىتىڭ ، يەنە بىرسىگە ئۇچقىسىڭىز يەنە شۇنداق بولىدۇ شۇ >>،،،،،،،،،،،،،،
شوپۇر بىر ئاز خىجىللىقتا قىزغا قاراپ تەسەللى سۈپىتىدە دىمەكتە ئىدى .
ئاخىرى بولماي قىزنىڭ قولىدىن سۆرىگىنىچە ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى ، بۇدا  قىز ھىچبىر قارشىلىق قىلمىدى ، چۈنكى نە پايدىسى ئەمدى ...........بولىدىغان ئىش بوپ بولغان ئىدى .......
شوپۇر ئاخىرى ئەپتىنى ئاشكارلىدى ، .........قىزنىڭ توي كىچىسى سايلىقتا ئۆتتى ، ئۆتكەندىمۇ ئاجىزلىق ، پۇشايمان ئىچىدە ئۆتتى ..
ماشىنا داۋاملىق ماڭماقتا ..........

- << بىلەلمىدىم ئاينىڭ سىرىنى
         ئاينىڭ يۈزى نىمانچە  داغدۇر
        ئۇقمىدىممۇ يۇلتۇزلارنىڭ سىرىنى
        يۇلتۇزلار نىمانچە كۆپتۇر.....

        شۈنچە ئاي نۇرىغا گەپ قىلسام
        ئۈندىمىدى ئاي نۇرى ماڭا
        تاڭمۇ ئېتىپ يۇلتۇزلار تۈگەپ
       ئايمۇ كەتتى نەلەرگە يەنە>>....

   ...........................

          
ياڭراتقۇدىن چىقۋاتقان مۇڭلۇق ناخشا خۇددى بۈگۈنكى كۈنگە ئاتاپ ئېيتىلغاندەك قىلاتتى..........
- < ئاھ خۇدا ، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن !!!!!!!!!! ئالىمجان ، ساڭا يۈز كىلەلمەيمەن .>............... قىزنىڭ ۋىجدانى ئۆرتىنىپ ، ھجران ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشمەكتە !!!!!!!
قۇياشنىڭ ئىللىق تەپتىمۇ قىزغا - < خوپ بولدى ، ئۆزۈڭنىڭ شورى >  دەپ مازاق قىلۋاتقاندەك قىلاتتى ......

ئەتىسى ئەتتىگىنى تويى بولغان يىگىت نە خۇشال بولسۇن ، تالاغىمۇ چىقالمىدى ، توينىڭ ئەتىسىدىكى << يوقلاق >> ( جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپتە توينىڭ 2 - كۈنى ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپنىڭ ئۆيگە پەتىلەپ بارىدۇ )  مۇ يوق بولدى ........
قىزنىڭ ۋە يىگىتنىڭ ئۆيىدىكلەر بىئارام بولۇپ ئەل جامائەت ئالدىدا تولىمۇ سەتلەشكەن ئىدى .........
بۇنداق ئىجتىمائى خەۋەرلەر بۇ مەھەللە ئۈچۈن ئامرىكا ئىراق ئۇرۇشىنىڭ خەۋىرىدىنمۇ يامان ، ھەم تىز تارقىلاتتى ...
- < توي قىز زادى نەگە كەتتى ؟ نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ ؟ چوقۇم بىرگەپ بار جۇمۇ ؟ .>......... مۇشۇنداق ئاقماس پاراڭلار مەھەللىنى بىر ئالدى . بۇ خەۋەر  سەھەردىلا تارقىلىپ كەتتى ....
ھەممە كىشىلەر گۇناھنى ئاشۇ قىزدا قويۇشتىيۇ - ئەمما ھىچكىم ئۇ قىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئويلىمىدى ، ھەممە ئادەم ئۆگەي ئانا ئەسكى ، ئۇنداق بۇنداق دىيىشىدۇ ، ئەپسۇس بۇ قىزنىڭ ئۆگەي ئانىسى ئەمەس ئۆگەي دادىسى بار ئىدى ، بولغاندىمۇ خۇددى سۆز چۆچەكلەردىكى ئۆگەي ئانىغا ئوخشاشلا،،،، ھەتتا تېخى ئۆيدە يالغۇز قالغان چاغلاردا يامان نىيەتتە بولىشنى ئويلايىتتى ، شۇڭىمۇ مەلۇم سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ قىزنى يۇقىرلاپ ئوقىشتىن مەھرۇم قىلغان ئىدى ، بىچارە قىز شۇنداق قىزغىن ئارمانلىرىنىڭ يوق بولغانلىقىدىن رەنجىمىگەن ئەمما كۆڭلىدىكى شاھزادسى ئالمجاندىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايىتتى ........... تولۇق ئوتتۇرنىڭ 3 - يىللىقىدا ھاياتىنىڭ شىرىن ھەم ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلىرىنى ئالىمجان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدى .......ئالىمجان ئوقۇشقا كەتكىلى نەخ 2 يىل بولدى ، قېيىشقاندەك بۇ يىل يازلىق تەتىلدە تولۇق كۇرۇس دىپلومىنى ئېلىش ئۈچۈن قايتىپ كەلمىگەن ئىدى .... كۆزىگە خەخ كۆرۈنگەندىن كىيىن ئەلۋەتتە بۇرۇنراق تالالىق قىلىشنى ئويلايدۇ دە - ھەرقانداق ئۆگەي ئاتا ..........
ئۇنىڭ ئۈستىگە قارشى تەرەپ ئوبىكتى يېزىدىكى مەلۇم بىر يىزا دەرىجىلىك كادىرنىڭ ئوغلى ئىدى .
گەرچە قىز ئانىسىغا بىرنەچچە قېتىم دەپ يالۋۇرغان بولسىمۇ ئانىسىنىڭ : << بالام ، ئوقۇپ كەلگەندىن كىيىن سىنى يارىتامدۇ ؟ كىملەرنى تېپىپ كىلىدۇ كىم بىلسۇن ! >> ............ دىگەندەك گەپلىرىدىن ئامالسىز قالغان ئىدى ، قىزنىڭ مەسۈم كۆڭلى شۇنداق پەيىتلەردە : << رەھمەتلىك دادا ، سىز كۆرۈۋاتامسىز ، ھەرقانچە بولسىمۇ مىنى ياتلىق قىلىپ بولۇپ كەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن ..>>.......... دەپ يۇشۇرۇن نالە قىلاتتى........................
ئاخىرقى كۇنگە كەلگەندە قىز ئامالسىز قالدى ، ئەمدى كىمگە دىسۇن ، سۆيۈملۈك ئوغلانى ئۈرۈمچىدە ئوقىۋاتىدۇ ، ئانىسى بولسا ئۆگەي دادىسىنىڭ قۇلى ...... باشقا ئۇرۇق تۇققىنى ئانىسى قوشۇلغان ئىشقا ئارلىشالىسۇنمۇ ؟... ئىككى ئىنىسى بولسا يەنىلا شۇ دادىسىنىڭ پۇشتى ..
سۈكۈت ئىچىدە بولغان توي ئاشۇ ئاخشامدا يەنى ، يىگىت قىزغا يىقىنلاشقان چاغدىلا ئاخىرلاشتى ، قىزمۇ ئۆزىنىڭ باشقا بىرىگە نىسىپ بوپ كىتىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنىمۇ شۇ چاغدا بىلىپ يەتتى ..............

- < ئەمدىكى ئىش بۇ ئىشنى ئەل جامائەتكە قانداق چۈشەندۈرۈش > ........ قىز ئوغۇل تەرەپ گۆش يەپ خۇشال بولىشقا تىگىشلىك كۈندە ئەكىسچە باش قېتىنچىلىقى ئىچىدە تۇرىشاتتى ...... يىگىت بولسا نە ئارنۇمۇس ئىچىدە ئۆيگە بىكىنىپ تالاغا چىقشقا يۈزى چىدىمايىتتى ....
باشقىلار بولسا ئاقلاش ئامالىنى ئىزدىشەتتى ..
- < ئاخشام كىسىلى تۇتۇپ قېلىپ ناھىيگە ئەكەتتى دەيلى > ........ دىدى قىزنىڭ قېيىنئانىسى .
قېيىنئاتىسى جاۋابەن    
- < ۋاي خوتۇن ، قەلبىنۇرنىڭ ئەزەلدىن كىسىلى يوقكەن ، ئۇنداق دىسەك خەخ ئىشىنەمدۇ ؟>......
- < ئەمسە ئاخشام ئۆلۈپ كەتتى  دەيلى >.........
- < ما خوتۇننىڭ ھاماقەتلىكىنى ، ئۇنداق دىسە خەخ ئوغلىمىزنى ئۆلۋىلىشقا قىستىغان ئوخشىايدۇ ، دەپ قالمامدۇ ؟>  .. ئەقىلگە سىغقۇدەك گەپ قىلىڭلا...........
- < ۋاي ئەمسە نىمە دەيلى ، ھۇي چىشە قۇدام سىلە بىز دىسىلە نىمە دەيمىز ئەمدى ؟>....
قىزنىڭ ئانىسى بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كىيىن << ئالدىڭلاردا بەك سەت بولدى ، مەنمۇ ئۇقمىدىم نىمە دىيىشىمنى ئۆزۈڭلار بىلىپ بىرنىمە دەسىلەر ئەمدى >>  دىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ تالاغا قاراپ ماڭدى ..........
يىگىتنىڭ ئانىسى بىلەن دادىسى قىزنىڭ ئۆگەي دادىسىنىڭ گەپ قىلىشىنى كۈتكەندەك قىيا يۈزىگە قارىدى ، ئەمما ھىچ جاۋاپ چىقماستىن ئۇمۇ تۇرۇپ كەتتى ......
تۈنۈگۈنكى قاينام تاشقىنلىق ئۆي مانا ئەمدى تىپ تىنىچ ، ،،،،،،،
يىگىتنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاچچىقىدا  قۇدىلىرىنى خوشمۇ دىمەي قېپ قالدى ...
- << خۇدادىن قورىقمىساڭ ، قۇداڭدىن قورىققىن ، دەپتىكەن راسكەن زادى ، نەدىن پەيدا بولدى بۇ خەخ  ، ئەسلى مەقسىتى شۇنداق ۋەقە چىقىرىپ تويلۇققا ئىگە بولماقچى ، خەپ !!!!!!!!!! ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەس .....>>....... يىگىتنىڭ ئانىسىنىڭ ئاغزى يەنە ئېچىلدى ، ...
- << ۋاي بولدى قىلىڭلا ~~~~~~~~ نىمە پايدىسى ئەمدى ...>> دادىسىنىڭ ھەر ھالدا ئازراق ئاڭ سەۋىيسى بولغاچقىمۇ ، ئىشنى چوڭايىتۋەتمەسلىكنى قايتا - قايتا جىكىلەپ پەسكويغا چۈشۈردى .........
ئاخىرى بولماي يىگىت تەرەپ :
- << كىلنىمىز قىز ئەمەسكەن ، ئوغلۇم ئەتتىگەندە  ئۈچ تالاق قىلۋىتىپتۇ ، ئەمدى ياراشتۇرايلى دىسەكمۇ يول چىقمايدىكەن.>>..........
دىگەندەك يالغان گەپلەرنى توقىسا ....
قىز تەرەپ :
- << كۈيئوغلىمىز ئۈرۈمچىگە سودا قىلغىلى كەتتى ، توي كۈننىڭ ئەتىسىلا قىزىمىزنى ئېلىپ كەتكەن . بىز يولغا سەپ قوياپ كەلدۇق >>........
دىگەندەك يالغان - يوۋداق گەپلەر بىلەن ئىشنى بېسىقتۇرۇپتۇ ،،،،،،،،
ھەر ھالدا ئىككى ئۆينىڭ ئارلىقى خىلى بولغاچقا ئۇ تەرەپتىكى سۆز چۆچەكلەر بۇ تەرەپكە ، بۇ تەرەپتىكى سۆز چۆچەكلەر ئۇ تەرەپكە يەتمەي بىر مەزگىل ئىشلار ئىزىغا چۈشۈپتۇ ........
ئەمىليەتتە قىزنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگىنى راس ----------يەنە كىلىپ ئاشۇ تالاش تارتىش بولىۋاتقان كۈندە ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى .
ئەمدىكى ئىش - قىزنىڭ كۈتكىنى ، ئالمجاننى قانداق تېپىش ۋە بۇ ئىشلارنى قانداق چۈشەندۈرۈشتە قالدى ،
- << زادى قانداق چۈشەندۈرسەم بولار  ؟ >> قىزنىڭ كۆڭلى غەپلەتتە قالدى ، تېپىشقۇ ئاسان ، ھەرقېتىم ئالمجان قايىتقاندا ئادىرسىنى تولا دەپ يادا بوپ كەتكەن ئىدى . .........
زادى قانداق قىلىش كىرەك ؟؟؟؟؟؟؟-------- قىز تولىمۇ ئىككىلىنىپ قالدى ...
ئەڭ ياخشىسى ئىزدىمەي ئەگەر ھىسياتنىڭ قۇربانى بولماي تۇرۇپ ئىزدىگەن بولسام بەلكىم يۈزۈم چىدار ئىدى ، ئەمدى نە ھالىم بىلەن  نە نۇمۇس بىلەن ئالىمجاننى ئىزدەيمەن ..... توي كىچىسىنى ئۆتكۈزۈپ كەلدىم دەيمۇ يا........؟؟؟؟؟.... لىكىن ئىزدىمىگەن ئادەم بۇ يەرگە نىمىگە كەلدىم ؟.... بۇ يەردە يەنە كىمنى تونىيمەن ؟........ يۇرىتقا قايىتسام خەخلەر گەپ تاپىدۇ ، تۇرمۇشنىمۇ قايتا باشلاش تەسكە چۈشىدۇ ....زادى قانداق قىلسام بولا؟؟؟؟........
مۇشۇنداق جاۋاپسىز سۇئاللار قىزنىڭ يۈرەك باغرىنى ئۆرتىمەكتە.............
قىزنىڭ ئىككىلنىپ تۇرغانلىقىنى سەزگەن شوپۇر ، قىزغا يول كۆرسەتكەن سىياقتا .....
- << بۇ يەردە ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىز يوق ھەقچان ، خالىسىڭىز سىزگە بىر قۇر كىيىم كىچەك ئېپ كىلەي ، بۇ پۇرلىشىپ ھەلەق بوپ كەتكەن كۆينەكلىرىڭىزنى باشقىلار كۆرسە نىمە دەپ قالىدۇ ؟>>..
شوپۇرنىڭ << ھەلەق بوپ كەتكەن ..>> دىگەن سۆزىنى ئاڭلىغان قىز جان ئاچچىقىدا :
- << ئاغزىڭنى يۇم ، ۋىجدانسىز .....>>.......
دەپ ۋارقىراپ سالدى ..
ئۆزىنىڭ مەسخىرە ئارلاش دىگەن گېپىدىن ئەيمىنگەن شوپۇر يەنە ئاستاغىنا :
- << شۇنداقتىمۇ  كىيىم ئالماشتۇرۇپ نەگە بارسىڭىز بارمامسىز ، بۇ تۇرقىڭىزنى خەخ كۆرسە مازاق قىلىدۇ >> ... دەپ تەسەللى بەردى .
قىز باشقا ئۈندىمەيىتتى . گەپ قىلغاننىڭمۇ پايىدىسى يوق ئىدى .
قىزنىڭ ماشىنىدىن چۈشۈشكە جۈرئىتى يوقلىقىنى پەملىگەن شوپۇر ، ماشىننى ماشىنا توختىش ئورنىدا قالدۇرۇپ قىزغا بىر قۇر كىيىم كىچەك ئېلىش ئۈچۈن يىقىن ئەتراپتىكى ماگزىنغا كەتتى ، بۇ ۋاقىتتا قىزمۇ بوش كەلمىگەن ئىدى ، شوپۇرلۇق پىراۋىنىڭ شوپۇر ئۈچۈن مۇھىملىقىنى بىلەتتى ، شۇڭا ماشىننىڭ ئۇ يە بۇيە لىرىنى ئاختۇرۇپ ئاخىرى مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تېپىپ ، ئىچ كىيمى ئىچىگە تىقىۋالدى .......
يېرېم سائەتلەردىن كىيىن شوپۇرمۇ كەلدى ، بىر قۇر يىڭى كىيىم ، يەنە يەيدىغان يىمەكلىكلەرنى ئەكەلگەن ئىدى ....
ئۇ ياۋاش يۇمشاق تەلەپپۇزدا قىزغا قاراپ دىدى :
- << بۈگۈن كەچ بوپ كەتتى ، ما كىيىملەرنى ئالماشتۇرۋالغاچ ، يۈز كۆزىمىزنى يۇيۇۋالايلى ، ئاندىن يان تەرەپتە بىر مىھمانخانا باركەن . شۇ يەدە قونۇڭ ، مەن ماشىنىدا ئۇخلىساممۇ بولىدۇ .. باش كۆزىڭىزنى يۇيۇپ تارىمىسىڭىزمۇ بولماس ،،،،>>.........
ساددا قىزمۇ ماقۇل كۆردى بولغاي ، كىيىملەرنى ئېلىپ مىھمانخاننىڭ ياتىقىغا كرىپ كەلدى ،،، قارىماققا خىلى ئىسىلدەك قىلاتتى ... يۇمشاق كارۋات ، گىرىم قىلىش ئۈستىلى ، تىلۋىزۇر ، ئىسسىق سۈيى بار مۇنچا .........
ئاۋال يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ ، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۋالدى ، ئاندىن كۆڭلىگە نە خىياللارنى پۈكتى بولغاي بەلكىم بۇ شوپۇرنىمۇ ئۇخلىتىپ قويۇپ غىپپىدە يۇقىلىشنىمۇ پىلانلاپ قويغان ئىدى .........
بىراق بۇ شوپۇر ئۇنداق يۇۋاش ئەمەس ، پەملەپ قويسا ماقۇل دەيدىغان،،،،
كۆڭلىدە يەنە نىمە شۇملۇقلارنى پۈكۈۋاتىدۇ ، قىز ئەسلا بىلمەيدۇ ...
قىزنىڭ ئوتلۇق ھىسىياتىغا چىدىماي قالغان شوپۇر داۋاملىق شۇ ئالداپ شىلاپ يۈرۋالسام دەپ ئويلىدىمۇ ، بۈگۈن كىچىنى ئاشۇ ئىسىل مىھمانخانىدا ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىدا نىمىلەرنىدۇ پىلانلاۋاتاتتى ....
بىردە تاماكا چەكسە بىدە ئىچىملىك ئىچىپ تىت - تىت بولۇپ مىھمانخانىنىڭ ئالدىدا چۆگىلەپ يۈرەتتى .........
ئالا ھەزەل  بىرە ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەتتى ، قىز شوپۇرنىڭ تىزراق ئۇخلىشىنى كۈتسە ، شوپۇر قىزنى يەنە قانداق ئىندەككە كەلتۈرۈشنى ئويلايىتتى ....
يۈرىكى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە تىپچەكلەۋاتقان شوپۇر ئاخىرى  تاقەت قىلالمىدى .... دەررۇ ماشىنىدىن گۇۋاھنامىلەرنى ئەكىلىش ئۈچۈن ماڭدى ، چۈنكى ئاياللارنى بەك سۈرۈشتە قىلمىغان بىلەن ئەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرمىسە مىھمانخانىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى .........
ئۇ يە - بۇ يەنى ئاختۇردى ، كىنىشكىلەر يوق تۇراتتى .......
تېخىمۇ تىت -تىت بولغان شوپۇر نىڭ تېخىمۇ تەلۋىلىكى تۇتۇپ ،  خادىملارنىڭ توسىشىغا ئۇنىماي ياتاققا كىرىپ كەلدى .
يۇيۇنۇپ جىسمى سۈزۈلگەن قىز ئۇنىڭ كۆزىگە يەنە بىر قېتىم ئىسسىق كۆرۈندى .........
ئەمما ھېلقى كىنىشكىلەر تېخىمۇ مۇھىم ئىدى ..
گەرچە شۇنداق جۇدۇنلىقى تۇتقان بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا قىزغا قاراپ دىدى .
- << كىنىشكىلەر قېنى ؟ >>
- << نىمە كىنىشكە ؟>> قىز بىلمىگەن قىياپەتتە جاۋابەن ............
- << مىنىڭ كىنىشكىلىرىم ، ئۇنى ئاددى چاغلىماڭ ، سالاھىيەت كىنىشكە ، شوپۇرلۇق كىنىشكە ، مال ئېلىش تالۇنى....... سىز تۆلەپ بولالمايسىز ئۇلارنى ..... ھېلى بىكا ساقچى چاقىرىپ يۈرمەي .>>..................
ئەزەلدىن يالغانچىلىق قىپ باقمىغان قىز يەنىلا ساختىپەزلىكنى ئوخشىتالماي ياستۇقى ئاستىدىن ئېلىپ بەردى ، ئەسلى ئۇنىڭ ئويىچە بولغاندا شوپۇر بىرەر ئىشقا قىستىسا شۇنى بانا قىلىپ تۇرۋالماقچى ئىدى .
بىراق قەلبىدىكى ساداقەتمەنلىك ، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇنى بىرىۋىتىشكە ئۈندىدى .....
شوپۇر ئۇ نەرسىلىرىنى ئېلىۋالغاندىن كىيىن سىرىتقا چىقىپ مۇلازىملارغا نىمىلەرنىدۇ ، دىدىيۇ ياتاققا يەنە كىرىپ كەلدى .
جالاققىدە ئىشىكنى ياپتىيۇ ، دەررۇ قىزنىڭ يېنىغا كەلدى ، ئاندىن يەنە سۆزلەپ كەتتى  :
- << بۈگۈن ئاخشامنى بىللە ئۆتكۈزەيلى بولامدۇ >> ؟
شۇ تاپتا قىز نىمە دىيىشىنى بىلمەيىتتى شۇنداقتىمۇ تىلى ئاران سۆزگە كەلدى :
- << سىز ، ...سىز يەنە نىمە قىلماقچى ؟.... مۇشۇ قېتىملا دىگەنتىڭىز ،،،، گېپىڭىزدە تۇرمامسىز .>>......؟
- << نىمە دەيدىغاندۇ ما قىزبالا ، تويى بولغان ئادەم پادا باقمايدۇ شۇ مۇشۇنداق ئىش قىلىدۇ .... ئۆيىڭىزدە بولغان بولسىڭىزمۇ بۇ كەمدە ئىرىڭىز بىلەن بىرگە بولاتتىڭىز .....>>.......
- << سىز ئەركىشىمۇ يا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ گېپىڭىزدە تۇرمامسىز ؟؟؟؟ يەنە مىنى ۋايران قىلامسىز ؟؟؟>>
- << توغرا ، مەن ئەركىشى ، شۇ ئەركىشى بولغانلىقىم ئۈچۈنلا سىز گە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتىمەن ، ،،، گەپنى ئەگىتمەي كىلىڭە بىردەم بولسىمۇ ھايات پەيزى سۈرەيلى >>!!!!!!!!!!!!!
- << ئەمدى ئاياپ ئولتۇرمايمەن ، ماڭا چېقىلىدىغان بولسىڭىز ، ساقچىغا مەلۇم قىلمەن ،، ......... ئىسمىڭىز ، مەخمۇت ، خوتەن گۇما ناھىيە ئىچىدىن ، 29 ياش ........... شۇندامۇ يا ؟؟؟ مەن ئاللىقاچان بىلىپ بولغان تىگى تەكتىڭىزنى ......>>.........
- << ھە ، يەنە چۇ ؟ يەنە نىمىلەرنى بىلدىڭىز ، بىر بالام بارلىقىنى ............ياخشى ، تىگى تەكتىمنى بىلسىڭىز نىم بوپتۇ ، ساقچىلار ھازىر ئىشەنمەيدۇ ئۇ گەپلىرىڭىزگە ،،،،، بۇرۇنقى زامانلا كەتتى ....... ماشىنىغا زولاپ چىقاغانمۇ دە ھىچ بولمىسا...>>........
- << كۆزۈمدىن يوقال !! سىنى كۆرە كۆزۈم يوق ... سەندەكمۇ ئادەم بولامدۇ ؟ مەن نىمە كويىدا بىلەمسەن .؟؟؟؟؟؟؟ ،>>
- << بىلمەمدىغان ، سىز شۇ مەن بىلەن يېتىشنىڭ كويدىغۇ ،،،،، ھې ھې ھې ...... يەنە بىر قېتىم بىرگە بولسام دەۋاتقانسىز ئىچىڭىزدە >>....
- << ئىسىت ، سىنىڭ بىربالىنىڭ دادىسى بوپ قالغىنىڭ .... ئىپلاس >>...........
قىز يۈگىرەپ كەلگىنىچە شوپۇرنى بىر تەستەك سالدىيۇ ،،، قىزنىڭ قولى تىگە تەگمەيلا شوپۇر ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىلىپ شالىلىرىنى چاچقىنىچە تورلاشقا باشلىدى ..
- << ئاڭلاپ تۇ ، مەن ھىچقاچان قىز- چوكانلارغا بۇنچىلىك يالۋۇرۇپ باقمىغان ، سىنىڭ ماڭا ئۇچرىغىنىڭ تەلىيىڭ ،، كىم بىلىدۇ ،، ئاشۇ سەرادا كىمگە نىسىپ بولىسەن بۇ چاغ..؟؟؟؟ ھەر قانچە قىلساڭمۇ بىكا ... مەن تەييارلىق قىلىپ بولدۇم ، بۇ يەرگە ھىچكىم كەلمەيدۇ ، بۇگۈن كىچە سەن مىنىڭ...........>>.............
ئاللىقاچان مۇلازىملارنىڭ دەخىلى قىلماسلىقىنى تاپشۇرۇپ ، ھىچكىمنىڭ كىرمەسلىكىنى تاپىلاپ ئىشنى توغىرلاپ بولغان شوپۇر ، ئەمدى بولغاندا بۇ ئىسىل ياتاقنىڭ خوجىسىغا ئايلاندى ،،،،،،،
قىزنىڭ ئاھۇ - نالىسىگە پەرۋاسىز ھالدا كارۋاتقا تاشلاندى ،،، شۇ تاپتا شوپۇرنىڭ نەپسى قارنى تويۇنۋاتقان بولسا ، قىزنىڭ يۈرەك باغرى كىملەرنىدۇ ئىزدەيىتتى .... كۆزلىرىدە ھىجران ياشلىرى ئاقسا ، يۈرىگى پارە - پارە بوپ كىتۋاتاتتى ...........
بۇگۈن كىچە قىزنىڭ يىغلاپ چىققان كىچىسى بولدى .......... يۇلتۇزلار نەلەرگىدۇ يوقالغان ، ئاينىڭ يۈزىمۇ تۇتۇلغان ،،،، خۇددى بۇ پاك قىزنىڭ ئارقا - ئارقىدىن خورلىنۋاتقانلىقىغا چىدىمىغاندەك ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز نۇرىنى يۈشۈرۋاتقاندەك.........
بۇ كىچە شۈنچىلىك ئۇزۇن تۇيۇلدىكى قىز ھاياتىدىكى ئەڭ ئۆكۈنىشلىك بىر كىچە شۇنداقلا ئەڭ ئۇزۇن بىر كىچە بولدى .........
ئاياغلاشمايدىغان سورۇن بولامدىغان ..؟... بۇ بىھەيۋەت كىچىمۇ ئاخىرلاشتى ............
كۈن يەنە ئۆز ئورنىدىن ئاستا - ئاستا يورۇشقا باشلىدى ،،، ئەمدى ئار نۇمۇس  ۋە ۋىجدان ئازابىدا قالغان قىز قانداق قىلالىسۇن دەيسىز.......  شۇ تاپتا ئۇ   << مەن تۈگەشتىم ، سۆيۈملۈك جانانىم مەن ئۈچۈن بىر ئەسلىمە بوپ قالدى ، ئەمدى يەنە ئۇنىڭ ئازابى ئۈچۈن قېشىغا بارايمۇ ؟ بارسام ئۇ مەن ئۈچۈن خوش بولارمۇ ؟ ئاھ خۇدا مەن نىمە گۇناھ قىلدىم ، مىنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن >>  دىگەندەك بىر ئېنىق ، بىر ئېنىقسىز بولغان خىياللارنى سۈرمەكتە..........
يەنە بىر قېتىم يىڭى توي قىلغاندەك تۇيغۇغا ئىرىشىپ كۆڭلى كۆكسى يورۇپ كەتكەن شوپۇر بىردە خۇشاللىقدىن تۇرالمىسا بىردە سەل ئەنسىرەپ قالغان ئىدى ، ئۇ ئۆز كۆڭلىدە < بۇ بىرنىمە ئەمدى ماڭا ئىش تېرىپ بىرەمۇ ؟ >............. دىمىسمۇ شۇنداق ئىھتىماللىق بادەك قىلاتتى ..چۈنكى قىز ئۇنىڭغا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ بوپ كەتكەن ئىدى .
- < ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك ؟ > شوپۇر بىرەر ئامال تاپمىسا بولمايدىغاندەك قىلاتتى ......
ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى  يا ئۇنى بىرەسىگە ئىگە قىلدۇرماقچى ياكى بولمىسا ئېلىپ كىتىپ كىچىك خوتۇن قىلدۇرۇشنى لايىق كۆردى ، بىراق بۇ ئامالمۇ بولمايدىغاندەك قىلاتتى ......
ئەگەر كىچىك خوتۇن قىلسا چىقىمى ئېشىپ كىتىدۇ ، چوڭلار ئۇقۇپ قالسىمۇ يۈزىگە سەت بولىدۇ ، ئەڭ ياخشىسى بىرەسىگە بىرەر كىچە ھەمرالىققا بىرىشنى لايىق كۆردى دە ، قىزنىڭ ئالدىغا كىلىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرگىنىچە ئۆتۈنۈشكە باشلىدى :
- << كەچۈرۈڭ ، سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن ، ئەسلى بۇ ئىشلارنى قىلغۇم يوق ئىدى ، ئەمما ھىسىياتىمنى پەقەت باسالمىدىم ،،، سىز گە ئازار بىرىپ قويدۇم..>>.......
- << بۇ گېپىڭنى بېرىپ ھامما ئاچاڭغا دەپ بە،، سەن مىنى ۋەيران قىلدىڭ ،،،>>........... قىز ئورنىدىن چاچراپ تۇرغىنىچە شوپۇرنىڭ  كۆينىكىنى تۇتۇۋالدى ،
- << نىمە پايدىسى ئەمدى ، ئورنىغا كىلەمدۇ ؟....... ئەمدى راسلا سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن ... نەگە دىسىڭىز شۇ يەگە ئاپىرىپ قوياي بولامدۇ ... بۇ گېپىم راس ، خۇدايىم بۇيرۇسا ، گېپىمدە تۇرىمەن ،،>>..........
- << مەن ئەمدى نەگە بارالايمەن . سەن بەك ھايۋانكەنسەن ....>>......
قىزنىڭ ھەسرەتلىك ياشلىرى توختىماي ئېقىشقا باشلىدى ، قىزنىڭ شۇ تۇرقىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلماي قالمايىتتى ....
شوپۇر نىمە قىلىشىنى بىلەلمىگەندەك بىر ھازا تۇرۇپ قېلىپ يەنە ئەزۋەيلەشكە باشلىدى :
- << بولدى قىلىڭ ،،، سىزگە نىمە لازىم ؟؟؟؟ پۇل لازىم بولسا بىرەي ، ئالاي دىسەم خوتۇنۇم بار ......قانداق قىلىسىز ،، ياكى بولمىسا بۇ يۇرىتتا ئۇرق تۇققىنىڭىز بولسا قېپ قېلىڭ ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئىككىلىمىز ئۆز يولىمىزغا كىتىۋىرەيلى .>>.............
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قىزنىڭ تېخىمۇ خۇيى تۇتۇپ قالدى :
- << سەن مۇشۇنداقلا قۇتۇلماقچىما ، سەن نەگە بارساڭ شۇ يەگە بارىمەن ، مىنى يۇرتۇمغا ئاپىرىپ قويىسەن ، ئاندىن كەڭ جامائەت ئالدىدا بۇ مىنىڭ خوتۇنۇم ، ئەسلى بۇرۇن نىكاھلانسام بولاتتى ئەمما ياقا يۇرىتتا بولۇپ قېلىپ كىلەلمىدىم ، ئاخىرى بولۇپ توي كىچىسى ئېلىپ قاچتىم ............ دەپ مىنى ئاقلايسەن ، شۇنىڭدىلا ئاتا - ئاتامغا ، ئەل جامائەتكە يۈز كىلەلەيمەن ،، ئۆيدىكىلەرمۇ پىتنە ئېغۋادىن قۇتۇلالايدۇ ،، مانا بۇ سىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىڭ .>>................
قىزنىڭ بۇ گەپلىرى شۇنچىلىك ئاچچىقتا دىيىلدىكى ھەتتا بۇ كەمگىچە بۇنداق گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى ، شۇ تاپتا بۇ قىز تولىمۇ قەيسەر ھەم جۈرئەتلىك بوپ كەتكەن ئىدى........
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان شوپۇر قىلغان ئىشىنىڭ ئۆزىگە بالا بوپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى ئەمما بۇ ۋاقىتتا كىچىكتى ........
كۆڭلىدە   < دەپ قويغان گېپى .....> ئۇنداق دىگەن بىلەن بەرىبىر قىلالمايدۇ ،،، دەيىتتى .
ئەمما قىز قارارىدىن زادىلا يانمىدى .... ماشىنغا ئەگىشىپ چىقىتى ... شوپۇر قانچە سۆزلىسىمۇ ئۇنىمىدى :
- << ئۆتۈنۈپ قالاي بۇنداق قىلماڭ بولامدۇ .... مەن يا يۇرتىڭىزدىكىلەرنى تونىمىسام .... بارسام نىمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ ؟؟؟>>......
- << ئەمدى بوغاندا ماڭا بۇ گەپلەرنى دىيىشكە قانداق يۈزۈڭ چىدىدى ؟؟؟؟؟؟- مەن يالۋۇرغاندا ئويلىمىغانمىتىڭ ،،، >>...
قىز شۇ تاپتا ھەتتا ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالەتتە شوپۇرغا يېپىشتى ،،،،،،،،
- << ئەجىبا ، غۇلجىغىمۇ بىللە بارامسىز >؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟>>....
- << نەگە بارساڭ شۇ يەرگە بارىمەن ،>>،،،،،،،،،،،
قىزنىڭ ئەلپازى تېخىمۇ يامانلاشتى .......
ھىچ قىلىپ قۇتۇلالمىغان  شوپۇر ماشىننى ھەيدەشتىن باشقا ئامال قىلالمىدى ...
ماشىنا يەنىلا ئىلگىرلىمەكتە ....... ئۈرۈمچىنىڭ مەنزىرىسىنى كىسىپ ئۆتۈپ شىمالغا قاراپ ماڭدى .......................

تويى بولغان يىگىت قانداق بوپ كەتكەندۇ ؟؟؟؟؟ - ئۇلارنىڭ مەھەللىسى چۇ ؟
تويى بولغان يىگىت يەنىلا شۇ ئۆز ھۇجىرسىدا ، تالا تۈزگىمۇ چىقمىدى ، تۈزۈكراق تاماقمۇ يىمىدى ،،،،، ئەلۋەتتە مۇشۇنداق چوڭ ئىش چىققاندىكىن يەي دىسىمۇ كۆڭلى تاتمايىتتى .......مانا بۈگۈن 3 - كۈنى يىگىت ئاخىرى  تالا تۈزگە چىقتى ، مەھەللىدىكى گەپ - سۆزنىڭ  ئۇنىڭ ئارقىسىدا بولىۋاتقىنى تېخى ئۈزىلىپ قالغىنى يوق ،،،،،
يوغان سېرىق سۆگەت تۈۋىدە پاراڭلىشىپ تۇرغان ئىككى ئۈچ ئاغىنىسى ئۇنى كۆرۈپ بەس بەستە گەپ ئاتقىلى تۇردى :
- << ئاداش ، ئاڭلىساق خوتۇنۇڭ چوكانكەن ،، نىمدەپ ھەيدىۋەتكەنسەن ... خوتۇن قىلىۋەرسەڭ بولمامتى .. شۇنچە پۇل خەجلەپ بىر كىچىلىككە بىر چوكاننى ھەمرا قىلدىڭما ؟؟؟؟؟؟؟>>............
- << كۆينەكنىڭ بىرە يېرى يىرتىلىپ كەتسىمۇ ، ياماپ كىيمىز ئەمەسمۇ ؟ ئۆي تۇتۇپ قالماي ،،،، خىلى پەيزى باتى خوتۇنۇڭنىڭ ..>>..
- << ئاغىنىلەر ، بۇندىن كىيىن توي قىلساق ئاۋال لوپا ئەينەكتە تەكشۈرۈپ ئاندىن ئالايلى ھە - بولمىسا تۆشۈك پايپاقنى كىيىپ سالمايلى يەنە ؟----------->>..............
سورۇندىن پاراققىدە لاۋزا كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى ...........
شۇ تاپتىكى يىگىتنىڭ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلەپ ، ئاچچىقى بىلەن دەپ كەتتى :
- << كىم قويدى ھەقاسىڭنى  سالاچىلىققا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ئاسام مەن ئالدىم . قويۋەتسەمۇ مەن قويىۋەتتىم .... ئارلاشما ،،،، ھە قاسىڭمۇ مادا ئىشەكتىن بىرنى ئەپ بېقىپ ئاندىن ماڭا گەپ چاپلاش ........>>،،،،،،،،،،،،،،
يىگىت شۇنداق دىگىنىچە شەھەرگە قاراپ يول ئالدى ، ئاز تولا كەيىپ ساپا قىلىپ ئىچىنى بوشىتۋالغۇسى كەلگەن بولسا كىرەك .........
ھېلقى يۇقتى مەرەزلەر كوتىلداشقىنىچە قېپ قېلىشتى ....................



                                          
كەچۈرۈڭلار : ھەممىنى بىراقلا يوللىغىلى بولمايدىكەن ،، تور سىغىمى يىتىشمىدى ،،،شۇڭا ئاخىرنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىدىم .....
ئەگەر داۋامىنى كۆرمەكچى بولساڭلار   7 - 8- بەتتىكى ئىنكاسىمغا نەزەر سالغايسىلەر``````

ئاخىېرى ئىنكاس شەكىلدە ./read.php?tid-105456-fpage-0-toread--page-7.html

ئاخىرى ئىنكاس شەكلىدە ./read.php?tid-105456-fpage-0-toread--page-8.html
                                  
[ بۇ يازما xir~ تەرپىدىن2009-04-12 17:29دە قايتا تەھ ]
يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:+5(ئۈمۈد007) ئالقىشلانغا ..
  •   تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
      تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-06, 12:13

     

    مىسرانىم تورى
    قەدىرلە ھاياتنى ~~~~~~~~~~~~~~~~~~
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    ئاجايىپ
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    UID نومۇرى : 19313
    نادىر تېما : 4 پارچە
    يازمىسى : 1382 پارچە
    شۆھرەت: 3813 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 840 سوم
    تۆھپە: 352 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 165 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1338(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-28
    1  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 20:50
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئىنكاس.................................
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى،
    ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى
    .
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 82111
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 30 پارچە
    شۆھرەت: 30 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 300 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-04-03
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-05-28
    2  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 20:54
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    مەن  ئاخىرنى  كۇرۇپ   ئاندىن   كىيىن  يازاي  ....
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ھاياتنىڭ  ئۈزى  سىر  .
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا
    UID نومۇرى : 66364
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 202 پارچە
    شۆھرەت: 301 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2019 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1108(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-12-03
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-28
    3  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 21:10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ ئۇ يىتىم قىزنىڭ تەغدىرىدىن ھەجەپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم ، ھەي تەڭسىز دۇنيا .  
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 81980
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 16 پارچە
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 160 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 70(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-04-13
    4  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 21:11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئاخېرنې  تېز يۇللاڭ تېز  تېز  تېز -بۇلۇڭ       
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    ئسلام نورى
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    لوپنۇر قىزى
    دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

    UID نومۇرى : 1536
    نادىر تېما : 1 پارچە
    يازمىسى : 1932 پارچە
    شۆھرەت: 2054 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 19244 سوم
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 76 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1062(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2006-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-25
    5  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 21:12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئىچىم ھەجەپ ئاچچىق بۇلۇپ قالدى ، ئەمدى بىچارە قىزنى يەنە نى قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندۇ
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    كۈڭۈل خالىغاننى قىلما
    ۋىژدانىڭ كۈتۈرگەننى قىل
    شەبنەم ناخشىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 69686
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 133 پارچە
    شۆھرەت: 133 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1280 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 45(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-12-30
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-04-10
    6  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 21:23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئۇرۇن ئىلىپ قۇياي~ھىلى تاپالماي قالماي بۇ تىمىنى~
    ئاياللىقنىڭ ئەڭ گۇزەل پەسلى ئانىلىقتۇر
    شەبنەم ناخشىسى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 75633
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 21 پارچە
    شۆھرەت: 30 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 210 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 61(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-23
    7  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 21:46
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئاخىرىنى تىزراق يوللىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.
          بىچارە قىز........
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا
    UID نومۇرى : 14603
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 304 پارچە
    شۆھرەت: 305 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2403 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 161(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-04-17
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-07
    8  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 22:05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئاخىرىنى تىزراق يوللىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 67916
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 46 پارچە
    شۆھرەت: 46 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 460 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 23(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-12-17
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-04-27
    9  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 22:22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئاخىرىنى تېزرەك يوللىسىڭز بوپتىكەن،تېز،تېز بولۇڭ
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

    UID نومۇرى : 37527
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 1875 پارچە
    شۆھرەت: 2359 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7392 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 4035(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-04-06
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-28
    10  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 22:24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    دىۋەڭ قىز        
    قانۇنسىز تىما يوللىما!
    دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

    UID نومۇرى : 22655
    نادىر تېما : 10 پارچە
    يازمىسى : 3356 پارچە
    شۆھرەت: 4537 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 34510 سوم
    تۆھپە: 1024 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 923 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 767(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-08
    11  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 22:34
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    خۇدايىم مىڭ توۋا

    ماۋۇ ھىكايىنىڭ مەزمۇنى ئەختەم ئۆمەرنىڭ <كۆزۈڭنى ياشلىما ئامرىقىم> غا ئەجەپ ئوخشايدىكىنا؟

    خاتا كۆرۋالمىغاندىمەن


    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز
    بەزى ئادەملەر بىر قاپاق سۈينىڭ تۆكۈلگىنىگە زارلانمايدۇ، ئەكسىچە بەزى ئادەملەر بىر تامچە سۈيى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئاھ ئۇرىدۇ

    دەرىجىسى : شەبنەم سادىق ئەزاسى
    UID نومۇرى : 63866
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 972 پارچە
    شۆھرەت: 6753 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3759 سوم
    تۆھپە: 28 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 961(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-28
    12  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 22:38
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    خۇدايىم مىڭ توۋا

    ماۋۇ ھىكايىنىڭ مەزمۇنى ئەختەم ئۆمەرنىڭ <كۆزۈڭنى ياشلىما ئامرىقىم> دىن ئۆزگەرتىپ ئىلىنىپتۇغۇ؟

    ئازراقلا ئۆزگەرتىلىپ؟

    بۇ نىمە قىلىق ئەمدى؟؟؟؟؟؟
    شۇنداق مەنمۇ بۇرۇن ئۇقىغان ...بۇ نىمە ئىش بۇلۇپ كەتتى ئەمدى
    ياخشى ئادەم ئولسىمۇ ياخشى نامى ئۆچمىگەي  

    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 56488
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 172 پارچە
    شۆھرەت: 173 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1710 سوم
    تۆھپە: 2 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 776(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-08-06
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-03
    13  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 22:48
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئۇرۇن ئىلىپ قۇياي     
    ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن،
    ئەقىدەمگە يىغلايمەن.
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 76772
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 159 پارچە
    شۆھرەت: 177 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1590 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 383(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-03-16
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    14  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-04-06 23:18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    مەيلى كىمنىڭ يازغان تىمىسى بولسۇن ئاخىرنى تېزراق يوللىسا بوپتىكەن!!! قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى كۆرگەندەك ئىش بولدىغۇ