ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ئەسەرنىڭ داۋمى :
يىگىتنىڭ ئانىسى يەنە ئارلاشتى .....
- << تولا قۇدام ، قۇدام دەۋېرىشمە نىرۋامنى ئۆرلىتىپ ، قۇداڭ نەدىكەن ،،،،، گەپنى ئاز قىلىپ ، ۋاي ساختىپەزلەر كىم بىلىدۇ تېخى قىزىڭنى قازناق ئۆيگە سولاپ قويدۇڭمۇ؟؟؟؟؟؟؟>>..........
بۇ گەپ قىزنىڭ ئۆگەي دادىسىنىڭ زىتىغا تەگدى بولغاي ، ئۇمۇ تەڭ توۋلىغىلى تۇردى :
- << خوتۇن كىشى دىگەن زادى پەس كىلىدۇ ئىشەنمەپتىكەنمەن ، ....... يېزىلىق دىگەن زادى تومپايكەن .... نىمە كۆكەمىلىك قىلىدۇ ، ما خوتۇن ......>>.......
يىگىتنىڭ ئانىسى ئۆزىنى تۇتالمىدى ، قىزنىڭ ھويلىسى بىر ھازا ئىككەيلەننىڭ بەس مۇنازىرە مەيدانىغا ئايلاندى :
- << ما خوتۇن ، نەدىكەن ئۇ خوتۇن ، ھۇ چوقۇر يۈز ، يۈزۈڭدىكى ئۇشاق - چۈشەك نەسىلەرنى بازاغا ئاپىرىپ ساتسا مىنىڭ پايپىقىمنىڭ پۇلىغا ئامماس ، لەنىتى سەن خەخقە،،>>.......
- << ھوي قېرى ، سەندەك قېرىنىمۇ ئە ئاپتىكەن ، ئاغزى يامان پەسكەش....>>..........
- << ئە ئالغاچقا تۇغقان ئاشۇندا ئالتۇندەك بالىنى ،،،، پۇل مېلىمنى بىرىشسەڭ ، 16 ياشلىق قىزدىن بىرنى ئەپ بىرىپ ئوغلۇمغا ، كۆزەڭدىن ئوت چىقارمىسام ھىساپ ئەمەس ، خەپ توختاش !!>>..........
- << ما قېرىنىڭ ئوساللىقنى ۋاي موچەنگە چىدىمايدىغان قەلەندەنىڭ قىزى ، يوقال كۆزۈمدىن >>.........
- << نىم دەيسە ، ماڭا قىلە گېپىڭنى .....>>.........
يىگىتنىڭ ئانىسى ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا قىزنىڭ ئۆگەي دادىسى ئالدىغا يۈگەدى دە ياقىسىدىن تۇتىۋالغىنىچە دەپ كەتتى :
- << ھە بىرە پۇلۇمنى ، يا قىزڭنى بە يا پۇلۇمنى ، ........>>...........
يىگىتنىڭ ئانىسى ھىچ گەپ تىڭشايدىغاندەك ئەمەس ، قىزنىڭ ئۆگەي دادىسىمۇ تەڭمۇ تەڭ تىكلەشمەكتە ...
- << ۋاي خۇدايىم ، ۋاي دادىسى بۇقاققا ئۆتۈڭ ، ۋاي قۇدام .>>..........
قىزنىڭ ئانىسى ئىككىسىنىڭ ئارىغا چۈشۈپ ، جىدەلنى پەسەيىتمەكچى بولدىيۇ ، ھەر ئىككەيلەننىڭ ئەلپازى بىر - بىرىدىن يامان بولغاچقا ھىچ ئاجرىتالمىدى ........
ئۇنىڭغىچە بىر قانچە تام قوشنىسى كىرىپ ئىككەيلەننى ئاجرىتىپ تەسەللى بەرگىلى تۇردى .
- << ۋاي بولدى ،،، بولدى قىسلا .... سەت تۇرىدۇ خەلقى ئالەم ئالدىدا .>>..........
بىر ھازا جەڭگە جىدەلدىن كىيىن ئىككەيلەن سەل بېسىقتىيۇ ئەمما يىگىتنىڭ ئانىسى يەنىلا توختاپ قالمىدى .
- << ھە ، نانلىقىدا ئەكەگەن ئالتۇن ئۈزۈك ، ئىككى كىيىم چىكەن ، شۇلانى ئەچىق ، تويدا 6 مىڭ كويغا مىمان ئۇزاتتۇق ئا پۇلنىمۇ ئەچىق ......>>...........
ۋاي بۇ نىمە جاھان بوپ كەتتى ئەمدى .... ئەمدى بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلىش كىرەك ،، قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى نىمىلا دىگەن بىلەن يىگىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يۈز كىلەلمەيدۇ دە -
بۇ پاراڭلارنى ئاڭلىغان خۇلۇم خوشنىلار ئەسلى ئىشنىڭ تىگى تەكتىنى بىلگەندەك بولدىمۇ قانداق ،، بۇلارنى كىلىشتۈرۈپ قويۇش مەخسىتىدە ئارىغا چۈشتى .
- << قارىسلا ، سىلىمۇ ياشقا خىلى چوڭكەنلا ، بۇلاردا نىمە گۇناھ ؟ كىم بىلدى بۇنداق بولىشىنى ،،،،،، ھەممەيلەن مۇسۇلمان بوغاندىكىن گەپ چىشلىمىسەك بولماس ....>>........
خوشنىلارنىڭ ياخشى گەپلىرى يىگىتنىڭ ئانىسىغا تەسىر قىلدىمۇ قانداق ،،،، سەل پەسكويغا چۈشتى ،،
ئەمما يەنىلا دىگەن گېپىدىن يانمىدى :
- << ئىشقىلىپ ئاشۇ چىقىملارنى بەمىسە ، ئۆلىكىم چىقسا چىقىدۇ بۇ ھويلىدىن ، تىرىكىم چىقمايدۇ ،،، مىنى بوش كۆمىسۇن .>>........
قارىغاندا يىگىتنىڭ ئانىسى پەيلىدىن يانىدىغاندەك ئەمەس......
ئامدى قانداق قىلىش كىرەك ؟ بۇ سۇئال قىزنىڭ ئانىسىغا قويۇلغان جاۋاپسىز سۇئال بولدى .
بىچارە ئانا شۇتاپتا قىز تۇققىچە ئوغۇل تۇغسامچۇ دەپ كەتكەندۇ ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا بىز ئۇنداق تاللاشتىن مەھرۇم!!!!!!!!!!
قوشنىلار يىگىتنىڭ ئانىسىنى بەزلىمەكتە ، قىزنىڭ ئانىسى بىلەن ئۆگەي دادىسى بىر چەتتە بىر - بىرىگە ياتلارچە قارىشىپ بۇ ئىشنى مەسلىھەتلەشمەكتە!!!!!!!!!!
ئاخىرى قوشنىلارنىڭ مەسلەھىتى ، يىگىتنىڭ ئانىسىنىڭ جاھىللىقى بىلەن پۇل ، نانلىققا كەتكەن نەرسە كىرەكلەرنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇلدى ...
يىگىتنىڭ ئانىسى نەرسىلەرنى ئەپ بولغاندىن كىيىن قاقشىغىنىچە ئۆيىگە ماڭدى ........
ھەممە ئىشنىڭ تاپا - تەنىسىگە قالغان ، قىزنىڭ بىچارە ئانىسى نىمە قىلارىنى بىلمەيىتتى ، يولدىشى بولسا خەخنىڭ ئالدىدا بەمەي دىسە بىرىپ سېلىپ ئەمدى بوغاندا تاپا تەنىگە چۈشتى :
- << كۆدىڭىزمۇ ،،،،،،،قىزىڭىزنىڭ خىللىقىنى ..... ھە ، ئەمدى قاندا بولدى ؟؟؟؟؟؟ تەربى نەسىھەت قىممىغانما تويدىن بۇرۇن ..... چاپاندىكى پىت ئەمەس ،، بىر مۇنچە پۇلتى ئا خوتۇنغا بەگىنىم ...>>.......
بىچارە ئانا ، يەنە نىمىمۇ دىيەلىسۇن،،،،،،،،ئۈنتۇنسىز باش كۆتۈرمەيلا ئولتۇردى .......
قەلبىگە سانجىلىۋاتقان ئاچچىق گەپلەرنىڭ جىقلىقىدىن ھەتتا قىزنىڭ نەدىلىكنى ، نىمىش قىلىۋاتقىننىمۇ ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى ........
ھەي توۋا ، بۇ ئالەم مانا مۇشۇنداق تەڭسىز .......... تەگمەي دىسە جان باقماقنىڭ تەسلىكى .........
بالا بىلەن تەككەندىكىن شۇنداق بولىدىغان گەپ ،،،،،،،،،،،،،،،
قىزنىڭ ئۆگەي دادىسى بىر ھازا تاپا - تەنە قىلغاندىن كىيىن ، ئېغىزى بېسىقماستىن نەلەرگىدۇ غايىپ بولدى .
بەرىبىر پايدىسى يوقدە ،،، بولۇپ بولغان ئىشنى تەگەۋەرگەننىڭ .........
- << قىزىمىز يولدىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەتتى >>....... دىگەن خەۋەرمۇ مانا ئەمدى << قىزى توي كىچىسى بىرى بىلەن قېچىپتۇ ..>>......دەپ تارالدى ، بىچارە ئانا تالا تۈزگە چىقسىمۇ باشقىلارنىڭ قىزىڭىز كەلدىمۇ ؟،،،، دەپ سوراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيىتتى ......
پەقەتلا جايناماز ئۈستىدە دۇئاسىدا - << ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم ، ھەركىمنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگىن ، گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن ، قىزىمنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!!!!!!>>..............
دەپ ياش تۆكەتتى ....................
مەھەللە كويلاردىكى بۇ قىزىق نوختىلىق خەۋەرمۇ بارا - بارا سۇسلىشىپ قالدى .............
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن يىگىت ، قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆز ئىشلىرىنى قىلۋەردى ......شۇندىن كىيىن بىر بىرىنىمۇ ئىزدەشمىدى ...................................
ۋاقىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ ، مانا ھەش - پەش دىگۈچە 2 يىل ئۆتۈپ كەتتى ..................
قىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى چىرايى تەقى تۇرقىنىڭ يېرىمىمۇ قالمىدى ....................
نە ئۆلىۋىلىش ، نە قچىش خىياللىرمۇ بەرپات بولدى،،،،،، مەڭزىنى - مەڭزىغا يېقىپ كۆرۈشۈش ، ئوخشىغان تاماقلارنى يىيىشتىن مەھرۇم قالغان قىز مانا ئەمدىلىكتە~~~~~~~~~~~~
ئۇچىسىغا قازاقلارنىڭ كىيمىنى كىيگەن ، قورسىقى پومپايغان قىز ئاللىقاچان بىر بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ بولدى ،،يەنە نەچچە ئايدىن كىيىن يەنە بىر بالىنىڭ ئانىسى بولۇش ئالدىدا..............
دەرىت ئەلەم ئىچىدە ئۆتكەن بۇ ئىككى يىل قىزغا يىگىرمە يىلچە بىلىنىپ كەتتى ، قانچە كىچە ئالىمجاننى ، قانچە كىچە ئانىسىنى چۈشىگىننى ئۆزىمۇ ئۇقمايىتتى ،، نەزەربەنىت ئىچىدە ئۆتكەن ئىككى يىلنىڭ ئازابى قىزغا بىلە بىلىنمەس قورۇق سالدى ،،،،،،،،سېغىنىشنىڭ شىرىنلىكى ، ئەركىنلىكنىڭ شىرىنلىكى ،، ھەجەپمۇ تاتلىق دىسە !!!!!
گەرچە ھازىر بىرسىنىڭ قاراۋۇللىقىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ ئەمما قايتىپ كىتىشىگە ئەسلا ئىشەنچى قالمىغان ئىدى .چۈكى مۇشۇ تۇرقىدا نەگىمۇ بارالىسۇن ؟؟؟..... يۈرەك باغرىنى يېرىپ چۈشكەن ئوماق قىزى بار ئەمەسمۇ تېخى ،،،، كىم بىلسۇن تاشلاپ كەتسە قزىنىڭمۇ نىمە قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدىغىننى ..........
ئۇنىڭ ئەمدىكى خىيالى ئۆز باللىرىغا ياخشى قاراش ،،،،،،،،مەلۇم ۋاقىىتىن كىيىن ئانىسىنى يوقلاپ كىلىش .....
قىزنىڭ قورسىقى كۈنسىرى يوغىناشقا باشلىدى ....ھېلقى قاراۋۇللارمۇ ئەمدى بۇرۇنقىدەك كىچە - كۈندۈز باقمايدىغان بولدى ....
قىزنىڭ يەڭگىيدىغان ۋاختىمۇ كەپ قالدى ، ،،،،،،،،،،،،،
بىرىنجى تۇغۇتى بەك تەسكە توختىمىغان ئىدى ، بۇ قېتىم قانداق بولىدۇ ، بۇنى يەنىلا ياراتقۇچى ئاللاھ ئىگەم بىلىدۇ ،،،،،،،،،
تۈن نىسبى ..... ئەنە كۈتكەن چاغ يىتىپ كەلدى ......
قىزنىڭ قورسىقى ئاغرىپ ، پۇت قولى سىقىراشقا باشلىدى ............
- << ئاھ ، ۋاي قورسىقىم ،>>......
قىز ئىڭراشقا باشلىدى ، قىزنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ھېلقى قاراۋۇل چەت تەرەپتە قاراپ تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيىتتى ،،،،،،،
قىز داۋاملىق تولغاشماقتا !!!!!!!،،،
شۇ تەرىقىدە تۈن كىچە سولغاق ئازابى بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى ،،،،
ئىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلگەن ھىېلقى قاراۋۇل سىرىتقا ماڭدى ، ھەر ھالدا ئاز - تولا كۆيىمى بار بولغان ئىدى ،،،،
ئالا ھەزەل بىرە ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كىيىن بىر ياشقا چوڭراق قازاق موماينى باشلاپ كەلدى ، قارىماققا ئۇ موماي خىلى ئىشنىڭ ئەلمى - تەلمىنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى ..........
موماي قىزنىڭ يېنىغا كەلگەندىن كىيىن ئىشارەت قىلىپ ئەرنى سىرىتقا چىقىشقا ئۈدىدى ،، ئاندىن پەم - پاراسىتى بىلەن قىزنى تىنىچ - ئامان تۇغدۇرۇشنىڭ كويىدا بولدى .........
ئاي بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئاستا - ئاستا يوقاپ كەتتى ........
ئۇزۇنغا سوزۇلغان كىچە ئاخرى تاڭغا ئۇلاشتى ..تاكى كۈننىڭ قىزىللىقى كۆرۈنگىچە سوزۇلغان تۇغۇت ئاخرلاشتى ، ئاخىرلاشقاندىمۇ بالىنىڭ دادىسى ئۈچۈ بىر خوش خەۋەر بولدى ، چۈنكى تۇغۇلغىنى بىر جۈپ بودەك ئغۇل بوۋاقلار ئىدى ...........
موماي قىزنى خۇددى ئۆز قىزىدەك پەپىلەپ پەرۋىش قىلاتتى ،، شۇ تەرىقىدە تاكى قىرىقى توشقىچە ھالىدىن خەۋەر ئالدى ... بۇ جەرياندا موماي قىزنىڭ كۆزىگە خىلى ئىسسىق كۆرىنىپ قالدى ، ئىككەيلەنمۇ خىلى چىقىشىپ كەتكەن ئىدى ........
قىزنىڭ نەزەرىدىكى بۇ << ياۋايىلار>> ئەمدى بولغاندا ، شۇ موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ئارقىلىق بۇرۇنقىدەك كۆزىگە سەت كۆرىنمەيدىغان بولدى ،،،،،
ئىشقىلىپ ئاندا ساندا گەپلىشىپ ، سۆز ھەركەتلىرىنى چۈشىنىشەتتى ..........
ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى بارغانچە ياخشىلاندى .. بىر كۈنى قىز ئۆتكەن - كەچكەن ئىشلارنىڭ ھەممىنى مومايغا سۆزلەپ بەردى ،،، موماينىڭ سەل ئىچى ئاغىردىمۇ ئىشقىلىپ قىزغا بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى قارايدىغان بولدى. نىمىلا دىگەن بىلەن ئىككىلىسى ئايال كىشى ئەمەسمۇ بىر بىرىنىڭ ھىسىياتىنى چۈشۈنىدۇ ،،،،
قىز ھەممە ئەھۋالنى مومايغا ئۇقتۇرغاندىن كىيىن قەغەز قەلەم ئەكىلىپ بىرىشىنى ، يۇرىتتىكى ئاتا - ئانىسىغا ئۆزنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ قويغۇسى بارلىقىنى ئۆتۈندى ...
موماي قوشۇلۇپ ، ئەتىسى نەلەردىندۇ قەغەز قەلەم ئەكىلىپ بەردى ، قىز مومايغا مىڭ رەھمەت ئوقىغاندىن كىيىن مۇنداق خەتلەرنى يېزىشقا باشلىدى :
- << ھۆرمەتلىك ئاتا- ئانا ، سىلەر ياخشىمۇ؟
سىلەرنى بەك سېغىندىم ، باراي دىسەم ئامال بولمىدى ، بىلىمەن مەندىن كۆپ رەنجىدىڭلار ، سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى تۆكۈپ قويدۇم ، سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن ، شۇ تاپتا ئۆزۈمنى نىمە قىلۋەتسەممۇ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولالمايمەن ، لىكىن مىنىڭ مىھرىمگە تەشنا ئۈچ پەرزەنتىم بار بولدى ، تويۇم بولغان ئاشۇ كۈندىلا ئۆزۈمنىڭ كىمگە تەۋە بوپ كەتكىنىمنى ھىس قىلىپ ئۆزۈم خالايدىغان ئادەم بىلەن بىرگە بولۇش ئۈچۈن قېچىپ كەتتىم ، كىم بىلسۇن ھەممە ئادەمنى ئۆزۈمگە ئوخشاش ئاق كۆڭۈل چاغلاپتىمەن ، شۇنىڭدىن كىيىن ئارقا - ئارقىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تا بۈگۈنگە كەلگەندە ، سىلەرگە خەۋىرىمنى بىرەلىدىم،،،،،،،،،
- يادىڭىزدىمۇ ئانا ، مەن سىزگە بىر قانچە قېتىم دىگەنتىم ،،،،ساقلاۋاتقان ئادىمىم بار دەپ ، ئەمما سىز ماڭا كۆڭۈل بۆلمىدىڭىز ، ئەكسىنچە شۇ دادامنىڭ يول - يورىقى بويىچىلا ئىش قىلدىڭىز ،،،،،
ھەر قانچە بولسىمۇ مىنىڭ رازىلىقمنى ئېلىشىڭىز كىرەك ئىدى ، مەن قانداقمۇ سىزنىڭ بولۇپمۇ دادامنىڭ پىكىرىگە قارشى چىقالاي ... شۇڭا سۈكۈتتىلا تۇرۇپ كەلدىم ، ،،،، چۈنكى مىنى دەپ دادام بىلەن جىدەللىشىپ قېلېشىڭىزدىن ئەنسىرايىتتىم ...توي كىچىسى ، ماڭا باشقا بىر قول تەگكەندىلا مەن ئۆزۈمگە بولغان تەڭسىزلىكنى ھىس قىلدىم ،،،،شۇڭا ئۆز قارارىم بويىچە قېچىپ چىققان ئىدىم،،،،،
ئانا سىزنى بەكمۇ سېغىندىم ، دادامنىمۇ سېغىندىم ، سىلەر سالامەتمۇ ؟ ...
ئۇكىلىرىم چۇ ؟----
ئەسلى سىلەرنى يوقلاپ باراي دىگەن ئەمما ھازىر سەل بىئەپ بوپ قالدى ، ھاۋىمۇ سۇۋۇپ قالدى ، قىش ئۆتۈپ كەتسە بارارمەن ، سىلەرگە تۇرۇشلۇق ئورنىمنى ئېنىق دەپ بىرەلمەيمەن ، چۈنكى بىز پەسىل ئالمىشىپ كۆچۈپ تۇرىمىز ،،،،،،،،،،،،
ئانا - دادا ، سىلەر مەيلى قانچىلىك ئۆچ بوپ كىتىڭلار ، ئەمما مەن يەنىلا سىلەرنى ئىزدەيمەن ،
خۇدايىم تىنىچ - ئامان قىلسا بىز ھامان كۆرىشىمىز ، ،،،،
خۇداغا ئامانەت ! ئامان بولۇڭلار ، سىلەرنى ئەسلەپ تۇرىمەن ،
قىزىڭلار : قەلبىنۇردىن >>...............
قەغەزدىن يەنە بىر كىچىك خالتا ياسالغان بولۇپ ئۇنىڭ تېشىغا :
- << يەكەن ناھىيە يەكەن بازار سەيچىلىك كەنتى 2 - مەھەللىدىن : قادىر سەيپىدىنگە تىگىدۇ>>... .
دەپ يېزىلغان ئىدى ........
قىز مانا مۇشۇ قۇرلارنى يېزىپ بولۇپ ، خەتنى مومايغا تاپشۇردى ، گەرچە موماي ئۇ خەتلەرگە قاراپ ھىچ چۈشۈنەلمىسىمۇ ئەمما چوقۇم قىزنىڭ سېغىنىشلىق خەت يېزىۋاتقانلىقنى بىلەتتى ........
موماي خەتنى قانداق سالدىكىن ئىشقىلىپ بىر كىملەرگە ھاۋالە قىلىپ ئەتىسى چۈشتە قىزغا خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدى ،،،،،
ئاشۇ پەيىتلەردە قىزنىڭ ئالمجانغا يازىدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بولسىمۇ ئەمما نىمىشقىدۇر ، يازمىدى ، ...
بۇرۇنقى شىرىن مۇھاببەتتىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى .........
قىزنىڭ يۇرىتتىكى ئىشلارنى شۇنداق بىلگۈسى كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئامال يوقدە ،،،،،
يۇرىتتىكى ئۇ ئىشلار ئاللىقاچان بېسىقىپ كەتكەن ، قىزنىڭ ئىرىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي توي قىلىپ بالىلىق بولدى ، ئالىمجان ئوقۇشتىن كىلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتى ، قانچە ئىزدەپمۇ قىزنىڭ دىرىكىنى ئالالمىدى ..........
ئۇ ھېلى ھەم بويتاق.............
قارىماققا بۇ ئىشلار ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ساپلا زىت بىلىنسىمۇ ئەمما تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلار ئادەمنىڭ مەيلى بويىچە بولمايدىكەن ، قىزنىڭ يەنە ئالىمجاننى ياخشى كۆرۈش ھوقوقى بارمۇ ؟ ئالىمجاننىڭ قىز بىلەن توي قىلغۇسى كىلەمدۇ ، ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە كۆڭلى كۆتىرەمدۇ ....؟...
ئەلۋەتتە ئۇنداق بولىشى مومكىن ئەمەس ، بىراق ھەقىقى مۇھاببەتنى ئۇنتۇش ھەر ئىككەيلەنگە بولۇپمۇ ئالمجانغا تولىمۇ تەس كەلگەن ئىدى ، قىز ئۆلۈپلا تۈگەشكەن بولسا بەلكىم بىر مەزگىل ئىچ ئاغرىقى بولۇپ ئەكسىگە كىلەتتى .... ئەمما تىرىك ئايرىلىشنىڭ يەنە كىلىپ جىمجىتلا غايىپ بوپ كىتىش ئىچ كۆيىكى بولۇپ تا ھازىرغىچە باشقا قىزغا قارىغۇسى كەلمەيىتتى ............
ئۆز نىگارىدىن ئايرىلىپ قالغان ئالىمجان يەنىلا كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدىن شۇ كونا مۇھاببەت يالدامىلىرىنى ئەسلەپ كەلمەكتە !!!!!!!!!!
ھېلقىدەك جىدەل بولغاندىن كىيىن قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پىتنە - پاساتقا چىداپ بولالماي باشقا بىر مەھەللىگە كۆچۈپ كەتتى ...
قىزنىڭ بىگۇناھ ئانىسى تاپا - تەنە ، ئاچچىق سۆزلەرنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ جىگەر قېتىشىش كىسەللىىكى بىلەن تۈگەپ كەتتى ........
ئۆگەي دادىسى بولسا قايتا ئۆيلەنگىلى بىرە يىلچە بولدى ........
ھاياتلىق يولى دىگەن ئەنە شۇ ،،،،،،،، بىرىمىز ئازاپتا ، بىرىمىز شاتلىقتا ،،،،،،،
بىرسىمىز كەتسەك بىرسىمىز تۇغۇلىدىغان ئىشكەن ...........
قىزنىڭ ئالىمجانغا بولغان ساداقەتمەنلىكى ئاخىرغا كىلىپ چوڭ بىر خاتالىققا يەنى ئورنىغا كەلگۈسىز پۇشايمانغا ئايلاندى !!!!!
كۈن ئايغا ئۇلىشىپ كۈنلەر ئۆتۈۋەردى .............
مانا - قىز ، قېچىپ چىققان 3 - يازنى كۈتۈۋالدى ،، ئوماق بالىلىرى ئەتراپىدا ئوينىسا ، ئۆز ۋاختىدىكى قىزنى نەزەربەنىت قىلغان باققۇچى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا..........
تەقدىرگە بويسۇنماي نە ئامال دەيسىز ...گەرچە قىزنىڭ قازاق ئىرى چىن مۇھاببەت بىرەلمىسىمۇ ئەمما قىز باللىرىنى دەپ بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىناق ئۆتمىسە بولمايىتتى ..........
بۈگۈنكى كۈندە قىز ئۇلار بىلەن بىمالال پاراڭلىشالايدىغان بولدى ...ئائىلىسىمۇ بىر قارىسا بەخىتلىك ئائىلىگە ئوخشايىتتى .........
قىز يۇرتىغا بېرىپ ئاتا - ئانىسى يوقلاپ كىلىش توغۇرلۇق كۆپ قېتىم يول يورۇق سوراپ ئاخىرى قازاق ئىرىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن مال مۈلۈكلىرىنى بىر تۇققىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ كەلمەكچى بولدى ،
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتە - ئۆمەي ئۇلار يولغا چىقتى ..........
قىز ئاز تولا خۇشالىققا ئىرىشكەندەك ئىدى ، نىمىلا دىگەن بىلەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرىتنىڭ مىھرى باشقىچە ئەمەسمۇ ....؟؟؟؟؟؟
قىز ئەينى ۋاقىتتىكى يولنىڭ ئەكسچە زور ئۈمۇد بىلەن ماڭماقتا ئىدى ....
بىراق مۇشۇنداق قىلىشتىن بۇرۇن يەنە بىر ئىشنى يەنى ، ئاتا - ئانىسىغا يازغان خەتنىڭ چاۋابسىز قالغانلىقىنى ئۇنتىدىمۇ ياكى بەلكىم ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كىلىپ جاۋاپ قايتۇرمىدى ، دەپ ئويلىدىمۇ ،،،
ئىشقىلىپ يۇرتۇمغا بارالايدىغان بولدۇم ، دىگەن خوشلۇق ئۇنى باشقىچە قىلىۋەتكەن ئىدى ...
يول بويى شۇ خىيالدا بولغاچقا باشقا يەرلەردە ھايال بولماي ئۇدۇللا ، يۇرتىنىڭ ماشىنا بىكىتىگە چۈشكەن قىز ، كۆزئالدىدا تۇرغان يۇرتىنىڭ ئاللىقاچان ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆردى ، دەل شۇ چاغدىلا < بەلكىم ، ئۆيدىكىلەر ، ئانام ، ئۇكىلىرىممۇ ئۆزگىرىپ كەتكەندۇ >،،،، دەپ ئويلىدى بولغاي قەدەملىرىنى ئاستا - ئاستا ئېلىپ بىكەتتىن چىقىپ كەلدى ....
- << نەگە بارىسىز >> ؟ .. دەپ تۇرىدىغان تاكسىچىلار ، كىرا موتولىرى .... توپ توپ بولۇپ ئايلىىنىپ يۇرىيدىغان بۇ جايدا قىز باللىرىنى ، نەرسە كىرەكلىرىنى ئېلىپ قازاق ئىرى بىلەن تاكسىغا چىقتى .....
ئاندىن بىرخىل نۇمۇسچىلىق ، تۆۋەن كەيپىيات بىلەن ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى ........
- مانا ، يۇرىتنىڭ كوچىلىرى باشقىچە ......... ھەش - پەش دىگۈچە قىز ئۆيىگە كەپ قالدى ....
ئەمما بۇ مەھەللىمۇ ئۆزگەرگەن ئىدى، يوللارنى كېڭەيتكەن ، قورۇ تاملىرى يىڭىدىن سېلىنغان قاتار ئۆيلەر ئىچىدىن قىز ئۆز ئۆيىنى ئاران تەستە تونىدى .........
ئىشىكلىرىدىن تارتىپ قايتا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى ......
قىز ئىشىكنى پەم بىلەن چەكتى :
ھىچ ئۈن يوق ، يەنە بىر قېتىم چەكتى ......
ئىشىك جالاققىدە ئېچىلدى ، ئىشىكتىن چىققىنى قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولماستىن ، ناتونۇش بىر ئايال ئىدى .
قىز ھاڭ -تاڭ بوپ تۇرۇپلا قالدى ، ھېىلقى ئايال :
- << كىمنى ئىزدەيسىز ئۇكام >>......؟
دەپ سورىغان ۋاقىتتا قىز ئىسىنى يىغقاندەك بولۇپ ،
- << مۇيەسسەر خاننىڭ ئۆيى مۇشۇمۇ ؟ .. ئۇلار قېنى ..؟؟؟>>..........
دىگەن سۇئالنى دۇدۇقلاپ ئاران سورىيالىدى ......
- << ئۇلار كۆچۈپ كەتكەن ، بىزمۇ ئۇقمايمىز نەگە كەتكىنى ..>>........
- << ھە ،،>>،،،،،،،
قىز ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە كەينىگە ياندى ......
ياندىكى قوشنىلار بىلەن كۆرىشىپ بارلىق ئەھۋاللارنى ئۇقتى ............ ئەمما بەكلا كىچىككەن ئىدى ....
قىزنىڭ ئۆگەي دادىسىنى قايتا ئىزدۈگىسى كەلمىدى ، ئىز دەشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى .....
ئالىمجاننى ئىزدىگۈسى باريۇ ئەمما يەنىلا يۈزى چىدىمىدى .......
ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ئاخىرى ئانىسىنىڭ قەۋرە بېشىنى تاپتى .........
بىچارە ئانىنىڭ قەۋرىسىگە بىر قانچە تال دەرەخ شېخى سانچىلغان ... توپا ئۈستىگە بىر قانچە تال خام قىش تاشلانغان ئىدى ، باشقا ھەيۋەتلىك قىلىپ مەر - مەر تاشلاردىن قەبرىنامە يېزىلغان ، ئىگىز - ئىگىز گۈمبەزلىىك قەبرىلەرگە سېلىشتۇرغاندا خۇددى بىر نامرات ، ئىگى چاقىسىز ئادەمنىڭ قەبرىسىدەك كۆرۈنىدىغان ئانىنىڭ قەبرىسى خېلىلا پەرىقلىنىپ تۇراتتى .....
شاخلىرىمۇ يىڭىلانمىغان ( جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپتە ، روزا ھېيىت ، قۇربان ھېيىت كۈنلىرىدە قەبرىنىڭ ئىگى چاقىسى ھەرخىل دەرەخلەرنىڭ كۆك شېخىدىن كىسىپ ئەكىلىپ قەبرە بېشىغا سانچىپ قويۇدۇ ) ھىچبىر سۈپۈرۈپ ، سۇچىچلمىغاندەك قىلمايىتتى ..............
قىز بۇ مەنزىرلەرنى كۆرۈپ قەبرە بېشىدا يۈكىنىپ ئولتۇرغىنىچە ئاھۇ - فەرياد ئۇرۇشقا باشلىدى :
- << ئانا ، بىچارە ئانا ، ئىگىڭىز چىقمىدىمۇ يوقلىغىلى ، مەن سىزگە ئازار بەردىم ...سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن ..
مىنىڭ ئىشىمدىن قانچە رەت ئازار يىدىڭىز ؟...قانچە رەت تەڭقىسلىقتا قالدىڭىز ؟........
سىز نى يوقلاپ كەلدىم ،،، جېنىم ئانا ......>>..............
قىزنىڭ يىغا ئاۋازى بارغانچە كۈچىيىپ كەتمەكتە،،،،،،،،،،،
قىز ھىچبىر خۇدىنى بىلمەيتىتتى ......كۈن پاتتى ... قىز تېخچە قەبرە بېشىدا ھۆڭرەپ يىغلىماقتا .....
تۈن يېرىم ---قىز يەنىلا يىغىدىن توختىغىنى يوق ....
سەھەر ---قىز يەنىلا قەبرە بېشىدا .............
بامداتتىن يېنىپ مازارلىققا كەلگەن قىزنىڭ ئۇ ھالىتىنى كۆرگەن جامائەت ياقىلىرىنى چىشلىشىپ :
- << توۋا خۇدايىم ،،>>.......
دىيىشكىنىچە يېنىپ كىتىپ باراتتى .....
( جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپتە قىز ، ئاياللارنىڭ مازارلىققا كىرىشى شەرىھەتتىن چەكلەنگەچكە ئەل جامائەت ھەيران قالغان بولسا كىرەك )
كۈن ئىللىق نۇرىنى بۇ زىمىنغا يورىتتى .......
قىز كىچىچە يىغلاپ ، ئاھ ئۇرۇپ ئەمدى بولغاندا ھىچبىر ھالى قالمىغان ئىدى .....
گەرچە بۇ كۆرىنىشنى كۆرگەن ھەربىر ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلسىمۇ ، قىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قىپ قويغان شۇ بىر خاتا ئىشىنى بىلسە ئەلۋەتتە قىزغا نالات ئوقۇيدۇ .......ئەمدى بولغاندا بۇنداق قىلغاننىڭ نىمە ئەھمىيىتى ؟
يا ئانا تىرىلىپ قالارمۇ ؟ يا ئىشلار كەينىگە يانارمۇ ؟.........قايسى بىر كىشى مۇنداق دىگەن << دۇنيا گۈزەل تۇرمۇش رەھىمسىز >>........ بۇ گەپنىڭ دەلىلى مانا بۇ تۇرمۇش ، يەنى قىزنىڭ تۇرمۇشى بوپ قالدى ....
ئاخىرى ماڭغۇدەك ھالى قالمىغان قىز بىر چاغلاردا قازاق ئىرىنىڭ ئېپ كەتكىننىلا تۇيدى.......
چوڭ سېغىنىش ۋە ئۈمۈد بىلەن كەلگەن قىز ئەمدى كىمنىمۇ ئىزدىسۇن،،،يەنە كىم ئۇنىڭ تىرىك قايتىپ كەلگىنىگە خۇشال بولسۇن!!!!!!!!!!!!
مانا مۇشۇ چاغ قىز ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىلغان ئىشىنىڭ ناھايىتى خاتا بولغانلىقىنى ، ھىچ بولمىغاندا ئانىسىغا ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى يەنە كىلىپ ئانىسى جان ئۈزۈش ئالدىدىمۇ يېنىدا بولالمىغانلىقغا ئىچى سىيرىلماقتا،،،،!!!!!!!!!
ئەمدى قىزنىڭ بۇ يۇرىتتا داۋاملىق تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى ، چۈنكى ، ئەگەر قىز قېپ قالسا بىر مەھەل سۆز - چۆچەك قىلىنغان باشقىلارنىڭ ئاشۇ نەشتەردەك سۆزلىرى يەنە پەيدا بولاتتى ..ھەتتا باللىرىنىمۇ : << ئاناڭ باشقىلار بىلەن قېچىپ كەتكەن ، سەن ھارامدىن بولغان >> دىيىشمەي قويمايىتتى ،،،
ئەجىبا قىز داۋاملىق قېپ قالسۇنمۇ ؟؟؟؟؟؟؟.........
يۈرەك باغرى تىلىم - تىلىم بوپ كەتكەن قىز يەنىلا ئاشۇ تاغلىققا كىتىشنى لايىق كۆردى ، بۇ يەردە قېپ قالسا داۋاملىق يۈرەك يارىسى بوپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلەتتى ....
شۇڭا ئاشۇ زەھەرخەندى سۆز - چۆچەكلەر قايتا بولىنىشىدىن ئاۋال چوقۇم كىتىشنى قارار قىلدى ،،،،
ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئالىمجانغا بەرمەكچى بولغان خېتىنى پوچتىخانىغا تاپشۇرۇپ ، بىكەت تەرەپكە يول ئالدى . ( ئۇ خەتنىڭ بىر قىسمىنى ئاشۇ تاغلىقتا ، بىر قىسمىنى يۇرىتقا قايىتقۇچە يازغان ئىدى ) .
چىن يۈرەكتىن سۆيگەن جانانىنى قانداقمۇ ئۈنچە ئاسان ئۇنتۇپ كەتكىلى بولسۇن~~~~~~...
قىزنىڭ باشقا مەخسىتى يوق ، پەقەتلا ئالىمجانغا ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنىلا بىلدۈرۈپ قويماقچى ، يەنە كىلىپ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق كەچۈرۈم سورىماقچى ،،،،،،
ئەلۋەتتە يۈزتۇرانە پاراڭلاشسىمۇ بولاتتى ،،، بىراق نىمىشقىدۇر قىز ئۆزىنى قاچۇرۇش تۇيغىسىدا خەت ئارقىلىق خوشلىشىش قارارىغا كەلگەن ئىدى ،،،،
بۇ ، قىزنىڭ ئالىمجاننى ئۇنتۇپ كىتەلمىگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولسا كىرەك ، خەتنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى قىزنىڭ مۇھاببەتكە شۇنچىلىك سادىقلىقىنى ھىس قىلماي قالمايىتتى ،،،،،،
بىراق تەقدىر دىگەن شۇ ، مۇھاببەت ھەر قانچە ئۇلۇغ بولسىمۇ ئەمما تەقدىر نى ئۆز گەرتەلمەيدۇ ، ئەكىسچە تەقدىر ئاشۇنداق ئۇلۇغۋار مۇھاببەتنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ .........
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ئەسەرنىڭ داۋامى 8 - بەتتىكى ئىنكاستا...............
[ بۇ يازما xir~ تەرپىدىن2009-04-09 20:01دە قايتا تەھ ]