مەلۇم بولىشىچە،بۇ ئۈسكۈنىگە بايراقدار دەرىجىلىك سەپلىمىلەر ئىشلىتىلمىگەن،باھاسى 170 ياۋرو (جۇڭگو پۇلىدا 1200يۈئەن) قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ مەھسۇلات كېلەر ھەپتە ياۋروپا ئەللىرىدە بازارغا سېلىنىدىكەن.سەپلىمىلىرى جەھەتتە، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونغا 540×960 لىق ئېنىقلىقتىكى 5.5 دىيوملۇق ئېكران، 1.3GHzلىق لىئەنفاكې تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 8GB لىق ئاساسى سىغىم بوشلىقى،8 مىليون پىكسىللىق ئاساسى كامىرا، 5
مىليون پىكسىلىق قوشۇمچە كامىرا سەپلەنگەن، بۇ يانفون قوش كارتىنى قوللىمايدۇ.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، BQ شىركىتى بۇ Ubuntu سېستىمىلىقAquaris E4.5 يانفونىنى سېتىپ چىقىرىشتا چاقماقتەك تېز سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەن.قارىغاندا شىياۋمى شىركىتى قوللانغان توردا تېز سۈرئەتتە سېتىش ئۇسۇلى يالغۇز ھىندىستانغىلا تەسىر قىلىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ياۋروپا رايونلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئوخشايدۇ.