、'
ئۆلۈم ئالدىدا ئېچىلغان گۈل
ئايزۆھرە ئابدۇمىجىت (سۈزۈك ئاي
-بۈگۈنكى دەرس بەك ياخشى ئىكەن-ھە!-دەپ سۆز باشلىدى نىگار يىلان بىلەن چۈمۈلە دېگەن مەسەلدىكى چۈمۈلىلەر گەرچە كىچىك بولسىمۇ ،بەك قالتىس ئىكەن.يىلاننى چېقىپ،ئاخىرى ئۆلتۈرۋەتتى.
-ياق،ياق...چاقمايدۇ.نۇرغۇن چۈمۈلىلەر بىرلىكتە چىشلىگەچكە ،يىلان ئاغرىققا چىدىماي ئۆلۈپ قالىدۇ،-دېدى ھىلالە نارازىلىق بىلدۈرۈپ.
-چاقىدۇ.چۈمۈلىنىڭ نەدىمۇ چىشى بولسۇن؟
-چىشلەيدۇ .چۈمۈلىنىڭ چۇقۇم چىشى بار.ئىشەنمىسەڭ سېنى مەكتەپنىڭ كەينىدىكى كىچىك ئورمانلىققا باشلاپ باراي.شۇ چاغدا ئۆزۈڭ كۆر،بىللە بارامسەن؟-دېسى ھىلالە نىگارغا ئىشەنچ بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ.
-بولىدۇ .بارسام باراي .
نىگار بىلەن ھىلالە بەس مۇنازىرە ئىچىدە مەكتەپ كەينىدىكى كىچىك ئورمانلىققا كەلدى.بۇ ئورمانلىققا ئانچە ئادەم كېلىپ كەتمەيتى.يەرلەرنى ئوت-چۆپ باسقان ،دەل-دەرەخلەرمۇ رەتسىز باراقسانلىغان ئورمانلىق بىر خىل سىرلىق تۈسكە كىرىپ قالغان بولۇپ ،بىر رېتىمدا تىنىچ سۇدەك ئېقىۋاتقان قورقۇنۇچلۇق جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپ ،شۇملۇق ھىدلىرى ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرەتتى.ئىككى دوست دۇنيادىن خەۋەرسىز ھالدا ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن چۈمۈلە ئۇۋىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى.ھىلالە بىلەن نىگار كىچىككىنە قوللىرى بىلەن ئوت -چۆپلەرنى ئۇيان-بۇيانغا قايرىيتى.ھىلالە چۈمۈلە ئۇۋىسىنى تاپتى بولغاي ،خۇشال ھالدا ۋارقىردى:
-نىگار ،قارا !مەن تاپتىم .تېز بول،-ئۇ شۇنداق دەپ كەينىگە بۇرۇلۇشىغا رەزىل بىر قارا كۆلەڭگە ئۇنىڭغا سەت ھىجىيپ ،شەھۋەت ئۇچقۇنلىرىنى ئۇچقۇندىتىپ،شۇملۇق يېغىپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى ئالاق-جالاق قىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.كۆلەڭگە ئۇنىڭغا قارا قولىنى ئۇزۇتۇپ ،ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇشقا باشلىدى.بىچارە ھىلالە قاتتىق قورقۇپ ،سەبىئىي ئۈنلىرىنى جېنىنىڭ بارىچە چىقىرىپ:
-قۇتقۇزۇڭلار! نىگار مېنى قۇتقۇزۋال،مېنى قۇيۋەت ،ئاپا !-دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى.مانا ئەمدى ھېلىقى زەھەرلىك ،رەزىل يىلان مانا مۇشۇ قار كۆلەڭگە ئىدى.ھىلالە گويا چۈمۈلىدەك ئاجىز تىپىرلايتى.ئوت-چۆپلەرمۇ ھىلالەنىڭ ئاچچىق تولغىنىشلىرىغا جۆر بولۇپ ،ئاجىز ئىڭراشلار ئىچىدە ئاچچىق تولغانماقتا ئىدى.ئەمدىلا باشلانغۇچنىڭ 3- يىللىقىدىكى توققۇز ياشلىق مەسۇمە قىز قەلبىدىكى گۆدەك ھېسلىرنى دولقۇنلۇتۇپ،ئاغزىدا سۈت ھىدىنى بالىلىقى بىلەن بىرگە قۇچاقلاپ يۈرگەن بىغۇبار قىز شۇم نىيەت ئىچىدە چەيلەندى.ئەشۇ پاك ،قىممەتلىك ياپراق ۋاقىتسىز ،مەجبۇرلانغان ھالدا قىممەتلىك بەرگىللىرىنى تۆكۈپ ،ئاجىز ،سەبئىي قىز قەلبىدە ئۇنتۇلماس ئازاپ تامغىللىرىنى بېسۋەتتى.ئاھ، بىچارە....غۇنچە...
يامان بېشىنى يەر دېگەندەك قارا كۆلەڭگە نەگىمۇ قاچالىسۇن ؟ ئۇ قانۇن ئالدىدا ئىتتتەك زارلىنىپ تۆت تام ئىچىدە ھايۋاننىڭ كۈنىنى كۆرگەن بولسىمۇ ،ھىلالەنىڭ بالىلىق ھېسلىرى بىلەن لىق تولغان سەبئىي يۈرەكلىرىدە مەڭگۈلۈك ئازاب ئىزى قالدى.شۇندىن باشلاپ ،ھىلالە دادىسىدىن بۆلەك ئەر زاتىدىن ئۆزىنى ئەپقاچىدىغان ،ئۇلاردىن يىرگىنىدىغان بولۇپ قالدى.ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمۇ ئۇنىڭ جىمغۇر ،كەمسۆز مىجەزىدەك تىنىچ ئۆتۈپ كەتتى.
ياشلىق ئادەمنىڭ ئەڭ گۈزەل ،ئالتۇن پەسلى.ياشلىق بولغانىكەن مۇھەببەتمۇ بولىدۇ.ئادەم ياشىغانىكەن ،مېھىر -مۇھەببەتنىڭ خۇشبۇي ھىدلىرىنى پۇرىماي دېسىمۇ پۇراپ قالىدۇ.ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندا تۇنجى
سۆيگۈ خېتى تاپشۇرۋالدى.ئۇ خەتلەردىكى ھەر بىر قۇردىن تەسىرلەندىمۇ ياكى ئۆزىنىڭمۇ بىرەرسىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشال بولدىمۇ پىنھان كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش تۆكۈلگىننىمۇ بىلمەيلا قالدى.
بىراق،ئۇ خەت ئىگىسىگە:'ياق ! 'دەپ جاۋاپ بېرىۋەتتى.ئۇنىڭمۇ قوشۇلغۇسى بار .بىراق...ئۇ ئازاپلاندى.رەڭگىدىن كەتكەن سۇلغۇن چىرايى ئۇنى گويا ھەممىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ئادەمگە ئوخشىتىپ قويغانىدى.ئۇ خۇداغا نالە قىلاتتى .«ئاھ خۇدا ،ماڭا يەنە نېمە قىسمەتلەرنى پۈتكەنسەن؟مۇھەببەت بوسۇغىسنى ئەشۇ رەزىل كۆلەڭگە تۈپەيلى باسالماسمەنمۇ؟مەندەك بۇلغانغان،ناپاك قىزنى كىم ياخشى كۆرسۇن؟ مەڭگۈ تەنھا ،غېرىپ ئۆتۈپ كېتەرمەنمۇ؟ ياشلىقىم باھارنى كۈتۈۋالمايلا ،كەچكۈزنى كۈتۈۋالارمۇ؟دەيتىيۇ،يەنە ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ:« بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.غەيرەت قىل ئاي!»دەپ قوياتتى. ئۇ ئازاپلىرىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلايتى.نۇرغۇن ۋاقىتلىرىنى جىمجىت جايلارغا بېرىپ ،تەبىئەت بىلەن ئەسرارلىشىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى.ئۇ بىر ناتىۋان قىز ،قەلبى سۈزۈك بۇلاقتەك غۇبارسىز قىز.قەلبى ئازاپتىن جاراھەتلەنگەن ،ئەمما ھاياتقا قىزغىنلىق بىلەن،
ۋىجدانى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان قەيسەر قىز...
ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئاخىرلىشىپ ،ھىلالە خىزمەتكىمۇ چىقتى.ھىلالەنىڭ بالىلىق مەزگىللىدىكى ئىشلانى ئۇنىڭ يۇرتدىكىللىرى خېلى بىلگەچكە ئۇ يىگىرمە سەككىزنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بولسىمۇ،بىرەر ئەلچى ئۇنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ باقمىدى.ھىلالەنىڭ سۈزۈك چىرايى خۇنۇكلىشىشكە ،كۆزلىرى ئەتراپىغا سۇس قورۇقلار ئىز سېلىشقا باشلىدى.ئۇ شۇنداق بولسىمۇ ،يەنىلا ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي،خەقنىڭ سۆز-چۆچەكلىرىگە پىسەنت قىلماي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ياشاۋەردى.ئادەملەر ئاجايىپ -ھە! ھاياتتىكى كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىق سەۋەپلىك تەنھا،غېرىپ ئۆتۈۋاتقان ،ئەمما ھالاللىقى،ۋىجدانى بىلەن ياشاۋاتقانلارنى شۇ كىچىككىنە ئىش سەۋەپلىك يامانغا چىقىرىدۇ. ۋىجدان ،ئىتقادىنى قايرىپ قويۇپ ،يۇشۇرۇن ھالدا ھالال -ھارامنى ئارلاشتۇرۇپ ھاياتتا ئۆز قىممىتىنى يوقىتىپ ياشاۋاتقانلاردىن ئازىراق پايدا كۆرسىلا ،ئۇلارنىڭ قىلغان ئەتكەللىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ ، يامان بولسىمۇ ياخشى دەپ ئاقلاپ ئۆزلىرىنى ئۆزى ئالدىشىدۇ.
كۈنلەر،ئايلار بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ ،بىر خىل رېتىمدا ئاددىي كۈيلىرىنى ياڭرىتىۋاتقان كۈنلەردە،ھىلالە بىلەن بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان جەسۇر ئىسىملىك بىر يىگىت ئۇنىڭغا توي توغرىسىدا ئېغىز ئاچتى. جەسۇر ئادىيغىنا داستىخان راسلاپ ھىلالەنى بىر ۋاخ تاماققا تەكلىپ قىلدى.بۇ ھىلالەنىڭ بىر ئەر زاتى بىلەن تۇنجى ،ئايرىم ئولتۇرۇپ غىزالىنىشى ئىدى.تاماق يىگەچ جەسۇر قورۇنۇپ ئولتۇرغان ھىلالەگە :
-ھىلالە .مەن يۈرەيلى دېمەيمەن.يېشىمىزمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى.خالىسىڭىز چىرايلىق ئۆي تۇتۇۋالساق.ھەممە ئىشلىرىڭىزدىن خەۋەردارمەن.ھەممە ھەسرەت -ئازاپلىرىڭىزنى مەن ئۇنتۇلدۇرىمەن.ئۆتمۈشنى قايتا ۋاراقلىماڭ.مەن سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىمەن.ماڭا ئىشىنىڭ...مەن سىزنى ھەقىقي ياخشى كۆرىمەن.
جەسۇرنىڭ سۆزلىرى شۇنداق كەسكىن تەلەپپۇزدا چىقىۋاتاتتى.ھىلالە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشال بولدۇكى ،ئۇنىڭ خىرە كۆزلىرىدىن باھاردىكى گۈل-چىمەنلەرنىڭ لىۋىدىكى سۇس نۇر گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.بىراق ،ناھايتى تېزلا ئۆچتى. ئۇ كۆزلىرىدىن ئەگىگەن ھەسرەتلىك ياشلىرىنى سۈرتۈپ قويۇپ:
-مېنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.سىز ھەقىقەتەن ياخشى يىگىت. ئەمما يۈرىكىمدىكى ئەشۇ قارا داغ مېنىڭ ھاياتقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمنى سۇسلاشتۇرۇپ قويدى.سىز مۇھەببىتىڭىزنى مەندەك بىر قىزغا تاپشۇرامسىز ؟ مەن پاكلىقىمدىن ئايرىلغان دىلى سۇنۇق بىر قىز .ياخشى ئويلىشىڭ،جەسۇر.بولمىسا پۇشايمان قىلىسىز...ئۇ ئاخىرقى گەپلىرىنى دەپ بولۇپلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.ئۇ ئىچ -ئىچىدىن ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىماقتا ئىدى،ئازاپلانماقتا ئىدى...جەسۇر ھىلالەنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئىچى ئېچىشىپ كەتتى.ئۇنىڭمۇ كۆزلىرىدىن ئېچىنىش ئارلاش ھەسرەتلىك ياش مارىلاپ تۇراتتى.ئۇ ئېغىر تىنىپ قويۇپ:
-ھىلالە،بولدى كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ.ھايات -گۈزەل.گەرچە يوللار داۋانلىق بولسىمۇ.بىز تىرشساقلا ،ئۈمىدىمىزنى ئۈزمىسەكلا ھاياتنىڭ رەڭدارلىقى تۇرمۇشىمىزنى گۈزەللىككە تولدۇرىدۇ.مەن ئۇزاق ئويلاندىم.سىز مەن ئۈچۈن ھەممىدىن پاك ،ئېسىل قىز.سىز ھەرگىزمۇ بالىلىقتىكى ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇيالمايمەن دېمەڭ.ئۇ پەقەت بىر قاباھەتلىك چۈش...ھايا ۋە ئىمان سۇسلىشىپ ،ئىپپەت-نۇمۇس كاساتلىشۋاتقان ،ئېغىر كىرزىسكە يولۇققان بۈگۈنكى كۈندە مەن يەنە نەدىن پاك قىز ئىزدەيمەن؟بولدى ،سىز ماڭا كۇپايە.بۇنىڭدىن كېيىن چىن-ئىنسانىي پاكلىقىڭىز بىلەن ياشىسىڭىزلا بولدى.ماقۇل بۇلۇڭ بولامدۇ؟
جەسۇرنىڭ ئىشەنچ يېغىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ قارا كۆزلىرى ھىلالەدىن جاۋاپ كۈتمەكتە ئىدى.ھىلالە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەندى.ئەمما ئىشەنچ قىلالالماي:
-مەن يەنە ئويلىنىپ باقاي،-دېدى-دە،سىرتقا چىقىپ كەتتى.جەسۇر يەنە نېمىندىندۇر ئۈمىد كۈتكەندەك ھىلالەنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنىڭ سايىسى يىتكۈچە قاراپ تۇردى.خىزمەت جەريانىدىكى پات-پات ئۇچرىشىشلار ،ئانچە-مۇنچە بىرگە غىزالىنشلار ئىككى يۈرەك ئارىسىدىكى مېھىرنى چوڭقۇرلاشتۇردى.ئاخىرى ھىلالە جەسۇرنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى.
كۈن-كۈننى قوغلىشىپ ،ئىككىسىنىڭ چاي ئىچكۈزىلدىغان كۈنىمۇ يىتىپ كەلدى.ھىلالە بۇ كۈنى بۆلەكچىلا نۇرلىنىپ كەتكەن بولۇپ ،چىرايىدا كۈلكە بۇلاقلىرى رېتىمسىز ئاقاتتى.يۈرىكى بولسا جىدىي ،رېتىمسىز سوقماقتا ئىدى.جەسۇرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولالايدىغانلىقىنى ئويلىسىلا ئالەمچە خوشاللىققا تولاتتى.چاي ئىچۈرلۈش مۇراسىمى باشلانماي تۇرۇپلا ھىلالە جەسۇرغا يۆلىنىپ قالدى-دە،ھۇشىدىن كەتتى...
كېسەل كارۋىتىدا ئاجىز بىر تەن يىنىك نەپەس ئېلىپ ياتاتتى .جەسۇر ،ھىلالەنىڭ ئاتا-ئانىسى دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىدا ھەسرەت ئارىلاش ئېغىر-ئېغىر ئۇھسىنىپ ،ھىلالەگە ئېچىنۋاتاتتى.دوختۇر ئۈمىدسىزلىك بىلەن:
-يۇشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بار ئىكەن.زىيادە جىددىيلەشكەنلىكتىن كېسىلى تۇتۇپتۇ.دىققەت قىلمىسلا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن...-دېدى بېشىنى چايقاپ.ھىلالەنىڭ ئاپىسى پەرياد كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
-ۋاي ،جېنىم بالام.بەختى كالتە بالام... ئەمدى گۈلۈڭ ئېچىلاي دېگەندە ماۋۇ پىشكەنلىكنى كۆرمەمدىغان...ھۈ..ھۈ...ئانا ھىلالەگە ئېچىنىپ ئاۋازىنى بولۇشىغا قۇيۇۋېتىپ ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى.ئۇنىڭ بۇ قارا تەقدىرگە نەپرىت يېغۋاتاتتى.جەسۇرنىڭ يۈرىكى مۇجۇلدى.كۆزلىرىدىن ئازاپ سىرغىپ ،مەڭزىنى ھۆل قىلىۋەتتى.«ئاھ،بىچارە گۈلۈم.ياپياش تۇرۇپلا تەقدىرنىڭ بۇ چاقچىقىغا بەرداشلىق بېرەلەرسەنمۇ؟ دەيتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ«چوقۇم سېنى ئەمرىمگە ئېلىپ ،سېنى بەختلىك قىلىمەن.
بىر كۈندىن كېيىن ھىلالە ھوشۇغا كەلدى .جەسۇر خوشلىقتىن بىر دەستە ئەتتىرگۈل ۋە تويلۇق ئۈزۈكنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا كەلدى.نىكاھ ئوقۇيدىغانلامۇ بىللە كەلگەنىدى.ئىشىكتىن جەسۇرنىڭ سىماسىنى كۆرگەن ھىلالە خوشلىقتىن گويا ئەتتىرگۈلنىڭ قىزىل ياپرىقىدەك رەڭلىنىپ كەتتى.شۇنداق قىلىپ ،نىكاھ دوختۇرخانىدا ئوقۇلدى. بىر جۈپ كۆز بىر-بىرىگە زوق بىلەن تىكىلمەكتە...كونىلارنىڭ :«مۇھەببەت نەدە؟ ئىككى كۆزدە»دېگىنىدەك بۇ بىر جۈپ كۆزدە مۇھەببەتنىڭ نۇرانىلىقى ،ئالتۇن يۇلتۇزلىرى جىلۋىلەنمەكتە ئىدى.ھىلالەنىڭ خۇشاللىق ياشلىرى شەبنەم كەبى مەڭزىنى بويلاپ قۇيۇلماقتا.ئۇ بۇرۇن ھەسرەت ياشلىرىنى تۆكسە مانا ئەمدى شادلىق ياشلىرىنى تۆكمەكتە...قىپقىزىل ئەتتىرگۈلمۇ بۇ ئىككىسىگە تەنتەنە قىلغاندەك ،ياتاقنى خۇشبۇي ھىدلارغا چۆمكىگەنىدى.
ھىلالە شۇنداق ئاجىز نەپەس ئېلىۋاتاتتى.ئۇ ئاجىز تەنلىرىنى ئاران يۆتكەپ:
-رەھمەت جەسۇر .پاك مۇھەببىتىڭىزگە،ۋىجدانىڭىزنىڭ سىزنى ئالىيجاناپ كۆرسىتىدىغان ئۆچمەس ،يۈكسەك ئىزلىرىغا رەھمەت.بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشال ،ئەڭ بەختلىك بىر كۈن بولدى.ئۈزۈلگەن ئۈمىدلىرىم قايتا چاقنىدى. مەنمۇ ھەقىقي مۇھەببەتنىڭ ئىگىسى بولالىدىم.ئەمدى ئۆلسەممۇ را...راز...ەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ھىلالەنىڭ ئىسىق تىنىقلىرى نەپەستىن توختىدى.جەسۇر ئۇنى باغرىغا چىڭ باستى.ئۇنىڭ ئىسىسق ياشلىرى ھىلالەنىڭ سۇس كۈلكە قېتىپ قالغان سۈزۈك لەۋلىرىگە تامچىلىماقتا ئىدى.ھىلالەنىڭ ئاتا-ئانىسى ،ئۇرۇق-تۇققانلىرى يۈرىكىدە ئېچىنىش ،ئەلەم ياشلىرى قالدى.بىراق،ھىلالەنىڭ پەرۋاز روھلىرىدا شاتلىق،ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بەخت تۇيغۇلىرى ئاسمانغا ئۇنىڭ شاتلىقى بىلەن بىللە ئۆرلىمەكتە ئىدى.ھىلالەنىڭ مۇھەببەت گۈلى ئاخىرى ئېچىلدى.گەرچە ئۇ بۇ دۇنيادا گۈللىرىنى ھىدلاشقا مۇيەسسەر بولالمىسىمۇ ،ئۇ دۇنيادا پۇراپ ياتقۇسى...
جەسۇر ھىلالەنىڭ قەبرىسى ئالدىدا چوڭقۇر سۈكۈت ئىچىدە :«خەير گۈلۈم.جەننەتتە مەڭگۈ خاتىرجەم ياتقىن.مۇھەببەت گۈللىرىمىزنى سۇغۇرۇپ تۇرىمەن.ئەمدى سەندىن بۆلەك گۈلنى قوبۇل قىلالمايمەن . سېنىڭ پاك روھىڭ مەڭگۈ مەن بىلەن بىللە...مۇھەببەت گۈللرىمىز مەڭگۈ قۇرۇمايدۇ...ئۇنى ھەرگىز قۇرۇتمايمەن....ھەرگىز» ئۇ قەبرە ئالدىغا بىر دەستە قىپقىزىل ئەتتىرگۈل قويۇپ قويدى.ئەتتىرگۈل قىپقىزىل قۇياش نۇرىدا چوغدەك رەڭلىنىپ ،ئەتراپتىكى سۇلغۇنلۇق يېغىپ تۇرىدىغان قەبرىلەرگە نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى.
2009-يىل (دېكابىر)