تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دادا، ئادەملەر باي بولسا قالتىس بولۇپ كېتەمدۇ؟

-دادا، نېمەئۈچۈن نۇرغۇن ئادەملەر يېشىل چىراقنى ساقلىمايلا كېتىۋېرىدۇ؟

-بەلكىم ئۇلارنىڭ جىددىي ئىشى باردۇ؟

-لېكىن بىزمۇ مەكتەپكە بېرىشكە ئالدىرايمىز دە؟نېمە ئۈچۈن بىزلا يېشىل چىراقنى ساقلاپ ئاندىن ماڭىمىز؟

-ئەمىسە سەندىن سوراپ باقاي، قاتناش قائىدىسىدە«قىزىل چىراغتا توختاش، يېشىل چىراقتا مېڭىش»دەپ بەلگىلەنگەنمۇ، يوق؟

-شۇنداق بەلگىلەنگەن.

-توغرا دەپ قارىغان ئىشىڭدا باشقىلارنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى قايمۇقۇپ كەتمەسلىكىڭ كېرەك، بۇنى «ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىش» دەيمىز.

 

-دادا، بۈگۈن ھاۋا ئىسسىسىمۇ يەنە نېمە ئۈچۈن قېلىن كىيىم كىيىۋالىمىز؟

-چۈنكى باھار ئەمدى كىردى، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى تۇراقسىز، ئەتىگەن ۋە كەچتە ھاۋا سوغۇق.

-ئەمىسە نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ھاۋا ئىسسىسىلا يازلىق كىيىملەرنى كىيىۋالىدۇ؟

-ھەممە ئادەمنىڭ كىيىنىشىنىڭ ئاساسى بولىدۇ، لېكىن بىز ئۆزىمىز قانداق ۋاقىتتا قانداق كىيىم كىيىشنى بىلىشىمىز كېرەك.باھار ئەمدىلا كىردى، سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۆزىنىڭ بەدىنىنى ئاسراشنى بىلىشنى«ئۆزىنى سۆيۈش» دەيمىز.

 

-دادا، سىنىپىمىزدىكى بەزى بالىلار «ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئىشقا سالسا ئۇنىڭغا پۇل بېرىشى كېرەك»، دەيدۇ.

-سەنچە بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟

-بىلمەيمەن، ئاڭلىماققا توغرىدەك تۇرىدۇ، لېكىن بۇنداق قىلسا ياخشى ئەمەستۇ....

-ئەمگەك قىلسا شۇنىڭغا لايىق ئەجرىنى كۆرۈش كېرەك. لېكىن ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆيدىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.بالىمۇ ھەم شۇنداق، ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئىكەن، چوقۇم بىرقىسىم ئۆي ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى، مەجبۇرىيەتنى شەرتكە ئايلاندۇرۇۋالماسلىقى كېرەك. پۇلغا ئېرىشىشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ، لېكىن ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆيگۈسىگە تايىنىۋالماسلىق كېرەك، بۇنى«ئۆزىگە تايىنىش» دەيمىز.

 

-دادا، مەن چوڭ بولسام ياراملىق ئادەم بولالارمەنمۇ؟

-نېمە ئۈچۈن بۇنداق سوئال سورايسەن؟

-چۈنكى مېنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىشىم ئانچە ياخشى ئەمەس......

-ئادەمگە بىر تەرەپتىنلا باھا بەرگىلى بولمايدۇ، مەكتەپ بىلىم بۇلىقى، لېكىن بىردىنبىر بىلىم بېرىدىغان جاي ئەمەس. نەتىجەڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسا ھېچنىمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، خۇشال ياشاشنىڭ ئۆزى بىر بەخت، ساڭا كېرەك بولغىنى«ئۆزىگە ئىشىنىش».

 

-دادا، ئىت ئادەملەرنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىمۇ؟

-سەن دوستقا بۇنداق مۇئامىلە قىلغاننى كۆرگەنمۇ؟

-ئەمىسە نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيدۇ؟

-چۈنكى ئىت ئىگىسىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىدۇ.لېكىن ئادەملەر بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىشىپ بولالمايدۇ.بۇ بەلكىم ئىنسانىيەتنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى بولسا كېرەك.

- نېمە ئۈچۈن ئەپسۇسلىنارلىق؟

-چۈنكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئىشەنچ كەمچىل.

 

-دادا، نېمە ئۈچۈن ھازىر تاماق يىگەن يەردىكى ئادەملەر ئۈنلۈك ئاۋازدا پاراڭلىشىدۇ؟

-ئۇلار بەكلا خۇشال بولسا كېرەك.

-ئەمىسە سەن بىلەن مەن نېمە ئۈچۈن پەس ئاۋازدا گەپ قىلىمىز؟

-چۈنكى بىر ئادەم قەلبىگە پەقەت ئۆزىنىلا قاچىلىماسلىق كېرەك، ئەتراپىدىكى باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويۇشى لازىم.بىز باشقىلارنى ئۆزىمىز ئويلىغاندەك ئىش قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايمىز، لېكىن ئۆزىمىزنى تىزگىنلىيەلەيمىز. بۇنى «ئۆزىنى تىزگىنلەش» دەيمىز.


-دادا، ئادەم باي بولغانسېرى قالتىس بولۇپ كېتەمدۇ؟

دادىسى كۈلۈپ قويدى...

-ياقەي بالام، بۇنداق دىيىشكە بولمايدۇ.

-ئەمىسە نېمە ئۈچۈن ھەممە ئادەملەر پۇلدارلارغا ھەۋەس قىلىدۇ؟

-بىر ئادەمنىڭ ئۇلۇغ ياكى ئەمەسلىكىنى ئۇنىڭ قانچىلىك مال-دۇنيا تاپقىنىغا قاراپ بەلگىلەشكە بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ قانچە ئادەمگە تەسىر قىلغانلىقىغا، ئىنسانىيەت ئۈچۈن قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىقىغا قاراش كېرەك. بىر شائىرنىڭ شېئىرى بىزگە تەسىر قىلسا، ئۇنى ئۇلۇغ شائىر دېسەك بولىدۇ؛ بىر يازغۇچى ئۆز قەلىمى ئارقىلىق بىزنى تەسىرلەندۈرسە، ئۇنى ئۇلۇغ يازغۇچى دېسەك بولىدۇ؛ بىر سودىگەر ئۆز ئىقتىدارى ئارقىلىق نۇرغۇن خىزمەت ئورنى ھازىرلىسا، ھەم ئۆزىنىڭ بايلىقىنى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلەتسە ئۇنىمۇ ئۇلۇغ ئادەم دېسەك بولىدۇ.

-لېكىن يەنىلا نۇرغۇن ئادەملەر پۇلغا ئامراق ئىكەنغۇ؟

-پۇل ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ شەخسىي پىكرىنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ، ئىنسانىيەت دېگەن بىر كوللېكتىپ، ھەممە ئادەمنىڭ شەخسىيەتسىز بولۇشىنى تەلەپ قىلالمايمىز. ئادەم پۇلغا ئىنتىلگەنسېرى شۇنچە شەخسىيەتچى بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن پۇل بىلەن بىرئادەمنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، لېكىن بىز بىرئادەمنىڭ پۇلغا ئىنتىلىش دەرىجىسىدىن ئۇنى چۈشىنىۋالالايمىز.

 

-دادا، ئۆگىنىش شۇنچە مۇھىممۇ؟

-ئەلۋەتتە، نېمەئۈچۈن بۇنداق سوراپ قالدىڭ؟

-ساۋاقداشلىرىم، ياخشى ئۆگىنىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە، كېيىن ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىدۇ، كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەيدۇ! لېكىن سەن «پۇل تېپىش كىشىلىك ھاياتنىڭ بىردىنبىر يولى ئەمەس» دېگەنغۇ؟

-شۇنداق.

-ئەمىسە يەنە نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىمىز؟

-ئۆگىنىش ئارقىلىق بىرىنچىدىن بىلىم قوبۇل قىلىپ، نەزەر-دائىرىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ.نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن نۇرغۇن داۋلىلارنى چۈشەنگىلى بولىدۇ، ئاندىن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، ئۇچاغدا مەسىلىگە يولۇقساڭمۇ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالايسەن ھەمدە ئۆزەڭگە بولغان ئىشەنچىڭ ئاشىدۇ. ئىككىنچىدىن، بىلىم ئۆگىنىش بىلىمنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيىتى بىلىمگە ئىزباسارلىق قىلىشتىن كېلىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى سىلەردەك مەرىپەت ئىگىلىرى تاماملىشى كېرەك.

 

-دادا، مۇئەللىم بىزگە ۋەتەننى سۆيۈشنى ئۆگەتتى، لېكىن قانداق قىلسا ۋەتەننى سۆيگەن بولىدۇ؟

-بالام سەن بىزنىڭ ئائىلىنى سۆيەمسەن؟

-ئەلۋەتتە.

-ئەمىسە ئۆيگە قالايمىقان ئەخلەت تاشلامسەن؟

-ياق.

-يولدا كېتىۋېتىپ قولىمىزدىكى ئەخلەتنى قالايمىقان يەرگەن تاشلىمىساق، بۇ ۋەتەننى سۆيۈش بولىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنى، ئەتراپىمىزدىكى گۈل-گىياھلارنى ئاسرىساق، يولدىن ئۆتكەندە پىيادىلەر يولىدا ماڭساق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەننى سۆيگەنلىك.ۋەتەننى سۆيۈش ھەرگىزمۇ شۇئار توۋلاش ئەمەس، چوقۇم كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۆتىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلساق، بۇ ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئىپادىسى.

 

-دادا، ئىچكى گۈزەللىك دېگەن نېمە؟

- خرۇستال ۋە ئالماستىن جىيەك تۇتۇلغان قاچا كۆزۈڭگە چىرايلىق كۆرىنەمدۇ؟

-ئىنتايىن چىرايلىقتۇ.

-ئەگەر ئۇنىڭ ئىچىگە گەندە سېلىپ قويسا يەنە چىرايلىق كۆرۈنەمدۇ؟

-ياق، ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدۇ.

-توغرا، مەيلى سىرتى قانچىلىك كۆركەم بېزەلسۇن، ئەگەر ئىچىگە مەينەت نەرسە قاچىلانسا، ئۇ مەڭگۈ گۈزەل بولالمايدۇ، بىر ئاددىي ياغاچ قاچىنىڭ ئىچىگىمۇ، ئالتۇن-كۈمۈش، مەرۋايىتلارنى سالساق ئۇمۇ ئوخشاشلا گۈزەل بولۇۋېرىدۇ!ئادەمنىڭ گۈزەللىكىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. تاشقى گۈزەللىكىمىزگە كۆڭۈل بولۇپ، ئىچكى گۈزەللىكىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلساق بولمايدۇ. ئىچىمىزنى بىلىم، پەزىلەت، ئۆزىگە ئىشىنىش قاتارلىق گۈزەل شەيئىلەر بىلەن تولدۇرۇشىمىز كېرەك. مانە بۇنى« ئىچكى گۈزەللىك» دەيمىز.

 

-ئوغلۇم، بايامقى مەكتەپنىڭ ئىشىكىگە قارايدىغان بوۋاي ساڭا قاراپ كۈلسە، سەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىمايسەن؟

-ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

-ئەمىسە مەن نېمە ئۈچۈن بوۋاڭنى كۆرگەندە ئەھۋال سورايمەن؟

-ئەدەب يۈزىسىدىن.

-ئەمىسە نېمەئۈچۈن ئەدەبلىك بولۇش كېرەك.

-......

-مۇنداق ئويلا، ئەگەر ئۇ بوۋاينى يېشى چوڭ بولسىمۇ، بىزگە جاپالىق مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىساڭ، مىننەتدارلىقىڭنى بىلدۈرۈپ قويۇشۇڭ كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقېتىم شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك.ئەگەر ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراشنى پەقەت ھۆرمەت يۈزىسىدىن، ئۆزۈڭنىڭ ئەدەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش دەپ قارىساڭ، ئۇنداقتا ئەھۋال سورىمىساڭمۇ بولىدۇ. سەنچىچۇ؟

-مەن ئويلاپ باقاي......

-ئىش قىلغاندا نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغىنىڭنى بىلىشىڭ كېرەك، شۇ چاغدىلا شۇ ئىشنى سەمىمىي، ئەستايىدىل، ساختىلىق ئارىلاشمىغان ھالدا قىلىسەن، مانە بۇنى«ئەدەپ»دەيمىز.


بۇنى«ئەدەپ» دەيمىز.




ئەسلى مەنبەسى: news.gmw.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز