تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كېچىدىكى تاتلىق ئۇيقۇدا قارا بېسىش نېمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟

ئادەتتە بەزى كىچىك ئىشلار ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىپ، كېچىچە قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا قايسى ئىشلار قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

1. پۇراق. بەزىلەر ئۇخلاۋاتقاندا تۈرلۈك پۇراقلارنىڭ تەسىرىدىن ئويغىنىپ كېتىدۇ. ناۋادا ئويغىنىپ كەتمىگەندە مەززىلىك پۇراق شېرىن چۈش كۆرۈشكە سەۋەب بولسا، ئاچچىق، سېسىق پۇراقلار قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئاۋاز. تۈرلۈك ئاۋازلارمۇ ئۇيقۇنى بۇزىدۇ. ناۋادا بۇ ئاۋازلار قۇلاققا كىرىپ تۇرسىمۇ داۋاملىق ئۇخلاۋەرگەندە، قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئاچچىق يېمەكلىك. ئاچچىق يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئۇيقۇ سۈپىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا قارا بېسىشنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىككى سائەت ئىلگىرى ئاچچىق نەرسە يېمەسلىك كېرەك.

4. دۈم يېتىش. دۈم ياتقاندا بەدەن يېتەرلىك ئوكسىگېنغا ئېرىشەلمەي، چوڭ مېڭە سېزىمىنى يوقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەن سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىپ قارا باسىدۇ.

ـــ «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن


مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى




ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز