1. كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئون مىنۇت ئارام ئېلىش كېرەك.
2. غۇۋا چىراغ نۇرىدا كىتاب ئوقۇماسلىق ياكى تىككۈچىلىك قىلماسلىق لازىم.
3. تېلېۋىزور كۆرگەندە، تېلېۋىزور بىلەن بولغان ئارىلىق ئېكران كەڭلىكىنىڭ بەش ھەسسىسىگە باراۋەر كەلگۈدەك يىراق بولۇشى كېرەك.
4. ياغاچچىلىق، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، ئوت- چۆپ ئورۇش قاتارلىق يوشۇرۇن خەتىرى بار خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا بىخەتەرلىك ئەينىكى تاقاش لازىم.
5. ياز كۈنلىرى سىرتقا چىققاندا، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۆزگە بولغان تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن 80~75 پىرسەنتلىك نۇر قايتۇرغۇچ كۆزەينەك تاقاش لازىم.
6. كۆز كېسىلىنى داۋالاتقاندا ئۈزۈل كېسىل داۋالىتىش كېرەك.
7. كۆز تورلىشىش، غۇۋا كۆرۈش، كۆز قىزىرىش، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم.
8. دوختۇرلار كۆزەينەك تاقاش تەكلىپىنى بەرگەندە يۇقۇملۇق كېسىلى بارلار ئىشلەتكەن كۆزەينەكنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.
9. كۆزەينەكنى ھەر كۈنى سۈرتۈپ تازىلاپ تۇرۇش ھەمدە بىر نەچچە ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم. كۆزەينەكنى تاقىمايدىغان چاغدا قاپچۇققا سېلىپ قويۇش لازىم.
10. كۆزنى ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم.