«بوغدا» نىڭ -2015يىلىغا نەزەر
2015-يىلى گەرچە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ماكرو ئىگىلىكنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئېنتىرۋال ھالەتتە بولغان بولسىمۇ، كارخانىچىلارنىڭ تىجارەتتىكى ئۇچرىغان مەسلىلىرى، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى يەنىمۇ ئېشىپ باردى. ئەمما شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىچىلار ھازىرقى ئالاھىدە ۋەزىيەت ئاستىدىكى ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئورنىغا ماس كېلىدىغان ئەندىزە ۋە مۇھىتنى بەرپا قىلىپ، ئۆز تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
2015-يىلى، بوغدىلىقلار ئۈچۈن ئۆزىگە خاس بولغان داۋالاش خىزمەت ئەندىزىسى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب رىشتىسىنى قەلبلەرگە تۇتاشتۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزلىرىدىن كۈتكەن ياخشى ئارزۇلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاش خىزمىتىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بىر يىل بولدى دىيىشكە بولىدۇ.
يېقىنقى (2015-يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش يىغىنى) ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىدا 2015-يىلى ئامبولاتورىيەدە كۆرۈنگەن كېسەل سانى 89000ئادەم قېتىم بولۇپ، بالنېستتا يېتىپ داۋالانغانلار سانى 12000ئادەم قېتىم بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە بالنېستتا يېتىپ داۋالانغان ئەرلەر بۆلۈم بىمارلىرى66.7% بولۇپ، بىمارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى %95.1 كە يەتكەن. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ يادرولۇق داۋالاش تۈرلىرى بولغان ئەرلەردىكى جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقى كېسەللىكى %36، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى كېلىماكتېرىيە دەۋرى يەنى جىنسىي بەز ئىقتىدارى كېيىن چېكىنىش كېسەللىكىنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى%4.4 بولغان. ئاياللار بۆلۈمىدە پەرزەنتلىك بولالمغانلار ئىچىدە بالنېستتا يېتىپ داۋالانغانلار %66.7نى ئىگەللىگەن، پەرزەنتلىك بولۇش نىسبىتى% 30ئەتراپىدا بولغان.
2015-يىلىدا بوغدىلىقلارنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغى يىگىرمە مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئىلغار داۋالاش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش بىلەن بىرگە، دوختۇرخانا داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقاردى. بولۇپمۇ خوتەن شەھەر ئىچىگە جايلاشقان، كۆلىمى ئون مىڭ كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان خىزمەت بىناسى 2016-يىلى 10-ئايلاردا پۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئۆتكەن بىر يىلدا ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا قارىماي، خادىملارنى تەربىيەلەشكە بىريېرىم مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان بولۇپ، بۇ بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى.
2.ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلەر ۋە شان-شەرەپلەر
◆2015-يىلدا بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى "جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىشكە ئېھتىياجلىق ساغلام ئەرلەر"گە قارىتا يېڭى بىر داۋالاش لايىھەسىنى ئېلىپ چىقىپ، مۇھەببەتكە ئىنتىلگۈچى ساغلام ئەركەكلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش ئارزۇسىنىڭ روياپقا چىقىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.
◆يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان جۇڭگو غەربىي دىيار ئەرلىكشۇناسلىق مۇنبىرى-شىنجاڭنىڭ ئەرلىكشۇناسلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق سەھنىگە ئايلانغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەرلىكشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، شىنجاڭدىكى ۋە مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى مۇشۇ ساھەدىكى داڭدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرلىكتە ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇشى، شىنجاڭدىكى ئەرلەر بۆلۈم دوختۇرلىرىنىڭ داۋالاش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، رايونىمىز ئەرلىكشۇناسلىق يۆنىلىشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە ئىنتايىن تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.
◆شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئاپتونۇم رايونلۇق تىل يېزىق كومىتىتىدىكى رەھبەرلەر ۋە تىلشۇناس، تەرجىمانلارنىڭ يىغىلىشىدا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك مەخسۇس ئىشلىتىلىۋاتقان جىنسىيەتتىكى بىر قىسىم جەدىۋەللەر ئۆلچەملىك ئۇيغۇر تىلىغا قېلىپلاشتۇرۇپ بۇنىڭدىن كېيىنكى كلىنىكىدا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىش ۋە بىمارلارنىڭ چۈشىنىش جەھەتتىن زور قولايلىق يارىتىلدى.
◆ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ژورنالدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى نەشىر قىلغان "ساغلاملىق" ژورنىلىدا ئاممىباپ پەننىي ماقالىدىن تۆت پارچىسى ئېلان قىلىندى.
◆شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ ئەرلىكشۇناسلىق تەتقىقات خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن جۇڭخۇا ئەرلىكشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى"كلىنكىلىق داۋالاش بازىسى" قىلىپ بېكىتىلدى.
◆بوغدىلىقلارنىڭ نەتىجىلىرى ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبەرلەرنىڭ يەنە بىر قېتىملىق تولۇق قوللىشىغا مۇيەسسەر بولغانلىقتىن "ئىلغار جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى" دېگەن كاتتا شان-شەرەپكە نائىل بولدى.
◆كوممىنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق كومىتىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە جەمئىيەت كاپالەت ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق بەش ئورۇننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن "ئىگىلىك تىكلەش ئۇستازى" شەرىپى بوغدىلىقلارغا بېرىلدى.
3. دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل
◆مېھىر-مۇھەببەت ئىنسان ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك مەنىلەرگە، گۈزەل كەچمىشلەرگە ئىگە قىلىدىغان مەنىۋى بايلىق. ھەربىر ئادەمنىڭ زىممىسىدە باشقىلارغا نىسبەتەن باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولۇش ناھايىتى زۆرۈر. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى 2015-يىلغا قارىتا "بوغدا مېھىر-شەپقەت فوندى"غا 61559يۈەن ئاجرىتىلغان، دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالىنىشتا قىيىنچىلىقى بولغانلارغا ۋە ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىشلىرىغا ئاجرىتىلغىنى 638040يۈەن.
◆شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى "شېرىن چۈش پىروگراممىسى" ئارقىلىق مەنپەئەتلەنگەن ئون يەتتە نەپەر قېرىندىشىمىزنىڭ "شېرىن چۈش"لىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەمدە بولۇپ، ياردەم قىلغان پۇل سوممىسى 50000 يۈەن بولغان.
◆بىمارنىڭ رەھمىتى، "بوغدا"نىڭ زىننىتى
ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى» خادىملار ئوبرازى ۋە ئۆلچەملىك مەشغۇلات» لايىھەسى بويىچە، ئىچكى قىسمىدىكى تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ،دوختۇرخانىنىڭ ئەلا مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم شەرتنى ھازىرلاپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بىمارلارنى خاتىرجەم، ئۈنۈملۈك داۋالاش شارائىتى بىلەن تەمىنلەش جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن، بىمارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 353پارچە رەھمەت خېتى، 18پارچە لەۋھە ۋە "بوغدا"لىقلار مەدھىيلەنگەن شېئىر-قوشاقلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بوغدىلىقلارنى ئالاھىدە سۆيۈندۈردى.