تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تۇرمۇش شۇنداق داۋام قىلىدۇ


تۇرمۇش شۇنداق داۋام قىلىدۇ

مۇھەببەتتە ياخشى كۆرۈش ئاسان، سۆيمەك تەس. سۆيمەككە قارىغاندا سۆيۈلمەك تېخىمۇ تەس. ئاخىرغىچە سۆيۈلمەك تېخىمۇ قىيىن. ھېسىي مۇھەببەتتىكى بۇ خىل لوگىكىلىق چۈشەنچىلەرنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاش ھەربىر ئىنسان دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك، سۆيگەندىلا ئاندىن سۆيۈلگىلى بولىدۇ. بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈش، سۆيۈش،سۆيۈلۈش ئىنساندىكى ئەڭ بۈيۈك تۇيغۇ، ئىنسان مۇشۇ تۇيغۇغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەبئىي فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجغا ئىگە باشقا جانلىقلاردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. 

بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈش قىز-ئوغۇللاردىكى بىر خىل تەبىئىي ھادىسە، قىز-ئوغۇللار ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن بىر بىرىگە يېقىنلىشىشقا باشلايدۇ، پاراڭلىشىدۇ،ئىچكى ھېسسىياتلىرىنى ئىزھار قىلىشىدۇ، باردى-كەلدى قىلىشىدۇ، شۇ جەرياندا ھېسسىيات جەھەتتىن مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە بولغانلار بىر مەزگىل ئارىلىشىش ئارقىلىق بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالىدۇ. ئەمما ياخشى كۆرۈشنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى ناتايىن، ياخشى كۆرۈش بىلەن تۇرمۇش تامامەن باشقا-باشقا ئىش،بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈش تۇرمۇش قۇرۇشتىن ئاۋۋالقى ھېسسىياتنى ئاساس قىلىدۇ. تۇرمۇش قۇرۇشتىن ئاۋۋال بىر بىرىنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈشكەن قىز ئوغۇللارنىڭمۇ تۇرمۇش قۇرۇپ بىر بىرىنىڭ ۋىسالىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاشۇ خىل ھېسسىياتنى ئۆمۈرلۈك داۋاملاشتۇرالىشى ناتايىن. 

چۈنكى بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن قىز ئوغۇللارنىڭ مىجەز خاراكتېرىنىڭمۇ ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ساپ، نازۇك بولۇشتەك پىسخىك ئىچكى ھېسسىياتنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، مىجەز خاراكتېرىمۇ بىر بىرىگە ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەنلەر ئىچىدە مىجەز-خاراكتېرىنىمۇ بىر بىرىگە ماسلاشتۇرۇلىغانلار، قايناق ھېسسىياتىنى ئاخىرغىچە ساقلاپ قالالىغانلار تۇرمۇشتا بەختلىك بولىدۇ. مىجەز خاراكتېرىنى بىر بىرىگە ماسلاشتۇرالمىغانلار ياكى ماسلاشتۇرۇشنى خالىمىغانلار،ھېسسىياتى تۇراقسىزلار، ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىغانلار تۇرمۇشتا بەختلىك بولالمايدۇ. 

بىر بىرىنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلغان، لېكىن مىجەز خاراكتېرى بىربىرىگە ماس كەلمەي تۇرمۇشنى تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلار ئىچىدە مەشھۇر شەخسلەرمۇ، ئاددىي ئادەملەرمۇ بار، بۇنداقلاردىن نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. تۇرمۇشنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ھېسسىيات، مىجەز، خاراكتېر،ئەخلاق-پەزىلەت، پىكىر جەھەتتىن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش كېرەك. 

فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى ھايۋانلاردىمۇ بولىدۇ، بىراق بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈش، ئەخلاقى پەزىلەت،غورۇر،سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئىنساندىكى ئالاھىدىلىك. ياخشى كۆرۈشكە ئېرىشكەنلىرىنىڭ سۆيۈشكە ئېرىشەلىشى، سۆيگەنلەرنىڭ سۆيۈلۈشكە ئېرىشەلىشى سۆيۈش، سۆيۈلۈشكە ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇرمۇش قۇرالىشى، 


تۇرمۇش قۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەختلىك بولالىشى ناتايىن. دېمەك، تۇرمۇش يولى ئەگرى-توقاي بولىدۇ. تىپتىنچ ئۆتىۋاتقان تۇرمۇشتا بەزىدە تۇيۇقسىز ئېغىر پاجىئەلەر يۈز بېرىدۇ،تۇرمۇشتا ئېغىر بېسىم پەيدا بولىدۇ، تىنچ شارائىتتا بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈش نورمال ئىش. ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەپسۇسلىنىدىغان تەرتىپى بولمايدۇ. بىراق تۇرمۇش ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بىر بىرىنى تاشلاپ كېتىش، ۋاپاسىزلىق قىلىش، بىر تەرەپكە بەكمۇ ئېغىر كېلىدۇ. تۇرمۇشتا ئېغىر سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەنلەر، بىر بىرگە يۆلەكداش بولالىغانلار، ئىلھام مەدەت بېرەلىگەنلەر، جاپالىق شارائىتنى بىرگە ئۆتكۈزەلىگەنلەر ئاندىن تۇرمۇشتا ھەقىقىي بەختلىك بولالايدۇ. ياخشى كۆرۈش قىز ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى ھېسسىياتنىڭ بىرلا تەرىپى. بىر بىرىنى ياخشى كۆرگەنلىك بىلەنلا تۇرمۇشتا بەختلىك بولۇشنىڭ ئاساسىي تىكلەندى، دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. يەنى ماددىي تۇرمۇشى ياخشى بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى بەختلىك، ماددىي تۇرمۇشى ناچارلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرمۇشى بەختسىز دەپ قاراشنىڭ ئۆزىمۇ خاتا. جەمىيەتتە بىر ئۆمۈر نامراتلىق ئىچىدە ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ، ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتىۋاتقان ئائىلىلەر ئاز ئەمەس. ئۇلارنى كىم بەختلىك ئەمەس دەپ ئېيتالايدۇ؟ تۇرمۇشتا ماددىي ئىقتىساد مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، لېكىن ئۇ بەختلىك تۇرمۇشنىڭ بىردىنبىر ئاساسى ئەمەس. 

ھەربىر ئىنساننىڭ تۇرمۇشتا بەختلىك بولۇش ياكى بولالماسلىقى بۇلارنىڭ ئاشۇ تۇرمۇشى دوقاللىرىدىكى ھەربىر زىددىيەتنى قايسى ئۇسۇل، قانداق چارە تەدبىر بىلەن ھەل قىلىپ، تۇرمۇشقا ئوڭۇشلۇق قەدەم قويغان، قويمىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تۇرمۇش مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ، لېكىن تۇرمۇش قاينىمىدىكى ئادەملەرنىڭ تەقدىرى بىر بىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ، مانا مۇشۇ پەرقنى ئازايتىش جەھەتتىكى ئىزدىنىش تۇرمۇش رىقابىتىنى شەكىللەندۈرگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھاياتلىق، تۇرمۇش مەڭگۈ رىقابەت ئىچىدە تۇرىدۇ،تۇرمۇشنىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا، رىقابەتكە جەڭ ئېلان قىلالىغانلىرى بەختلىك بولىدۇ، تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە ماسلىشالمىغانلار تۇرمۇشنىڭ رەھىمسىز سىناقلىرى تەرىپىدىن شاللىۋېتىدۇ. تۇرمۇشنى ئاددىي ھالدا چۈشىنىش ياكى تۇرمۇشقا رېئاللىقتىن چەتنىگەن ھالدا مۇئامىلە قىلىش، تۇرمۇشنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە تەرتىپكە سېلىشقا ئۇرۇنۇش ئادەمنى بەختسىز قىلىپ قويىدۇ. بۇلارنى تۇرمۇشتا بەختلىك بولۇشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشتە مەلۇم ئاساسى بار، دەپ قاراشقا بولىدۇ. 

ئاپتورى: مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز