ئەلۋىدا ۋاپاسىز سۈيگۈم .....
ھاياتىمدا ئىككىنچى قېتىملىق مۇھەببەتلىك ھاياتىمنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن ،بىراق ،سىنڭ قەلبىمدىكى ئورنىڭ،قەلبىمدىكى شۇ سۈيگۈم يەنىلا تەۋرەنمەي تۇرماقتا ، بەلكىم بۇ ھاياتىمدا بىر سىنىلا سۈيۈش ۋە بىر سېنىلا ساقلاش پىشانەمگە پۈتۈلگەندەك ھېس قىلىپ قالىمەن ،بىز بىرگە ئولتۇرغان ،بىرگە مۇڭداشقان شۇ ئۇرۇنلارغا قانداقتۇر سىنىڭ ھىدىڭنى ئىزلەپ بارغۇم كىلىدۇ ،خۇددى شۇ جايلاردا سىنىڭ ھىدىڭ باردەك،بەزىدە ئۈزۈمنى بىر گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالىمەن ،بىراق ئۈزۈمنىڭ نىمىنى خاتا قىلغىنىمنى بىلمەي ئۈتۈپ كىتىمەن ،بەلكىم سىنى ياخشى كۈرگىنىم گۇناھتۇر،ۋە ياكى بىزنىڭ ئارلاشقىنىمىزنىڭ ئۈزى بىر گۇناھتۇر !
ھاياتىمدا ئۈزۈمنى خۇشال ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىممۇ سەن بىلەن بىرگە يۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى ،ئۈزۈمنى سەن بىلەن يۈرگەندە دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيلىك قىز دەپ ئويلايتتىم ،ئەپسۇس ئۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كەتتى ،كەتكەندىمۇ كەلمەسكە كەتتى ،بەلكىم بۇ جاھاندا مەندەك ئەخمەق ھەم دۆت قىز بولمىسا كىرەك ! مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ئۇنى تەكرار ئەسلەيدىغان ،ئەسلەپ ئۈزىنى خورىتىدىغان،بىراق سەن يوق ئۈزۈمنى نەقەدەر يالغۇز ھېس قىلغىنىمنى بىلەمسەن؟ ياق سەن بۇنى ھەرگىز چۈشەنمەيسەن!ھەم ھېس قىلىپ يېتەلمەسلىكىڭ مۇمكىن!چۈنكى سەن ئازاپنىڭ نىمىلىكىنى بىلىپ يېتەلمەسلىكىڭ مۇمكىن ،سەنغۇ مەندىن ئايرىلىپ باشقابىرنەچچە قىز بىلەن يۈرگەنمۇ بولدۇڭ !ئەمما لىكىن ،مەن نىمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ ئازاپلارغا مۇپتىلا بولىمەن ؟ بۇ تۇغۇلىشىمدىن پىشانەمگە پۈتۈلگەن رىياللىقمۇ ياكى .............
بىراق ،ئەمدى يەنە ئۈزۈمنى ئالدىغىم كەلمىدى ، سىنى يەنە ئاۋارە قىلىپ ، پاراكەندە قىلىشنى خالىمايمەن ! ساڭا چىن كۆڭلىمدىن بەخىت تىلەيمەن !كەچۈر.ياق ساڭا كەچۈر دىيىشىمنىڭ ھاجىتى يوقلىغىنى ھېس قىلدىم .
سەن توي قىلغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ،سېنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىڭ كۈلگە ئايلاندى.لىكىن ساڭا كۈلۈپ تۇرۇپ ئەلۋىدا دىمەكچىمەن ! ھازىرقى يېنىمدىكى بۇ يىگىتنىڭ مىنى بەخىتلىك قىلالايدىغىنىغا ئىشىنىمەن ،ھەم ئۇنى ئالدىغۇم يوق،ئۇنى چىن كۆڭلۈمدىن سۈيۈش قارارىغا كەلدىم ! خەيىر ،سەن ئەمدى يەنە كىملەرنىڭ تۇرمىشىغىدۇ سۇقۇنۇپ كىرىپ يەنە باشقىلارنىڭ ھېسياتىنى ئۇيۇن قىلماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمەن ! .......ئەلۋىدا مىنىڭ ۋاپاسىز سۈيگۈم