زوردۇن ئىمىر
ئۇزدۇر بۈگۈن يېڭى يىل بۇندىن گۈزەل ئەتىمىز،
تاڭدا كۈلگەن گۈل – غۇنچە چولپان – زۈھەل ئەتىمىز.
ئوخشىتىمىز رېئاللىق ھۇزۇرىنى شەربەتكە،
باغرى تولغان لەززەتكە، قايماق – ھەسەل ئەتىمىز.
باقتى ئامەت قۇت – نۇسرەت، قوشۇلۇپ ھەم پاراغەت،
ھارارەتتىن دىللاردا ئاققۇزار سەل ئەتىمىز.
رىزقىمىزنىڭ غېمىنى تەڭشەپ ئارتۇق – كېمىنى،
بۈگۈندىنمۇ ئاشۇرۇپ قىلىدۇ تەل ئەتىمىز.
گۈزەل ئارزۇ – تىلەكنى پۈككەن قەلب تۆرىگە،
مەنمەنلىكتە بوشىشىپ قويمايدۇ بەل ئەتىمىز.
دىلدا قايغۇ – ئەندىش يوق، ئىشەنچلەرىن كۆڭۈل توق،
لەۋزى – قەسەم، ئەھدىگە قىلار ئەمەل ئەتىمىز.
بۈگۈنىمىز ئوركېستىر كۈيخۇمارمىز ھەممىمىز،
تۆكەر لەۋلەر زەر – ئۈنچە، ناخشا – غەزەل ئەتىمىز.