گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى
كەچلىك ئىلھاملىرىم يەنە شۇ قەلب ئىشىكىمنى چەككىلى تۇردى. شۇنداق جىددىي، خۇددى ئەل ئۇيقۇغا كەتكۈچە تاماملىمىسام بولمايدىغاندەك...
مەن ئۇنى ئىزدەپمۇ باقمىدىم. ئۇ مەندىن رەنجىدى بولغاي، مېنىمۇ قەتئىي ئىزدىمەس بولدى. بارا بارا ھەممە ئۇنتۇلىدىكەن، ياق! ئۇنتۇلمايدۇ، بىز بارنىڭ يوقىغا كۆنىدىكەنمىز خالاس!
**************************************************************
مەن ئۆزۈمنى ئالاھىدە ئادەم دەپ ئويلايتتىم، خۇددى مەن ئويلىغاننى باشقىلار ئويلىمايدىغاندەكلا. كۆزۈم قۇلىقىم ھەم چاققان ئۆتكۈر ئۆزۈممۇ ھەم خېلى سەزگۈر بولغاچقىمۇ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن تارتىپ، سۆز-ھەرىكەتلىرىگىچە كۆزۈمدىن قۇتۇلالمايتتى. ئويلاپ قالاتتىم-دە، ئۇ ئادەم نېمىنى ئويلاۋاتقاندۇ؟ بۇ بوۋاق نېمىنى ئويلاۋاتقاندۇ؟ قەيەرگە ئالدىراپ كېتىۋاتقاندۇ؟ سىنىپتىكى بالىلارنىڭ قانچىلىرى تاپشۇرۇق غېمىدە يۈرەكلىرى سوقۇۋاتقاندۇ؟ قايسىلىرىنىڭ تەرىتى قىستاپ، تەنەپپۇسنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقاندۇ؟ قايسى ئوغۇل بالىنىڭ تاماكا خۇمىرى تۇتۇپ بىئارام بولۇۋاتقاندۇ؟ كىملەرنىڭ قورسىقى ئېچىپ، چۈشلۈك تاماقلارنى ئويلاۋاتقاندۇ؟ يەنە كىملەر يوقاتقان ۋە ياكى ئېرىشەلمىگەن كىشىلىرىنىڭ ھىجران ئوتىدا كۆيۈۋاتقاندۇ؟ ۋەھاكازالار... مانا مۇشۇ ئويلار مېنى شۇنداق بەخت تۇيغۇسىغا ئېلىپ بارىدۇ. باشقا بەخت مەن ئۈچۈن بەكمۇ يىراقتا!
خىيالنى بىكارغا بەرگەندەك توننىلاپ گەجگەمگە يۈدىۋالغان مەن توختىماي خىيال سۈرىمەن. ئۆزۈمنىڭ خىياللىرىدىن تەپەككۇرلىرىدىن ئۈنچىلەر ھاسىل قىلىپ، مۇشۇنداق دەپتەر يۈزىگە تىزىمەن.
تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى ئويلاپ، ئۆرلەپ ئوقۇيالمىدىم. كەلگەن چاقىرىقنى تا ھازىرغىچە ئۆيدىكى ساندۇقۇمغا ساقلاپ قويغانمەن. مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمىسەممۇ، ھامان بىر كۈنى بەختىمنى تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. بىراق، كۆڭلۈمنىڭ يېرىم بولغىنى شۇكى، ۋەدىلەشكەن يىگىتىم ئالىي مەكتەپكە كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ كېلىشىگە بەش يىل بولغاچقا، بوۋام-موماملار مېنىڭ توي ئىشىمغا ئالدىرىغىلى تۇردى. دېمەك، ئۇنى ساقلاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئاتا-ئانام كىچىكىمدىنلا تۈگەپ كېتىپتىكەن. بۇ توغرۇلۇق مومامدىن توختىماي سوئال سورايتتىم. موماممۇ تېرىكمەستىن جاۋاب بېرەتتى، ھەم ئۆكسۈپ كېتەتتى. چوڭ بولغانچە ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماي دەپ، سورىماس بولدۇم.
بىز باشلانغۇچتىن تارتىپ بىرگە ئوقۇغان، 12 يىللىق ساۋاقداشلىق مېھرىمىز بار. ئۈچ يىلدىن ئارتۇق بىر پارتىدا ئولتۇرغاچقىمۇ، مىجەز خۇلقىمىز بىر بىرىمىزگە ئايدىڭ. مېنىڭ نازۇكلىقىمنى پەقەت ئۇلا كۆتۈرىدۇ، ئاتا-ئانا توغرىلىق گەپلەر چىقسىلا ئىشارەت قىلىپ، توختىتىپ قويىدۇ. كۆڭلۈمنى ئۇتۇشقىمۇ ئۇستا ئىدىكى، پات-پات كۈتۈلمىگەن سوۋغاتلارنى بېرىپ مېنى خۇشال قىلاتتى. ئۇنى كۆرمىگەن كۈنلىرىم پەقەتلا ئېچىلالمايدىغان ھالەتتە كۆنۈپ قالغانىدىم.
مەكتەپتىن قايتىش يولىدا بىر سۇ چىقىرىدىغان قۇدۇق بار ئىدى. كۈندە چۈشتىن كېيىن قۇدۇقتىن سۇ چىقىراتتى. سۇنى دەل ئۇنىڭ دادىسى باشقۇراتتى، قىززىقتە بالىلىق... شۇ چاغلاردىلا ئۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، سېنى ئالىمەنلا دەيتتى. مەن بولسام، ئۇنىڭ دادىسىنى كۆرسەملا راستىنلا قېينىئاتامنى كۆرگەندەك خىجىل بولۇپ كېتەتتىم. بىز شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى قويلارنى ئەپچىقىپ باقاتتۇق، دەل شۇ قۇدۇق بېشىدا ئولتۇرىۋېلىپ، ئەتراپتىكى ئېتىزلىقلارغا قويۇۋېتەتتۇق. رومانتىك بىر مەنزىرىكەن ھازىر ئويلىسام... قۇدۇقنىڭ ئۇدۇلىدا ئىككى تۈپ دەرەخ بار ئىدى. بىر بىرىگە شۇنداق يېقىن، ئۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا ئېتىزدىن قايتىپ چارچىغان دېھقانلار ئولتۇرۇپ سايىدايتتى. قۇدۇقتىن مۇزدەك شەربەت كەبى سۇنى ئىچىپ ئاغزىلىرىنى تامشىپ كېتەتتى. بىز بولساق، ھېچكىم بىلەن كارىمىز يوق، كىتابنى كۆتۈرىۋالغىنىمىز بىر شەكىل. تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ، قويلارنىڭ قىر ئاتلاپ قەيەرلەرگە كەتكىنىنىمۇ سەزمەي قالاتتۇق.
شۇ نەچچە يىلنىڭياقى كۆنۈپ قالغانلىق باھانىسى بىلەن، تولۇق ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندا ئۇ ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلدى، مەن ئوقۇيالمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. چۈنكى مېنى ئوقۇتىدىغان يۆلەنچۈك ئاتا-ئانام يوقتە، ئۇ ئېغىر ئۇھسىندى:
- قىزبالا تۇرساڭ، ئوقۇمىساڭلا ئۆيۈڭلارغا ئەلچى كىرىدۇ، مەن پۈتتۈرۈپ كەلگۈچە سەن ياتلىق بولۇپ بولارسەنمۇ؟
خۇددى ھازىرلا مېنى زورلاپ بىرىگە ياتلىق قىلغاندەك كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ، يۈرىكىم سېلىپ كەتتى:
- توۋا دېگىنە، ئەمدى ھەرقانچە بولسىمۇ، رەت قىلارمەن ئادەم بولغاندىكىن... سېنى ساقلايمەن!
ئۇ مېنى شۇنداق قۇچاقلىغۇسى بولسىمۇ، سېنى پاك ھالەتتە ياخشى كۆرىمەن، پاك ھالەتتە ئەمرىمگە ئالىمەن. دەپ ھەتتا قولۇمنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتماي خوشلاشتى.
بىر بىرىمىزگە بولغان ھۆرمەت دەل مۇشۇ ساپ مۇھەببەتنى شەكىللەندۈردى.
ئەمدى نېمە دەي؟! ئۇ دېگەنكىدەك ئۆيگە ئەلچى ئۈزۈلمەي كىرگىلى تۇردى، بوۋامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولالماي بىزدىن خوشلاشتى، موماممۇ كەينىدىنلا ساقسىز بولۇپ يېتىپ قالدى. بوۋامغۇ نىكاھ تويۇمنى كۆرەلمەي كېتىپ قالدى، ئەمدى مومامنىڭ بۇ ئارزۇسىنى يەردە قويسام بولمىغۇدەك. مومامدىن باشقا ھېچكىمىم يوق، ئۇنىڭدىن ئايرىلسام، نىكاھىمغا باش بولغۇدەك ئادىمىم ھەم يوق!
بىر يىلدەك ئالاقىلاشقان بولدۇق-يۇ، تەتىلدە قايتىپ كەلگىنىدە، بوۋامنىڭ مېيىتى ھەم نەزىرىگە قاتناشتى، خۇددى ئۆز قېرىندىشىمدەك ياردەمدە بولدى. ئۇنىڭدىن مېھرىمنى ئۈزەلمىسەممۇ، ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن، ئۆزۈمنى تۆۋەن چاغلايدىغان بولۇپ قالدىم، ئۆزۈمنى ئەپقاچىدىغان بولدۇم، تېلېفون كەلسە، ئالدىراش دەپلا قويۇۋېتىدىغان ھالەتكە يەتتىم، چۈنكى ئۇ شەھەرنىڭ، ساۋاقداشلىرىنىڭ شۇنداقلا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەيتتى، مەن بولسام ھە، ھە، ھە، دەپ ئاڭلاپ تۇرماقتىن باشقا نېمە دېيەلەيتتىم. كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا يوتقاننىڭ بۇرجىكىنى چىشلەپ ئاۋازىمنىمۇ چىقىرالماي يىغلايدىغان بىچارە يېتىم تۇرسام...
ئۇنىڭ بەختى مەندە ئېچىلمايدۇ. مېنىڭ بەختىم ئاللىبۇرۇن يوقالغان!
ئۆينىڭ مۇقىم تېلېفوننى توختىتىۋەتتۇق، مومامنى ئېلىپ مەن توي قىلىپ بارغان شۇ كەنتكە كۆچۈپ كەتتىم. ئاڭلىسام، مېنى شۇنداق ئىزدەپ كېتىپتۇمىش، ئەپسۇس، مېنىڭ ئالاقىلاشقۇدەك جۈرئىتىم يوق!