تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ھاكىم نەسىردىن ئەپەندىنىڭ يېڭى بۇيرىقى

ھاكىم نەسىردىن ئەپەندىنىڭ يېڭى بۇيرىقى

(فىليەتۇن)

گەپدانلار زامانىسىنىڭ سۆزمەنلەر مەزگىلىدە،نەسىردىن ئەپەندى يېڭى كۈلكەناھىيسىگە ھاكىم بۇلۇپ سايلاندى .بىر كۈنى ئۇ،ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك سەنئىتىنى نامايان قىلىپ ،تۈۋەندىكىدەك بۇيرۇق چۈشۈردى ؛

1-ئوت يۈرەك شائىر ل،مۇتۇللىپنىڭ ‹‹ئەپەندى بولماق ››دىگەن شىئىرى قايتا تۈزۈتىلسۇن .‹‹ئەپەندى ›› بۇلۇشنىڭ ئۆلچىمى مىنىڭ قىياپىتىمگە ،سۆز-ھەركەتلىرىمگە ئەينەن تەقلىد قىلىنسۇن .

2-ناھىيە خەلىقىنىڭ كىيىم -كىچىكى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ ،ئەر-ئايال ئوخشاشلا ئاق-قارايوللۇق ئۇزۇن پەرىجە،پاختەكرەڭ خام يۆگەلگەن چوڭ سەللە كىيىش،قىزىل ،سېرىق يوللۇق خۇرجۇن ئىشىلتىش ئۇمۇملاشسۇن .

3-ناھىيە سودا ماگزىنلىرىدىكى سومكا سېتىش پۇكەيلىرىدەبىردەك خۇرجۇن سېتىلسۇن ،جىمى ئاۋام سومكا ئورنىغا خۇرجۇن ئىشلەتسۇن ،ئىدارە جەميەتلەرنىڭ ئارخىپ ماتىرياللىرى بىردەك خۇرجۇنلاشتۇرۇلسۇن .

4- ناھىيلىك خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى خىزمىتىنى جانلاندۇرۇپ بارچە خەلىق ‹‹نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىللىرى ››دىگەن يۈرۈشلۈك كىتاپتىن كىشى بېشىغا بىردىن سېتىۋېلىپ بارلىق لەتىپىلەرنى ياد ئالسۇن .

5- ناھىيە تەۋەسىدىكى ئىشچى خىز مەتچى دىھقان چارۋىچى يولداشلارغا ھەرئاينىڭ ئاخىرقى شەنبە كۈنىدە،غۇلجىلىق داڭلىق چاقچاقچى ھىسام قۇرباننى تەكلىپ قىلىپ ،لەتىپە سۆزلەش نۇتۇق كۇرسى ئېچىلسۇن .

6-ھەربىر كىشى ھەركۈنى بىردىن لەتىپە ئىجاد قىلسۇن ،ئىجاد قىلىنغان لەتىپىلەر بىردەك مىنىڭ نامىمدا ئىلان قىلىنسۇن .

7-رادىئو -تىلىۋىزىيە،ئىلان تەشۋىقاتى تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ ،مەخسۇس لەتىپە ئاڭلىتىش سەھىپىسى تەسسىس قىلىنىپ ،بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ،ھەرقېتىمدا 20مىنۇت ،بىر لەتىپىنى ئىككى ئاي ئاڭلىتىش ئىزچىللاشتۇرۇلسۇن .دىكتۇر رىياسەتچىلەرنىڭ سۆز -ھەركەتلىرىدە لەتىپە پۇرىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ،خادىملار ھەر ئىككى مىنۇتتا بىرقېتىم ھىجايسۇن .

8-نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان ساپا مائارىپى بىردەك ‹‹جاپا مائارىپى ››غا ئۆزگەرتىلسۇن ،‹‹تارىم غۇنچىللىرى››ئۇيغۇر تەھرىر بۈلۈمىدىكى خادىملار پېقىرنى ئاۋارە قىلماي ،كىچىك شۇملارنىڭ سۇئال -سۇراقلىرىغا ئۆزى جاۋاپ بەرسۇن.

9- ‹‹قۇۋ نەسىردىن ئەپەندى ››،‹‹ئەخمەق نەسىردىن ئەپەندى ››....دىگەندەك پېقىرنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرگەن كىتاپلاريىغۋېلىنىپ كۆيدۈرۈلسۇن ،شۇ خىلدىكى كىتاپلارنى ئوقىغان -ئاڭلىغانلارنى ئىستىل تۈزىتىش ھەركىتىگە قاتناشتۇرۇلسۇن ،ئۇلار ‹‹ئاق كۆ ڭۈل نەسىردىن ئەپەندى ››،دانا نەسىردىن ئەپەندى ››دىگەن كىتاپلارنى قايتا -قايتا ئوقىسۇن .

10-بارلىق پۇخرالار ‹‹نەسىردىن ئەپەندى ››ماركىلىق سوپۇن پاراشوكى ئىشلەتسۇن .

11-دىھقان قوتانلىرىدىكى بارلىق ئىشەكلەر ھايۋاناتلار باغچىسىغا قايتۇرۇپ كىلىنسۇن .

12-قارا رەڭلىك ئىشەكلەر قاتناش ۋاستىسى قىلىنسۇن ،شەھەر كوچىللىرىغا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى كىرىش مەنئى قىلىنسۇن ،بىرجۈپ ئىشەك سېتىۋالغانلارغا بىر تەخەي قۇشۇپ بىرىلسۇن .

مەنبە ؛ ‹‹قاشتېشى››ژۇرنىلى ،ئاپتۇرى ؛ئەخمەتجان ئابدۇللا .

يوللىغۇچى ؛نۇرىيە

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز