-
2011-02-05
Terminal ئۆگىنىشتىكى ياخشى ياردەمچى - [دەرىسلىك]
Linux-Ubuntu نى يېڭى ئۆگەنگۇچىلەرگە ئەڭ تەس ھەم مۇرەككەپ بىلىندىغىنى يەنە شۇ تېرمىنال ( بۇيرۇق ). تېرمىنالنى پۇختا ئۆگەنمەي تۇرۇپ Linux نى تولۇق ئىگەللىگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇيرۇقلارنىڭ تۇرى، سانىمۇ خېلى كۆپ. بىزگە ئوخشاش Linux قا ئوتتەك قىززىغان ھەۋەسكارلارنى ئەشۇ تېرمىنال پوقتەك سوۋۇتىۋېتىدۇ. Linux نى ياخشى ئىگەللەيمەن دەيدىكەن، ئامال بار تېرمىنالنىمۇ ياخشىراق ئىگەللىۋېلىش كېرەك.
بەلكىم CLIcompanion نىڭ سىزگە ئازىراق پايدىسى تېگىپ قالار.
CLIcompanion دەل بىزگە ئوخشاش يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن يۇمتاللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ياردىمىدە بۇيرۇقلارنى تېخىمۇ تېز ئۆگىنىشكە ياكى ھەرخىل بۇيرۇقلارنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى تېپىشقا بولىدۇ. بۇيرۇقلارنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىنى تەھرىرلەپ ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىغا تەرجىمە قىلىۋالساقمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك ھالدا تېرمىنالنى ئۆگىنىشكە ياردىمى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش:
1. توردىن بىۋاستە DEB بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.2. Terminal غا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بېرىش ئارقىلىق قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ
sudo add-apt-repository ppa:clicompanion-devs/clicompanion-nightlies
sudo apt-get update; sudo apt-get install clicompanion