-
2011-02-04
ئۇبۇنتۇغا سۈرەت كارتا قوزغاتقۇچ قاچىلاش - [قوللىنىش]
سۈرەت كارتىسىنىڭ تۈرىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. بۇ يەردىكى قاچىلاش ئۇسۇلى NVIDIA نى قانداق تونۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مېنىڭ كومپىيۇتېرىمنىڭ NVIDIA بولغانلىقى ھەم قاچىلاپ سىناق قىلغىنىممۇ شۇ بولغانلىقى سەۋەبىدىن.
قاچىلاش ئۇسۇلى:
1.ئەگەر بۇرۇن قاچىلىغان بولسىڭىز، لېكىن System – > Administration -> Nvidia X server Settings نورمال ئىشلىمىسە كونا نوسقىنى ئۆچىرىۋىتىپ باشقىدىن قاچىلىساق بولىدۇ. ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى: Terminal غا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بېرىمىز، ھەمدە قايتىدىن قاچىلاشنى باشلايمىز.
sudo apt-get purge nvidia*
2. يېڭىدىن قاچىلاش ياكى قايتا قاچىلاش ئۇسۇلى:
Terminal دا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بېرىمىز
sudo gedit /etc/modprobe.d/blacklist.conf
ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ ئەڭ ئاستىغا تۆۋەندىكى قۇرلارنى قوشۇپ ئۇنى ساقلايمىز ( بېخەتەرلىك ئۈچۈن ئاۋۋال زاپاسلىۋېلىك )
vga16fb
nouveau
rivafb
nvidiafb
rivatv
ساقلاپ چېكىنگەندىن كېيىن ئىككىنچى قەدەمدە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بېرىمىز
sudo apt-get install nvidia-current
قاچىلاپ بولسا يەنە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يازىمىز ( ئەگەر خاتالىق كۆرۇلسە ياكى نورمال ئىشلىمىسە سېستىمىنى قايتا قوزغىتىپ سىناپ باقساق بولىدۇ )
sudo modprobe nvidia
sudo lsmod | grep -i nvidia
ئاخىردا سېستىمىنى قايتا قوزغۇتىمىز، ئاندىن System – > Administration -> Nvidia X server Settings نى ئىجرا قىلساق تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولسا نورمال قاچىلانغان بولىدۇ.