-
2011-02-02
يەڭگىل ھەم قولايلىق FTP يۇمتالى - [مۇلازىمىتىر]
FTP يۇمتاللىرىنىڭ تۇرى ناھايتىمۇ كۆپ ۋە ھەر خىل. ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدلىكى بار. BareFTP نىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا mono ھەمدە GTK2 دىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەنلىكى ۋە ئوچۇق كودلۇق ھەقسىز بولغانلىقىدا. FTP ، FTPS ، SFTP قاتارلىقلارنى قوللايدۇ.
يۇمتال مەنزىلى: http://bareftp.orgچۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى:
PPA دىن بىۋاستە قاچىلىساق ياكى باشقا نەشىرلىرىنى يۇمتال مەنزىلىدىن بىۋاستە چۈشۈرسەكمۇ بولىدۇ.
sudo apt-add-repository ppa:christian-eide/bareftp
sudo apt-get update
sudo apt-get install bareftp