• بۆرەك ،گۆش ،قېرىن قورۇمىسى

    2011-02-23

    تەۋە تۈرى:قورۇمىلار

    تىلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق دوستىڭىزنىڭ ھازىرقى ئېنىق ئورنىنى تېپىشنى خالامسىز؟يەرشارى ئۇرۇن بەلگۈلەش سېستىمىسى سىزگە ياردەم بېرىدۇ

    بۆرەك ،گۆش ،قېرىن قورۇمىسى
    خۇرۇچى
    لوق قوي گۆشى 140گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ،بۆرەك 140گرام،جاڭيۇ ئازراق، پىششىق قېرىن 70گرام،شىكەر رېڭى ئازراق ،سۇڭپىياز بىر تال، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق،سامساق تۆت چىش ،كۈنجۈت يېغى ئازراق ،قارىمۇچ ئازراق ،سۇ يېغې 500گرام،تېتىتقۇ بىر چىمدىم

    قورۇش ئۇسۇلى
    1.قوينىڭ گۆشى ،بۆرىكى ،پىشقان قېرىنىنى يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.بۇ ئۈچ خىل خۇرۇچنى بىرلەشتۇرۇپ ئۇنىڭغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ،تۇز زەنجىۋىل سۈيى ،سوققان قارىمۇچ ،كۈنجۈت يېغى ،شىكەر رېڭى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىلىدۇ
    2.بىر قاچىغا 500گرام شورپا ئېلىپ ئۇنىڭغا پۇرچاق ئۇنى ،جاڭيۇ ،تۇز ،سوققان قارىمۇچ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ،تەڭشەلگەن شورپا ياسىلىدۇ
    3.قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-8دەرىجە قىزىتىپ ،گۆش بۆرەك قېرىنلارنى سېلىپ ،تەكشى سارغايتىپ پشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.
    4.قازانغا 15گرام ياغ قۇيۇپ ،سۇڭپىياز ،سامساق سېلىپ قورۇپ ،ياغدا پىشقان ئۈچ خىل خۇرۇچنى سېلىپ بىر ئككى قېتىم ئۆرۈپ ،تەييارلانغان شورپىنى تۆكۈپ ،يەنە ئۆرۈپ ،ئۇنىڭغا كۈنجۈت يېغى سېپىپلا ئېلىنىدۇ.

    ئالاھىدىلىكى
    رەڭگى پارقىراق ،گۆش يۇمشاق ،شورپىسى سۈزۈك

    分享到: