• پىششىق گۆش قورۇمىسى

    2011-02-26

    تەۋە تۈرى:قورۇمىلار

    تىلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق دوستىڭىزنىڭ ھازىرقى ئېنىق ئورنىنى تېپىشنى خالامسىز؟يەرشارى ئۇرۇن بەلگۈلەش سېستىمىسى سىزگە ياردەم بېرىدۇ

    خۇرۇچى
    پىششىق قوي گۆشى 500گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،تۇخۇم تۆت دانە ،ئالى ئاق ئۇن ئازراق،پۇرچاق ئۇنى 70گرام،ئەبجەش ياغ 500گرام،كاۋاۋىچىن ئازراق

    قورۇش ئۇسۇلى
    1.پىششق قوۋۇرغا گۆشنى سۆڭەكتىن ئايرىپ ،ئۇزۇنلىقى تۆت سانتىمىتىر ،كەڭلىكى ئككى سانتىمىتىر ،ئۇزۇنچاق توغراپ تەخسىگە تىزىپ ، ئۈستىگە تۇز ،سوققان كاۋاۋىچىن سېپىپ قويۇلىدۇ
    2.تۇخۇمنى چېقىپ ،چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ،ئالى ئاق ئۇن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ،قۇيۇق تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ
    3.قازانغا ياغ قۇيۇپ 5-6دەرىجە قىزىتىپ ،گۆشنى تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ ئېلىپ ،ياغقا سېلىپ ھەر ئككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ ،چىچەكلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىپ سۇۋۇتۇپ،رومبا شەكلىدە توغراپ تەخسىگە ئېلىپ ئۈستىگە سوققان كاۋاۋىچىن سېپىپ قويۇلىدۇ.

    ئالاھىدىلىكى
    شەكلى كۆركەم ،تېشى قۇرۇق ،پۇراقلىق ،مەززىلىك

    分享到: