• بەلىش گۆش قورۇمىسى

    2011-02-27

    تەۋە تۈرى:قورۇمىلار

    تىلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق دوستىڭىزنىڭ ھازىرقى ئېنىق ئورنىنى تېپىشنى خالامسىز؟يەرشارى ئۇرۇن بەلگۈلەش سېستىمىسى سىزگە ياردەم بېرىدۇ

    خۇرۇچى
    لوق گۆش 140گرام،زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا،تۇخۇم ئككى دانە ،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،پۇرچاق ئۇنى 70گرام ،ياغ 500گرام،جاڭيۇ ئازراق

    قورۇش ئۇسۇلى
    1.گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ خېمىردەك قىلىپ يۇمشۇتۇپ، ئۇنىڭغا سوققان كاۋاۋىچىن ،زەنجىۋىل سۈيى،جاڭيۇ،تۇز ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما ياسىلىدۇ
    2. تۇخۇمنى چېقىپ ،تۇز ،چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ،قويۇق تۇخۇم شرىسى تەييارلىنىدۇ
    3.قازاننى ياغلاپ قىزىتىپ ،تۇخۇم شىرىسىنى تۆكۈپ تەكشى ئايلاندۇرۇپ ،ئككى دا نە نىپىز تۇخۇم پوشكىلى ياسىلىدۇ(قانچە نىپىز بولسا شۇنچە ياخشى)
    بىر تۇخۇم پوشكىلىنىڭ يۈزىگە چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سۈرتۈپ ،ئۈستىگە تەييار قىيمىنى تەكشى يېيىتىپ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە پۇرچاق ئۇنى سۈرتۈپ، يەنە بىر پوشكالنى ئۈستىگە يېپىپ ،ئككى سانتىمىتىر كەڭلىكتە ئۇزۇنچاق لىنتا شەكلىدە كىسىپ تەييارلىنىدۇ.
    4.قازانغا ياغ قۇيۇپ تۆت بەش دەرىجە قىزىتىپ ،توغرالغان پوشكالنى سېلىپ پشۇرۇرپ ئېلىنىدۇ؛ئككىنجى قېتىم ياغنى ئالتىنجى دەرىجە قىزىتىپ پوشكالنى يەنە بىر قېتىم تەكشى سارغايتىپ ئېلىپ قىيپاچ كىسىپ تەخسىگە رەتلىك تىزىپ قويۇلىدۇ.
    5.قايناق سۇ ياكى شورپىغا جاڭيۇ ،سوققان كاۋاۋىچىن ،زەنجىۋىل سۈيى ،تۇز چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
    6.قازانغا تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ ،توغرالغان پالەكنى سېلىپ شورپا پىشىپ قۇيۇقلاشقاندا ،تەخسىدىكى بەلىشنى گۆشنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ.

    ئالاھىدىلىكى
    تېشى چۈرۈك ،ئىچى يۇمشاق ، شەكلى كۆركەم ،يىيىشلىك ھەم مەززىلىك.

    分享到: