• بىلىقچە گۆش قورۇمىسى

    2011-03-01

    تەۋە تۈرى:قورۇمىلار

    تىلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق دوستىڭىزنىڭ ھازىرقى ئېنىق ئورنىنى تېپىشنى خالامسىز؟يەرشارى ئۇرۇن بەلگۈلەش سېستىمىسى سىزگە ياردەم بېرىدۇ

    خۇرۇچى
    قوي گۆشى بىلىقچە 280گرام،تېتىتقۇ بىر چىمدىم،تۇخۇم سېرىقى ئككى دانە ،سامساق ئككى چىش ،پۇرچاق ئۇنى 50گرام، جاڭيۇ ئازراق، پالەك ئازراق ،زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال ،ئەبجەش ياغ 500گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

    قورۇش ئۇسۇلى
    1.قوينىڭ سان گۆشىنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل ئۇزۇنچاق ئاق گۆشنى (بۇ بىلقچە گۆش ياكى ئاق گۆش دەپ ئاتىلىدۇ) ئوتتۇرىدىن ئككى قىلىپ ،قىيپاش ،نىپىز،پالەكنى چوڭ - چوڭ ، سۇڭپىياز نىپىز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.
    2.توغرالغان گۆشكە تۇز ، تېتىتقۇ ،چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ،تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرىلىدۇ.
    3.چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ،تېتىتقۇ،جاڭيۇ،زەنجىۋىل سۈيى ،تۇز سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
    4.قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-8دەرىجە قىزىتىپ ،گۆشنى سېلىپ ،رەڭگى سارغايغىچە قورۇپ ئېلىنىدۇ.
    5.قازاندا 15گرام ياغ قالدۇرۇپ ،سۇڭپىياز ،سامساق ، پالەكنى سېلىپ ،ئىككى ئۈچ قېتىم قورۇپ ، گۆشنى سېلىپ ئككى قېتىم ئۆرۈپ ،تەييارلانغان شورپىنى تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.

    ئالاھىدىلىكى
    گۆشى يۇمشاق ،شەكلى كۆركەم ،يىيىشلىك بولىدۇ

    分享到:

    历史上的今天: