• چاۋا ياغ تۈرمىسى

    2009-05-17

    تەۋە تۈرى:قورۇمىلار

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

    چاۋا ياغ تۈرمىسى
    خۇرۇچى
    قوينىڭ چاۋا يېغا 140گرام،پۇرچاق ئۇنى مۇۋاپىق،توخۇ گۆشى 105گرام،كاۋاۋىچىن ئازراق،تۇخۇم ئۈچ دانە،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،سۇڭپىياز بىر تال،كۆيدۈرۈلگەن قوي يېغى500گرام(خورايدىغىنى70گرام)

    ئېتىش ئۇسۇلى
    1.قوينىڭ چاۋا يېغىنىڭ نىپىز قىسمىنى ئېلىپ،قايناق سۇغا بېسىپ خام تەمىنى چىقىرىۋىتىپ،قاسقانغا ياكى جىمبىلگە سېلىپ دۈملەپ يۇمشىتىلىدۇ.
    2.توخۇ گۆشىنى ،سۇڭپىيازنى ئىنچىكە توغراپ،تۇز تېتىتقۇ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ،پىششىق قىيما تەييارلىنىدۇ.
    3.تۇخۇمنى چېقىپ،چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ،قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ.
    4.تەييارلانغان پىششىق قىيمىنى چاۋا ياغنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ ،چاۋا ياغ بىلەن قوشۇپ ئۇزۇنچاق تۈرمەل قىلىپ، ئىككى بېشىنى تۇخۇم شىرىسى بىلەن چاپلاپ، ئىككى سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا توغراپ قويۇلىدۇ.
    5.قازانغا ياغ قۇيۇپ بەشىنجى دەرىجە ئوتتا قىزىتىپ،توغرالغان تۈرۈلمىنى تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ،ياغقا سېلىپ، چىچەكلەپ چىققۇچە پىشۇرۇپ،لەيلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە سوققان كاۋاۋىچىن ،تۇز سېپىلىدۇ.

    ئالاھىدىلىكى
    تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمران،شەكلى كۆركەم، ئالىي قورۇمىلارنىڭ بىرى