• غوزا گۆشى قورۇمىسى

    2009-05-18

    تەۋە تۈرى:قورۇمىلار

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

    غوزا گۆشى قورۇمىسى
     [خۇرۇچى] قوينىڭ لوق گۆشى 200 گىرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇمنىڭ ئېقى ئۈچ دانە، كاۋاۋىچىن ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم،پۇرچاق ئۇنى ئازراق،كۆيدۈرۈلگەن قوي يېغى 500گرام، ئاق ئۇن ئازراق

     [قورۇش ئۇسۇلى]
    1.قوينىڭ سان گۆشىنى شىلىپ ئېلىپ،كەڭلىكى ئۈچ سانتىمىتىر ، ئۇزۇنلۇقى تۆت سانتىمېتىر نىپىز يالپاقلاپ توغراپ،تەخسىگە يېيىتىپ قويۇپ، ئۈستىگە تۇز سېپىپ قويۇلىدۇ. ئۈچ تۇخۇمنى چېقىپ، ئېقىنى چوكا بىلەن ھەم تىز ھەم توختىماي ئارىلاشتۇرۇپ، كۆپتۈرۈپ، كۈنجۈت يېغى ،پۇرچاق ئۇنى، ئاق ئۇن سېلىپ يەنە قورۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ.
    2.قازانغا ياغ قويۇپ بەش دەرىجە قىزىتىپ،گۆشنى تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ ياغقا سېلىپ ،گۆش چېچەكلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە قويۇلىدۇ؛
     ئوت كۈچنى ياخشى ئىگەللەش كېرەك.ياغ بەك قىززىق بولۇپ كەتسە گۆشنىڭ تېشى كۆيۈپ ، ئىچى خام قالىدۇ.
    3.گۆشنى يەنە بىر قېتىم 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ، ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە قويۇپ ، ئۈستىگە سوققان كاۋاۋىچىن سېپىپ قويۇلىدۇ.

     [ئالاھىدىلىكى]
     تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمران،شەكلى كۆركەم،خۇددى پىلە غوزىسغا ئوخشايدۇ.