ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل كۆپ قاتلامدىن مۇساپىرلار كىرزىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16- كۈنى 04:35   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى مۇساپىرلار كىرزىسى ياۋروپا ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر تارىخىي سىناق بولۇپ قالدى، بۇنىڭدا دۆلەت، ياۋروپا ۋە خەلقئارا قاتلامدىن تەدبىر قوللىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

    مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىشىلەر كۆرۈپ تۇرۇپتىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ مۇساپىرلار دولقۇنى پەيدا بولدى، سۈرىيە توقۇنۇشى، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ باش كۆتۈرۈشى قاتارلىق قارىماققا يىراق كۆرىنىدىغان ئىشلار ياۋروپاغا كۆرىنىپ كەلدى. ياۋروپا پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇش، مۇساپىرلار كەلگەن دۆلەت ۋە ئۇلار بارغان دۆلەتلەر زىچ ھەمكارلىشىش ئارقىلىقلا، مۇساپىرلار كىرزىسىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش نىشانىغا يېتەلەيدۇ.

    مېركىل مۇنداق دېدى: خىرستىيان دىمۇكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، گېرمانىيەگە كېلىدىغان مۇساپىرلارنى كۆرىنەرلىك ئازايتىپ، گېرمانىيەنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى