خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدىي ئەرەبىستان سايلام كومىتېتى 13-دېكابىر، ئاز دېگەندە ئىككى ئايال نامزاتنىڭ يەرلىك شەھەر مەمۇرىيەت كومىتېتى سايلىمىدا غەلبە قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆزلىرى تەۋە رايوندىكى شەھەر مەمۇرىيەت كومىتېتى ئەزاسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەئۇدىي ئەرەبىستان تارىخىدىكى تۇنجى تۈركۈم ئايال ئەمەلدارلاردىن بولۇپ قالدى.
سەئۇدىي ئەرەبىستاندا 12-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك شەھەر مەمۇرىيەت كومىتېتى سايلىمىدا ئاياللار تۇنجى قېتىم سايلامغا قاتنىشىش ۋە بېلەت تاشلاشقا رۇخسەت قىلىندى، بۇ سەئۇدىينىڭ ئەر-ئايال باراۋەرلىكىگە ئېلىنغان بىر قەدەم دەپ قارالدى.
بۇ يىل 1-ئايدا قازا قىلغان سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ سابىق پادىشاھى ئابدۇللاھ 2011-يىلى ئاياللارنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھۇقۇقى بارلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە 30ئايالنى 150كىشىلىك سەئۇدىي مەسلىھەت كېڭىشىگە كىرگۈزگەن ئىدى.
سەئۇدىيدا قاتتىق بولغان ئەر-ئاياللارنى ئايرىۋېتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، بانكا، رېستۇران، مەكتەپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، يىغىن مەيدانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋىي سورۇنلاردا، ئەر ئاياللار ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ قېتىملىق بېلەت تاشلاشمۇ ئايرىلىپ ئېلىپ بېرىلغان. ھازىرغا قەدەر سەئۇدىيدا ئاياللار ماشىنا ھەيدىسە بولمايدۇ. ئەر تۇغقانلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز، ئاياللار پاسپورت ئالسا، ئىشقا ئورۇنلاشسا، توي قىلسا ۋە ساياھەت قىلسا بولمايدۇ. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)